شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. («بەقەرە» سۈرىسى 155 – ئايەت)
ئالدىنقى ئايەت ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدە ئىدى. ھەممىمىزگە ئايانكى، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشتا ياكى باشقىلارنىڭ قەستىگە ئۇچراپ ۋاپات بولىدىغان مۇسۇلمانلار ئاز ساندا. مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن كېتىپ قالىمىز. ئۇنداقتا، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلمىگەنلەرنىڭ سىنىقى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئايەتتە ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇشۇخىل سىناقلارنىڭ بىرى ياكى بىر قانچىسى بىلەن چوقۇم سىنىلىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىدۇ.
تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ھەر تۈرلۈك سىناقتا قورقۇنچ ۋە ئاچلىقتىن بىرەر ئۈلۈش بار. ئارىمىزدا مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەت تاپالمايۋاتقان كىشىلەر بار. ئۇلار ھەر خىل كەمسىتىشلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئاياللار ھىجابلىنىپ سىرتقا چىقسا ياكى ھىجابلىق قىزلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتسە، ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. مەن بارغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇسۇلمان بالىلار مەكتەپلەردە ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ مەن ياشاۋاتقان داللاستا، شۇنداقلا، تېكساستا، كانادادا، ئاۋسترالىيەدىكى مەكتەپلەردە مەۋجۇت ئەھۋال. كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىمىز ئىسلامىي مەكتەپلەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن رېئاللىق مانا شۇنداق. شۇڭا، بىز مەكتەپلەردىكى ئۆزىمىز قاتنىشىشقا تېگىشلىك يىغىنلاردا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەۋجۇت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ھاياتىمىزدا مانا مۇشۇنداق قورقۇنچ ۋە ئەندىشىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئاچلىق بىلەن سىنىلىدىغانلىقىمىزنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ تەرتىپمۇ ھېكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەرقانداق ئاپەت ئاۋۋال قورقۇنچ بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن ئاچلىققا نۆۋەت كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ تۈرلۈك نەرسىدىكى يوقىتىش تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ بىرىنچىسى مال – دۇنيا، ئىككىنچىسى جان، ئۈچىنچىسى مېۋە – مەھسۇلات. بەزىدە زىيان تارتىپ مال – دۇنيارىڭلاردىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. مۇسۇلمان بولغىنىڭلار ئۈچۈن خىزمەت تاپالماي قالىسىلەر. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شىركىتى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋەيران بولۇپ خىزمەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان قابىل بىر يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى دوستۇم بار ئىدى. ئىسمى مۇھەممەد بولغىنى ئۈچۈن 30 دەك يەرگە ئىلتىماس قىلىپ ھەممىسىدىن رەت جاۋابى ئالدى. ئوخشاش تەرجىمھالدىكى مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنى مەسىيىۋغا، يۇسۇفنى جوسېفقا ئۆزگەرتىپ ئىلتىماس قىلىپ سىنىغىنىدا تۇشمۇتۇشتىن تەكلىپلەر يېغىشقا باشلىدى. ئۇ دوستۇم تەكلىپ قىلغان شىركەتلەرگە بېرىپ ئېتىقادى سەۋەبلىك بىرىگە بىر تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلغان بىر شىركەتتە ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. مال – دۇنيا تەرەپتىكى سىناقلارنىڭ يەنە بىرى بۇ دۆلەتتە ھارام يولدىن پۇل تېپىش ئاجايىپ ئاسان. بىر مۇسۇلمان مەبلەغ سالماقچى بولسا، بۇ تىجارەت گۆرۆگە چېتىشلىق، ئۇ تىجارەت ئۆسۈمگە، يەنە بىرى ھاراق – شاراپقا … ئۆي – مۈلۈك تىجارىتىگە كىرىشكەنلەر ئۆسۈم بىلەن تىجارەتلىرىنى زورايتىپ بىر يەرلەرگە ئاپىرىشقان. بىزدە ئۇنداق «ئىمتىياز» يوق. بۇ يەردىكى ھەيۋەتلىك چېركاۋلار ئۆسۈمگە تايىنىپ سېلىنغان، بىز ئۆسۈمدىن يىراق تۇرىمىز. مەسچىتلىرىمىز يەر ئاستىدا، گىلەملىرىمىز 1987 نىڭ، پايپاق پۇراپ تۇرىدۇ. مانا بۇلار بىزنىڭ رېئاللىقىمىز. بىزنىڭ مال – دۇنيا بىلەن سىنىقىمىز. مېنىڭ بۇ يەردە يورۇتماقچى بولغان نۇقتام ئايەتتىكى جان قىسمى، يەنى بىز ياخشى كۆرىدىغان، بىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كىشىلەر. مەسىلەن: جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى بولغان، بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز. ئاللاھ ئۇلارنى ئېلىپ كەتكىنىدە «ئۇلار يوق ئەمدى نېمىش قىلارمىز»، دېيىشىپ قالىمىز. بەزىدە ئائىلە تۈۋرۈكلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. بۇ ئايرىلىش بەزىدە ئۆلۈم ۋەجىدىن بولمايدۇ. بەزىلەر، دىنى، ھىجابى سەۋەبلىك ئائىلىسىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن تىرىك ئايرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سەۋر قىلغانلارغا مۇبارەك بولسۇن. مەن بۇ يەردە تاساددىپەن تەبرىكلىمەيۋاتىمەن، ئايەتنىڭ ئاخىرىدا «سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ ئاللاھ تەبرىكلەۋاتىدۇ.
ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان مال – دۇنيا، جان (كىشىلەر) دىن باشقا يەنە بىر نەرسە مەھسۇلات (ھۇسۇل، مېۋە). ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان مال – دۇنيا ھۇسۇللارنى، مېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۇرسا، بۇ يەردە يەنە ئايرىم بايان قىلىشتىن مەقسىدى نېمە؟ بۇ ئەسلىدە ئالدىنقى ئىپادىنىڭ ئاجايىپ ئېسىل قوشۇمچىسى. يەنى، مال – دۇنيا ۋە جان (كىشىلەر)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەھسۇلات – مېۋە مەنىسىدىكى بۇ ئىپادە ئادەملەرگە قارىتىلغاندا پەرزەنتلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، پەرزەنتلىرىمىز بىزنىڭ مېۋىلىرىمىزدۇر. نەرسىلەرگە قارىتىلغاندا ئەجىرنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقىڭىز بەدىلىدە روياپقا چىقارغان بىر ئىشلار ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا زىيان بولىدىغىنى يالغۇز مال – دۇنيالا بولمايدۇ. نۇرغۇن يىللىق ئەجىرمۇ بىكار بولىدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرىمىز. ئۇلارنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا، تۈرلۈك يامانلىقلاردىن قوغداشقا ھەرىكەت قىلىمىز. ئاندىن بىر كۈنلەر كېلىپ، بۇ بالىلاردىن بىرى «مەن مۇسۇلمان بولمايمەن» دەپ قوپۇشى مۇمكىن. مۇنداق ئەھۋالدا ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۇچرايدىغان زەربىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. مانا مۇشۇنداق سىناقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن رەببىمىز «سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» دەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇ سۈرىدە سەۋرنى تۇنجى تىلغا ئېلىشىمۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسا، ئالدىنقى ئايەتلەردە «ھەقىقەتەن ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېيىلگەنىدى. بۇ بەك ئاجايىپ. بىز ئاللاھقا قانداق باغلىنىمىز؟ ئېسىڭلاردا بولسا، ناماز بىلەن باغلىناتتۇق. دېمەك، ئاللاھ ھەردەم سەۋر ئىچىدە ناماز بىلەن ئۆزىگە باغلانغانلار بىلەن بىللە. بىز مال – دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، يېقىن – يورۇقلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن پەرزەنتلىرىمىز، ئىشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، سەۋر قىلغۇچىلارغا مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ ھەرقاچان سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە. ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغىنى شۇكى: نېمىدىن ئايرىلساڭ، ئايرىل. سېنى خاراب قىلىدىغان پەقەت بىرلا نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتىن ئايرىلىپ قېلىش. ئاللاھنى يوقىتىپ قويمىساڭلا، خۇرسەنلىككە بىر يول تاپالايسەن.
1446 – يىل رامىزاننىڭ 5 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار