ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا – جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ. ‏(«بەقەرە» سۈرىسى 166 – ئايەت)

بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنىدىكى مەنزىرە سۆزلەنگەن. ئايەتتە ئىككى تائىپە ئىنسان بار، بىرى يېتەكچىلەر يەنە بىرى ئەگەشكۈچىلەر. بۇنى بۈگۈنكى ئاممىۋى مېدىيا ۋاسىتىلىرىغا تەققاسلاپ چۈشەنسەك، ناھايىتى ئاسان. داڭلىقلار ئەگەشكۈچىلىرىگە: «مېنىڭ سەن بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق، سېنى تونۇمايمەن» دېگىنىدەك بىر ئەھۋال. ئايەتنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى: مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرى(يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يېتەكچىسى)لىرىغا ناھايىتى سادىق ئىدى. دىنىي مەسىلىدە قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال ھىبرىلىرىدىن سورايتتى. ئۇلار «ھەئە» دېسە قىلاتتى، «ياق» دېسەم قىلمايتتى. قۇرئانغا ئاساسلانغاندا ئۇلارنىڭ ھىبرىلىرى چىرىكلىشىپ كەتكەنىدى. ئەمما، ئۇلار قارىغۇلارچە ئەگىشەتتى. ئايەتتىكى قىيامەت كۈنىدىكى مەنزىرىدە ئەسلىدە ئەگەشكۈچىلىرىگە ھېچقاچان ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، پەقەت ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەلگەن بۇ يېتەكچىلەر ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولىدۇ. ئەمما، بۇنى مۇسۇلمانلار، خىرىستىيان، يەھۇدىيلار، ھىندىلارنىڭ ھەممىسىگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ. ھەرقانداق بىر جامائەتتە يېتەكچىلەر ۋە ئەگەشكۈچىلەر بولىدۇ. بۇ ئەھۋال نوقۇل دۆلەت ياكى شەھەرلەردىلا  ئەمەس، كىچىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن: ئۆزئارا بېرىش – كېلىش قىلىدىغان 10 ئائىلە بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ باي ياكى مەرتىۋىلىك بىرىگە باشقىلىرى ھەۋەس قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى سەرەمجانلارنى كۆرگەن خانىملارنىڭ ئاشۇنداق سەرەمجانلارنى ئالغۇسى كېلىدۇ. ئۇلاردەك بولغۇسى كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بالىلاردىمۇ يۈز بېرىدۇ. ئوتتۇرا ياكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەممىگە تونۇش بىر بالىنىڭ ئاسقان سومكىلىرى، كىيىگەن ئايىغىنىڭ ماركىسى، ئىشتىنىنىڭ ماركىسى … دېگەنلەرنى كۆرگەن بالىڭىز ئاشۇنداق سومكا ئاسقۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ كىشىلەر بىر نېمە دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش، كىيىنىشلىرى ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى تەقلىد قىلغۇسى كېلىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ مەستانىلىرى ئۇلار كىيىم – كېچەكلىرى، يۈرۈش – تۇرۇشى، ھەتتا گەپ قىلىشلىرىغىچە تەقلىد قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى غىڭشىپ ئۆزىنى شۇ چولپاندەك ھېس قىلىشىدۇ. بىراۋنىڭ بىر ئېقىم يارىتىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشىنىڭ ئارقىسىدا «ئۇ نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن بىر ئىدىيە ياتىدۇ. ياشلار چولپانلارنىڭ ئاتكىرىتكىلىرىنى يىغىدۇ، ئۇلارنىڭ كونسېرتلىرىغا بارىدۇ، ئۇلار ناخشا ئېيتسا، ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى يوقىتىشىدۇ. ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئاشۇ چولپانلار ئۆزىنىڭ مەستانىلىرىنى ئاشۇنداق ياخشى كۆرەمدۇ؟ ياق. بۇ يەردە بىر تەرەپتە چەكتىن ئاشقان بىر رىشتە مەۋجۇت، يەنە بىر تەرەپتە بولسا نۆل. چوڭلار ئارىسىدا بۇ بىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان «قائىدە»لەر بويىچە ئىش قىلمىغاندا «خەق نېمە دەپ قالار» دېيىشتىن قورقۇپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتىڭدا سەن بۇ كىشىلەرگە ئەگىشىپ بىر تالاي بەربات قارارلارنى چىقىرىسەن. ئ‍ەمما، قىيامەت كۈنىدە، ئۇلارغا ئەگەشكىنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن «ۋاپا» كۆرەلمەيسەن. ئۇلار: «بۇ ئىشلارنى مەن ئۈچۈن قىلغانمىدىڭ؟ مەن سېنى تۈزۈك تونۇمايمەن، سەن بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق» دەيدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ چېكىدىن ئاشقان ھالىتى بۇتقا چوقۇنۇش. قىيامەت كۈنى كاپىرلارنىڭ چوقۇنغان بۇتلىرىغا جان كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلارنى ئىنكار قىلىدۇ.

مۇشرىكلار بۇتلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىزدۇر» دەيدۇ. مەبۇدلىرى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «شۈبھىسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ. («نەھل» سۈرىسى 86 – ئايەت)

قىيامەت كۈنى كىم ئەگىشىشكە ئەرزىيدۇ، كىم ئەگىشىشكە پەقەت ئەرزىمەيدۇ ھەقىقىي تونۇپ يېتىسەن. 

شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا – جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولساق!». ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان ھەسرەتلەر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. («بەقەرە» سۈرىسى 167 – ئايەت)

مەن باشلانغۇچنى سەئۇدىيدا پاكىستان مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ مەكتەپتە ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ فورمىسى بار ئىدى. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرسە، «سالام» دەپ ئەسكەردەك ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سالام بېرەتتۇق. سەھەردە ھەربىيلەردەك قاتار بولۇشاتتۇق. ئامېرىكىغا كېلىپ، سىنىپقا كىرگىنىمدە بۇ ۋۇگزالمۇ ياكى سىنىپمۇ دەپ قالغانىدىم. بەزى بالىلار پارتىدا بىر نەرسە يەۋاتاتتى، بەزىلىرى سېغىز چايناۋاتاتتى (دەرس ۋاقتىدا سېغىز چايناش كونا مەكتىپىمدە ئېغىر جازالىنىدىغان بىر ئىش ئىدى). بىر بالا بىر قىز بالا بىلەن بىللە ئولتۇراتتى (پاكىستان مەكتىپىدە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىش). ئوقۇتقۇچى كىرگىنىدە ھېچكىم ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەرمىدى. ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. ئوقۇتقۇچى سوئال سورىغىنىدا ئۇلار ئۆزئارا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتى. مەن قولۇمنى كۆتۈردۈم، «سەن» دېدى ئوقۇتقۇچى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ جاۋاب بەردىم. سىنىپتىكى ھەممىسى «نېمىشقا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جاۋاب بېرىسەن؟» دەپ مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى. ئۇلارنىڭ «مەدەنىيىتى» مۇشۇنداق ئىدى. «بۇلار بەك ئەركىنكەن، مەكتەپ فورمىسى كىيمەيدىكەن، قائىدە، ھۆرمەت دېگەن نەرسە يوقكەن، نېمە دېگۈسى كەلسە دەيدىكەن، مەن بىلمەيدىغان گەپلەر بىلەن تىللىشىدىكەن» دەپ ئويلىغانىدىم. ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەرگىز ئەركىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. خىپ – خوپ گۇرۇھىدىكى بالىلار خىپ – خوپچىلاردەك كىيىنىدىكەن، شۇلاردەك سۆزلەيدىكەن. ئۇنداق قىلمىسا قاتارغا قوشمايدىكەن. يەنە بىر گۇرۇھتىكى بالىلار شۇ گۇرۇھنىڭ پاسونى بويىچە كىيىنىدىكەن، شۇلارنىڭ مۇزىكىسىنىلا ئاڭلايدىكەن. ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەر بىر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر «فورما»سى باركەن. شۇنى كىيمىسە چەتكە قېقىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلمىسا، قۇربانلىق قوزىغا ئايلىنىدىكەن. چوقۇم بىرلىرىگە ماسلىشىشىڭ كېرەك ئىكەن. ھەرگىز ئەركىن ئەمەسكەنسەن. كېيىنكى ئۆمرۈمدە ئايلىنىپ لېكسىيە سۆزلەش داۋامىدا مەندىن سوئال سورىغىلى كەلگەن شەپكىنى مايماق كىيىپ، چوڭ كېلىپ قالغاندەك كىيىم كىيىۋالغان بالىلارنىڭ مەيۇس ھالىتىنى كۆرۈپ «نېمىشقا كۆڭلۈڭ يېرىم؟» دەپ سورىغىنىمدا، «مېنىڭ بۇنداق كىيىنگۈم يوق، لېكىن، بۇنداق قىلمىسام ئۇلار ئەدىپىمنى بېرىدۇ» دېگەنلىرىگە شاھىد بولدۇم. بۇ ئەسلىدە بىر مودىغا، جەمئىيەتنىڭ ئۆلچەملىرىگە قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىنىدىغان، ھەتتا قانداق تىل ئىشلىتىشكىمۇ مەجبۇرلىنىدىغان بىر جەمئىيەت. ھاراق ئىچىش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە مەجبۇرلىنىدىغان، بالىلاردىن تارتىپ بىرلىرىگە ئەگىشىشكە، ماسلىشىشقا مەجبۇرلىنىدىغان بىر جەمئىيەت. مۇشۇنداق ئەگىشىشلەر بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپ ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاتا نەرسىگە ئەگەشكىنىنى ھېس قىلىشىدۇ.

بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلىسەڭ، بىر مۇسۇلمان تونۇپ يېتىشكە تېگىشلىك ئەركىنلىك چۈشەنچىسىنى  ئۆزلەشتۈرگەن بولىسەن. سەن ئاللاھتىن قورقساڭ، باشقىسىدىن قورقمايسەن؛ ئاللاھقا بويسۇنساڭ، بۇ سېنى باشقىلارغا بويسۇنۇشنىڭ بېسىمىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ ئاللاھنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىساڭ، بۇ سېنى باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشنىڭ كويىدا بولۇشتىن قۇتقۇزىدۇ؛ باشقىلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن كىيىنمەيسەن، باشقىلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆي ئالمايسەن، باشقىلارغا تەسىر قىلىشنىڭ كويىدا بولمايسەن. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىيالىڭغا كىرىپ چىقمايدىغان بولىدۇ – دە ھەقىقىي ھۆرلۈكنىڭ تەمىنى تېتىيسەن.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 23 – كۈنى