ئەقىل بىلەن ھېسىيات زىتلىشىدىغان مەنزىللەردىن ھالاۋەت ئىستىمە. ئۆزۈڭنى ئالداش بەدىلىگە بەخىتكە ئېرىشەلمەيسەن. ئاسىيلىقنىڭ راھىتى تولىمۇ قىسقا، ئازابى مەڭگۈلۈك. ئەي، گۇمراھلىقىغا پەتىۋا ئىزلەۋاتقان يېقىنىم، ئەقلىڭنى گۇناھىڭنى ئارتتۇرۇشقا مالال قىلما. بەس، ئېتىراپ قىل، سەن ئازدىڭ. گۇناھلىرىڭ ئالدىدا ئۆزرىسىزسەن. ئەمدى تەۋبىدىن ئۆزگىسى ئارتۇقچە. ئېزىشلار مەۋجىدە تۇنجۇققان قەلبىڭنى ئىستىغپارلىرىڭ بىلەن نەپەسلەندۈرۈپ كۆر. ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭغا قايتا جان ئاتا قىلىدۇ. يېلىن، يېقىنىم، رەببىڭگە يېلىن. ئىنساندا بىرلا قەلب بار، ئۇنىڭغا بىرلا رەب ئورۇنلاشسا ئىنسان پەرىشتىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. شەيتان ئورۇنلاشسا ئىنسان ھايۋاندىن بەتتەر ئورۇنغا چۈشىدۇ. بىر قەلبكە بىرلا ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ھەم شەيتاننىڭ مۇھەببىتى سىغمايدۇ. ھەقتىن يىراقلاشقانكەنسەن، باتىلغا دوستسەن. بۇ تۇرقتا سەزگۈلىرىڭنى قانچىلىك ئالدىما، كۆزلىرىڭنى قانچىلىك زور ئۈمىد بىلەن يۇمما، سەن ئىستەۋاتقان شېرىنلىكنىڭ سەندىن بەزگىنى بەزگەن. ئاتاڭ ئادەمنىڭ بىر مەھەل سۈرگەن جەننەت مەئىشىتىنىڭ خۇمارى قانلىرىڭدا ئۆركەشلىگەن پەيتتە پانىيدىن ئۇنى ئىستىشىڭ ئوپئوچۇق نادانلىق.

بەس قىل، چىن ئىمان ئەمەللىرىڭدە ئۆزىنى نامايىش ئەتكىنىدە، دىلىڭدىن كىبىر، رىيا ئۇزاپ كەتكىنىدە، رەببىڭ ئۈستۈڭگە مەرھەمەت نۇرلىرىنى سەپكىنىدە باقىيدا ئۇنىڭغا ئېرىشىشتىن شەكلەنمە. ئاللاھ ھىدايىتىڭنى زىيادە قىلسۇن(ئامىن).