توزىماقتا ئىبادەت پەيتى،
يېغىۋاتقان غەيۋەت ۋە سۈخەن.
بىر- بىرىدىن ئەپسانە گەپلەر،
پىكاپلاردا ئادەملىك ئۆلگەن.

رېستۇرانلار، شەكلىك غىزالار،
كۆكتات يەيسەن، مېۋە چوقۇيسەن.
كېلىپ قالسا بىر رۇمكا «كۆڭۈل»،
ئىچمەسلىككە بانا توقۇيسەن.

مېھمانخانا، رەزىل تېلېفون،
جىرىڭلايدۇ: «كېرەكمۇ خىزمەت؟»
قىزىپ كېتەر ئىپپەت سودىسى:
«ئىككى يۈز سوم؟ نېمانچە قىممەت!؟»

كوچىلاردا بىرمۇ ئادەم يوق،
قەلبلەردە قۇترايدۇ ھەۋەس.
مۇنچا كەڭرى، پاكلىق شۇنچە قىس،
ھاۋا تىنجىق، بۇرۇختۇم نەپەس.

2005- يىل 14- ماي.