ئادىل ئابدۇقادىر

كۈچلۈكلەر دۇنيانى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشتا ھەمىشە قورال كۈچىگە تايىنىۋەرمەيدۇ. بەلكى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ نەزىرىدە يېڭىلمەس قۇۋۋەت ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغاچقا، ئۇلار بەزىدە ئاجىزلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ئەگەشتۈرۈش ۋە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشىلىقسىز ئىتائەت قىلدۇرالايدۇ. بۇ، كۈچلۈكلەرنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشتىكى «تىنچ ئستېلا» ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە ھاللاردا «قوراللىق ئىستېلا»دىن كۆپ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولىدۇ. چۈنكى كۈچلۈكلەر ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيە ۋە كۆز قاراشلىرىغا ئۆز ئىرادىسى ۋە ئارزۇلىرىنى باشقىلار پەرق ئېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە سىڭدۈرىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئاجىزلار ئارىسىدا كەڭ تارقاتقان ھەر قانداق بىر يېڭى ئۇقۇم ۋە نەزەرىيىسى ئۇلارنىڭ ئاتقان توپ ئوقلىرىدىن بەكرەك ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، كۈچلۈكلەر ئىجاد قىلغان ھەرقانداق بىر يېڭى ئۇقۇم ۋە نەزەرىيە ئاجىزلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىمايدىكەن، ئاجىزلار مەڭگۈ كۈچلۈكلەرنىڭ دىرىژورلۇقىدا ياشاۋېرىدۇ.
مانا بۇ بىز بۈگۈن كۈچلۈكلەر ئىجاد قىلغان ھەر خىل ئۇقۇم ۋە نەزەرىيىلەرگە ئاجىزلار يەم بوپكېتىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. پۈتكۈل دۇنيادا ھازىر مودا بولۇۋاتقان «يەر شارىلىشىش»، «دېموكراتىيە»، «كىشىلىك ھوقۇق»، «تېرورلۇق» دېگەندەك ئۇقۇم- ئاتالغۇلار ۋە شۇلارنى مەركەز قىلىپ مەيدانغا كېلىۋاتقان نەزەرىيە ۋە پرىنسىپلار بىر قىسىم كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىمتىيازىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر قىسىم ئاجىز دۆلەتلەر كۈچلۈكلەر قولىدىكى تەقدىرنىڭ دىئاگنوزى سۈپىتىدە تۇرۇپتۇ. بۇ كومېدىيىلىك كۆرۈنۈش «تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزنى ئادەمنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئۇلارنىڭ پەن- تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ساپاسىدىكى ئۈستۈنلۈك جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە شۇ دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى يېڭى ئۇقۇم- ئاتالغۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ نەزەرىيە يارىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بىلىشىنى بەلگىلىك رامكا بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى ئۇقۇم- ئاتالغۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇنى نەزەرىيىلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى مەلۇم بىر جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇڭا، مەلۇم مەنىدىن شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، قايسى تىل، قايسى خەلقنىڭ يېڭى شەيئى ۋە ھادىساتلارنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، شۇ تىل ۋە شۇ خەلق تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ. بۇ خىل رېئاللىقنى بىز بۈگۈنكى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئىنگلىزتىلىنىڭ دۇنيادىكى شۆھرىتىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەندىزىسى ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق»، «دېموكراتىيە»، «تېرورلۇق»، «يەر شارىلىشىش»، «رەزىللىك ئوق مەركىزى» دېگەندەك سىياسىي، ئىجتىمائىي ئاتالغۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىنگلىزتىلى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئومۇملاشقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئەمدى بىز بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە شۇكى، بۇ ئاتالغۇلار گەرچە تەرجىمە ۋاستىسى ئارقىلىق ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز تىلى بىلەن ئىپادە قىلىنىپ ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇقۇم رامكىسى يەنىلا ئامېرىكىلىقلار ئىنگلىزتىلى ئارقىلىق ئىپادە قىلغان دائىرىدىن ھالقىپ كېتەلىگىنى يوق. يەنى، بۇ ئۇقۇم- ئاتالغۇلارنى ئامېرىكىلىقلار قايسى مەقسەتتە ئىجاد قىلغان بولسا، باشقا تىللاردىمۇ شۇ خىل مەقسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە بويىچە ئومۇملاشماقتا. «تېرورلۇق»نى باھانە قىلغان ئامېرىكا ئىرادىسىنىڭ خەلقئارادىكى قانۇنلىشىشى بۇ بىر نوقتىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ. كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بىلىپ- بىلمەي مۇشۇ ئاتالغۇ- ئۇقۇملارنى قوبۇل قىلىش، ئىشلىتىش جەريانىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىرادىسىنى بىر خىل ئۆلچەم سۈپىتىدە قوبۇل قىلماقتا ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشماقتا. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتى ئەمەلىيەتتە قورال كۈچى ئارقىلىق ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ.
ئەگەر كۈچلۈكلەر ئىجاد قىلغان ھەر بىر ئۇقۇم ۋە نەزەرىيىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭ سىياسىيلىقى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلار ئىجاد قىلغان ھەر بىر ئۇقۇم ۋە نەزەرىيىگە سەل قاراشقا بولمايدىغان مەقسەت ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، ئۇنىڭ شۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيە ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئۈچۈن مۇئەييەن تەپەككۇر رامكىسى بەلگىلەپ بېرىدىغانلىقىنى بايقىيالايمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە ئىستراتېگىيىچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر يېڭى ئۇقۇم ۋە نەزەرىيە ھەرگىزمۇ تاسادىپىي مەيدانغا كېلىدىغان سۆز ئويۇنى بولماستىن، ئۇ ئۆزىگە مۇئەييەن سىياسىي، ئىقتىسادىي مەقسەت ۋە مەنپەئەتلەرنى يۈكلىگەن ھالدا، كىشىلەرنىڭ قارىشىنى ئىستراتېگىيە ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئىرادىسى بوييچە مۇئەييەن بىلىش رامكىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، تۈرلۈك تەجرىبە- سىناقلار ۋە مۇلاھىزە- مۇھاكىمىلەرنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولىدۇ. شۇڭا، باشقا بىر تىلدىن بىرەر يېڭى ئۇقۇم ۋە نەزەرىيىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشلىتىش، قوبۇل قىلغۇچىدىن سىياسىي سەزگۈرلۈك تەلەپ قىلىدۇ. سىياسىي سەزگۈرلۈكى بولمىغان كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا كۈچلۈكلەرنىڭ سۆز ئويۇنى ئىچىدە شۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناشتىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا كۆپ قوللىنىلىدىغان، چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنىپ بىر خىل بىلىش رامكىسى سۈپىتىدە تىلىمىزدا ئومۇملىشىپ كەتكەن بەزى ئۇقۇم- ئاتالغۇلارنى چۈشىنىۋېلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. بولۇپمۇ دۇنيادىكى ھەممە تىلدا ئورتاق ئومۇملىشىپ، بىر خىل بىلىش رامكىسى سۈپىتىدە قېلىپلىشىپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، دۇنيا قارىشى ۋە تەپەككۈر ئەندىزىسىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇقۇم- ئاتالغۇلار ۋە نەزەرىيىلەرنى چۈشىنىۋېلىش تېخىمۇ زۆرۈر. شۇ خىلدىكى ئاتالغۇ ۋە نەزەرىيىلەرنىڭ بىرى دەل «زامانىۋىلىشىش» ۋە زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسىدۇر.
تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتىكى قاراش ۋە چۈشەنچىلەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز:

1. «زامانىۋىلىشىش»نىڭ سۆز مەنىسى
زامانىۋىلىشىشنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۈزۈل- كېسىل چۈشىنىشتە، ئالدى بىلەن تىلىمىزدا ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان «زامانىۋىلىشىش» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ھەرقايسى تىللاردىكى لۇغەت مەنىسىنى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىزدە ھازىرغىچە سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيىسى ۋە ئاتالغۇ- ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى يېتەرلىك شەرھلەپ بېرەلەيدىغان مۇكەممەل لۇغەت بارلىققا كەلمىگەچكە، «زامانىۋىلىشىش»نىڭ لۇغەت مەنىسىنى چۈشىنىشتە باشقا تىللاردىكى لۇغەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «زامانىۋىلىشىش»تىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەسلى ئېتمولوگىيىلىك مەنبەسىمۇ بىزنىڭ بۇ ئاتالغۇنى ئەسلىدىكى تىلدا ئىپادە قىلىنغان مەنە بويىچە چۈشىنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن باشقا تىللاردىكى مۇشۇ ئاتالغۇغا ئالاقىدار شەرھلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.
زامانىۋىلىشىش- ئىنگلىزتىلىدا 18- ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ ئىنگلىز تىلىدىكى modernization دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىپادىلىنىشىدۇر. ئەمدى ئىنگلىز تىلىدىكى modernization دېگەن ئاتالغۇ modern دېگەن سۆزدىن تۈرلىنىپ چىققان. شۇڭا بۇ ئاتالغۇنى چۈشىنىشتە ئالدى بىلەن modern دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. 1978- يىلى نەشر قىلىنغان «ئىنگلىزچە- خەنزۇچە قوش تىللىق لۇغەتتە modern دېگەن سۆز مۇنداق ئىزاھلانغان: 1. سۈپەت بولۇپ، يېقىنقى زاماندىكى، زامانىۋى دېگەن مەنىدە؛ 2. ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ (مىلادى 1501- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ). Modernization، modern نىڭ مەجبۇرىي پېئىل شەكلى modernized يەنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇشنىڭ ئىسىملاشقان شەكلى بولۇپ، مەزكۇر لۇغەتتە modernization مۇنداق ئىزاھلانغان: 1. زامانىۋىلىشىش (جەرياننى كۆرسىتىدۇ). 2. زامانىۋىلىشىش (ھالەتنى كۆرسىتىدۇ). مانا بۇ بىز «زامانىۋىلىشىش» دەپ ئېستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالغۇنىڭ ئەسلى ئانا تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى.
ئەمدى بۇ ئاتالغۇنىڭ باشقا تىللارغا قاچان، قانداق يوسۇندا ئۆزلەشكەنلىكى نامەلۇم، ئەمما ئۇ ھەرقايسى تىللاردا ئوخشىمىغان يوسۇندا ئىپادىلەنگەن ھەم ئوخشىمىغان دەۋرلەرە تىللارغا سىڭىپ كىرگەن. خەنزۇتىلىدىكى 现代化 دەل ئىنگلىزتىلىدىكى modernization نىڭ خەنزۇتىلىدىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى خەنزۇ تىلىدىكى گېزىت- ژورناللاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمدى خەنزۇتىلىدىكى 现代化 مۇ ئىنگلىزتىلىدىكى modern دېگەن سۆزگە مەنىداش كېلىدىغان 现代 دېگەن سۆزنىڭ پېئىللاشقان شەكلى بولۇپ، ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى سۆزلۈكلىرى لۇغىتىدە 现代 گە: ھازىرقى مۇشۇ ۋاقىت دەپ تەبىر بېرىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈشتە «4- ماي ھەرىكىتى»دىن تا ھازىرغىچە بولغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ، دېيىلگەن. 现代化: پېئىل بولۇپ، شەيئىلەرنى ھازىرقى زاماننىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە قىلىش، دەپ ئىزاھلانغان.
ئەمدى زامانىۋىلىشىش ئاتالغۇسى ئۇيغۇرتىلىغا خەنزۇتىلى ئارقىلىق كىرگەن بولۇپ، تىلىمىزغا ئەڭ دەسلەپ «زامانىۋىلاشتۇرۇش» شەكلىدە ئۆزلەشكەن. ئۇ ئۇيغۇرتىلىدىكى مەتبۇئات- نەشر ئەپكارلاردا «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» شەكلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نىڭ دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ۋاقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاتالغۇنىڭ تىلىمىزدا قوللىنىلىۋاتقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ 30 يىلدىنمۇ ئاشمايدۇ. قوللىنىلىش ۋاقتى جەھەتتە ئىنگلىز تىلى ۋە خەنزۇتىلىدىن خېلىلا كېيىن تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئاتالغۇغا ئۆز ئانا تىلىمىزدا قانداق ئىزاھات بېرىلگەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز زۆرۈر. ئەگەر بۇ ھەقتە لۇغەت ئاختۇرۇشقا توغرا كەلسە، بىز پەقەت تىلىمىزنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قامۇسى ھېسابلانغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»گە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇرمىز. بۇ لۇغەتتە گەرچە «زامانىۋىلىشىش» دېگەن سۆزنىڭ دەل ئۆزىگە ئىزاھات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ لۇغەتنىڭ 3- تومىنىڭ 293-، 294- بەتلىرىدە «زامانىۋىلىشىش» ئاتالغۇسىغا بىرقەدەر يېقىن كېلىدىغان سۆزلەردىن «زامانىۋى، زامانىۋىلاشماق» دېگەن سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىلگەن بولۇپ، زامانىۋى دېگەن سۆزگە: ھازىرقى زامانغا خاس، ھازىرقى زاماننىڭ پەن- تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇر كېلىدىغان ۋە جاۋاب بېرەلەيدىغان دەپ، زامانىۋىلاشماق دېگەن سۆزگە: ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشماق، ماسلاشماق دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. لۇغەتتىكى بۇ ئىزاھاتلاردىن بىز گەرچە «زامانىۋىلىشىش» ئاتالغۇسىنىڭ ئەينى مەنىسىگە ئېرىشەلمىسەكمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ھەرھالدا مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل قىلالايمىز. بۇ ئىزاھاتلاردىكى مەنىلەر ئىنگلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى لۇغەتلەردە شەرھلەنگەن مەنىلەرگە ئاساسەن يېقىن كېلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ سۆزلەر ئالدىنقى ئىككى تىلدىكى سۆزلەرگە ئوخشاش ئېنىق تارىخىي ۋاقىت ئۇقۇمىنى بىلدۈرەلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «زامانىۋىلىشىش» ئاتالغۇسى بىلەن ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋاقىت ئۇقۇمى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى تىلدىكى «زامانىۋىلىشىش» ئاتالغۇسىنىڭ سۆز يىلتىزى ئۇيغۇر تىلىدا «ھازىرقى زامان» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇيغۇرلاردا تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىمۇ ياكى ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈش ئېنىقسىزلىقى تۈپەيلىمۇ ۋەياكى لۇغەت تۈزگۈچىلەرنىڭ بىردەكلىكنى ساقلاش خاھىشى تۈپەيلىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە «ھازىرقى زامان» سۆزىنىڭ ئىزاھاتىغا «ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى سۆزلۈكلىرى لۇغىتى» دىكى 现代 دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتى تەرجىمە قىلىنىپلا كۆچۈرۈپ قويۇلغان. بۇ بەلكىم خاتالىق ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭچە، بۇ سۆزگە ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەۋر، قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرقى زامان دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئىزاھات بېرىش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. بىز شۇندىلا «زامانىۋىلىشىش» ئاتالغۇسى ۋە باشقا تارىخىي مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئىزاھات بېرەلەيتتۇق. ماقالە سەھىپىسىنى ئۇزارتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختالماقچىمىز.

2. زامانىۋىلىشىش دېگەن نېمە؟
بىز يۇقىرىدا «زامانىۋىلىشىش» ئاتالغۇسىنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى لۇغەت مەنىلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتۇق. بۇ ئۈچ خىل تىلدىكى «زامانىۋىلىشىش» ئاتالغۇسىنىڭ لۇغەت مەنىلىرى گەرچە بىزنى زامانىۋىلىشىش ھەققىدە ئاز- تولا چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار «زامانىۋىلىشىش دېگەن نېمە؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بولالمايدۇ. بۇنىڭ جاۋابىنى «زامانىۋىلىشىش» توغرىسىدىكى مەۋجۇت نەزەرىيىلەر ئارقىلىق چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، بىزدە ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئۆز ئانا تىلىمىزدا يېزىلغان مۇكەممەلرەك ماتېرىيال بولمىغاچقا، يەنىلا باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇرمىز.
زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات 20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم سىياسەتشۇناس، ئىقتىسادشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناسلار باشلىغان. بۇ ئاتالغۇ دەسلەپ ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 1951- يىلى ئىيۇندا ئامېرىكا ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش كومىتېتى چىقىرىدىغان «مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى» ژورنىلىنىڭ تەھرىراتى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرستېتىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئەينى چاغدىكى نامراتلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ئامېرىكىنىڭ سىرتقا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندا، يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك يېزائىگىلىك جەمئىيىتىدىن سانائەت جەمئىيىتىگە ئۆتۈش جەريانىنى «زامانىۋىلىشىش» دېگەن ئاتالغۇ ئارقىلىق ئىپادىلەشنى مۇۋاپىق دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «زامانىۋىلىشىش» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىلىم ساھەسىدە كەڭ قوللىنىشقا باشلىغان ھەم ئۇ تەدرىجىي ھالدا تەتقىقاتچى ۋە نەزەرىيىچىلەرنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئانالىز قىلىش رامكىسىغا ئايلىنىپ، «زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسى» بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەللەردىكى جەلپكار تېمىغا ئايلانغان.
زامانىۋىلىشىش- ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى بىر تارىخىي يۈزلىنىش سۈپىتىدە جەمئىيەت ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر جەريان بولغاچقا، سىياسىيونلار، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ زامانىۋىلىشىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ھەرخىل بوپكەلدى. ئۇلار زامانىۋىلىشىشنى ئوخشىمىغان مەۋقە ۋە ساھە بويىچە ھەرخىل شەرھلىدى. سىياسىيونلار زامانىۋىلىشىشنى جەمئىيەت سىياسىي قۇرۇلمىسىنىڭ بۆلۈنىشى ۋە سىياسىيغا قاتنىشىشنىڭ كېڭىييىشى نوقتىسىدىن ئىزاھلىدى. ئىقتىسادشۇناسلار ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇش زامانىۋىلىشىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىدىكى مۇھىم ھالقا دەپ قاراپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زامانىۋىلىشىشتىكى رولىنى تەكىتلىدى. جەمئىيەتشۇناسلار بولسا زامانىۋىلىشىشنى ئەنئەنىنىڭ قارشىسىدا قويۇپ، جەمئىيەتلەرنى ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ۋە زامانىۋى جەمئىيەتكە ئايرىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى مەركەز قىلغان ئاساستا، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى شەرھلىدى. نەزەرىيە تەتقىقاتىدا زامانىۋىلىشىش مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىپ ھەرخىل شەرھلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن زور كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلىدىغان بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراشلارمۇ يوق ئەمەس. كۆپ قىسىم كىشى زامانىۋىلىشىشنى مۇنداق ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىدۇ:
1. زامانىۋىلىشىش- تەرەققىي تاپقان ئەللەردە 16- ئەسىردىن كېيىن، بولۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيان يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدۇ.
2. زامانىۋىلىشىش- تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىش داۋامىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
زامانىۋىلىشىش ھەققىدىكى بىرلىككە كەلگەن بۇ چۈشەنچىدىن شۇ نەرسىنى قەيت قىلىشقا بولىدۇكى، زامانىۋىلىشىش دەسلەپ تەرەققىي تاپقان غەرب جەمئىيىتىدە بارلىققا كېلىپ، كېين غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە كۆچكەن ھەرىكەت. ئەمدى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دېگەن ئىككى ئۇقۇم سانائەتلىشىشكە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 40-، 60- يىللىرى ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دېيىلگەن دۆلەتلەر سانائەتلىشىشنى ئاساسەن تاماملاپ بولغان، ئەمما ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ بەزىلىرى شۇ دەۋردە ھەتتا سانائەتلىشىشنىمۇ باشلىمىغانىدى. مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زامانىۋىلىشىش ئەڭ دەسلەپ غەربتە سانائەتلىشىشنى بەلگە قىلىپ بارلىققا كەلگەن. بۇنى بىز باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن زامانىۋىلىشىش ئاتالغۇسىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىدىنمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما كېيىنچە زامانىۋىلىشىش نوقۇل يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىدىن سانائەت جەمئىيىتىگە ئۆتۈشنىلا كۆرسەتمەيدىغان بولدى، بەلكى ئۇ دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆلچەمگە ئايلاندى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرە سەيمىل خانتىڭتون كۆرسىتىپ ئۆتكەن: «سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش، ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتى، مائارىپ سەۋىيىسى، پاراۋانلىق دەرىجىسى، ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە مۇرەككەپ كەسپ قۇرۇلمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش»تىن پۈتۈنلەي ھالقىپ، تەدرىجى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇداپىئە تېخنىكىسى، قانۇن- تۈزۈم قۇرۇلمىسى، ھاكىمىيەت ئەندىزىسى، سانائەتلىشىش سەۋىيىسى، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك ئېڭىنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولدى. ئەمما زامانىۋىلىشىش جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆلچەم بولغاچقا، زامانىۋىلىشىشنىڭ ئۆلچەم ھەم تەلەپلىرى، سان- سىپىرلىق قىممەت ئۆزگىرىشلىرى جەمئىيەت تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ باردى. شۇڭا، ھەرقايسى ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن زامانىۋىلىشىش نىشانىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بېكىتتى. بۇنى بىز دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» چاقىرىقىدىن ھازىرقى دۆلەتنى قانۇن- تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش چاقىرىقىغىچە بولغان بىر مەزگىللىك تەرەققىيات باسقۇچىدىن كۆرۈۋالالايمىز.
ئەمدى شۇ نەرسىگە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، تەرەققىي تاپقان ئەللەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ سەرخىللىرى زامانىۋىلىشىشنى ئوخشىمىغان يوسۇندا شەرھلىدى ھەم ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان پوزىتسىيە تۇتتى. تەرەققىي تاپقان ئەللەردە زامانىۋىلىشىش غەربلىشىش بىلەن باراۋەر ئورۇندا قويۇلۇپ، كۆپىنچە غەربچە قىممەت قارىشى، سانائەتلىشىش، غەربچە دېموكراتىك تۈزۈم ئەۋزەللىكنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە غەربنىڭ زامانىۋىلىشىشتىكى «ئۈلگىلىك ئورنى»، «يېتەكچىلىكى» تەكىتلىنىپ، غەرب بولۇپمۇ ئامېرىكا بىر خىل ئالاھىدە ئۆلچەم سۈپىتىدە شەرھلەندى. غەرب ئىقتىسادشۇناسلىرى، جەمئىيەتشۇناسلىرى ۋە سىياسەتشۇناسلىرىنىڭ كۆپ قىسمى زامانىۋىلىشىشنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىزاھلاشتىكى بىر خىل ئىلمىي ئەندىزە دەپلا قالماستىن، ئۇنى دۇنيا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى چارىسى دەپ قارىدى. بۇنى سەيمىل خانتىڭتون 1970- يىللاردا ئوتتۇرىغا قويغان زامانىۋىلىشىش جەريانىنىڭ تۆۋەندىكى توققۇز خىل ئالاھىدىلىكىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:
1. زامانىۋىلىش ئىنقىلاب جەريانى. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتىن زامانىۋى جەمئىيەتكە ئۆتۈشنى پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇش ئۆزگىرىشى ۋە ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتكە ئۆتۈشى بىلەنلا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن.
2. زامانىۋىلىشىش مۇرەككەپ جەريان. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ساھەلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. زامانىۋىلىشىش سېستىمىلىق جەريان. بىر خىل ئامىلنىڭ ئۆزگىرىشى باشقا ھەرخىل ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم تەسر كۆرسىتىشچانلىققا ئىگە.
4. زامانىۋىلىشىش يەرشارى خاراكتېرلىك جەريان. زامانىۋىلىشىش 15-، 16- ئەسىرلەردە ياۋروپادا باشلانغان، ئەمما ھازىر دۇنيا خاراكتېرلىك ھادىسىگە ئايلىنىپ كەتتى.
5. زامانىۋىلىشىش باسقۇچلۇق جەريان. ھەممە جەمئىيەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش جەريانىنى ئوخشىمىغان سەۋىيە ياكى باسقۇچلارغا بۆلۈش مۇمكىن.
6. زامانىۋىلىشىش ئۇزاق مەزگىللىك جەريان. زامانىۋىلىشىش چېتىلىدىغان پۈتكۈل ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقىت بولغاندىلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
7. زامانىۋىلىشىش ئوخشاش جەريان. ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ئوخشىمىغان تىپتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما زامانىۋى جەمئىيەت ئاساسىي ئوخشاپ كېىتىدۇ.
8. زامانىۋىلىشىش توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان جەريان. زامانىۋىلىشىش جەريانىدا بەزى جەھەتلەردە ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىق ۋە تاساددىىپىي چېكىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زامانىۋىلىشىش بىر ئۇزاق مەزگىللىك يۈزلىنىشتۇر.
9. زامانىۋىلىشىش ئالغا بېسىش جەريانى. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتىن زامانىۋى جەمئىيەتكە ئۆتۈش مەزگىلىدە زامانىۋىلىشىشقا تۆلەيدىغان بەدەل زور ۋە ئازابلىق بولىدۇ، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، زامانىۋىلىشىش ئىنسانىيەتنى ماددىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.
سەيمىل خانتىڭتون ئوتتۇرىغا قويغان زامانىۋىلىشىش جەريانىنىڭ بۇ توققۇز خىل ئالاھىدىلىكىدىن غەرب زىيالىيلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇلارنىڭ زامانىۋىلىشىش چۈشەنچىسىنى ئاز- تولا ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئەمدى گەرچە غەربتە زامانىۋىلىشىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن مۇكەممەل تەبىر بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن غەرب زىيالىيلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش توغرىسىدىكى نەزەرىيىلىرىنىڭ يادرولۇق قىسمىنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى بىرقانچە تەسەۋۋۇر ئۈستىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 1. «ئەنئەنىۋى» جەمئىيەت بىلەن زامانىۋى جەمئىيەت ئۆزئارا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، پۈتۈنلەي قارىمۇقارشى؛ 2. جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىيەت ئۆزگىرىشلىرى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك؛ 3. تەرەققىيات يۆنىلىشى بىرلىككە كەلگەن، تۈز سىزىق شەكلىدىكى نىشان بويىچە زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۆزگىرىدۇ؛ 4. تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتلەر تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغاندىلا ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىدۇ. ئەمدى بۇ مەزمۇنلاردىن روشەن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، غەرب زىيالىيلىرى زامانىۋىلىشىش توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەردە غەربنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تەكىتلەپ، زامانىۋىلىشىش ئەندىزىسى ۋە يۆنىلىشىنى بەلگىلىگۈچى سۈپىتىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئەمما مۇشۇ يەردە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغان بىر نوقتا شۇكى، غەرب زىيالىيلىرى زامانىۋىلىشىش توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقاتى دۇنيادىكى زور كۆپ قىسىم ئەللەرنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى بەلگىلىك ئۇقۇم رامكىسى بىلەن تەمىنلىدى ھەم دۇنيانىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى.
ئەمدى زامانىۋىلىشىش ئۇقۇمى ۋە نەزەرىيىسى ھەققىدىكى تەتقىقات بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئەڭ بۇرۇن غەربتە باشلىنىپ، نەزەرىيىۋى تەتقىقاتتا غەرب زىيالىيلىرى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىۋالغاچقا، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ زىيالىيلىرى ۋە سەرخىللىرى زامانىۋىلىشىش ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەربنىڭ تەتقىقاتىغا ئەگەشتى ۋە زامانىۋىلىشىشنى غەرب تەمىنلىگەن ئۇقۇم رامكىسى بويىچە چۈشىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنى بىز قولىمىزدا بار ماتېرىياللاردىكى «زامانىۋىلىشىش»قا بېرىلگەن تەبىردىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى 1999- يىلى يېڭىدىن نەشر قىلغان تۆت توملۇق «ئوكيانۇس»نىڭ 3- تومىنىڭ 3981- بېتىدە «زامانىۋىلىشىش» يەنى «现代化»غا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن:
زامانىۋىلىشىش- تەرەققىي قىلمىغان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتكە ئايلىنىش جەريانى ۋە نىشانى. جەريان دېگەندە، ئۇ ئىلغار پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشىنى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيىدىكى شۇنىڭغا ماس ئۆزگىرىش (ئۇ، سىياسىينىڭ دېمۇكراتىيىلىشىشىنى، ئەقلىيچىلىك ۋە ئىلمىي روھ، جەمئىيەت ھەرىكىتى ۋە زامانىۋىلاشقان كىشىلىك خاراكتېرنى بەلگە قىلىدۇ)نى كۆرسىتىدۇ. نىشان دېگەندە، ئۇ ئومۇمەن ھازىرقى تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتلەر پايدىلىنىش سىستېمىسى قىلغان ئىلغار پەن- تېخنىكا سەۋىيىسى، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى ۋە ئىستېمال سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. زامانىۋىلىشىش دولقۇنى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىش ئەندىزىسى ئوخشاشمايدۇ.
بۇ تەبىرنى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىش ھەققىدىكى تەبىرلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دېگىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا تۇتقان پوزىيسىيىسى ۋە چۈشەنچىسىنى ئاز- تولا ھېس قىلىش تامامەن مۇمكىن. دېمەك بۇ تەبىردىن غەربنىڭ زامانىۋىلىشىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىش ھەققىدىكى ئۇقۇم رامكىسىنى كىمنىڭ بېكىتكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى سىياسىينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى، ئەقلىيچىلىك ۋە ئىلمىي روھ دېگەندەك ئاتالغۇلاردىن غەربچە قىممەت قارىشىنىڭ ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداقكەن، زامانىۋىلىشىش گەرچە پۈتۈنلەي غەربلىشىش بولمىسىمۇ، لېكىن غەربنىڭ مەھسۇلاتى سۈپىتىدە غەربچە دېتاللاردىن قۇراشتۇرۇلغان تەرەققىيات ئەندىزىسى بولغاچقا، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى زامانىۋىلىشىشقا ئوخشىمىغان پوزىتسىيە تۇتتى. سەيمىل خانتىڭتون بۇنى زامانىۋىلىشىش ۋە غەربلىشىشنى تەڭ ئىنكار قىلىش، ئىككىلىسىنى تەڭ قوبۇل قىلىش ياكى زامانىۋىلىشىشنى قوبۇل قىلىپ، غەربلىشىشنى ئىنكار قىلىشتەك ئۈچ خىل پوزىتسىيىگە يىغىنچاقلايدۇ. سەيمىل خانتىڭتوننىڭ بۇ باھاسى قارىماققا ناھايىتى ئويېكتىپ بېرىلگەن باھادەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن غەربلىشىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ غەربلىشىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى زامانىۋىلىشىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى سۈپىتىدە سۈرەتلەپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئىنكارچىلىق پوزىتسىيىسى قانداقتۇر زامانىۋىلىشىشنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش بولماستىن، بەلكى غەرب مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يېڭى تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن قايتۇرغان ئىنكاسى ئىدى. شۇڭا، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ساددىيلارچە ئىنكارچىلىق پوزىتسىيىسىنى، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا غەربلىشىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق دېيىشىمىزدە، بىر جەمئىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشى پەقەت تاشقى تەسىرنىڭ بېسىمى بىلەنلا ئىشقا ئاشىدىغان پاسسىپ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى بولماستىن، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ تەقەززاسى پەيدا قىلغان ئاكتۇئال دائىملىق تەرەققىيات جەريانىدۇر. ئەمدى تۈركىيىچە زامانىۋىلىشىش ۋە غەربلىشىشنى تەڭ قوبۇل قىلىشنى زامانىۋىلىشىشقا قايتۇرغان ئىنكاس دېگەندىن كۆرە، غەرب مۇستەملىكىچىلىكى ئالدىدىكى تەسلىمچىلىك دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى سۇنىڭ چوڭقۇر- تېيىزلىكىنى ئۇقمايلا، بۇرۇن- قۇلىقىنى تۇتۇۋېلىپ سۇغا سەكرىگەن غەۋۋاسنىڭ تەقدىرىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل رېئاللىقنى تۈركىيىنىڭ بۈگۈنكى خەلقئارادىكى زامانىۋىلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن كۆرە غەربنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا سايىداشقا تېخىمۇ قىزىقىشتەك رېئاللىقى ۋە غەربنىڭ ئۇلارغا تۇتقان سوغۇق پوزىتسىيىسىدىن كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئىسلامچە ئىسلاھاتچىلىق مۇنداقچە ئېيتقاندا، زامانىۋىلىشىشنى قوبۇل قىلىپ غەربلىشىشنى رەت قىلىشتەك بۇ خىل پوزىتسىيىنى زامانىۋىلىشىشقا قايتۇرغان ئىنكاس دېگەندىن كۆرە، غەربلىشىش ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىق قىممەت قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك دېگەن تۈزۈك. بۇنى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ئىسلام ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە نۇرغۇن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەت ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىشى ياكى ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ھەرىكىتى، دىنىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا كۆرۈلگەن ئېغىشتىن كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىيات ئىچكى ئېھتىياجى تۇغۇلمىغان ياكى ئۇنى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۆزىدە بولمىغان ئەللەرنىڭ تاشقى تەسىرنىڭ بېسىمىغا مۇرەسسەچىلىكتىن باشقا ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ.
ئۇنداقتا «زامانىۋىلىشىش» دېگەن زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مول نەزەرىيىۋى بىلىم ۋە تەتقىقات كېتىدۇ. پېقىر بۇ جەھەتتىكى ئاددىي ئىزدەنگۈچى بولغاچقا، ئۇنىڭغا باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك جاۋاب بېرىشكە قادىر ئەمەسمەن. شۇڭا بۇ تېمىنى جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش تەتقىقاتى مۇتەخەسىسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەرھۇم پروفېسسورى لورۇڭچۈ ئەپەندىنىڭ «زامانىۋىلىشىش توغرىسىدىكى يېڭى قاراشلار» دېگەن كىتابىدىن ئېلىنغان بىر نەقىل بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن. لورۇڭچۈ ئەپەندى كىتابىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش توغرىسىدىكى شەرھلىرىنى يىغىنچاقلاپ زامانىۋىلىشىشقا مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: «تارىخ نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زامانىۋىلىشىش دۇنيا خاراكتېرلىك جەريان بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەن بىر مەيدان زور ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش سانائەتلىشىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋى سانائەت جەمئىيىتىگە ئۆتۈشىدىكى يەرشارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. زامانىۋىلىشىش- سانائەتچىلىكنى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىدىيىدىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، شۇنىڭغا ماس زور ئۆزگىرىشنى ھاسىل قىلدى؛ … زامانىۋىلىشىش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈكسەك تەرەققىي تاپقان سانائەت جەمئىيىتىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تاماملىنىش بەلگىسى قىلىدۇ»

3. زامانىۋىلىشىشنىڭ «ئارقىسىدا»
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە قوزغالغان زامانىۋىلىشىش دولقۇنى پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىپ، زامانىۋىلىشىش تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان ئەللەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك شېرىن ئارزۇسىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى كۆپ قىسىم ئەللەر ئۆزلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرىشقان يېىم ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە دۇنياغا قارايدىغان بولساق، زامانىۋىلىشىش يەنىلا كۆز ئالدىمىزدا خىرە نامايەن بولىدۇ. دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات پەرقىنىڭ شۇ قەدەر زورلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. زامانىۋىلىشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىنىدىغان پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئالەمشۇمۈل مۇۋەپپەقىيەتلەر بىر تەرەپتىن كىشىگە ئۈمىد بېغىشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە پەن تېخنىكىدىكى بەشەرىي (人文) روھنىڭ ئاجىزلىشىشى، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، پەن- تېخنىكىنىڭ زومىگەرلىكنىڭ ۋاستىسىغا ئايلىنىپ كېتىشى كىشىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ. زوراۋان دۆلەتلەر قوزغىغان ئادالەتسىز ئۇرۇشلار، كىشىنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان ئادەمبومبىلارنىڭ كۈندە دېگۈدەك پارتلاپ تۇرۇشى، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئاجىزلىق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بىنورمال سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇملىرى دۇنيادا تېخىچە زوراۋانلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئۈزۈل- كېسىل ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. دۇنيانىڭ بۈگۈنكى بۇ خىل رېئاللىقى زامانىۋىلىشىشنىڭ ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك گۈزەل بىر تەرەققىيات مەنزىرىسى ئىكەنلىكىگە قارىتا كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ ھەم زامانىۋىلىشىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاخىرقى ھېسابتا شۇ ئاتالغۇ ياكى نەزەرىيىنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋردە ئوينايدىغان رولىنى زور دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ ھەم شۇ تارىخىي دەۋرنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز بۇ خىل رېئاللىقنى سىيىاسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا تەدرىجىي ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە باشلىغان «سىنىپ»، «بۇرژۇئازىيە»، «پرولېتارىيات» دېگەندەك ئاتالغۇلارنىڭ تارىخىمىزدا قالدۇرغان ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا، سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا بىلىش رامكىسى سۈپىتىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر قىسىم ئاتالغۇ، نەزەرىيىلەرنىڭ قايسى خىل تارىخىي شارائىت ۋە مۇددىئالارنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك ھەم بىلىۋالساق، نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيمىز ھەم ئورۇنسىز بەدەللەردىن ساقلىنالايمىز.
زامانىۋىلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسى دەسلەپ نۇرغۇن كىشىنى ئۈمىدلەندۈرگەن، كىشىلەر زامانىۋىلىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەم بىر قىسىم دۆلەتلەر شۇ ئارقىلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە يېتىشىۋېلىش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا بولغانىدى. ئەمما دۇنيانىڭ بۈگۈنكى سىياسىي، ئىجتىمائىي رېئاللىقى، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇندىن باشلاپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بېقىنىش- بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب زوراۋانلىقى ۋە مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ باشقىچە يوسۇندا ئىپادىلىنىشى ۋە بارغانسېرى كۈچىيىشى، غەرب ئوتتۇرىغا قويغان زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسىنىڭ غەربنىڭ ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچىلىك نەزەرىيىسىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ غەربنىڭ خەلقئارادىكى مەنپەئىتى ۋە ئىمتىيازى بىلەن ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا، بۇ زامانىۋىلىشىشنىڭ غەرب باشقىلارغا تەسۋىرلەپ كۆرسەتكەندەك ئاجىزلارنىڭ بەخت رىسالىسى ئەمەس، بەلكى كۈچلۈكلەرنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ بەردى.
2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ غەربتىكى ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق قېرى مۇستەملىكىچى ئەللەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ئارقا- ئارقىدىن يىمىرىلگەندىن كېيىن، دۇنيادا سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىزم لاگېرى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كاپىتالىزم لاگېرىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپ شەكىللەندى. دۇنيادىكى دۆلەتلەر مۇشۇ قۇتۇپنىڭ قايسىسىغا مەنسۇپلۇقىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى، دۆلەت سىياسىتى ۋە ئىستېراتېگىيىسىنى بەلگىلەشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن تارىختا «سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان سوتسىيالىزم لاگېرى بىلەن كاپىتالىزم لاگېرى ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيا سەھنىسىدىكى ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش كۈرىشى باشلاندى. بۇ كۈرەشتە «كوممۇنىزم» نەزەرىيىسى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان نۇرغۇن دۆلەتنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلغاچقا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەملىكىدىن يېڭى قۇتۇلغان دۆلەتلەر غەرب مۇستەملىكىسىگە بولغان ئۆچمەنلىكى تۈپەيلى، سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىزم لاگېرىغا مايىل بولدى. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىتىپ، كۈچ جەھەتتىن ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىزم لاگېرىغا مايىل دۆلەتلەرنىڭ كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچىيىپ، دۇنيادا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىغا قارشى كۈچلۈك ئىدېئولوگىيە لاگېرى شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق تىكلىگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىمتىيازىنىڭ يىمىرىلىشىدىن ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىدىن تەشۋىشلىنىشكە باشلىدى. ئۇلاردا سوتسىيالىزم لاگېرىدىكىلەرگە ئوخشاش جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەندىزىسىنى غايىۋى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان جەلپكار نەزەرىيە سېستىمىسى بولمىغاچقا، ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا نوپۇزى دۇچ كېلىدىغان تەھدىتنىڭ قورال كۈچى ياكى باشقا نەرسىدىن ئەمەس، بەلكى سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ خەلقئارادىكى كۈچىنى چەكلەشنى ئۆزلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسى مەزگىللىك سىياسىي غايىسى قىلىپ بېكىتتى.
بۇ يىراق مەزگىللىك غايىگە يېتىشتە، ئۇلار ئالدى بىلەن سوتسىيالىزم لاگېرىغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى ۋە مۇكەممەل بىر يېڭى نەزەرىيىۋى سىستېما ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدەم باسقۇچى ۋە كەلگۈسىنى ماركسىزم نەزەرىيىسىگە ئوخشىمايدىغان يوسۇندا شەرھلەپ بېرىشى كېرەك ئىدى. دەل مۇشۇ خىل شارائىتتا زامانىۋىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئۇقۇم رامكىسى سوتسىيالىزم لاگېرىدىكىلەرگە قارشى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى ھەم ئۇلارنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئانالىز قىلىدىغان ئۇقۇم رامكىسى بىلەن تەمىنلىدى. زامانىۋىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئامېرىكا كېنىدىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت تەتقىقاتچىسى روستوۋ ئېيتقاندەك: «بىر ئىلمىي تەتقىقات ئەندىزىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ دۇنيا ئۆزگىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشىنىش ۋاستىسى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىنىڭ چارىسى» ئىدى. شۇڭا، 20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرى ئامېرىكىدا مەخسۇس دۆلەتلىك تەتقىقات فوندى تەسىس قىلىنىپ، نۇرغۇن زامانىۋىلىشىش تەتقىقاتچىسى بارلىققا كېلىپ، زامانىۋىلىشىش بىر ئىلمىي تەتقىقاتقا ئايلاندى. بۇ تەتقىقاتقا جەمئىيەتشۇناسلار، سىياسىيونلار، ئىقتىسادشۇناسلار، ئىستراتېگىيىچىلەر قاتناشتى. ئۇلارنىڭ نەزەرىيىۋى تەتقىقاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى مەنپەئىتى ۋە ئىمتىيازىنى قوغداش، سوتسىيالىزم لاگېرىدىكىلەرنىڭ كۈچىنى چەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت بەلگىلەشتە يېتەرلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا، زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسىنى مىچىل تسام ئېيتقاندەك: «سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى» دېيىشكە بولىدۇ.
ئەمدى زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسى ۋە رامكىسىنىڭ بۇ خىل بارلىققا كېلىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىستېراتىگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە رولى جەھەتتىن ئۇنىڭ بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ئامېرىكىنىڭ، جۈملىدىن غەربنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە بولۇشىنى بەلگىلىگەن. بىز بۇنى زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ «تەرەققىي تاپقان»، «تەرەققىي تاپمىغان» دەپ بۆلۈنۈشى، جەمئىيەتلەرنىڭ «ئەنئەنىۋى جەمئىيەت»، «زامانىۋى جەمئىيەت» دەپ ئايرىلىشى، مۇشۇ بۆلۈش- ئايرىشلاردا غەربنىڭ ئۈلگىلىك ئورنىنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەن- تېخنىكا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەر ئارقىلىق غەربلىكلەرنىڭ «ئەقلىيلىكى»، «قىممەت قارىشى»نىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈشى، تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنى غەربتىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىش باھانىسىدا، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنىڭ كەمسىندۈرۈلۈشى نوقتىسىدىن كۆزىتىدىغان بولساق ھەم ئۇنى زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسىدىن بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن «غەرب مەركەزچىلىك» نەزەرىيىسى، «ئىرقىي ئەۋزەللىك» قارىشى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسىنىڭ ئاشۇ نەزەرىيىلەر بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن مۇئەييەن ئىچكى باغلىنىشچانلىق ۋە ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋالالايمىز. تارىختا غەرب مۇستەملىكىچىلىرى «غەرب مەركەزچىلىك» نەزەرىيىسى ۋە «ئىرقىي ئەۋزەللىك» قارىشى ئارقىلىق غەرب مۇستەملىكىسى ۋە غەرب كېڭەيمىچىلىكىنى ئاقلىغان ھەم مۇستەملىكە رايۇنلىرىدا غەرب مۇستەملىكىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئاساس سالغان. ئەمدى زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسىنى گەرچە غەرب مۇستەملىكىچىلىك ۋە كېڭەيمىچىلىكىنىڭ دەستىكى دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا «غەرب مەركەزچىلىك» نەزەرىيىسى ۋە «ئىرقىي ئەۋزەللىك» قارىشىنىڭ دېتاللىرى سىڭدۈرۈلمىگەن دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى زامانىۋىلىشىش تەسەۋۋۇرى بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ بىر خىل ئۆلچەم سۈپىتىدە پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ غەرب قىممەت قارىشى، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ قورشاۋىدا قېلىشى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى مەدەنىيەتنى نىقاب قىلغان يېڭىچە غەرب مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ پۈتۈنلەي سەپسەتە ئەمەسلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا كېنىدىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت تەتقىقاتچىسى روستوۋنىڭ «زامانىۋىلىشىش مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئۇ، ئەركىن دۇنيانىڭ شىمالىي يېرىمى بىلەن جەنۇبىي يېرىمى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل يېڭىچە كېيىنكى مۇستەملىكە مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرى بۇ قارىشىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ خېلى كۆپ قىسىم كۆزگە كۆرۈنگەن غەرب زىيالىيلىرى غەرب مۇستەملىكىسى بىلەن زامانىۋىلىشىشنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، بۇنى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. مەسىلەن، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پروفېسسورى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىستراتېگىيىچى، «مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى» نەزەرىيىسى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان سىياسەت تەتقىقاتچىسى سەيمىل خانتىڭتون ئۆزىنىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» دېگەن كىتابىدا: «غەرب كېڭەيمىچىلىكىنىڭ غەيرىي غەرب ئەللىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە غەربلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى»نى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ھەم غەيرىي غەرب ئەللىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندە، زامانىۋىلىشىش بىلەن غەربلىشىشنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. دېمەك، زامانىۋىلىشىش يەنە بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەربنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتى ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەھسۇلى. بىز بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە زامانىۋىلىشىش بىلەن تەڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭەيگەن غەرب مەدەنىيىتى، غەرب قىممەت قارىشىنىڭ غەربكە يەتكۈزگەن بۈگۈنكى سىياسىي، ئىقتىسادىي پايدىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.

قانداق زامانىۋىلىشىش كېرەك؟
دۇنيا پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى زور ئىلگىرىلەشلەر ھەم دۇنيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ئىلغار ئالاقە ۋاستىلىرى، ئېلېكترونلۇق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۆتۈپ كەتكەن ھەرقانداق بىر تارىخىي دەۋردىكىدىن زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتتى. بۇ خىل ئالاقىدە تەرەققىي تاپقان ئەللەر ۋە خەلقلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان، تەرەققىي قىلمىغان ئەللەر، خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق مانا مەن دەپلا ئاشكارىلاندى ھەم بۇ خىل پەرق زامانىۋىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى زورايدى. دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ھەرقايسى ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى باي- نامراتلىق پەرقى دۇنيادا يېڭى- يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك زامانىۋىلىشىشنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ غەربنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتى بىلەن ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى، غەربنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى زوراۋانلىقى ۋە مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇ ھال تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان ئەللەر ۋە خەلقلەرنىڭ ئالدىغا تەرەققىيات مەسىلىسى سۈپىتىدىلا ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى بۇنىڭدىن كېيىنكى مەۋجۇدلۇقى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە سۈپىتىدە قويۇلدى. بۇ مەسىلىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان خەلقلەر ئۈچۈن نوقۇل تەرەققىيات مەسىلىسىدىن ھالقىپ كېتىشى، ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەر پەيدا قىلغان خىرىسنىڭ خېلىلا ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنى بىرخىل مەسىلە سۈپىتىدە سەگەكلىك بىلەن ئالدىن بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىلىم سەرخىللىرى بار ئەللەر ۋە خەلقلەر بۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن ھازىرلىنىپ بولغان بولسا، بىزدەك خىرىس ۋە كىرىزىس ئېڭى، دۇنياۋى تېمىلارنى مۇلاھىزە قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز ئەللەر ۋە خەلقلەر خىرىس بوسۇغىسىغا قىستاپ كەلگەندە ئاندىن بۇ تېمىنى ئۆزلىرىنىڭ مۇلاھىزە كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.
ئەمدى زامانىۋىلىشىشتىن ئىبارەت بۇ تېما ھەرگىزمۇ يەككە تەتقىقات تېمىسى بولماستىن، ئۇ بىر مىللەت ۋە دۆلەت مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىچكى- تاشقى قاتلاملىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەپ نەزەرىيىۋى تەتقىقات تېمىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى نۇرغۇن مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ۋە كۈچلۈك نەزەرىيىۋى تەتقىقات قوشۇنىنىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك زامانىۋىلىشىشنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ئۇنىڭ غەربنىڭ يىراق ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتى بىلەن ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى ھەم بۈگۈنكى خەلقئارادىكى زامانىۋىلىشىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈزلىنىشى بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە سەگەكلىك بىلەن قارىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادىكى زامانىۋىلىشىشنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، ئاساسىي ئېقىم يەنىلا غەربكە ئەگىشىش بولۇپ، ئالىملار ئورتاق ئېتىراپ قىلغان بازار ئىگىلىكى، شەخسچىلىك ۋە دېموكراتىيىدىن ئىبارەت زامانىۋىلىشىشنىڭ ئۈچ چوڭ ئامىلىنىڭ ھەممىسى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تۇپرىقىدا شەكىللەنگەن. بۇلارنى بەزى مەدەنىيەتلەر قوبۇل قىلالىسىمۇ، لېكىن بەزى مەدەنىيەتلەر قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا زامانىۋىلىشىش مەسىلىسى بىر مۈرەككەپ تەتقىقات تېمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى نوقۇل يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تېمىسى بولغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە باب كېلىدىغان زامانىۋىلىشىش نەزەرىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش- قىلالماسلىقىدا. چۈنكى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت، ئەنئەنە، قىممەت قارىشى ۋە ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر- بىرىدىن پەرقلىنىشى زامانىۋىلىشىش نەزەرىيىسىنىڭ ھەممىبابلىقىنى چەتكە قاقىدۇ. يەنى بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتكە ماس كېلىدىغان زامانىۋىلىشىش ئەندىزىسى باشقا بىر دۆلەت ياكى مىللەتكە باب كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنداقكەن، زامانىۋىلىشىشنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات تېمىسى قىلغان ھەرقانداق بىر خەلق ئورۇنسىز تارىخىي بەدەللەرنى تۆلەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ۋە سالاھىيىتىنى بېكىتىپ چىقىشى زۆرۈر. شۇندىلا قانداق زامانىۋىلىشىش مەسىلىسى ئايدىڭلىشىدۇ. چۈنكى زامانىۋىلىشىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەنئەنە ۋە سالاھىيەتنىڭ كېڭىيىشى ۋە يارقىنلىشىشى بولۇپ، بۇنى بۈگۈنكى تەرەققىي تاپقان ئەللەر ۋە خەلقلەرنىڭ رېئاللىقى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇنى بىز سەيمىل خانتىڭتوننىڭ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئايلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئۆزىگە خاس ئەنئەنىگە ئىگە بوپكەلگەنلىكىنى ھەم شۇ خىل ئەنئەنىنىڭ غەربنىڭ زامانىۋىلىشىشىدا مۇئەييەن رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، غەربنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىدىغان (كلاسسىك مىراسلار، كاتولىك دىنى ۋە پروتېستانت دىنى، ياۋروپادىكى تىللار، مەنىۋى نوپۇز ۋە ئەلمانىيە نوپۇزىنىڭ ئايرىلىشى، قانۇن- تۈزۈم، ئىجتىمائىي كۆپ مەنبەچىلىك، ۋەكىل ئاپپاراتلىرى، شەخسچىلىك) سەككىز خىل ئالاھىدىلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەم بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى غەربنىڭ ۋە دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان دەپ قارىشىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ زامانىۋىلىشىش ئەنئەنىنىڭ راۋاجلىنىشى بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئەنئەنىنىڭ يوقىلىشى، سالاھىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس. شۇڭا «زامانىۋىلىشىش»نىڭ دۇنياۋى تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى ئىلمىيلىك ۋە سوغۇققانلىق بىلەن يەكۈنلىگەن پارتىيىمىز جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئېنىق قىلىپ «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش» دەپ بېكىتتى!
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان بىز ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا زامانىۋىلىشىشتا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسى ۋە سالاھىيىتىنى بېكىتىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى قىسقىچە قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
1. «ئۇيغۇر» دېگەن ئېتنىك نام. ئۇيغۇر دېگەن بۇ نامنىڭ ئېتنىك تارىخى تولىمۇ ئۇزاق بولۇپ، يىراق ئەسىرلەردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتاپ كەلگەن. ئۇ بىزنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى مىللىي سالاھىيىتىمىزنى بېكىتىشتىكى ئالاھىدە نام. بىز مۇشۇ نام ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تونۇپ ھەم تونۇتۇپ كەلمەكتىمىز.
2. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر دېگەن ئېتنىك نامدىن قالسىلا بىزنىڭ تارىخىمىز ۋە سالاھىيىتىمىزنى ئىسپاتلايدىغان، ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە بەلگە بولۇپ، ئۇ بىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىل. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن باشقا تىل ۋە يېزىقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئوخشىمىغان يېزىقلاردا ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى 11- ئەسىرلەردە شەكىللىنىشكە باشلىنىپ، ھازىرغا كەلگەندە تولۇق مۇكەممەللەشكەن يېزىققا ئايلانغان. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش ۋاستىسى بولۇپ، شىمالدا ئىلى ۋادىلىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى. «قوش تىللىقلىشىش» ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇش ۋە «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
3. ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس ئەدەبىيات- سەنئەت بايلىقىغا ئىگە. ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقى، چىنلىقى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئۇيغۇرلار مەنىۋى ھاياتىنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلار شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەۋرەنمەس ھاياتىي كۈچىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.
4. ئۇيغۇرچە ئەخلاق ئەندىزىسى. ئۇلار ئائىلە، جەمئىيەت ۋە شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەشتە ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئەندىزىسى ياراتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەخلاق ئەندىزىسىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى دۇنيا ۋە قىممەت قارىشى، ياخشى- يامانلىق قارىشى، گۈزەللىك قارىشى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇيغۇرچە ئەخلاق ئەندىزىسى ئاتا- بالا، ئەر- ئايال، قۇلۇم- قوشنا، مېھمان- ساھىبخانلىق مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىچە ئەخلاق پرىنسىپلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپلا كەلمەستىن، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇيغۇرچە ئەخلاق ئەندىزىسىنى ئۇيغۇرلار مەنىۋىيىتىنىڭ ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان تاشقى پوستى، دېيىشكە بولىدۇ.
5. ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى. مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش تارىخىدا سىرتقى مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان خەلقلەرنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن يېيىلىپ كېتىش تارىخى كۆپ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىش تۈگۈنىدە ياشاپمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ يات مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن كۈچلۈك بولۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى كۆپ خىل دىن ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىدىن كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە رەڭدارلىق، ئۆزگىچىلىك ۋە سىجىللىق بېغىشلىغان.
بۇ بىر قانچە ئامىل بەلكىم بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنە ۋە سالاھىيىتىنى بېكىتىشتە يېتەرلىك ئاساس بولالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇلار بىزنىڭ زامانىۋىلىشىشىمىز داۋامىدا كەم بولسا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا زامانىۋىلىشىش داۋامىدا بەلگىلىك ئورۇن بېرىش زۆرۈر. شۇندىلا دۇنياغا يۈزلىنىپ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدىكى مەۋجۇدلۇق رىقابىتىدە ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقىلىيالايمىز.

خاتىمە ئورنىدا

زامانىۋىلىشىش توغرىسىدىكى بۇ مۇرەككەپ تېما گەرچە كەسپىي نەزەرىيىۋى تەتقىقات تېمىسى بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن پېقىر ئۆزۈمنى چاغلىماي بۇ ئاددىي مۇلاھىزىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ئۇنىڭدىكى كۆزقاراشلار توغرىدۇ يا خاتادۇر. ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشكە پىلتە بوپقېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى دەۋر، جۈملىدىن بىزنىڭ رېئاللىقىمىز بىزنى مۇشۇ ھەقتىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشكە تەقەززا قىلماقتا.

2004- يىل 5- نويابىر، شەھىرى خوتەن
(«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلى 2005- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى)