رامىزان ئېيىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان «رامىزان ئورتاقلاشقانسېرى گۈزەل» دېگەن پروگراممىنىڭ بۈگۈن كەچتىكى مېھمىنى ئالتاي جەم مەرىچ ئىكەن. تەراۋىھتىن يېنىپ سۆھبىتىگە ئۈلگۈردۈم.
سۆھبەتتە ئۇستاز ئالتاي جەم مەرىچ مۇتەۋاتىر ۋە خەبەر ۋاھىد ئۇقۇملىرى، ئىسلامدىن باشقا مەدەنىيەتلەردە تېپىلمايدىغان مۇكەممەل خەۋەر دەلىللەش مېتودى، كۈنىمىز كىشىلىرىنىمۇ ھەيرەتكە سالىدىغان 8 – ئەسىرلەردىلا ئىسلام ئىلمىي ساھەسىدە يولغا قويۇلۇپ بولغان پىكىر ئەركىنلىكى… قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، قەلبىمىزدىكى دىنىمىزغا، ئالىملىرىمىزغا، ھەدىسلەرگە بولغان مۇھەببەتنى ئۇلغايتتى.
ھەدىسلەر دىنىمىزنى مۇرەككەپلەشتۇرىدۇ، قىيىنلاشتۇرىدۇ، دەپ قارامسىلەر؟ ئەسلىدە ھەدىس بولمىغاندا دىنىمىز قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. دەپ تۆۋەندىكى ئىككى مىسالنى كەلتۈردى.
ھەدىسلەر بولمىغىنىدا ھەيز توغرىلىق ئايەتنى قانداق تەدبىقلاش كېرەك؟
ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئوبدان پاكلانغان چاغلىرىدا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن كېلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.(«بەقەرە» سۈرىسى 222 – ئايەت)
ئايەتتە ھەيزدار ئاياللار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىش ئېيتىلىۋاتىدۇ. يەھۇدىيلار ئاياللىرى ھەيزدار كۈنلىرىدە ئۇلارنى نىجىس دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئەتكەن تامىقىنى يېمەيتتى، ھەتتا ئۇلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرمايتتى. نامازنى يەھۇدىيلاردىن ئالغانلىقىمىزنى دەۋا قىلغان ھەدىس ئىنكارچىلىرى بۇ مەسىلىگىمۇ ئورتاق پوزىتسىيە تۇتسا، يەھۇدىيلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىشى كېرەك. لېكىن، ئۇنداق قىلىشمايدۇ.
ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قولىنى كېسىڭلار. («مائىدە» سۈرىسى 38 – ئايەتنىڭ بېشى)
بۇ ئايەت ھەدىسلەرسىز تەدبىقلانغىنىدا ئۈرۈك ئوغرىلىغان بەش ياشلىق بالىنىڭمۇ قولى كېسىلىشى كېرەك. پەقەت ھەدىسلەر ئارقىلىقلا بۇ ئايەتنىڭ قانچىلىك مىقداردا بىر نەرسە ئوغرىلىغان، ئوغرىلىق قانداق شەرتلەردە يۈز بەرگەندە ئاندىن جازاغا تارتىلىشنى بېكىتىش مۇمكىن. ئەمما، ھەدىسلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغىنىدا تەدبىقاتى ئېغىر بولىدىغان ھېچبىر مەسىلىدە ھەدىس ئىنكارچىلىرى قۇرئان بويىچە يول تۇتمايدۇ. يەنى، ئۇلار ئۆز نەپسى – خاھىشىغا ئاساسەن بىردەم ھۆكۈمنى ئۇ يەردىن، بىردەم بۇ يەردىن ئالىدۇ.
نەفسىي ھاۋا ۋە ئەقلىي ھاۋا ھەققىدىكى تۆۋەندىكى قاراشلىرىمۇ ماڭا بەك تەسىر قىلدى:
ھاۋايى ھەۋەس دېيىلگىنىدە كىشىلەر شەھۋەت ۋە نەفسىي نەرسىلەرنىلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھاۋايى ھەۋەس ئەقلىي جەھەتلەردىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرىنىڭ بىرەر خاتالىقىنى بايقىغىنىدا، ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ھەققىدە ئەزۋەيلەپ، ھەتتا شېرىككە چىقىرىپ كۆپتۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئامال بار يوققا چىقىرىپ، ئاقلاشقا ئورۇنىدۇ. ھاراققا كۆنۈپ قالغان بىرى دەسلىپىدە ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ، گۇناھكار ھېس قىلىدۇ. ئەمما، كىشىنىڭ پىسخىكىسى ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاراقنىڭ ھارام ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۆزىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپ، بەزىدە ھارامنى ھالال دەيدىغان كۇفرىلىققىچە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، نەفسىي ھاۋادىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەقلىي ھاۋانىڭ ئاپىتىدىن ئاگاھ بولۇش لازىم. بولمىسا، ئىنسان ھەقىقەتنىمۇ پەقەت ئۆز نەپسىگە ئېغىر كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئىنكار قىلىپ كۇفرىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئاللاھ نەپسىمىزنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىزنى ساقلىغاي. دىلىمىزنى ھەقتە مۇستەھكەم قىلغاي.
1446 – يىل رامىزاننىڭ 14 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار