شېئىرلار

يۈرەك ۋە يۈرەك

ئىچىدە سوققان يۈرەكنى ھېس قىلغىنىدا شۈكرى ئېيتتى،ئىچىدە سوققان يەنە بىر يۈرەكنى ھېس قىلغىنىدا ھەمدى ئېيتتى،ئۇ كىچىك يۈرەك تېشىدا سوقۇشقا باشلىغىنىدائۇنىڭدىن […]

كېچىگە تېز سىزما

قاراڭغۇ كېچىلەر، يارقىن چېچەكلەر، سوپسوغۇق ئىزغىرىن، ئەبجەق روجەكلەر. گىرىمسەن كېلەچەك، ئۆڭگەن سۈرەتلەر، كۈلرەڭلىك سېغىنىش، چاڭقاق يۈرەكلەر.

جىم

جىم!ئاۋازىڭنى چىقارما ئاشىق.سۈكۈتۈڭگە چۈمۈلگىن ئولتۇر.بىخلىۋالسۇن رەڭدار مىسرالار،كۆمۈپ قويغىن قەلبىڭگە چوڭقۇر.باش باھاردا كۆكلەپ ياپيېشىل،پورەكلىسۇن ھەممىدىن بالدۇر.خۇش ھىدىنى قۇچاقلاپ سابا،دېرىزىدىن كىرگەندە غۇر-غۇر.چۈشلىرىدىن […]

تېمىسىز

كۆكنىڭ ئاستىدايامغۇرلۇق كۈنلەر…تۇپراق ئاستىدائاپتاپتەك كۈلۈمسىرەشلەر…

رېزونانس

ئاۋاز ئەمەس تاراتقىنىم،نۇر ئەمەس توساقلاردا بىئىلاج قالغان.قۇلىقىڭنى يۇپۇر، كۆزۈڭنى يۇم گۈزىلىم،يۈرىكىڭنى تەييارلا،ۋەھىمىلەرنى چىقىرىپ تاشلا.ئىچىڭ ئاچچىقمۇ؟يىغلا،ئۈن سېلىپ يىغلا.يېشىڭ قۇرۇغاندا سۈكۈتۈمنى ئاڭلايۈرىكىڭنى […]

رومانتىكا

ئۇزۇن بويۇن رۇمكا، شام، قىزىل گۈل، شەرەنداز گۈزەلمۇ رومانتىكا دېگەن؟ياكى،نامازدا ساڭا ئ‍ەگەشكەن ھايا گۈلىمۇ چېھرى نۇرغا چۈمۈلگەن؟

يۈرىكىمنىڭ پارىسى

يۈرىكىمنىڭ پارىسى،سېغىنىشىنى ئۇزاتتىمىڭ ئۈچيۈز كۈن ئۇزاقتىن.مەن مېھىر ئۇزاتتىم،لەكمىڭ توساقتىن.كۆزلىرىمنىڭ قارىسى،قوللىرىنى ئۇزاتتى.يىراق-يىراقتىن.مەن كۆكلەرگە قول ئۇ‍زاتتىم،بىلىنگەچكە«چارىسىزلىك — ئىشارەت» دەپ،تا ئەلمىساقتىن.ئۈمىدلىرىم ئۇچۇرۇم بولدى،جېنىمنىڭ […]

تەنھالىق

يارا بولدى، يۈرىكىم يارا،بەختىڭ قارا، يا بەختىم قارا. تەنھالىقتا يۈرىمەن جىمجىت،سانجاق-سانجاق ئادەملەر ئارا.

بالىلار ئۈچۈن ھەرپ قوشاقلىرى

ئا«ئا» دۇر ئىسمىم، قوينۇمدابار ئېلىپبە كىتابىم.مەن ئۆگىنەي ئوقۇشنى،سەن كۈلۈپ بەر كىتابىم. ئە«ئەينەك» تىكى «ئە» ئاداش،«ئا»غا ئازراق ئوخشايدۇ.تۇتقۇچىدىن تۇتمىسام،سۇنۇپ كەتسە يىغلايدۇ. […]

ۋەھىمە گۈلى

قورقۇشلار ئۆچۈردى ئۈنۈڭنى بەلكىم، قورقىسەن ياپراقنىڭ شىلدىرلىشىدىن. ۋەھىمە قارايتقان قەلبىڭدە ئەمدى، ئەسەر يوق ھېكمەتلەر پىچىرلىشىدىن. خورازلار چىللىسا سۈبھىدە يارقىن، قۇلاقنى […]

ئىمكانسىزلىق

كېچىلەر يوشۇرۇن ئېچىلغان چېچەك، قەلبىمدە كۆرىمەن ئوتقاش بەرگىنى. يۇلتۇزلار ئۇنتۇلماس كۆزدىكى چاقناش، ياش تۆكەر ئۇنتۇماق بولسام گەر سېنى. شەبنەملەر خىلۋەتتە […]

يۇلقۇنۇش

جىمجىتلىق ئىچىدە سىقىلماقتىمەن، كېچىلەر قوينىغا تىقىلماقتىمەن. ئەندىشەڭ يىغىشتۇر، يۇمۇۋال كۆزۈڭ، دولقۇنلار ئەۋجىگە ئۇرۇلماقچىمەن. سۆكۈلسە چاك- چېكىم كۆپ ۋايىم يېمە، يېڭى […]

ئىلتىجا

كۆزىمىز تارتسا گەر ئوخشاش بىر سۈرەت، قەلبىمىز يۇيىدۇ خىلمۇخىل رەڭدە. قۇلاقلار ئاڭلىسا ئوخشاش بىر سۆزنى، قەلبىمىز چۆرۈيدۇ ھەرخىل مەنىگە. ياشىساقمۇ […]

زارىقىش

ھۇۋلايدۇ ھەسرەتلەر، ھۇۋلايدۇ بۇ قىش، ئۇنۇتتۇڭ سەن بەلكىم باھار رەڭگىنى. ئۆچۈردى زىمىستان گۈلگۈن يۈزلەردىن، شاتلىقنى، بەخىتنى، نۇرنى، ھەممىنى. ئۆچۈشنى قەستلەيدۇ […]

ياخشى كۆرىمەن

ياخشى كۆرىمەن، يامغۇردىن كېيىنكى تۇپراق ھىدىنى، قارلىق كېچىنى، سالقىن سەھەرنى، «ئېلىپبە»نىڭ خۇشپۇرىقىنى، ئاق قەغەزدە قۇمۇش قەلەمنىڭ كىرتىلدىشىنى. ياخشى كۆرىمەن، ئادەمسىز […]