تومۇز.
ئۇرۇلماقتا يۈزۈمگە ئاتەش.
تۆت كۈندىن كېيىن
مەۋلۇت كۈنى ئوماق قىزىمنىڭ.
بىر يىل
ئۆتۈپ كەتتى ھەش- پەش دېگۈچە.
كومپيۇتېر ئالدىدا،
تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشىدا،
تۈگىمەس پروگراممىلار دۆۋىسىدە.
موتسىكىلىت ئۈستىدە،
غاپىللىق ئىچىدە.

ئۇپرىغا كونۇپكا تاختىسى،
پۈتمىگەن يۇمشاق دېتال،
چاڭ باسقان قۇرئان،
تەمتىلىگەن بالام…
يەنە بىراۋ
چاي دەملەپ كېلىپ،
مۇشتلىماقتا دۈمبەمنى يۇمران.