ئىمكانسىزلىق

ئىمكانسىزلىق

كېچىلەر يوشۇرۇن ئېچىلغان چېچەك، قەلبىمدە كۆرىمەن ئوتقاش بەرگىنى. يۇلتۇزلار ئۇنتۇلماس كۆزدىكى چاقناش، ياش تۆكەر ئۇنتۇماق بولسام گەر سېنى. شەبنەملەر خىلۋەتتە تۆككەن كۆز يېشىڭ، مىسرا ياپرىقىدا تۇرار لىغىرلاپ. ئۇنتۇلغان سېنىڭسىز ئۆتكەن كەچمىشىم، ئاڭلىغۇڭ كېلىدۇ لېكىن...

يۇلقۇنۇش

جىمجىتلىق ئىچىدە سىقىلماقتىمەن، كېچىلەر قوينىغا تىقىلماقتىمەن. ئەندىشەڭ يىغىشتۇر، يۇمۇۋال كۆزۈڭ، دولقۇنلار ئەۋجىگە ئۇرۇلماقچىمەن. سۆكۈلسە چاك- چېكىم كۆپ ۋايىم يېمە، يېڭى بىر ھاياتچۈن چۇۋۇلماقچىمەن. سۈكۈتلۈك دەريادا ئىدىم قۇرام تاش، دۇردانە بولۇشچۈن ئۇۋۇلماقچىمەن....

ئىلتىجا

كۆزىمىز تارتسا گەر ئوخشاش بىر سۈرەت، قەلبىمىز يۇيىدۇ خىلمۇخىل رەڭدە. قۇلاقلار ئاڭلىسا ئوخشاش بىر سۆزنى، قەلبىمىز چۆرۈيدۇ ھەرخىل مەنىگە. ياشىساقمۇ گەرچە ئوخشاش ھاياتنى، قەلبىمىز ھېسلىرى تۈرلۈك تۈمەن خىل. ئەي رەببىم، ھەممىنىڭ ئەسلىنى كۆرسەت، ئالدىنىش ئىچىدە يايرىمىسۇن...

زارىقىش

ھۇۋلايدۇ ھەسرەتلەر، ھۇۋلايدۇ بۇ قىش، ئۇنۇتتۇڭ سەن بەلكىم باھار رەڭگىنى. ئۆچۈردى زىمىستان گۈلگۈن يۈزلەردىن، شاتلىقنى، بەخىتنى، نۇرنى، ھەممىنى. ئۆچۈشنى قەستلەيدۇ قەلبىمدىكى ئوت، ھېچ نىسىب بولمىدى چىھرىڭگە بېقىش. شىۋىرغان ئىچىدە تىترەيمەن دىر– دىر، كۆزۈمدە لىق تۇمان،...

ياخشى كۆرىمەن

ياخشى كۆرىمەن، يامغۇردىن كېيىنكى تۇپراق ھىدىنى، قارلىق كېچىنى، سالقىن سەھەرنى، «ئېلىپبە»نىڭ خۇشپۇرىقىنى، ئاق قەغەزدە قۇمۇش قەلەمنىڭ كىرتىلدىشىنى. ياخشى كۆرىمەن، ئادەمسىز تۈندە جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئاڭلاپ بېقىشنى يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدىشىنى....

ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىر كۈنى

ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى، شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغان بىرسى ئۈچۈن شېئىر يازدىم، بىر ئۆمۈر شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغانلار ئۈچۈن شېئىر يازغاندەك. ئۇلار بوۋاق بالىدەك، بىركۈنلەردە چۈشىنىدىغاندەك. ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى، رەڭلىك قەلەمدە شېئىر يازدىم. رەڭ قارىغۇسى...