(نۇرەددىن يىلدىز ئۇستازنىڭ ياشلارغا تەۋسىيەسى)


ئۇنىۋېرستىت ئىمتىھانى دەپ سىقىلغان، خىزمەت تاپالمىدىم دەپ سىقىلغان، توي قىلالمىدىم دەپ سىقىلغان، ئاتا-ئانام مېنى چۈشەنمەيدۇ دەپ پارتلىغۇدەك بولغان، سىقىنچلىقتىن ئۆرتىنىپ تۇرغان جانلىرىم! ئاللاھ بەرگەن بىر ھادىسە تۈپەيلى چىرايلىق بولالماي قالغان، كۆرۈمسىز بولۇپ قالغان، دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىما قىلىشلىرىدىن خۇشاللىقى يوقىغان، سىرتقا چىققۇسى كەلمەس بولۇپ قالغان، دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكۈسى كەلمەس بولۇپ قالغان، شۇنداق قىلىپ يۈرەكلىرى پارە بولغان جىمى ياشلىرىم! ئۈممىتىمنىڭ قوزىلىرى! ئۈممىتىمنىڭ كېلەچىكى، باھارى، چېچىكى ئىنسانلار! قاراڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق بولغانىدى. تاغىسى تۈگەپ كېتىپ يالغۇز قالدى؛ بىردىنبىر ھەمراھى خەدىچەدىن ئايرىلىپ قېلىپ سىقىلدى؛ تائىفقا تاغىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ بارغىنىدا قوغلاندى؛ تاش-توقماقلار ئاستىدا قالدى؛ بىر ئۈزۈم تېلىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: «مېنى كىمگە تاشلاپ قويغانسەن، ئاللاھىم؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمە جاۋاب بەردى؟ »بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.‏ سەن رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن» («ھىجر» سۈرىسى 97-، 98-ئايەت) دېدى…
سىقىلغىنىڭدا، ئىمتىھان قورقۇنچىسى چۆرەڭنى قاپلىۋالغاندا، ئاچىلارنىڭ تۆھمەتلىرى بىلەن پارتلىغۇدەك بولغىنىڭدا، دوستلىرىڭ سېنى كۈلكە قىلىشىپ كۆڭۈل ئېچىشقىنىدا، «ھېچكىم قاراپ قويمىدى، ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالدىڭ» دەپ ئاناڭمۇ ساڭا ئەلەم قىلغىنىدا، ئال تاھارىتىڭنى، يۈكۈن سەجدىگە، شۇ ۋاقىتتا سېنى ياراتقۇچىغا ئېغىزىڭنى ئاچ: «ئەي رەببىم، ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئەڭ يېقىن جايغا كەلدىم» دېگىن. چۈنكى، ئۇ ھۆرمەتلىك زات نېمە دېدى؟ «سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن»(«ئەلەق« سۈرىسى 4-ئايەت) دېدى. ھەر سەجدەڭ سېنى بىر مېتىر، بىر كېلومېتىر، بىر نۇر يىلى رەببىڭگە يېقىنلاشتۇرغۇسى…