كائىنات چەكسىزلىكى، پەرۋەردىگارنىڭ چەكسىز بۈيۈكلىكى گۇمراھ دىللارنىڭ دىققەت نەزەرىدىن ساقىت قېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ھەر بىر جان ئېگىسى كىرزىس ئىلكىدە بىمەنىلىك بىلەن تولغان مۇقامىنى تەكرارلىماقتا.مەن ھەم شۇلار جۈملىسىدە ھايات بەتلىرىمنى ئەھمىيەتسىز قۇرلار بىلەن خوراتماقتىمەن. ھەممە نەپسىنىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ قالغان جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نەپسىم ئالدىدا تەكرار يېڭىلمەكتىمەن. بىلىپ تۇرىمەن،ئۆز نەپسىنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلالمىغان كىشى ئۆزگىلەرنىڭ قۇللۇقىدىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن، بىلمەكلىك ئۇيغۇنلۇق بىلەن بىرلەشمەستىن ھېچكىمگە ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇڭا رەببىمىز مۇبارەك قۇرئاندا بىزگە ئىمان بىلەن ئەمەلنى بىرگە تەۋسىيە قىلغان.

ئازغۇنلۇق ئەتراپىمىزدا ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى. شۇ ۋەجىدىن بىز بولۇپمۇ بىزنىڭ روھىمىز تولىمۇ ئېغىر خىرىس ئىلكىدە. بۇلغىنىشلارنىڭ تەھدىتى ئىچىدە ئاللاھقا: «دىللارنى ئۆزگەرتكۈچى زات، دىلىمىزنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن.» دەپ ئىلتىجا قىلىپ، قەلبىمىزنى خۇنۈكلۈكتىن مۇداپىئە قىلماققا بىز تولىمۇ مۇھتاجمىز.