مەسچىتتە نامازدىكى قىيامدا، رۇكۇدا، سەجدىدە، ھەتتا تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشتا قىينىلىدىغان بوۋايلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ھالىتى بوينۇمغا سانجىق تۇرۇپ قېلىپ سەجدىدە قىينالغان ساناقلىق كۈنلەرنى، ئاغرىپ ماداردىن قالغان دەملەردىكى ئىبادەتلىرىمنى ئەسلىتىدۇ. يېقىندىن بېرى يەنە بىر كىشى دىققىتىمنى تارتتى. قاۋۇل تۇرقىدىن ياشلىقىدا قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۇ كىشى نامازدا ئولتۇرۇش - قوپۇشلاردا شۇنداق قىينىلاتتى، تەشەھھۇدتا «ئەتتىھىيياتۇ لىللاھى، ئەتتىھىيياتۇ لىللاھى...» دىن بېرىسىگە ئۆتەلمەي، تەكرارلاپ تۇراتتى (مېڭىسىمۇ يىگىلەپ، خاتىرىسىمۇ جايىدا ئەمەس ئېھتىمال). بىر قېتىم سەپتە يېنىدا تۇرغاندا ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان پۇراقتىن كىچىك تاھارەتنىمۇ تۇتالماس بولۇپ قالغىنىنى پەملىدىم... ئەقلىمنى بىلسەم، مومام ھەر نامىزىدىن كېيىن شەيتاننىڭ شەررىدىن، زالىمنىڭ زۇلمىدىن، قۇرۇق سۆز - قۇرۇق تۆھمەتتىن، ياشلىقتىكى ئۆلۈمدىن، قېرىلىقتىكى مەينەتچىلىكتىن پاناھ تىلەيتتى.
رەببىمىز مۇبارەك قۇرئاندا شۇنداق دېگەن:
بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق، قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، قېرىيدۇ)، ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ؟
(«ياسىن» سۈرىسى 68 - ئايەت)
ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغان ھەر ئىنسان قىرانلىق يېشىدىن كېيىن، ئاستا - ئاستا زەئىپلىشىپ ماڭىدۇ. شۇڭا، تەن ساق، زېھىن ئۆتكۈر چاغلار ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان تەڭداشسىز نېمەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت مەيدانىغا بەندىنىڭ قەدىمى قويۇلغان ھامان تۆت نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمرىنى نېمە بىلەن تۈگەتكەنلىكىدىن، ياشلىقىنى نېمە بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن، پۇل-مالنى نەدىن تېپىپ، نەگە ئىشلەتكەنلىكىدىن، ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن». («تىرمىزى» 2531 - نومۇرلۇق ھەدىس)
ھەدىستىكى ئۆمۈر بىلەن ياشلىقنىڭ ئايرىم تىلغا ئېلىنىشى ھەر بىر ياشنىڭ دىققىتىنى تارتقۇلۇق. ئاللاھ ئاتا قىلغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى قىممەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغۇلۇق. ياشلىقنى ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ياشلىقنىڭ شەنىگە ئەڭ يارىشىدىغان، ئىنساننى كېيىنكى پۇشايماندىن ساقلايدىغان ئاقىلانە تاللاشتۇر.
بىزدە «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە» دەپ ماقال بار. بۇ، ئەخمەق كىشىلەر تەرىپىدىن «ياشلىقىڭدا ئويۇن - تاماشا قىل» دەپ چۈشنىلىدۇ. ھۇزۇرى قىسقا ۋاقىتتا ئۇچۇپ تۈگەيدىغان، ئىنساننىڭ دۇنيا - ئاخىرىتى ئۈچۈن ساۋاب قاتماستىن ۋابال قاتىدىغان ئىشلار بۇ ماقالدا ئېيتىلغان «گۆش» ئەمەس، كىشىنى بىردەم لەززەتلەندۈرىدىغان، ئەمما چىشنى چىرىتىپ كېرەكتىن چىقىرىدىغان كەمپىت. ئۆمۈرنىڭ زەبەردەست چاغلىرىنى ئۇيقۇ - غەپلەت، تاماشا بىلەن ئەمەس، بەرىكەتلىك ئىش - ھەرىكەت، ياخشى ئەمەل - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، پاكىز، خۇشبۇيلۇققا قۇربىتى يېتىدىغان چاغدا بىقۇۋۇللۇقتىكى مەينەتچىلىك ۋە بەدبۇيدىن پاناھ تىلەش نىيىتى بىلەن پاكىز، خۇشبۇيلۇققا ئېتىبار بېرىش ھەر بىر ياشنىڭ نېسىۋىسى بولغاي.

