«بىر كۈن ياشىساڭ ئاللاھ دەرگاھىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىسەن» دېگەنىكەن بىر تەقۋادار. ئۇنتۇما قېرىندىشىم، ھەممىمىز ۋاقىتلىق بەھىرلىنىشلەرگە تولغان دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا تۇرىمىز. قەلبىمىزنى ئەسىر قىلىۋالغان ھەۋەس ئوردىلىرىدىن مەھرۇم بولماقلىق- بىز ھەممىمىز بىلىدىغان، ئەمما ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان تەقدىرىمىز.

كەيپى بىلەن ئەقلىمىزنى كېسىۋاتقان مەينىڭ، نازى بىلەن روھىمىزنى ئۆلتۈرۈۋاتقان گۈزەلنىڭ كەينىدە شەيتان ئۆز غەلىبىسىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلمەكتە. روھىمىز قىلمىشلىرىمىز تۈپەيلى ئۇچرايدىغان جازالىرىمىزنى ئويلاپ ئۆكۈنمەكتە. كۆردۈڭمۇ قېرىندىشىم، بۇ كەيىپچىلىكلەر، بىردەمچىلىك راھەتلەر، بىز خۇش بولىمىز دەپ قىلغان ئەسكىلىكلەر روھىمىزنى ئازابلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتىكى ئازابتىن بىشارەت بېرىۋاتىدۇ.

تۇر، قېرىندىشىم تۇر، ئاتىمىز ئادەمنىڭ ئازغۇنلۇقىنى تەكرارلاۋەرمەيلى،يۈسۈف ئەلەيھىسسالامدەك ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن نەپسى- شەيتاننى يېڭىشنى ئۆگىنەيلى. قەلبىمىزدە ئاللاھ زىكرىدە، روھىمىزنى گۈزەل ئەمەللەردە چىن مەنىسىدىن كۈلدۈرەيلى.

«رەببىمىز، بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن، دىلىمىزنى ھىدايەتتىن بۇرۇۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. سەن ھەقىقەتەن بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن.» (ئال ئىمران 8- ئايەت)