ئادەملەر قېنى؟

ئادىل ئابدۇقادىر

ئادەم بىلەن ئادەمدۇر ئادەم
ئادەم بىلەن بىنادۇر ئالەم
– خاتىرەمدىن

گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگېل:“ھاياتتا پەقەت مەلۇم قىممىتى بار نەرسە مەقسەت قىلىنغاندىلا، ھاياتنىڭ
قىممىتى بولىدۇ“ دېگەنىكەن. ھاياتلىق كائىناتتىكى مەۋجۇدىيەتكە ئورتاق مەنسۇپ ئۇقۇم. بىراق قىممەت
پەقەت ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋە يەككە ئىنسانغا مەنسۇپ ھايات پەلسەپىسىگە باغلانغان تولىمۇ مۇرەككەپ
ۋە ۋەزىنلىك تېمىدۇر. سوقرات:“ئۆزۈڭنى تونۇ“ دېگەن ئىبارىنى ئېيتقاندا، بەلكىم ھاياتنىڭ قىممىتىنى
ئۆز ۋۇجۇدۇڭدىن ئىزدە، دېگەننى بىشارەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ كائىناتتىكى
مەۋجۇدلۇقىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئورنىنى تولۇق ھېس قىلغاندىلا ئاندىن ”ئۆزىنى تونۇش“ پۇر-
سىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بىراق بۇ خىل پۇرسەت ئىنسان يارالغاندىن تاكى ئۆلگىچە بولغان پۈتكۈل ھايات
مۇساپىسىگە سىڭىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئۇ ئىنسان شەخسىيىتىدىكى كىچىك ئىشلاردىن تاكى ئىنساننى
دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇرغان تاشقى ھاسىلاتلارغىچە بولغان مۇرەككەپ تېمىلارنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلغان
بولىدۇ. شۇڭا ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇش پۇرسىتى بىر تارىخىي پۇرسەت دېيىلسە ھەرگىز خاتا كەتـ-
ـمەيدۇ. مۇبادا ئىنسان بۇ خىل تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشەلىسە، ئۇ ئەرشتىكى پەرىشتىلەرنىڭ سەجدىگا-
ھىغا ئايلىنىش ماقامىغا يەتكەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، ئىنسان شەيتاننىڭ ھەمراھىغا يەنى
ئادەم سۈپەتلىك شەيتانغا ئايلانغان بولىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇدىغىنى، بۇ خىل پۇرسەت ھەممىلا
ئادەمگە مەنسۇپ تۇرۇقلۇق، ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەسلىكىدە. شۇڭا دۇنيانىڭ يېرىمى ئادەم
بىلەن تولغان بولسا، يېرىمى يەنىلا شەيتان بىلەن تولغان. دۇنيانىڭ ئىجتىمائىيىتىدىكى كۈرەشنى دەل
مۇشۇ ئىككى قۇتۇپ شەكىللەندۈرگەن. دۇنيا بىر سەھنە بولمىغاندا ئىدى، ئادەم رول ئېلىش پۇرسىتىگە
ئېرىشەلمەيتتى، ئادەم- ئادەم بولمىغاندا ئىدى، ئۇ ئاساسىي رولغا چىقمايتتى. مۇبادا، ئادەم ئادەملىكىنى
ئوخشىتالمىسا، ئېنىقكى، ئاساسىي رولغا شەيتان چىقىدۇ.
مىلادى يىلى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئىنسانلار جەمئىيىتى 2000 يىللىق تارىخىي مۇساپىنى باشتىن كەچۈ-
رۈپ بولدى. بۇ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىگە ئالقىش ياڭرىتىش، مەدھىيە ئوقۇش، بەلكىم ئۆزىمىزنىڭ
قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى ماختىغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات
تارىخى ھەققىدە بۇ يەردە ئوشۇقچە نەقىللەرنى كەلتۈرۈپ ئولتۇرمايمىز. تارىخ مەيلى قانداق يارىتىلغان
بولسۇن، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشى، ئۇ پەقەت ئۆتكەنكى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ كۆرۈنىشىنى سۈرەتلەپ
بېرەلەيدۇ، خالاس. بۈگۈنمۇ كەلگۈسىدىكى بىر تارىخ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۆتمۈشىدىن
پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان بىر تارىخ. شۇڭا ھەقىقىي مەنىدىكى تارىخ بۈگۈننى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوببيېكتى
قىلىشى زۆرۈر. شۇندىلا ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىنى قايتا سادىر قىلىشتىن ساقـ-
ـلىنالايدۇ. ئىنسانلار قاچانىكى بۈگۈندىن يىراقلىشىپ كەتسە (بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنىدىن
كۆرە ئەتىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ)، ئۆزىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا تارىخ تەتقىقاتى مېتودىغا
تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بۈگۈننىمۇ تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئوبيېكتى قىلىش، ئۇنى جەمئىيەتشۇناسلىق، كەلگۈ-
سىشۇناسلىق ئىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى سېلىشتۇرۇدىغان بولساق،
ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىدىكى مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران
قالماي تۇرالمايمىز ھەم ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مەنىۋى قۇرۇلمىسىدىكى پارچىلىنىشنى تولۇق ھېس قىـ-
ـلالايمىز. شۇ خىل ئۆزگىرىشلەرگە قارايدىغان بولساق، ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى تەرەققىيات ئاددىيلىقتىن
مۇرەككەپلىككە، پۈتۈنلۈكتىن يەككىلىككە قاراپ سىلجىغان، ئەۋزەللىك، ئۈستۈنلۈكنى تالىشىشنى ئۆزىنىڭ
ئاساسىي مەزمۇنى قىلغان. ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىيات داۋامىدا قەبىلە، ئىرق، مىللەت، دىننى
بىرلىك قىلغان تۈرلۈك مەسلەكلەرگە بۆلۈنگەن. ئىنسانلار بولسا شۇ خىل مەسلەكلەرنىڭ ئىشتىراكچىلىرى
سۈپىتىدە دۆلەت، قانۇن، سىياسىي، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك دېگەنگە ئوخشاش ئابستراكت ئۇقۇملارنىڭ
ئاكتىپ ئىجراچىلىرىغا ئايلانغان. بۇلار گەرچە ئىنسانلارنىڭ ”ئەركىنلىك“ ئۇقۇمى ئۈستىدىكى ئورۇنۇشـ-
ـلىرىنىڭ نەتىجىسى بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچىلىك ”ئەركىنلىك“ ئۇقۇمىنى ھېچقانداق بىر پەيلاسوپ چۈ-
شىنىشلىك، قايىل قىلارلىق دەرىجىدە شەرھىيلەپ بېرەلمىدى. بۇ جەھەتتە غەرب پەيلاسوپلىرى ئەڭ كۆپ
ئىزدەندى.ئۇلار دۆلەتنى ئەركىنلىكنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ياخشى قۇرۇلما دەپ قارىدى ھەم دېموكراتىيە،
قانۇن ئارقىلىق ئادالەتنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىزدىدى. گەرچە پلاتوندىن ماركسقىچە بولغان غەرپ مۇ-
تەپەككۇرلىرى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەندىزىسى ئۈستىدە تەكرار ئىزدەنگەن بولسىمۇ مەغلۇب بولدى.
پەيلاسوپلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ”غايىۋى دۆلەت“ قاراشلىرى ئىنسانلارغا ئەركىنلىك ئەمەس،
بىرخىل ”روھىي چەكلىمە“ يۈكلەپ قويدى. ئەمەلىيەت، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ
ھەرقانداق تارىخىي دەۋرىگە، ھەرقانداق مەدەنىيەت شەكلى، ھەرقانداق ئىنسانلار توپىنىڭ مەنىۋى قۇ-
رۇلمىسىغا ماس كېلىدىغان ھايات ئەندىزىسىنى تۈزۈپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمەلىيەتتە
پەيلاسوپلار نەزىرىدىكى ”غايىۋى دۆلەت“ ئىنسانلار باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئەركىنلىكنى تولۇق ھېس
قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نەپسى ئۈستىدىن غالىب كېلەلىگەندىلا روياپقا چىقاتتى. بىراق تارىخنىڭ تەرەققىياتى
بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. ئىنسانلار ئۆزلىرى يەتمەكچى بولغان غايىگە قانچە ئىنتىلـ-
ـگەنسېرى، ئىشتىيى شۇنچە يوغىناپ باردى، ئۇلار قانچە ئىلگىرىلىگەنسېرى، ئۆزىدىن شۇنچە يىراقلاپ
كەتتى. نەتىجىدە ئورگانىك قۇرۇلما جەھەتتىن ئوخشاش بولغان ئادەملەرنىڭ مەنىۋى قۇرۇلمىسىدىكى
پەرق ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنىنى پۈتۈنلەي ئايرىۋەتتى ھەم ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى قېـ-
ـرىنداشلىق مېھرىنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى. ئىنسانلار تىنچلىق ئىزدىگەنسېرى پاراكەندىچىلىكتىن، ئەركىنلىك
ئىزدىگەنسېرى مەنىۋى قۇللۇقتىن قۇتۇلالمىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيا خاراكتېرلىك كرىزىس
چىن ئادەملىك مەنىسىنىڭ ئاجىزلىشى، ئادەملىك تەبىئىيىتىنىڭ غەيرىلىشىشى بولۇپ ئىپادىلەندى.
سوقرات:“ئادەم زادى نېمە؟ سەن نېمە قىلماقچى؟“ دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، پەلسەپىدە
”ئادەم“ ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققانىدى. ئۇنىڭ ئادەمنى مەركەز قىلغان ئەركىنلىك،
دېموكراتىيە، دۆلەت ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئۆز دەۋرىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىدىن كۆپ دەرىـ-
ـجىدە ھالقىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ قاراشلىرى ئەينى دەۋردىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ
قويدى. ئۇ، ئۆز كۆزقاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئۆلۈمى بىلەن ئىسپاتلىدى. ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ دوستىغا:
”كرىتو، مەن ئاسكادىسقا بىر خوراز قەرزدار ئىدىم، ئۇنى ئورنۇمدا قايتۇرىۋەت“ دېگەن ۋەسىيەتنى
قالدۇردى. ئۇ ئۆلۈمى ئالدىدا ”ئۆزۈڭنى تونۇ“ دېگەن ئىبارىنى ھەم كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئادالەتنىڭ
نېمىلىكىنى چۈشەندۈرگەنىدى. پلاتون سوقراتقا ئوخشاش مۇنازىرىنى نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ
ۋاستىسى قىلمىدى. ئۇ ئانالىز ھەم مۇھاكىمىنى تاللىدى. ئۇ،سوقراتنىڭ ئەگەشكۈچىسى ئىدى. ئۇ دائىم:
”خۇداغا شۈكرىكى، مەن بىر ياۋايى بوپقالماستىن، گرېتسىيىدە يارىتىلىپتىمەن، قۇل بولماستىن، ئەركىن
ئادەم بوپتىمەن، ئايال بولماستىن ئەر بوپتىمەن، ئەڭ مۇھىمى شۇكى، مەن سوقرات دەۋرىدە يارىلىپـ-
ـتىمەن“ دەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مېتافىزىكا، ئىلاھشۇناسلىق، ئېتىكا، پىسخولوگىيە، مائارىپ، سىياسىي،
سەنئەت توغرىسىدىكى پۈتكۈل قاراشلىرىنى ”غايىۋى دۆلەت“ دېگەن ئەسىرىگە مۇجەسسەملىدى. ”غايىۋى
دۆلەت كېيىن پۈتكۈل غەرب دۇنياسى پەيلاسوپلىرىنىڭ دەرسلىكى بوپقالدى، شۇنداقلا ئۇ غەرب دۇنياسى
پەلسەپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. كېيىنكى غەرب پەيلاسوپلىرىدىن نېتزىي، رۇسسېل، گېگېل،فرو-
ئىد قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالدى. ئېمېرسون پلاتونغا باھا بېرىپ ”پلاتون دېمەكلىك پەلسەپە دېمەكـ-
ـلىك، پەلسەپە دېمەكلىك پلاتون دېمەكلىك“ دېدى. ھەتتا ئۇ ئىسلام خەلىپىسى ئۆمەر بىننىي خەتتابنىڭ
”قۇرئان“ نى مەدھىيلەپ ئېيتقان:“دۇنيادىكى پۈتكۈل كىتابلارنىڭ قىممىتى ‘قۇرئان’ غا مۇجەسسەملەنـ-
ـگەن“ دېگەن سۆزىنى پلاتوننىڭ ”غايىۋى دۆلەت“ دېگەن ئەسىرىگە ئىشلەتتى. پلاتون ”غايىۋى دۆلەت“تە
شەرھىيلىگەن ئېتىكا، سىياسىي، پىسخولوگىيە مەسىلىلىرى كېيىنكى غەرب پەلسەپىسىدە يېتەكچىلىك رول
ئوينىدى.ئۇ ھەتتا ئوتتۇرا ئەسىردىكى كاتولىك دىنىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
ئارستوتېل پەلسەپىنىڭ باشقا مەسىلىلىرىگە قارىغاندا، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا كۆپرەك كۆڭۈل
بۆلدى. ئۇ، ئۇستازى پلاتونغا ئوخشاش ”غايىۋى دۆلەت“ قاراشلىرى ئۈستىدە كۈچەپ توختالمىدى.
ئۇ، ئۆزى ياراتقان لوگىكا پېنى ئاساسىدا پەنلەرنى تۈرگە ئايرىدى ھەم پەننىڭ تارىختىكى يېتەكچىلىك
ئورنىنى بېكىتتى. ئۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ”بىرىنچى ئۇستاز“ دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۆز دەۋرىنىڭ
ئىلىم ئەھلى ھېسابلانغان ھەربىر ئادەم ئارستوتېلنىڭ كۆز قاراشلىرىنى شەرھلەش، ئۇنى ئۆگىنىشنى
ئۆزىگە بۇرچ بىلدى. ئۇنىڭ قاراشلىرى ھەتتا ئىسلام دۇنياسىغا قەدەر تەسىر كۆرسەتتى.تاكى كىشىلەر-
نىڭ دۇنيا ھەم شەيئىيلەر ھەققىدىكى بىلىشى ئىلمىي يەكۈنگە ئېرىشكۈچە بولغان ئۇزاق تارىختا ئارستو-
تېلنىڭ پەن قارىشى غەرب دۇنياسىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇردى. 15- ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ كىـ-
ـشىلەرنىڭ تەبىئەت ھەم شەيئىيلەر ھەققىدىكى ئىلمىي كۈزىتىش،تەجرىبە خۇلاسىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى
ھەم كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئارستوتېلنىڭ پەن قارىشىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
15- ئەسىرگىچە بولغان غەرب تارىخىدا بەلكىم كۆز قارىشى ئۇنىڭدەك ئۇزۇن دەۋر سۈرگەن ئىككىنچى
بىر گىگانت بولمىسا كېرەك. غەرب دۇنياسىنىڭ كېيىنكى پەلسەپە قارىشى پلاتوننىڭ ”غايىۋى دۆلەت“
نى ئۆزىگە مەنبە قىلىپ، پەن قارىشى دەل ئارستوتېلنىڭ پەنلەرنى تۈرگە ئايرىشىنى ئاساس قىلىپ
راۋاجلاندى. 3- ئەسىردىن كېيىن رىم مەدەنىيىتىنىڭ خاراپلىشىشى،غەرب دۇنياسىدا كېيىنكى خىستىئان
دىنىنىڭ يېتەكچىلىكىگە مەنىۋى بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى، شۇنداقلا پەلسەپە بىلەن خرىستىئان دىنى ئەھـ-
ـكاملىرىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، دىننىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەتتا يۇنان
مەدەنىيىتى ھەم پەلسەپىسىنى ئۆزىگە خۇرۇچ قىلغان خرىستىئان دىنى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ ۋاستىسى
ئارقىلىق يىراق جۇڭگو،ھىندىستانغىچە تەسىر كۆرسەتتى. كېيىن خرىستىئان دىنى تەرەققىي قىلىپ دىنى
جەمئىيەتلەر غەرب ھاكىمىيىتىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالدى، دىنىي ئەھكاملارنى شەخسـ-
ـنىڭ ئارزۇسى بويىچە شەرھلەشتى. دىنىي مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەشلەر بولدى. دىن بىلەن
پەن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كۈچەيدى. برونو، كوپىرنىك، گالىلىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئالەم، تەبىئەت
ھەققىدىكى قاراشلىرى دىنىي جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى. ھەتتا برونو دىنىي جەمئىيەت تە-
رىپىدىن تىرىك كۆيدۈرۈلدى. غەرب دۇنياسىدا بىر مەھەل ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا ئولتۇرغان دىنىي جەمئىـ-
ـيەتلەر غەرب پەيلاسوپلىرىدىن سوقرات، پلاتون، ئارستوتېللارنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ كېيىنكى راۋاجىنى
بوغۇپ قويدى. تاكى دىنىي جەمئىيەتلەر ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر غەرب دۇنياسىدا دىنىي قىرغىنچىلىق ۋە
دىنىي ئاداۋەت، ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى تارىخنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بوپقالدى. شۇڭا كېيىنكى غەرب مۇتە-
پەككۇرلىرى بۇ دەۋرنى بىردەك غەربنىڭ ”زۇلمەت دەۋرى“ دەپ ئاتاشتى.
7- ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن ئىسلام دىنى ھەم ئۇ ياراتقان شانلىق مەدە-
نىيەتنىڭ پىداكار ئىجادچىلىرىدىن بولغان يېڭى ئۈممەت دۇنيانىڭ زۇلمەت دەۋرىگە خاتىمە بەردى. پۈتكۈل
دۇنيا ئۈمىدكە تولدى. ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قەدىمقى گرېتسىيىنىڭ پەلسەپە دەۋرىدىكىدەك
مۇنازىرە، تالاش- تارتىش ئىچىدە، كېيىنكى خرىستىئان دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدەك مۇستە-
بىتلىك ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ھەممىگە سەزگۈر، دۇنيا ئىختىلاپلىرىنى تۈگەتكۈچى چاقىرىق سۈپىتىدە،
ئىنسان بىلەن ياراتقۇچى ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۆزىگە پرىنسىپ قىلىپ مەيدانغا
كەلدى. ”ئوقۇ، رەببىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇ“ دېگەن تۇنجى ۋەھىي زېمىن قوينىغا چۈشۈش بىلەن تەڭ
دۇنيا تارىخىدىكى ياراتقۇچى بىلەن يارالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى دىئالوگ ھەم مۇناسىۋەت باشلانـ-
ـغانىدى. شۇنداقلا زېمىن سەتھىدە چىن مەنىدىكى ئىنسان بىلەن يېڭى بىر ھۆكۈمرانلىق تەڭ ئاپىرىدە بولـ-
ـغانىدى. قىسقىغىنا 23 يىل ئىچىدە ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بولسا،بىر ئەسىرگە يەتمىگەن
ۋاقىت ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ يېڭى بىر كۈچ، يېڭى بىر
مەنىۋى ئىنقىلاب سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۇنيا زۇلمىتىنى يىمىرىپ تاشلىدى، شۇنداقلا دۇنيادىكى
خرىستىئان دىنى ۋە باشقا بارلىق ھۆكۈمران ئىدىيىلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىشقا
باشلىدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئىلاھىي پرىنسىپلىرىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلغان يېڭى بىر جامائە بۇ يېتەكچىلىك
بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. ئۇلار ئىنسانىيەت تارىخىدا ئادەملىكنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىسىنى يارىتىپ،
كېيىنكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن يېڭى بىر ھايات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. شۇ دەۋرنى كېيىنكى
زامان دانىشمەنلىرى بىردەك ”ئىنسانىيەتنىڭ مۇپەسسەل ھايات ئەندىزىسىنى ياراتقان دەۋر“دەپ قارىدى.
ھەم شۇ دەۋرنىڭ بەرپاچىسى، ئىسلامىيەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئالىي ئۈنۋانلارنى بېـ-
ـرىشتى. بىراق ئۈمىد ھەم ھەقىقەتنى ئۆزىنىڭ خۇرۇچى قىلغان ۋەھىينىڭ كېيىنكى راۋاجى ئوخشاشلا
خرىستىئان دىنى دۇچ كەلگەن كرىزىسقا دۇچ كەلدى. خرىستىئان ئەقىدىسىنىڭ جاھىل مۇرتلىرى ھەم
غەرب پەلسەپىسى ياراتقان ئەركىنلىك، دېموكراتىيە قاراشلىرىنىڭ تەرغىباتچىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئىزگۈ-
لىكى ھەم ئەپۇچانلىقى بىلەن قارشىلاشتى. ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دەسلەپ مەيدانغا كەلگەندە
لايدىن ياسالغان بۇتلانى چېقىپ كىشىلەرنى مۇشرىكلىكتىن قايتۇرغان بولسا، كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە
لايدىن ئەمەس،بەلكى قەلبلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى تۈرلۈك ئىدىيىلەردىن تۈزۈلگەن جاھىل مۇشرىكلىقـ-
ـقا دۇچ كەلدى. بۇ خىل مۇشرىكلىقنى بۇت چاققاندەك ئاسانلا چېقىپ تۈگەتكىلى بولمايتتى. بۇ بىر مەيـ-
ـدان كۈرەش تارىختىكى ھېچقانداق بىر كۈرەشكە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭدا شەخىسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، دۆ-
لەت، مىللەت مەقسەت قىلىنمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى بىلەن غەيرىي دىن ھەم ئىدىيىلەر ئوتـ-
ـتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش باشلاندى. بۇ، تارىختىكى نۇرغۇن قانلىق پاجىئەلەرگە، خرىستىئان مۇرتلىرىـ-
ـنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىدەك بەدەل تۆلەشلەرگە سەۋەب بولدى. قانلار دەريا- دەريا ئاقتى، ئەمما
كۈرەش توختىمىدى. تاكى بۈگۈنگىچە بۇ كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ.بۇ كۈرەشنىڭ شەكلى، ئۇسۇلى، سە-
ۋىيىسى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرمىدى، يەنى بۇ كۈرەشتە ئادەملەردىن ئۈستۈن تۇ-
رىدىغان بىرخىل ھۆكۈمرانلىقنىڭ زېمىندىكى ئورنىنى تالىشىش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى، بۇلارنىڭ
ھەممىسىدە ئادەملەر ئاساسىي رول ئالدى، ھېچكىم قىلمىشىنى خاتا دېمىدى، ھېچكىم ھېچكىمگە يول
قويمىدى.
دۇنيا شۇ يوسۇندا راۋاجلىنىپ 18- ئەسىرگە كەلگەندە، ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ
ئاجىزلاپ قالغانلىقى ئاشكارىلاندى. 7- ئەسىردىن باشلاپ 18- ئەسىرگىچە گەرچە ئىسلام دىنى ئۆز
مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ئۈممەتلەردە شەكىللەنگەن روھىي
بىخۇتلۇق ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى ھەم ئىجادچانلىقىنى يوقاتقانىدى. تۆت خەلىپە دەۋرىدىن كېيىن باشلانـ-
ـغان ئىسلام دىنىدىكى ”مەزھەبچىلىك“، دىنىي بىرلىك ھەم دىنىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تۇيغۇسىدىن
غالىب كېلىپ، كېيىنكى ئىسلام دۇنياسى تۈگىمەس تەپرىقىچىلىككە پېتىپ كەتتى. ”قۇرئان كەرىم“ دىكى:
”(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيـ-
ـرۇپ يامانلىقتىن توسۇدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر“ دېگەن چاقىرىقنىڭ رو-
ھى ئۇنتۇلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەم تۆت قانۇنلۇق خەلىپىدىن كېيىن ئىسلام ھۆكۈمرانلىرى گەر-
چە دىننى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پروگراممىسىدا مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن
مۇكەممەل دىنىي ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنى يارىتالمىدى ھەم ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى بۇ جەھەتتە غەرب مۇ-
تەپەككۇرلىرىغا ئوخشاش چوڭقۇر ئىزدەنمىدى. ئوسمان خەلىپىلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بولسا پۈتكۈل
ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسىي بىرلىك پارچىلاندى.شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى مەنىۋى بىرلىك چوڭ
كرىزىسقا دۇچ كەلدى. بۇ، ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش بوپقالدى.ئەھلىسە-
لىپنىڭ سەككىز قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ قاتتىق يېڭىلىشى، ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىئان دىنى ئوتـ-
ـتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇرەسسەسىزلىكنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلار ئوتتۇرىسىدىكى
تارىخىي ئۆچمەنلىككە سەۋەب بولغانىدى. خرىستىئان مۇخلىسلىرى ئىسلام دىنى ھەم مۇسۇلمانلار دۇنيا-
سىنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي دۈشمىنى دەپ قاراپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تارىخىي پۈر-
سەت كۈتۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى.18-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيا ھۆكۈمرانلىقىدىكى
ئورنىنى تەۋرىتىۋەتتى.
18- ئەسىردىن كېيىن غەرب ئەللىرىدە مەيدانغا كەلگەن سانائەت گۈللىنىشى ھەرىكىتى غەرب دۇنياسىنى
”ئەدەبىيات- سەنئەت ئويغىنىشى“ دەۋرىدىكىدىن كۆپ دەرىجىدە كۈچلۈكلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ ھەرىكەت مە-
نىۋى جەھەتتىن پۈتۈنلەي ”ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا ئويغىنىشى“ دەۋرىدە ئىتالىيە، گېرمانىيە، فرانـ-
ـسىيىدە مەيدانغا كەلگەن ”مودېرنىزم“چە قاراشلار (غەربتە مەيدانغا كەلگەن ھازىرقى زامان ئىدىيە دولقۇ-
نى، ھازىرقى زامان تۇرمۇش ئۇسۇلى، ھازىرقى زامان سەنئەت ئېقىمى، ھازىرقى زامان تەتقىقات
ئۇسۇلى)نى ئۆزىگە خۇرۇچ قىلغانىدى. بۇ خىل مودېرنىزمچە قاراشلار دەل بۈگۈنكى غەرب دۇنياسىنىڭ
مەدەنىيەت، سەنئەت، ئېتىكا- ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ ئاساسى ئىدى. ئۇنىڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرگەندە،
ئۇلار يەنىلا قەدىمقى يۇناندا مەيدانغا كەلگەن ئەركىنلىك، دېموكراتىيە قاراشلىرىنىڭ راۋاجى ئىدى. غەرب
دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن پەيلاسوپلاردىن سېپنوزا، ۋولتېر، كانت، شوپىنخاۋېر، گېگېل،
نېتزېي، رۇسسېل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ”دېموكراتىيە، ئەركىنلىك،
دۆلەت“ توغرىسىدىكى قاراشلار پەقەت ئۆز دەۋرىدىكى ”غايىۋى دۆلەت“ قاراشلىرىنىڭ شەرھىي ئىدى.
غەرب دېموكراتىزمىدا دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، دىن دۆلەت سىياسىتىدىن
چەتلەشتۈرۈۋېتىلدى، شۇنداقلا دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئىلگىرىكى ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،دىن پەقەت
چېركاۋلارغىلا بەنت قىلىۋېتىلدى. بۇ ھال ئىجتىمائىي مۇھىتتا دىننىڭ رولىنى چەكلەپ قويدى.غەرب پەيـ-
ـلاسوپلىرىنىڭ خرىستىئان دىنىنىڭ قىممەت قارىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان دېموكراتىيە،ئەر-
كىنلىك، مىللەت، مۇستەقىللىق، كىشىلىك ھوقۇق قاراشلىرى كېيىنكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئاساسىي يۆ-
نىلىشى بوپقالدى. مۇشۇ ئىككى ئەسىر ئىچىدە دۇنيادا باش كۆتۈرگەن مىللەت، ھوقۇق، دۆلەت، مۇستە-
قىللىق توغرىسىدىكى قاراشلاردا ھېچكىم ئۇلار ياراتقان ئىدىيە سېستىمىسىنىڭ تەسىرى يوق دېيەلمەيدۇ.
غەرب دۇنياسى دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن ”غەرب مەركەزچىلىك“ تەلىماتىنى با-
زارغا سالدى. بۇ قاراش كېيىن تەنقىد قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىل شۇ خىل قاراشقا بەيئەت
قىلغۇچىلارنىڭ بولغانلىقى ھەممىگە ئايان.بۇ قاراش ھەم بۇ قاراشنىڭ تەرغىباتچىلىرى كېيىنچە ئۆزلىرىمۇ
بىلمىگەن ھالدا دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ قويدى. غەرب پەلسەپىسىدە ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن نەرسە
دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇقۇملار گەرچە كۆپ سانلىق كىشىلەرگە
تونۇش بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەنبەسى ھەم مەناسى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ. غەرب پەيلا-
سوپلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئۇقۇملارنى مەيلى قانداق چۈشىنەيلى ياكى قانداق ئىستېمال قىلايلى،
ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىۋېلىش زۆرۈر.
غەرب ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشى گەرچە كىشىنى مەھلىيا قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆز
ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي ئۇقۇم بىرلا نەرسىنى يەنى شەخسنى ھەم شەخسنىڭ مەنپەئىتىنى مەركەز قىلىشنى
ئاساس قىلغان. شۇڭا غەرب پەلسەپىسىدە شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى ھەم ھوقۇقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان دېموكراتىيە، قانۇن، ھوقۇق توغرىسىدىكى قاراشلار دۇنيانىڭ بىرلىكى، ئىنسانـ-
ـلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلمىغان.ئەكىسچە شەخسنىڭ ھوقۇقى، ئەركىنلىكى چەكسىز
تەكىتلىنىپ، شەخىسنىڭ تەرەققىيات ئىستىكى قانۇنىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەنگەن. شۇڭا، بۈگۈنكى غەربتە
بەچچىۋازلىقنىڭ قانۇنلىشىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. غەرب دۇنياسىدا بەلكىم ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق
مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى ”غايىۋى دۆلەت“ قارىشى كوممۇنىزم تەلىماتى بو-
لۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇ غەربلىكلەرنىڭ مەنپەئەت قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمىگەچكە غەربتە يىلتىز تارتالمىدى،
ئەكسىچە شەرق زېمىنىدا ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمى رېئاللىققا ئايلاندى.
18- ئەسىرگىچە بولغان شەرق دۇنياسى مەستخۇشلۇقىدىن يېشىلمىگەن شىرغا ئوخشاش بىخۇت ھالەتتە
ئىدى. غەربتە چېلىنغان پاۋاۋۇز گۈدۈكىنىڭ ئاۋازى دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلغاندىن كېينلا ئۇلار دىققىتىنى
ئۆزىدىن دۇنياغا ئاغدۇردى. بۇ ۋاقىتتا غەرب ”سانائەت گۈللىنىشى“ ھەرىكىتىنى ئاللىبۇرۇن باشلىۋەتكە-
نىدى. بۇ ھەرىكەت يېقىنقى ئەسىردىكى دۇنيا تەرەققىياتىدا غەربنىڭ پاراۋۇزلۇق ئورنىنى ئاللىبۇرۇن بەلـ-
ـگىلەپ بولغانىدى. غەرب شەرقنى تاشلاپ قويۇپ ئىلگىرىلەپ كېتىۋەردى. غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا
ماددىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت جەھەتتە زور پەرق شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ پەرق بۈگۈنكى كۈنگە
كەلگەندە سىياسىي تۈزۈلمە، دىن، ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقنى ئۆزىگە بەلگە قىلدى،دۇنيا
شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا پارچىلىۋېتىلدى. شەرق غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە
ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرۇدىغان جۇغراپىيىلىك بىرلىك دەپ قارالدى. غەرب بولسا، شەرقلىقلەرنىڭ
نەزىرىدە پلاتون قۇرۇپ چىققان ”غايىۋى دۆلەت“ دەپ قارالدى. دېمىسىمۇ غەرب بىلەن شەرق ئىدېئو-
لوگىيە، سىياسىي، دىن، تەرەققىيات قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ئىككى كاتېگورىيە ئىدى.
ئىرقىي كەمسىتىش، تاجاۋۇزچىلىق، مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيىسى مۇشۇ ئىككى ئەسىردىكى غەربلىكلەرنىڭ
شەرقلىقلەرگە بەرگەن سوۋغىسى بوپقالدى. شەرقلىقلەر بولسا، بۇ ئىككى ئەسىردە غەربلىكلەرنىڭ تىلى،
دىنى، مەدەنىيىتى، پەن- تېخنىكىسى، تۈزۈلمىسى، پەلسەپىسىنىڭ تەقلىدچىلىرىگە ھەم غەرب ئىستېمال
بازىرىنىڭ ئاكتىپ خېرىدارلىرىغا ئايلاندى. دۇنيا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى، دۇنيالا ئەمەس
ئادەملەرمۇ قېلىپتا قۇيغاندەكلا ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ خىل ئۆزگىرىش دۇنياغا يېقىن جايلاردا،
مەركەزلەردە، شەھەرلەردە ئاللىبۇرۇن كونىراپ ئەكسىگە قايتىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، دۇنيادىن جۇغرا-
پىيىلىك ئورۇن جەھەتتە چەتتە قالغان بېكىنمە رايۇنلاردا ئەمدىلەتىن باشلىنىۋاتىدۇ، شۇنداقلا تازا يۇقىرى
دولقۇنغا كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. ئەنئەنىگە قايتىش، ئەنئەنىنى قوغداش چاقىرىقلىرى ئۈنۈم بەرمەيۋاتىدۇ. بەر-
ھەق، زامانىۋىلىقنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىگەن خەلققە نىسبەتەن زامانىۋىلىق ”ئاچنىڭ ھالال- ھارامنى
خىللىمىغىنىغا ئوخشاشلا ئىش“.
18- ئەسىردىن كېيىنكى غەرب پەيلاسوپلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ”مىللى ھوقۇق“، ”كىشىلىك ھوقۇق“،
”دېموكراتىيە“ توغرىسىدىكى قاراشلار ئۇزۇن مەزگىلگىچە غەربلىكلەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان شەرق زېـ-
ـمىنىدىكىلەرگە دەسلەپكى بىر مەزگىلدە تۇتىيا بىلىنگەنىدى. شۇڭا، شەرق ئۆز چىقىش يولىنى پۈتۈنلەي
غەربتىن ئىزدىدى ھەم غەرب سانائىتىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە غەرب پەلسەپىسى، ئىدېئولوگىيىسى، مەدە-
نىيىتىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلدى ھەم تەقلىد قىلدى. بۇ دەل غەربلىكلەرنىڭ شەرقلىقلەردىن كۈتىدىغىنى ھەم
ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئىدى. چۈنكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەرب جاھانگىرلىك- تاجاۋۇز-
چىلىقنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھاقارەتلىك ئورنىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلغانىدى ھەم دۇنياغا يېـ-
ـتەكچىلىك قىلىش پۈرسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا قانداق يېتەكچىلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئالدىن
مۆلچەرلىگەنىدى. شۇڭا غەربلىكلەر شەرق زېمىنىدا سودا، پەن- تېخنىكا، تەرەققىيات بازارلىرىنى ئېچىپلا
قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت، ئىدېئولوگىيە دەستۇرلىرىنى بازارغا سالدى. بۇ غەرب ئۈچۈن 19- ئەسىردىن
كېيىن پىلانلانغان دۇنياغا خوجىلىق قىلىش غەرىزىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ئاساسى ئىدى. بۇ خىل غەرەزنى
20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى تولۇق تاماملاپ بولدى. بۇ غەرەزگە
يېتىشتە غەرب دۇنياسى زورلۇق، زوراۋانلىق ۋاستىسىنى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىشلەتمىدى. ئۇلار پە-
قەت ئۆزلىرىنىڭ پەن- تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شۇنى يەمچۈك قىلىش، تاۋار مەدە-
نىيىتى دەۋرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق دۇنيادىكى كۆپ سانلىق ئادەملەرنى تەقلىدچىلەرگە،چوقۇنـ-
ـغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق تەدرىجى ھالدا بۇ غەرىزىگە يەتتى. بۇ جەھەتتە غەرب ئاخبارات
ۋاستىلىرىنىڭ ئوينىغان رولى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولدى. بۈگۈنكى دۇنياغا قارايدىغان بولساق، ئەڭ بازار-
لىق ماللار، ئەڭ بازارلىق پىكىر ئېقىملىرىنىڭ غەربتىنلا كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ
شەرمەندىلىك، تەپرىقىچىلىك، بۇزۇقچىلىقلارنىڭمۇ غەربتىن كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئېقىمنىڭ بەس- بەس بىلەن
كېڭىيىپ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز مەدەنىيەت، مىللەت تىپىدىكى ئادەملەرنى يالماۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپـ-
ـتىمىز. بۇ دەل بۈگۈنكى غەربنىڭ يېڭى، شەكلى ئۆزگەرگەن تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ مەھسۇلى. بۇ خىل تاجا-
ۋۇزچىلىقنى غەرب دۇنياسى ئۆز ئېتىقادچىلىرىنىڭ قولى، تىلى، ھەرىكىتى ئارقىلىق ئورۇنداق كېلىۋاتىدۇ.
بۇخىل تاجاۋۇزچىلىق قوشۇنى ھازىر دۇنيادىكى ھەممە ئەل، ھەممە مىللەتتىن تېپىلىدۇ.ئۇلار ئۆز قىلمىشـ-
ـلىرىنى تەرەققىيات، زامانىۋى مەدەنىيەت دەپ چۈشىنىدۇ،شۇنداقلا ئۇنى بار كۈچى بىلەن تەرغىپ قىلىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار غەربكە ئىمان ئېيتقان، ئۇلار غەربنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىـ-
ـدۇر.
سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدىن كېيىن دۇنيا نۇر دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى، سىفىر دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.
ھەرقايسى دەۋر پەقەت تەرەققىياتتىكى سۈرئەت تېزلىكى بىلەن خاراكتېرلەندى. بۇ تەرەققىياتلاردا ئادەملەر
يەنىلا ئاساسلىق رول ئالدى، شۇنداقلا تارىختىكىگە ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى
مەقسەت قىلىندى. ئەمما پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشى كىشىلەردىكى تەرەققىياتنىڭ مەقسىدىنى
ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنسانلارنىڭ ئىجا-
دىيىتى، ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى قىلىنغان بولسا،بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە ئەۋزەللىك،
مەنپەئەت تالىشىش ئىنسانلار ئىجادىيىتى ھەم ئەمگىكىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى بوپقالدى. بۇ خىل مەقسەت
غەربنىڭ تەرەققىيات ئىستىكى بىلەن ئۇنىڭغا ماسلىشىشتىن كېلىپ چىققان بېقىندىلىقنى ئۆزىگە ھەرىكەتلەنـ-
ـدۈرگۈچ كۈچ قىلدى. ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات مەقسىدى ئۆزگەرگەندىن باشلاپ، ئادەملەر ئادەملىككە خاس
ئىزگۈلۈكتىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. شەيتاننىڭ تەنتەنە قىلىدىغان دەۋرى يېتىپ كەلدى. ئادەملەر گەرچە
دۇنيانىڭ ئۆتمۈشىدىكىگە ئوخشاش قۇللۇق، تاجاۋۇزچىلىق، ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمىگەن
بولسىمۇ، لېكىن توسۇۋالغۇسىز گۇمراھلىق پۈتكۈل دۇنياغا يامراپ كەتتى. بۇ خىل گۇمراھلىق پەن- تېخـ-
ـنىكا، ئىختىساد، مەدەنىيەت، زامانىۋىلىق دېگەنگە ئوخشاش ئۇقۇملارنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلغاچقا،كىشىلەر
ئۇنى ئاسان پەرقلەندۈرەلمەيتتى. بۇ خىل گۇمراھلىقتا غەرب دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلدى. غەربتە پەنـ-
ـتېخنىكا گۈللەنگەندىن كېيىن، رىقابەت ھەر بىر ئادەمنى ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق
كۆرسىتىشكە قىستىدى. بۇ خىل رىقابەت زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ ئىختىراسى سۈپىتىدىكى كارخانا، گورۇھ،
شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.رىقابەت جەريانىدا ئادەملەر ئۆزلىرى ئىختىرا قىلغان تۈزۈم،
تۈزۈلمە ھەم زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئىنسانلار ئۆز ئىختىرالىرىنىڭ قۇربانى سۈ-
پىتىدە ئۆزلىرى كەشىپ قىلغان ئىجتىمائىي تورنىڭ ئىچىدە تىپىرلاپ ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.سا-
نائەت، سودا، سىياسىي كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى، ئۇلار مەنسۇپ بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي ئورۇن،
ئىمتىيازىنى ئالدىن بەلگىلەپ، كىشىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن، يەنى بىرەر دۆلەت، بىرەر مىللەت، بىرەر گورۇھـ-
ـنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى.
مائارىپنىڭ مەقسىدى ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم تەربىيلەش ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ئېھتىياجنىڭ تەلىپىنى
قاندۇرۇش بوپقالغاچقا، نەچچە ئون يىل مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئادەملەر جەمئىيەت ئىجتىمائىي ئىسلا-
ھاتىنىڭ قوشۇنى ئەمەس، بەلكى يۈكىگە ئايلىنىپ قالدى. ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆز يۇمالايدىغانلار،
ھەقىقەتكە تىغ كۆتۈرەلەيدىغانلار، دۇنيانىڭ ئىجتىمائىيلىقىنى بۇلغايدىغانلار بۈگۈنكى مائارىپ تەربىيىسىنىڭ
مەھسۇلى سۈپىتىدە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇپتۇ. بۈگۈنكى دۇنيا مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيىتى دەل ئادەملەرگە
ئادەملىك قىمىتىنى، نېمىنى مەقسەت قىلىپ ياشاشنى ئۆگىتەلمىگەنلىكىدە ھەم ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ مېتودىنى
ئىختىرا قىلالمىغانلىقىدا. مائارىپ تەربىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكى گەرچە ئادەمنى مەركەز قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ،
لېكىن مائارىپ قۇرۇلمىسى، مائارىپ مەزمۇنى، مائارىپنىڭ مەقسىدى يەنىلا ھۆكۈمرانلارنىڭ، ھەرخىل سىـ-
ـنىپلارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلدى. ئادەملەردىكى ئىندىۋىدۇئال خاراكتېر مائارىپقا ھۆ-
كۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلدى، شۇنداقلا ئادەملەردىكى تاللاش ھوقۇقى مائارىپ
ۋاستىسى ئارقىلىق تارتىۋېلىندى. نەتىجىدە نەچچە ئون يىللىق مائارىپ تەربىيىسىنىڭ قېلىپىدىن چىققان
ئوخشاش خاراكتېر، ئوخشاش تەقدىرگە ئىگە ئادەملەر توپى جەمئىيەتتە زور كۆپ سانلىقلارنى تەشكىل
قىلىپ، جەمئىيەت ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ ئوقىنى شەكىللەندۈردى. ئۇلار دۇنيانى، ئادەملەرنى ئۆزلىرى
ئۆگەنگەنگەن، باشقىلاردىن ئۈلگە ئالغان ئۇسۇل بويىچە كۈزىتىپ، ئادەمنى ئەمەس زاماننى ئۆلچەم قىلىپ
ياشاپ كەلدى. شۇڭا، ھازىر بىراۋنىڭ بولمىغۇر قىلمىشى ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ. ئەيىبلىگىڭىز-
دە بولسا، قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بېرىدىغان جاۋابى: ”بۇ دېگەن قانداق دەۋر؟“ كىشىلەر شۇ دەرىجىدە
بىخۇد، گۇمراھ ھالەتكە كەپقالغانكى، ئۇلار ئۆز بۇزۇقچىلىقلىرىنى زامانغا دۆڭگەپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن.
ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە زاماننى ئۆزگەرتىش ئەمەس، زامانغا ماسلىشىش ئېڭى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ
كەلگەچكە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كائىناتتىكى مۇقەددەس ئورنىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، زامان بۇزۇقچىلىقلىرىنى
ئۆزىگە كەسىپ قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ پەس ئارزۇ- ھەۋىسى، نەپسى- خاھىشىغا قۇل بوپكەتكەن. بۈگۈنكى
بۇ خىل قۇللۇق تارىختىكى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى قۇللۇقتىن ئېغىر ھەم مۇستەبىت.
ئۇنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ھەرقانداق زۇلۇمدىن قۇتۇلماققا قارىغاندا تەس. ئۇنىڭغا ئوت ئېچىش ھەر-
قانداق زۇلۇمغا قارشى ئوت ئېچىشتىن تېخىمۇ تەس. بۇ ھەقتە ئىسلام كىتابلىرىدا مۇنداق بايانلار بار:
ساھابىلەر بىر قېتىملىق جىھادتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سوراپتۇ: ”يا،
رەسۇلىللا، بىز جىھاد قىلىپ بولدۇق، ئەمدى نېمە ئىش قىلىمىز؟“مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب
بېرىپتۇ: ”سىلەر كىچىك جىھادنى ئاخىرلاشتۇردۇڭلار، ئەمدى چوڭ جىھاد قىلىسىلەر، يەنى نەپسى- خا-
ھىشىڭلار بىلەن جىھاد قىلىسىلەر“. نەپسى- خاھىشى ئىنساننىڭ بىخۇد پۇرسىتىدە قەلبىگە ھۆكۈمرانلىق
قىلىدىغان شەيتان. ئۇ ئىنساننى بۈگۈنكى دەۋردىكىگە ئوخشاش شەرم- ھايا، ئار- نومۇستىن ئايرىۋېتە-
لەيدۇ. ئىنسان شان- شەرىپىنى بۇلغىيالايدۇ. ئىنساننى ھېچنېمىدىن ھەتتا ياراتقۇچىدىنمۇ ئەيمەنمەيدىغان
ئاسىي ھالەتكە كىرگۈزەلەيدۇ.
ئادەم بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئادەمنىڭ شان- شەرەپ جەھەتتىن شەيتاندىن ئۈستۈن تۇرغانـ-
ـلىقىدا ئىدى. ئادەملەر شەيتانغا ئەگەشكەندىن كېيىنلا شەيتاندىن پەرقلەنمەيدىغان ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى.
ئادەم سۈرەتلىك شەيتانلارنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى زالالەتنىڭ باشلانغانلىقىنى بىشارەتلەيدۇ. مۇشۇ يېرىم ئەسىر
ئىچىدىلا ئىنسانلارنىڭ سەنئەت، مەدەنىيەت نىقابى ئاستىدا ياراتقان نەرسىلىرىنىڭ ھاياسىزلىقى ھەم ئۇ
شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي كەيپىيات كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ھېسىيات، ئىپپەت، كىشىلىك قىممەت تاۋارلىشىپ
كەتكەندىن كېيىن ئىنسانلار ھوزۇرلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن چىن ھوزۇر ئىزدىمەيدىغان بولۇۋالدى.
ئىجتىمائىيەتتىكى بىشەملىك، شاللاقلىق ئادەملەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق ھەم شەر-
مەندىلىكلەرنى تەنقىدلەش كىشىنى ئىككىلەندۈرىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. بىراۋ مۇبادا ئۆزىنى زامان
بۇزۇقچىلىقلىرىدىن چەتكە ئالسا جەمئىيەتتە يالغۇز قالىدىغان، قالاق دەپ قارىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات
ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى. ئادەملەر ئۆزگىرىپ ياۋايىلىشىپ كەتتى. بۇ ياۋايىلىق ئىنسانلار ئىلگىرى باشـ-
ـتىن كەچۈرگەن ياۋايىلىقنىڭ مەزمۇنىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بۇرۇن ئىنسانلار كىيىم كىيىشنى بىلمىگەچكە
يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ ياشىغان بولسا، بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ يالىڭاچ يۈرۈشىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇ-
رۇنغان مۇددىئا ھەم غەرەزنىڭ پەسكەشلىكى كىشىگە ئىنسانلار ئۆزىگە لۇت قەۋمىنىڭ تەقدىرىنى چىللاۋاتـ-
ـقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشى – ئەسلىدە تەبىئىي گۈزەللىكىدىكى نوقسانلارنى يوشۇرۇش
ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۈگۈنكى ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشى ئۇ دائىرىدىن پۈتۈنلەي
ھالقىپ كەتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەقسەت، خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كەتتى. جەمئىيەتتىكى پەردازخانىلارنىڭ
كۆپلۈكى، باس- باسلىقى، قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇدىغان غىلجىڭ ئاياللارنىڭ ھاياسىز يۈرۈش- تۇرۇ-
شى، ياسىنىشى كىشىگە غەرب فىلىلىملىرىدىكى كېچىلىك كۇلۇب كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىتىدۇ. غەربتە مەيدانغا
كەلگەن ئىجتىمائىي رىقابەتتە، ئاياللار ئازادلىق ھەرىكىتى غەرب ئاياللىرىنى ئۆزلىرىدىكى تەبىئىي ئەۋزەللىكـ-
ـتىن تولۇق پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇلار ئەرلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي رىقابەتتە ئۆز ئەۋ-
زەللىكى، ئۆز قىممىتىنى دوغا تىكتى.غەربلىكلەرنىڭ ئائىلە قارىشى، پەرزەنت قارىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ
مەدەنىيەت ئاساسى بۇ ھەرىكەتنى چەكلىمىدى. شۇنداقلا تۇغۇتتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرى ھەم دورىلىرىنىڭ
ئىجاد قىلىنىشى ئاياللارنى تەشۋىشتىن خالاسكارلىققا ئېرىشتۈردى. نەتىجىدە غەرب دۇنياسىدىكى ئاياللار
ئەرلەرنىڭ جىنسىي بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالدى. ”جىنسىيەت تەربىيىسى“ ئىلمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەرلەر
بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھسىز قىلمىشقا داغدام يول ئېچىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن نىكاھ، ئائىلە
كىشىلەر نەزىرىدىكى ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ جىنـ-
ـسىيەت تەربىيىسىنى يولغا قويغان دۆلەت ئاۋىسترالىيە بولۇپ، بۇ دۆلەتتە تۇنجى بولۇپ جىنسىيەت تەر-
بىيىسىنى يولغا قويغان يىلى بىر قانچە مىليون ئاتىسىز بوۋاق تۇغۇلغانىكەن. تەكشۈرۈشلەردىن ئىسپاتلىنىـ-
ـشىچە، يەنە ھازىرقى ئامېرىكا پۇقرالىرى ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى %80 قىز ئوقۇغۇچى تۇغۇتـ-
ـتىن ساقلىنىش بۇيۇمىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىدىكەن. %20 تىن كۆپرەك قىز ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا مەكتەپ
يېشىدا ھامىلدار بولۇپ، بالا ئالدۇرۇۋېتىدىكەن. مانا بۇ، بىز ئۆگىنىۋاتقان ھەم ئىنتىلىۋاتقان غەرب دۇنيا-
سى. ئەمدى ئۆزىمىزگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇدىغان بولساق، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىزنى مەكتەپ ئەمەس،
ئىشقىۋازلار ماكانى دېگەن تۈزۈك. ئۆزۈم چېلىقتۇرغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە قىز-
ئوغۇللارنىڭ قولتۇقلىشىپ مېڭىشى، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاياسىز پاراڭ ھەم ھەرىكەتلەردە بولۇشى كىشىـ-
ـلەر كۈندە ئۇچرىتىپ تۇرۇدىغان ئادەتتىكى ئەھۋال. بۇ گەرچە ئېغىر مەسىلە بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشنىڭ
باشلىنىشى. ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قىز- ئوغۇللۇق مۇناسىۋەت، ئۇنىڭ
راۋاجىدىن قارىغاندا چەكتىن ئېشىپ كېتىشكە يۈزلەنگەن. بۇ يەردە ئۇ ھەقتە توختىلىپ ئولتۇرمايمەن.ئەمما
شۇ نەرسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتسەم ئارتۇق كەتمەس، دەپ قارايمەن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق
سەھىيە نازارىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھازىرقى تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا:
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى يىلسېرى كېڭىيىپ، گىرىپتار بولغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىـ-
ـيىۋاتقانلىقى، شىنجاڭنىڭ يۈننەندىن قالسىلا مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان خەتەرلىك رايون
بولۇپ قالغانلىقى، ئۈرۈمچى، ئىلى رايۇنىدا ئەھۋالنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
ھەم كېسەللىك تارقىلىشنىڭ ئاساسلىقى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى يەكۈنلەنگەن.
ھازىرغىچە ئىنسانلار ئۆز خاتالىقلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ كەلدى، ئەمما ئىنسانلار خاتالىق سادىر قىلىـ-
ـۋېرىشتىن ساقلىنالمىدى. ئىنسانلارنىڭ خاتالىقى، بولۇپمۇ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەجەللىك خاتالىقى، ئۇلارنىڭ
تەكەببۇرلۇقى ھەم يۈگەنسىز ئەركىنلىك تەشەببۇسىنى مەنبە قىلغان. ئۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئىنسانلار ھا-
زىرغىچە مەنبەسى ياكى داۋاسىنى تاپالمىغان ئەيدىز كېسەللىكىنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. بۇ، مۇشۇ
ئەسىردىكى غەربنى مەركەز قىلغان جىنسىيەت ئەركىنلىكى تەشەببۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ئاپەت.
دۇنيا بانكىسى ئوتتۇرىغا قويغان ”ئەيدىز كېسىلىگە توغرا قاراش“ دېگەن ھوقۇقلۇق دوكلاتتا: ”تەخمىنەن
دۇنيادىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئەيدىز كېسىلى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن تارقىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتتىن
ئىككى قىسمى يات جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق، تۆتتىن بىرى ئوخشاش
جىنىسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ“ دېيىلگەن. دۇنيا ئىقتىسادى گۈللەنگەندىن كېيىن
ھەرقايسى ئەللەر ئۆز تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئىقتىسادنى گۈللەندۈردى. بۇ، يېڭى كەسىپلەرنىڭ
مەيدانغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ”ساياھەتچىلىك كەسپى“ يېقىنقى يىللاردا زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يا-
راتقان كەسپلەرنىڭ بىرى بوپقالدى، ئەمما بازار رىقابىتى بۇ خىل كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا
ئەكسىچە رول ئوينىدى.بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ناتوغرا ئۇسۇللار ئارقىلىق ساياھەتچىلەر-
نى جەلپ قىلدى. ساياھەتچىلەرنى ”جىنسىي مۇلازىمەت“ بىلەن تەمىنلەش ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئومۇمـ-
ـلاشتى. بولۇپمۇ تايلاند، ھىندىستان، سىنگاپور قاتارلىق ئەللەردە بۇ خىل مۇلازىمەت شەكلى كەڭ ئەۋج
ئالغان بولۇپ، ئۇ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇل بوپقالغان. ماتېرىياللارغا ئاساسـ-
ـلانغاندا تايلاندتا مۇبادا بىر ئائىلىدە قىز تۇغۇلسا، پۈتۈن ئائىلە ئۆزلىرىنى باقىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەنىڭ
پەيدا بولىدىغانلىقىدىن خۇشھاللىنىدىكەن. ھەتتا تايلاند ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى قوللاپ
ئەرلەرنىڭ جىنىس ئۆزگەرتىشىنى قانۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ جازاسى سۈپىتىدە تايلاند ئاسىيادىكى ئەيدىز
كېسەللىكىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ خىلدىكى ئاپەت خاراكتېرلىك سانلىق مەلۇماتلار-
دىن يەنە تالايلاپ كەلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن. ئەمما مۇلاھىزىمىز ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەمەس، بۇ پەقەت
ئادەملىك سۈپىتىنى يوقاتقانلار ئۈستىدىكى كىچىككىنە دەلىلىمىز، خالاس. بۇ ئەسىردىكى ئادەملەر بۇ جە-
ھەتتە ئادەملىك سۈپىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدى.ئىنسانلاردىكى جىنسىيەت توغرىسىدىكى پەن،تەتقىقات،
بۇزۇقچىلىق، شەرمەندىلىك، سودا قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەنلىكى ھەم ئۇنىڭ دۇنياۋى يۈز-
لىنىش بوپقالغانلىقىنى ئويلىسام تېنىم شۈركىنىدۇ. ئىنسانلار ئۆز قىلمىشى ئارقىلىق ئىككىنچى قېتىملىق تو-
پان بالاسىنى چىللاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپقالىمەن. ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىمىز زامان بۇزۇقچىلىقلىرىدىن زاھىد-
لىق ئارقىلىق ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقانىكەن، بەلكىم ھازىرقى بۇزۇقچىلىقلاردىن زاھىدلىق ئارقىلىقمۇ ساقلانـ-
ـغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
ئىنسانلار ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى مەسئۇل، ئۇ مەيلى ئادەم سىياقتا ياشىسۇن ياكى ئىبلىس شەيتان سۈپىتىدە
ياشىسۇن، ئۇنى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى ئادەملەرگە ياخشى سۆز تەسىر قىلمايدۇ،
ئۇلارنىڭ قەلبىنى ھەقىقەت ئېرىتەلمەيدۇ. خۇددى ”قۇرئان كەرىم“ دە دېيىلگەندەك: ”ئۇلارنىڭ كۆزى ھەقـ-
ـنى كۆرۈشتىن كوردۇر، قۇلىقى ھەقنى ئاڭلاشتىن گاستۇر“. مۇشۇلارنى يېزىۋېتىپ دېگەنلىرىمنىڭ ئوقۇر-
مەنلەرگە ياقىدىغان- ياقمايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ قالدىم. بەلكىم مەنمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە
”زاماننى چۈشەنمەيدىغان“ قالاقلاردىن بولغاندىمەن. ئەمما بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانمايمەن، بەلكى بۇ قالاقلىقنى
بىر ئۆمۈر ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىشقا رازىمەن. ئادەملەر تارىختىن بۇيان ھەقىقەت بىلەن قارشىلىشىپ يا-
شاپ كەلدى، ئەمما ھەقىقەتنىڭ نۇرىنى ئىنسانلارنىڭ قارشىلىقى ئۆچۈرىۋېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىقلار
شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئادەملىك قىممىتىنى قوغدايدۇ ھەم جۇلالاندۇرىدۇ. شۇڭا، بىرەر ئۇقۇم، نەزەرىيە
توغرا بولىدىكەن، ھامان ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭغا قارشى چىققانلىق ھەرگىزمۇ شۇ توغرا
نەزەرىيە، ئۇقۇملارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
ئادەم ئىندىۋىدۇئال مەخلۇق، ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى دۇنيانىڭ زىننىتى. بىراۋنىڭ باشقىلارنى دوراش مەجـ-
ـبۇرىيىتى يوق، ئەمما جەمئىيەتتە ئېقىم شەكىللەنگەندە، كىشىلەردە ئېقىمغا ئەگىشىش مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى
شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ دەل كىشىلىك خاراكتېرنى ئۆلتۈرىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك زەھەردۇر. كىشى
ئۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەملەر ئۆزىنىڭ دېگەنلىرى، قىلغانلىرىدا باشقىلارنىڭ باھاسىنى ئۆزىگە
ئۆلچەم قىلىپ ياشايدۇ. تاۋار مەدەنىيىتى بىلەن تەڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەن ئېلان تەشۋىقاتى بۈ-
گۈنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئېلان تەشۋىـ-
ـقاتى ئەكەلگەن پىسخىك تەشۋىش ھەم مودا قوغلىشىش ئېڭى كىشىلەردە ئۆز- ئۆزىدىن خۇدۇكسېرەيدىغان،
ئۆزئارا بەس تالىشىدىغان، ئۆزۈمچىل، مەنمەنچى، بەتخەج خاراكتېرنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئېلان
تەشۋىقاتىدىكى ھاياسىزلىقلار بولسا، جەمئىيەتتىكى ئاتا- بالا، ئەر- ئاياللار ئوتتۇرسىىدىكى پەردىشەپنى
پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، كىشىلەرنى ھاياسىزلىققا كۆتۈشكە، ئۇنى ئىلمىيلىك قاتارىدا قوبۇل قىلىشقا
ئادەتلەندۈردى. بۇ بىر خىل روھىي ئاڭقاۋلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، 1960- يىللاردىن كېيىن ئىنسانلار ئۆگىـ-
ـنىشكە تېگىشلىك پەن تۈرى نەچچە يۈز خىلدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي يۈكىنى تېخىمۇ
ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. دېئېل كارنىگنى يېتەكچى قىلغان مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق ئىلمى مۇشۇ ئەسىردىكى يېڭىـ-
ـدىن پەيدا بولغان پەن تۈرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ياراتقان ئىجتىمائىي ئۈنۈم باشقا نەزەرىيىۋى پەنلەرگە قارىـ-
ـغاندا تېز ھەم كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، ئۇ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيدى. ئۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىـ-
ـۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئېپى ئىدى.كىشىلەرنىڭ بۇ پەنگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى نەتىجىسىدە
ئادەملەر خاراكتېرىنىڭ خاسلىقى، ئىزچىللىقى يوقالدى. ئىش ئاقتۇرۇش ئۈچۈن ساختىلىقنى ئۆزىگە ھۈنەر
قىلىشقا ھەممە ئادەم ئادەتلەندى. كىشىلەر چىن نىيەتتە كۈلۈمسېرىمەيدىغان بولۇۋالدى. جەمئىيەتتە ئىجتىما-
ئىي مۇناسىۋەت تورى بولۇش، ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاش ۋە قوغداشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى. بۇ
جەرياندا ئاياللارنىڭ كالتە يوپكىسى بىلەن كۈلكىسى زور ئۈنۈم ياراتتى.ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت
چىنلىقنى ئۆلچەم قىلمايدىغان بولۇۋالدى. ھەق- ناھەق مەسىلىسى كىشىلەر ئىلگىرىكىدەك كۆڭۈل بۆلىدىغان
ئەركەكلەرنىڭ ئىمتىيازى بولۇشتىن قېپقالدى. ھەق- ناھەققە ھېچكىم پەرۋا قىلمايدىغان، ”سەن ياخشى،
مەنمۇ ياخشى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى“ دەيدىغان غەيرى قاراش ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ
قالدى. بۇ، مۇشۇ دەۋر ئادەملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، بۇ بىر دۇنيا خاراكتېرلىك ئىجتىـ-
ـمائىي كېسەل، بۇنىڭ جىنايەتكارىمۇ ئادەملەر، قۇربانىمۇ ئادەملەردۇر.
ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل يۈكسەكلىكى ھەم ھېسىيات سەزگۈرلۈكى بىلەن ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئورگا-
نىك قۇرۇلما ھەم ھېسىياتى جەھەتتىن ئادەملەر ماركس ئېيتقاندەك، يەنىلا ھايۋان. ئادەملەردە بار بولغان
بىئولوگىيىلىك تەلەپلەر ھەم ھېسسىي سېزىمچانلىق ئوخشاشلا ھايۋانلاردىمۇ بار. ئادەملەردىكى بىر- بىرىنى
ياخشى كۆرۈش، ۋاپادارلىق ئىت- ئېشەكلەردىمۇ تېپىلىدۇ. ئەمما ئادەم مەنىۋى تەلەپ جەھەتتىن ھايۋاندىن
پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. ھايۋانلار ئادەملەر ئېھتىياجلىق بولغان مەنىۋى مۇھتاجلىققا مەڭگۈ مۇھتاج بولمايدۇ،
ئۇلار مۇھتاج بولغاندىمۇ ئۇنى ئادەملەردەك قاندۇرالىشى ناتايىن. ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى
ئەقىل يۈكسەكلىكىگە تايىنىپ قاندۇرىدۇ. ئىنساننى ئىنسانلىق شان- شەرىپىگە، ئەرشتىكى پەرىشتىلەرنىڭ
سەجدىگاھىغا ئېرىشتۈرگىنى ئىنسانلاردا ياخشى بىلەن ياماننى، توغرا بىلەن خاتانى، ھەق بىلەن باتىلنى
پەرق ئېتەلىگۈدەك ئەقلىي ئىقتىدار ھەم ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان،رەت قىلىدىغان ھېس- تۇيغۇنىڭ بولغانلىقى
ئۈچۈندۇر. شۇڭا ئادەم تەبىئەتتىكى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىراق ئادەملەردىكى ئەقىل توغرا يولغا
ئىشلىتىلمىگەندە، ئۇ ھايۋاندىنمۇ بەتتەر مەخلۇقتۇر. قەلبى نىجاسەت بىلەن تولغاندا بولسا، ئۇ شەيتانغىمۇ
دەرس بېرەلەيدىغان پىرقىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيادىكى قىرغىنچىلىق، زوراۋانلىق، تەپرىقىچىلىك، دىنسىزلىق،
بىدئەتلىك، ھەرخىل بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ ئىختىراسى سۈپىتىدە تۇ-
رۇپتۇ.بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىدىكى بىئولوگىيىلىك ئېھتىياجنى يۆنىلىش قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ
ئۆزىلا ئىنسانلىق شان- شەرىپى ئۈچۈن يېتەرلىك ھاقارەت.ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئۆز-
لىرى ئىختىرا قىلغان مەدەنىيەت، سەنئەت بايرىقى ئاستىدىكى بۇزۇقچىلىقلاردىن ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ. ھوللىـ-
ـۋود فىلىملىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر، ئارتىسلار ياراتقان ساختا تۇرمۇشنى چولپانلارغا چوقۇنغۇچىلار رېئاللىققا
ئايلاندۇردى. سەنئەتكارلارغا بولغان قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغاندىن كېيىن ئامېرىكا، شياڭگاڭ،
ھىندىستان سەنئەتكارلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، يۈرۈش- تۇرۇشى، كىيىنىشى، ئۇلار ياراتقان ئوبرازلار
بىر تۈركۈم زامان تەلۋىلىرىنى يېتىشتۈردى. ئۇلار شۇنداق ياشاشقا، شۇلاردەك قىلىشقا ئىنتىلدى. ئۇلار
ئۆزلىرى چوقۇنىۋاتقان چولپانلارنى خۇدادىن ئارتۇق بىلدى. بۇ جەھەتتە ئاياللارنىڭ تەلۋىلىكى كىشىنى
سەسكىندۈرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر قىسىم ئەر ناخشا چولپانلىرى، كىنو چولپانلىرى توي قىلسا
نەچچە مىڭ ئايال زاتى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا تەييارمىش. بۇ سۆزلەرگە جېكسون قاتارلىق غىلجىڭ ناخـ-
ـشىچىلارنىڭ پلاستىنكىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى شەرمەندە كۆرۈنۈشلەردىن بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا ئىشەندىم.
بۇ ئاسىيلىق دەل ئادەمنىڭ چىن مەنىسىگە قىلىنغان ئاسىيلىق بولۇپ، ئۇلار ئادىمىيلىكتىن تولىمۇ يىراقلاپ
كەتكەچكە، ئۇنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇلار شۇ شېرىن چۈشى ئىچىدە دوزاخقا راۋان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار
دوزاخنى تاللىۋالدى.
ئادەملەر بار، دۇنيا گەرچە شۇ دەرىجىدە تونۇغۇسىز، ئادەملەر ئادەملىكىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن بولـ-
ـسىمۇ، يەنىلا ھەقىقىي ئادەملەر بار. ئۇلار پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندا، ئانا زېمىنىمزدا تېخىمۇ شۇنداق.
ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى پەقەت ئۆز ئەتراپىدىكى گۇمراھلار بىلەن تىنىمسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىقلا ساقـ-
ـلىنىپ قالماقتا. ئۇلار ئاسىيلىققا ئوت ئاچالىغىنى ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى نامايەن قىلماقتا. ئۇلارنىڭ
چاقىرىقى، ئاگاھلاندۇرۇشى دۇنيا غەۋغالىرى ئىچىدە تولىمۇ زەئىپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يوقالمايدۇ. مەن
مۇشۇ يېشىمغىچە تالاي چاقىرىقلاغا دۇچ كەلدىم. بۇ چاقىرىقلار ئىچىدە مەن ئەڭ ئالقىشلايدىغان ئىمان،
ئېتىقاد، ئەخلاق ھەققىدىكى چاقىرىقلا قەلبىمدە دەسلەپ ئۇچقۇن چاققان بولسا، شۇ تاپتا كۈنسېرى ئۇلـ-
ـغىيىۋاتىدۇ. شۇنىڭدىن چۈشەندىمكى ھەم شۇنىڭغا ئىشەندىمكى، بۇ چاقىرىقلار ھامان بىر كۈنى يالقۇنغا
ئايلىنالايدۇ، شۇنداقلا ئادەم ئەمەسلەرنى كۈل قىلىۋېتەلەيدۇ.

2001- يىل 23- ئۆكتەبىر، شەھىرى ئۈرۈمچى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.