جىم

جىم

جىم!ئاۋازىڭنى چىقارما ئاشىق.سۈكۈتۈڭگە چۈمۈلگىن ئولتۇر.بىخلىۋالسۇن رەڭدار مىسرالار،كۆمۈپ قويغىن قەلبىڭگە چوڭقۇر.باش باھاردا كۆكلەپ ياپيېشىل،پورەكلىسۇن ھەممىدىن بالدۇر.خۇش ھىدىنى قۇچاقلاپ سابا،دېرىزىدىن كىرگەندە غۇر-غۇر.چۈشلىرىدىن ئويغانسۇن دىلبەر،يۈرىكىگە سېپىلسۇن...
رېزونانس

رېزونانس

ئاۋاز ئەمەس تاراتقىنىم،نۇر ئەمەس توساقلاردا بىئىلاج قالغان.قۇلىقىڭنى يۇپۇر، كۆزۈڭنى يۇم گۈزىلىم،يۈرىكىڭنى تەييارلا،ۋەھىمىلەرنى چىقىرىپ تاشلا.ئىچىڭ ئاچچىقمۇ؟يىغلا،ئۈن سېلىپ يىغلا.يېشىڭ قۇرۇغاندا سۈكۈتۈمنى ئاڭلايۈرىكىڭنى تەۋرەتكەن دولقۇنلار...
يۈرىكىمنىڭ پارىسى

يۈرىكىمنىڭ پارىسى

يۈرىكىمنىڭ پارىسى،سېغىنىشىنى ئۇزاتتىمىڭ ئۈچيۈز كۈن ئۇزاقتىن.مەن مېھىر ئۇزاتتىم،لەكمىڭ توساقتىن.كۆزلىرىمنىڭ قارىسى،قوللىرىنى ئۇزاتتى.يىراق-يىراقتىن.مەن كۆكلەرگە قول ئۇ‍زاتتىم،بىلىنگەچكە«چارىسىزلىك — ئىشارەت» دەپ،تا ئەلمىساقتىن.ئۈمىدلىرىم ئۇچۇرۇم بولدى،جېنىمنىڭ...

بالىلار ئۈچۈن ھەرپ قوشاقلىرى

ئا«ئا» دۇر ئىسمىم، قوينۇمدابار ئېلىپبە كىتابىم.مەن ئۆگىنەي ئوقۇشنى،سەن كۈلۈپ بەر كىتابىم. ئە«ئەينەك» تىكى «ئە» ئاداش،«ئا»غا ئازراق ئوخشايدۇ.تۇتقۇچىدىن تۇتمىسام،سۇنۇپ كەتسە يىغلايدۇ. ب«ب» مەن، ئوماق بوۋاقمەن،يۆگىكىمدە ياتىمەن.بىر چېكىتنى چاق قىلىپ،دومىلاپمۇ باقىمەن....