بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 159 – ئايەت)

بۇ ئەسلىدە مەزكۇر سۈرىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان بىر ئايەتنىڭ تەكىتلىنىشى. ئالدىدا ئاللاھ يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، قۇرئاننىڭ ئاخىرقى كىتاب ئىكەنلىكىنى، كەبىنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق مەقسەتلىك يوشۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئايەتلەر مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ھەققىدە نازىل بولغانىدى. ئەمما، بۇ ئايەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى يەھۇدىيلارغىلا ئەمەس، مۇسۇلمانلارغىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ. بۇ سۈرىدە خىلمۇخىل سىناقلار (قورقۇنچ، ئاچلىق، مال – دۇنيا، جان، مەھسۇللارغا كېلىدىغان مۇسىبەتلەر) بايان قىلىنغانىدى. ئەمدى بۇ ئايەتتە بۇ ئۈممەت سىنىلىدىغان، نۆۋەتتە سىنىلىۋاتقان يېڭى بىر سىناق ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ. 

كىشىلەر بىزگە (مۇسۇلمانلارغا)، سۆزلىرىمىزگە مىكروسكوپتا قارىشىدۇ. ئامال قىلىپ بىر يەرلىرىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، بىزنىڭ «ياۋايى ئادەملەر» ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ زامانىۋى دۇنياغا تەۋە كىشىلەر ئەمەسلىكىمىزنى، بىزنىڭ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ سادىق پۇقراسى ئەمەسلىكىمىزنى، بىزنىڭ پەقەت قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنىلا خالايدىغانلىقىمىزنى… ئىسپاتلىماقچى بولۇشىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئىزچىل بىر ھۇجۇم ۋە قوغدىنىش ھالىتى مەۋجۇت بولىدۇ. «ياق، ياق، بىز تەلۋە ئەمەس»، «ياق، ياق، بىز ئاياللارغا ئ‍ۆچ ئەمەس»، «ياق، ياق، بىز پارتلاتمىدۇق»، «ياق، ياق، بىز ئۇنچىۋالا ئەسكى ئەمەس»، «بىز سىلەر ئۈچۈن ئوتخور (ۋىجىتەرىيان) بولۇشقىمۇ رازى» دەپ قورقۇپ، ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا ئاران تۇرىمىز. بىز ئۆزىمىزنى ئوڭايسىزلاندۇرمايدىغان نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەشسەك، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سىياسىي جەھەتتىن توغرا بولمىغان نەرسىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشمىساق دەيمىز. كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا خۇش ياقىدىغان جاۋابلارنى بەرسەك دەيمىز. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلىسا، ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلغىلى تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاۋارىچىلىققا قالمايدىغان جاۋابنى بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئوبدان چارىسى «شۇنداق ئايەت بار، ئەمما مەلۇم شارائىتقا باغلىق» دەپ ياكى «بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراش بار» دەپ ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئاللاھ ھەمىشە مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىدۇ. ئەمما، بىز ئوچۇق بايان قىلساق ئاۋارىچىلىققا قالىمىز، شۇنداقمۇ؟ بىز ئاۋارىچىلىققا قالساق، قورقۇنچ، ئاچلىق، مال، جان، ھۇسۇللارغا زىيان كېلىدۇ. بىزنىڭ بۇ زىيانلارنى تارتقۇمىز يوق. شۇڭا، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، «ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بەزى نەرسىلەرنى تىلغا ئالمايلى، باشقا خۇش قىلىدىغان، يۇمشاق نەرسىلەرنىڭ گېپىنى قىلايلى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى، جەننەتنىڭ گېپىنى قىلايلى. قۇرئاندىكى قىزىقارلىق قىسسىلەرنىڭ گېپىنى قىلايلى، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ قالمايلى، بولمىسا ئاۋارىچىلىققا قالىمىز. جىھاد ئايەتلىرىنى تىلغا ئالمايلى. ئاۋارىچىلىققا قالىمىز. » دېگەن كويغا كىرىمىز. بۇ كوي نەگە ئاپىرىدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا! بىز ئاۋارىچىلىققا قالماسلىق ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرىمىز. 

ئاللاھ بۇ ئايەتتە يوشۇرىدىغانلارغا ئۆزىنىڭ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە مەخسۇس لەنەتلەش ئۈچۈن ياراتقان پەرىشتىلەرنىڭمۇ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. سەن كىشىلەردىن كەلگەن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنالىشىڭ مۇمكىن، ئاللاھتىن كەلگەن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنالمايسەن. سېلىشتۇرمىغا قاراڭلار، ئۆتكەنكى ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم تۇرغۇچىلارغا سالاۋات ۋە رەھمەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسا، ماۋۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان تائىپىگە لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى تائىپە ئارىسىدىكى پەرق نېمىدېگەن چوڭ – ھە؟! بىزنىڭ ماۋۇ تائىپىدىن بولۇپ قالغۇمىز يوق، بىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى يوشۇرمىغان ئالدىنقى تائىپىدىن بولساق، دەيمىز.  ئايەتنىڭ بېشىدىكى «بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن» دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ قۇرئاندىكى بەزى نەرسىلەر يۈزەكى بېقىشتا توغرا ئەمەستەك، بەك زوراۋان، قوپالدەك بىلىنىدۇ. لېكىن، ئىنچىكىلەپ ئەستايىدىل ئۆگەنگىنىڭدە زوراۋانلىقتىن، قوپاللىقتىن ئەسەر يوقلىقىنى بىلەلەيسەن. ئاللاھ ئۆزى بۇنى ئوچۇق بايان قىلغان. ئايەتلەرنى بىر – بىرىگە زىتتەك ھېس قىلىشنىڭ سەۋەبى، قۇرئاننى يۈزەكى ئوقۇشتىن بولىدۇ. ئەگەر چوڭقۇرلاپ ئوقۇسا، قۇرئاندا ھېچقانداق زىتلىق يوقلۇقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. قۇرئاندا غەيرى مۇسۇلمانلارغا دېسە ئوڭايسىزلانغۇدەك ھېچنەرسە يوق. چۆرىلەر، كۆپ نىكاھلىق بولۇش، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىش… دېگەندەك «زىت» مەسىلىلەر ھەققىدە مەن غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن نورمال دېيىشەلەيمەن. بۇ مېنىڭ بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسىسى ئىكەنلىكىمدىن ئەمەس، ئاللاھ ئ‍ۆزى بۇ مەسىلىلەرنى روشەن بايان قىلغان. ئايەتتە «ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن» دېيىلىۋاتىدۇ، يەنى، ئاللاھ بۇ مەسىلىلەرنى پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانلار قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتتە بايان قىلغان. ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئىشىنىڭلار. ئۇ زات قانداق قىلىشنى، قانداق سۆزلەشنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ زاتنىڭ سۆزى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بىزنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزىدىن ئوڭايسىزلىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئاللاھنىڭ سۆزى تەرەپتە تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئاللاھ باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئايەتلىرىنى يوشۇرۇشتىن بىزنى ساقلىسۇن. قەلبىمىزگە شىجائەت، كۈچلۈك ئىمان ئاتا قىلسۇن.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 8 – كۈنى