چەتنەش ۋە قايتىش

ئۆزۈڭلاردىن دائىم «نېمە قىلماقچىدىم؟» دېگەن سوئالنى سوراپ تۇرامسىلەر؟ تىرىڭڭىدە كەلگەن بىر قىسقا ئۇچۇر، كومپيۇتېر ياكى تېلېفون ئېكرانىدىن لىپپىدە كۆرۈنۈپ قالىدىغان بىلدۈرگۈ… دېگەنلەر دىققىتىڭلارنى چېچىپ تۇرامدۇ؟ تۇرمۇش غېمى ئاخىرەت تەييارلىقى دېگەن ئاساسلىق غەمدىن...

ئۆزىنى يوقاتمىغانلارغا سالام

بەزى كۈنلىرى ساناقسىز ئورۇنۇشلىرىمغا قارىماي بەزى مەسىلىلەر ھەل بولماي كېتىدۇ. «كىچىك ئىشلارغا خۇدايىمنى ئاۋارە قىلمايمەن» دەيدىغان، بەندىنىڭ چوڭ-كىچىك ئورۇنۇشلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بولغاندىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن...

تىزىملىك

1 تور كۆرگۈچتىن قاڭقىپ چىققان ئۇقتۇرۇش، تېلېفونغا كەلگەن ئۇچۇر، ئىشخانىغا كىرگەن مېھمان، قۇلىقىمدا غىڭشىغان بىر ئاھاڭ... دىققىتىمنى چاچىدىغان نەرسىلەردىن بەزىلىرى. كۈنتەرتىپتىن قايماسلىق ئۈچۈن ئىشخانىدىكى ئاق دوسكىغا قىلىدىغان ئىشلىرىمنى يېزىپ، پۈتكەنلىرىگە بەلگە...

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپى

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپىنى كەبىنىڭ شەرىپىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارمىز. بىراۋلارنىڭ دىنىمىز ھەققىدە چۈشەنمەستىن بىلجىرلاشلىرى باشلارنى قايدۇرمىسۇن!ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كەبىنى تاۋاپ...

ھەقىقىي مۇسىبەت

2020-يىل 30-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىزمىردا 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يەر تەۋرەش پەيتىدە تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا 5.5 باللىق يەر تەۋرىگەندە 12-قەۋەتتە لەپەڭشىپ ئولتۇرۇپ، شاھادەت كەلتۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز...

«دۈشەنبە كۈنى ناماز باشلايمەن»

ئۇنىۋېرستىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر يەكشەنبىسى ئۈچەيلەن يېزائىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان دوستىمىزنى يوقلاپ قويايلى، دەپ كۆمۈركان دوختورخانا بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، دوختورخانا دەرۋازىسىغا كېلىشىمىزگە يېنىمىزدا بىر تاكسى توختاپ، چاچلىرىنى سېرىق...

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى

قەشقەر توققۇز تاش مەسجىدىدە ھېيىت خۇتبىسىدە «ھېيىت — مۇئ‍مىنلەرنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى» دېگەنىدى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللام. قەلبىمدىكى ھېيىت سۆيۈنچىسى شۇ سۆز بىلەن بىر بالداق ئارتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئۆمەرجان ئالىمنىڭ بىر ناخشىسىدا «روزىنى خەق تۇتسا،...

ئاياسوفيا ھاياجىنى

«ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك ھوزۇرلىنىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىكەنمەن» — دوكتور ئىھسان شەنئوجاق جۈمە كۈنىدىكى ئاياسوفيا ئېچىلىش خاتىرىسى ھەققىدە توختالغان دوكتور ئىھسان شەنئوجاق غوجانىڭ شۇ سۆزلىرى يۈرىكىمگە تەگدى: ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك...

ئۆلۈم، ۋاقىت ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

18 ياش چېغىمدا 19 ياشلىق ھەدەم قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى. ھاياتنىڭ مەنىسى، ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەڭ كۆپ ئويلىنىشلىرىم شۇ ۋاقىتتا بولغانمىكىن دەيمەن. ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ يەر ئاستى باسمىلاردىن چىققان ئەلىي تەنتاۋىيىنىڭ، مەۋدۇدىنىڭ ئەسەرلىرى ھاياتنىڭ مەنىسىنى...

تەۋسىيەلەر

«كومپيۇتېر ساھەسىدە پۇل تېپىش ئۈچۈن نېمە ئۆگەنسەم بولار؟»غا جاۋاب

«كومپيۇتېر ساھەسىدە پۇل تېپىش ئۈچۈن نېمە ئۆگەنسەم بولار؟»غا جاۋاب

كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان، ئىزچىل مۇشۇ ساھەنىڭ نېنىنى يېگەن بىرى بولغىنىم ئۈچۈن، تونۇش-بىلىشلەر، تورداشلار ئۆزى ياكى بالىلىرى ئۈچۈن بۇ تېمىدا مەسلىھەت سوراپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا كۆز-قاراشلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئۆتىمەن.بۇ ساھەدىكى كەسپلەركومپيۇتېر...

كورونادىن تىكتوكقىچە…

ئويتۇن دوكتور 30 سوئالغا چاقماقتەك جاۋاب بېرىپتۇ. ھوزۇر ئىچىدە كۆرۈپ بىلىملىك بولىۋېلىڭلار 🙂 https://youtu.be/g4Fy4g0jXq4

كۆز-كۆز قىلغۇدەك ئوي-پىكرىڭىز بارمۇ؟

كۆز-كۆز قىلغۇدەك ئوي-پىكرىڭىز بارمۇ؟

تىكتوك، ئىنستاگرام دېگەندەك كۆرۈنۈشلۈك ئاممىۋىي مېدىيا ئەپلىرى ئۇپا-ئەڭلىك، نۇر-سىۋىت، سۈرەت پەرداز ئەپلىرى ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ چىراي، بەدەن كۆز-كۆز قىلىدىغان، تۈرلۈك ۋىدىيو ئۈنۈملىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان نەچچە سېكونتلۇق «قالتىس» ھەرىكەتلىرىنى داملىتىدىغان...

ئۆيلىنىش ۋە ئائىلە مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەھمەد بۇلۇت ئۇستازنىڭ مەسلىھەتلىرى

بۇ زاماندا مۇھەببەتلەشمەي توي قىلىش مۇمكىنمۇ؟ئەرنىڭ ئائىلىنى بېقىش مەسئۇلىيتى بار، ئەمما، ئايال خالىسا ئىشلىسە بولمامدۇ؟جۆرىسى ناماز ئوقۇمىسا ياكى ھىجابلانمىسا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟بىر ئەركەك ئايالى بىلەن ئانىسى ئارىسىدا قالغاندا قايسى تەرەپتە تۇرغۇلۇق؟ 25...

«ئاشىقنىڭ سەپىرى»

«ئاشىقنىڭ سەپىرى»

ئ‍وقۇغان كىتابلىرىمدىن ئەڭ ئۇزۇن خاتىرە قالدۇرغان، ئەڭ كۆپ جۈملىلىرىنىڭ ئاستىغا سىزغان كىتابىم «جالالىدىن رۇمى» ئىدى. 20 ياشلىرىمدىكى شۇ كىتاب بەرگەن زوق بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر يازلىق تەتىل ھېلىھەم ئۆتكەن يىل يازدەك يېقىن تۇيۇلىدۇ. بۇ كىتاب ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى لەززەتلىرىنى...

چوپان ئانىنىڭ ھايات كۆز قارىشى

بۇ ئانىنىڭ ھاياتقا، بالا تەربىيەسىگە تۇتقان پوزىتسىيە-تۇتۇمىغا ماشائاللاھ دېدىم. تۇرمۇش پەيلاسوپ قىپتۇ بۇ ھەمشىرىمىزنى. https://youtu.be/q0nrlS8IhbM

ئېتىقاد — ھاياتنىڭ قۇۋۋىتىدۇر

ئېتىقاد — ھاياتنىڭ قۇۋۋىتىدۇر

ئېتىقاد — ھاياتنىڭ قۇۋۋىتىدۇر. — تولستوي كەسىپ ياكى تىل سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن Youtube ياكى UDemy دىن دەرسلىك، چاتما فىلىم ياكى كىنولارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇلار ئىگەللىگەن سائەتلىرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا، كۆپىنچىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىمىزنى...

شېئىرلار

ياخشى كۆرىمەن

ياخشى كۆرىمەن، يامغۇردىن كېيىنكى تۇپراق ھىدىنى، قارلىق كېچىنى، سالقىن سەھەرنى، «ئېلىپبە»نىڭ خۇشپۇرىقىنى، ئاق قەغەزدە قۇمۇش قەلەمنىڭ كىرتىلدىشىنى. ياخشى كۆرىمەن، ئادەمسىز تۈندە جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئاڭلاپ بېقىشنى يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدىشىنى....

ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىر كۈنى

ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى، شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغان بىرسى ئۈچۈن شېئىر يازدىم، بىر ئۆمۈر شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغانلار ئۈچۈن شېئىر يازغاندەك. ئۇلار بوۋاق بالىدەك، بىركۈنلەردە چۈشىنىدىغاندەك. ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى، رەڭلىك قەلەمدە شېئىر يازدىم. رەڭ قارىغۇسى...

تۇيۇق

ياپراقلار تۆكۈلدى، قاقشال بولدى گۈل، قالمىدى بىر ياپراق، گۈل بەرگى تۈگۈل. ئويغاققا ئىگىسى ئېچىلدۇرارمىش، رامىزان كېچىسى خۇشبۇي لەيلىگۈل. 2015.7.12

ئۈمىد بەرگى

ئۈمىد بەرگى

ئۇخلىماي كۆنۈپ قالدىم، چۈشلەرنىڭ مەززىسى قالمىدى. قېلىن- قېلىن كىتابلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدىم، غېرىبلىق مېنى تاپالمىدى. تۈنۈگۈنكى مەن بىر يەرلەردە قالدى، نۈسرەت نەدىسەن؟ يولۇڭغا قاراپ كۆزلىرىم تالدى. دېكابىرنىڭ قارى، يالغۇزلۇقنىڭ ئارى، ئۈزۈلدى تەكرار، ئۈزۈلدى تەكرار،...

ھېكمەت

«مۇساپىر» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «مېھمان» بولغان بىر ئەلدە يۈرگىنىمدە، قارا كۆزلەر قارارسىزلىقنىڭ زۇلمىتىنى ئەسلەتكىنىدە، يامغۇرلۇق كېچىدە سېغىنىش ئىزتىراپىنى چەككىنىمدە، كېچىنىڭ سالقىن شامىلىدەك، چۈشلىرىمگە كىرگىنىڭدە، ناتونۇش بوۋايلار قولۇمنى سىقىپ بەخىت تىلىگىنىدە،...

ھالقىش

چۈشەنچىلىرىگە قامىلىپ قالغان بىرى سىرتقا ئۇزاتتى قولىنى. ھالقىش ئەجەب نەرسە ھە؟ تېپىۋالدى نۇرىنى. 2014- يىل 4- سىنتەبىر

بوغۇلۇش

مەن دولقۇنلۇق دېڭىزنىڭ باغرىدا. بىر يۇتۇم سۇ نەپسىمنى بوغۇشقا يېتەر. پۇت- قوللىرىمدا مادار قالمىغان دەقىقە، كۆزلىرىم كۆكتە، قەلبىم رەبتە، پۈتۈن ئەس- يادىم بىر سەجدە مىقدارى ھايات ئىستەر. ئازادە مىنۇتلاردا تومۇر- تومۇرلىرىمدا غەۋغا كۆتۈرۈشكەن شەيتانلار، ئۇتۇقلىرىمغا...

شۈكران

بىر ئاغرىق بەردىڭ، ئارقىدىنلا شىپاسىنى. مۇسىبەت بەردىڭ، تېزلا ئىشتتىڭ ئىلتىجاسىنى. بىر قەلىب بەردىڭ، ئىجابەت قىلدىڭ ھەر دۇئاسىنى. بىر چىراغ بەردىڭ، ئۆچۈرمىگىن رەب نۇر زىياسىنى. 2014- يىل 22-...

سىمسىز تور

سىمسىز ئۇلاندىم ساڭا، ھەسرەتلەر ياماشتى ئانتېنامغا. چۈشۈردۈم لىق ئازاب قاتتىق دېسكامغا. 2014- يىل 19- ئاۋغۇست

تېمىسىز

تۇيغۇلار لىباس، بەزىسى ئاق، بەزىسى قارا. كىيدۈرۈپ بىراۋلارغا، ئويلىۋالىمىز: مۇنۇسى ئاق، مۇنۇسى قارا. ئازابلىنىمىز بەلكىم بىكارغا، قاپقارا خاتا تۇيغۇلار ئارا. 2014- يىل 17-...

روھ غەليانلىرى

خىرىس ۋە ئىلتىجا

كائىنات چەكسىزلىكى، پەرۋەردىگارنىڭ چەكسىز بۈيۈكلىكى گۇمراھ دىللارنىڭ دىققەت نەزەرىدىن ساقىت قېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ھەر بىر جان ئېگىسى كىرزىس ئىلكىدە بىمەنىلىك بىلەن تولغان مۇقامىنى تەكرارلىماقتا.مەن ھەم شۇلار جۈملىسىدە ھايات بەتلىرىمنى ئەھمىيەتسىز قۇرلار بىلەن...

شەكىل ۋە ماھىيەت

«پاك بولغۇچىلار مۇرادىغا يەتتى.» مۇبارەك قۇرئاندا شۇنداق دېيىلگەن . ناپاك مەنزىللەرگە ئاياق بېسىش بىلەن مۇراد ھاسىل بولماس. ناپاك تەن،ناپاك روھ شەيتان ۋەسۋەسىلىرىدىن يىراق بولماس. ۋەسۋەسە بىلەن تولغان دىلدا قانائەت بولماس. قانائەتسىز مۇراد مۇراد بولماس. تاشلا،...

ئادىمىيلىك يولى

ھەقتىن يىراقلىشىش بەدىلىگە بەندە بىلەن دوستلاشماقتىن نە پايدا؟ يىراقلاش، شەھۋەت بەندىلىرىدىن، تەرك ئەت، تۈتۈنگە ئوخشاش پايدىسىز دوستلۇقنى. تەنھالىقتا، جىمجىتلىقتا روھىڭ بىلەن سىرداش. ئاللاھنى ياد ئەت. دۇنيانىڭ غەپلەت ، ئويۇن - تاماشاسىغا ئالدانما. تەپەككۈر سەيناسىدا...

ياخشى ئەمەل ھەققىدە

يەر ئايلانماقتا. قوياشنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پېتىشى ئىزلەنگۈچىلەر قەلبىگە ھاياجان، غاپىللار قەلبىگە پۇشايمان كەشتىلىمەكتە. زېمىن تولىمۇ تار. ھەقىقىي ئىنسانچە غەيرىتىڭ بولسا جىمى زېمىن ئەھلىدىن ئۈستۈن بولالايسەن.غەيرىتى بولمىغىنىدا، ئېينىشتىيىننى بۈگۈن كىممۇ بىلەتتى؟...

نەپىس ۋە قانائەت

نەپىسكە بويسۇنۇش ئىنساننى ھايۋانغا ئايلاندۇرىدۇ. نەپىسنى ئۆلۈمدىن باشقا ھېچنىمە قاندۇرۇپ بولالمايدۇ. چاكىنىلىقلارنىڭ ھەممىسى نەپىسنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئاپىرىدە بولىدۇ. بېخىللىق، قورقۇنچاقلىق، تەكەببۇرلۇق، ھورۇنلۇق، ھارامخورلۇق… دېگەندەك ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ...

تىلەكلىرىم

بۈيۈك پەرۋەردىگار، ئازغۇنلۇقنىڭ رەستىلىرىدە قەلبىمنى بىھۇدىلىكنىڭ مۇھەببىتىگە لىق تولدۇرغىنىمنى كۆرۈپ تۇرىسەن؛ ئالاق-جالاق كۆزلىرىمدە ئادەملەردىن ئەيمىنىپ، قەلبىمنىمۇ روشەن كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۆزۈڭدىن ئەيمەنمەي بىھايالىققا ئەسىر بولغىنىمنى ھەم كۆرۈپ تۇرىسەن؛ ماختىلىش...

ئايەم تۇيغۇلىرى

گۈلۈم، مانا بىزنىڭ بايرىمىمىز. زېمىن ئاللاھنىڭ رەھمەت چاچقۇسى بىلەن لىق تولىدىغان دەقىقىلەر، دىللار شاتلىققا پۈركىنىدىغان مىنۇتلار. مۇبارەك رامىزاندىن پاكلىق نۇرلىرىنى سۈمۈرگەن شەۋۋال ئېيى بىزگە مەخپىي تىلەك تىلەۋاتىدۇ؛ «كۈلگىن، ئەي پاك يۈرەك ساھىبلىرى» دەپ...

نېمە ئىستەيسەن، نېمە

ئالدىراپلا يۈرىسەن، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ قەلبىڭ تىپ- تىنچ ئىستىقامەتتە ئۆزلۈكۈڭ ئۈستىدە كېڭىشىپ باقمىدى. ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ ئاللاھ زىكرىنى ئۇنتۇدۇڭ. ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ كۈنلەر ئاقماقتا. ئېرىشكىنىڭ پۇلدىن باشقا ھېچنېمە. ئېيت، نېمە...

نەپەس

ئاللاھ ئېگەم، ھەر بىر نەپەس سېنىڭ نىئمىتىڭ، ئەركىن نەپەستە ئېقىۋاتقان ھەر بىر دەقىق ھەم بۈيۈك ھىممىتىڭ. جان دېمەك- بىر نەپەس دېمەك. «ئاللاھ» دېسەم «ئاھ» قوشۇلۇپ، ھارارەتلىك چىقىۋاتقان تىنىقىمنىڭ ئۆزى غەنىيمەت. چۈنكى ، ئەگەردە شۇ بىر تىنىقتىن كېيىن ساپ ھاۋاڭدىن بولغان...

لەززەت ۋە لەرزە

تەن تۇپراقتىن، روھ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگىنى ۋەجىدىن تەندە تۇپراققا قوشۇلماق خاھىشى، روھتا ئاللاھقا يەتمەك ئىستىشى بولۇشى ھەقىقەتتۇر. روھ ئۆز ئالىيجانابلىقىنى، بۈيۈكلىكىنى، پاكلىقىنى ساقلىغان پېتى ئاللاھ دەرگاھىغا قايتماقنى ئىستىگەن دەملەردە تەننىڭ بىھۇدىلىكلەرگە...

دەرسلەر

No Results Found

The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.

تەرجىمىلەر

No Results Found

The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.