دۇنيا ھاياتى پەقەت ئويۇن ـ تاماشىدىنلا ئىبارەتتۇر

2025-05-28 | قەلبتىن-قەلبكە

بۈگۈن قۇرئان ئوقۇۋېتىپ «ئەنكەبۇت» سۈرىسىدىكى تۆۋەندىكى ئايەت دىققىتىمنى تارتتى:

دۇنيا ھاياتى پەقەت ئويۇن ـ تاماشىدىنلا ئىبارەتتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتىدىكى ھاياتلىق ھەقىقىي ھاياتلىقتۇر. ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى، كاشكى! («ئەنكەبۇت» سۈرىسى 64 - ئايەت)

بىز ھايات دەپ ياشاپ يۈرگەن ھاياتنى «ھەقىقىي ھايات بۇ ئەمەس! بۇ ھايات ئويۇن ۋە تاماشا» دەپ ئاگاھلاندۇرغان رەببىمىز ئاخىرەتتىكى ھاياتنى ھەقىقىي دېيىش بىلەن بىللە كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن كەلتۈرۈشىمۇ (تەرجىمىدە ئەكس ئەتمىگەن بۇ نۇقتا ئەسلى ئايەتتە ئوپئوچۇق كۆزگە چېلىقىدۇ) كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. نۇئمان ئەلىخان ئۇستاز ئايەتكە چۈشەنچە بېرىپ شۇنداق دەيدۇ:

دۇنيا ھاياتى دېگەن نېمە؟ دۇنيا ھاياتى بىز ئويناۋاتقان ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاللاھ بۇ يەردە ئاخىرەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە. مۇئەللىمىمنىڭ 1999 - يىلدىكى بۇ ئايەت ھەققىدىكى بايانى ھېلىھەم زېھنىمگە ئورنىغان پېتى تۇرىدۇ. مۇئەللىم ئايەتتىكى «ئويۇن - تاماشا» ھەققىدە توختىلىپ شۇنداق دېگەنىدى: دۇنيا ھاياتى شېكىسپىر درامالىرىدا ۋەياكى باشقا ئويۇنلاردا رول ئېلىشقا ئوخشايدۇ. مەسىلەن: بىرى ئويۇندا شاھنىڭ رولىنى ئالىدۇ. خىزمەتكارلىرىغا ۋارقىرايدۇ، بىرلىرىنى جازالايدۇ... ۋەھاكازا. ئويۇن مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ. ئەمما، ئويۇن ئاخىرلاشقاندا ھەقىقىي شاھ كىم بولسا، ئۇ شاھ، ھەقىقىي خىزمەتكار كىم بولسا، ئۇ خىزمەتكار بولىدۇ. بەلكىم، خىزمەتكارنىڭ رولى بۇ ئويۇندا ئاساسلىق رول، شاھنىڭ رولى قوشۇمچە رول بولغانلىقتىن، خىزمەتكارنىڭ رولىنى ئوينىغان كىشى شاھنىڭ رولىنى ئوينىغان كىشىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ھەق ئېلىشى، شاھنىڭ رولىنى ئوينىغان كىشىدىن كۆپ باي بولۇشى مۇمكىن. يەنە سەھنىنىڭ ئاخىرىدىكى رېئاللىق سەھنىدە كۆرۈنگىنى بىلەن تامامەن پەرقلىق. دۇنيا ھاياتىمۇ ئاشۇنداق بىر مەيدان ئويۇنغا ئوخشايدۇ. سىز بۈگۈن كۆرگەن شاھلار، ھۆكۈمدارلار، مىلياردىرلار، بايلار بۇ سەھنىدە قۇدرەتلىك. ئەمما، ئويۇن ئاخىرلاشقاندا پۈتۈنلەي پەرقلىق بىر مەنزىرىنى، بۇلارنىڭ تامامەن پەرقلىق بىر سالاھىيەتتە بولغىنىنى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن. ھېچكىم دىققەت قىلمايدىغان، ئىسىمىنىمۇ بىلمەيدىغان بەزى كىشىلەرنى ئالىي مەقاملاردا كۆرۈشىڭىز مۇمكىن.

ئۆلۈمدىن بۇرۇن ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە ئويلىنىش، بىزنى ئالداۋاتقان دۇنيا ھاياتىدا كىبىر - تەماننا، غەپلەتتىن يىراق بولۇش نېسىۋىمىز بولغاي.

1446 - يىل زۇلھەججەنىڭ 1 - كۈنى