ئەخمەت ئىمىن

مەن ئىشرەت بەزمىسىدە ئولتۇرىۋاتىمەن، ئەي دۇنيا، كەل، بىللە ئىچىشەيلى! كۆتۈرەلىسەڭ ، ماڭا
ئوخشاش ئاقنى ئىچ. يېنىڭ توم بولسا ، «ئىلى چەمبىرەك»نى ئىچ، يېلىڭداپ قالغان بولساڭ ،
«شياگاڭ داچۈي» نى ئىچ. ئىستاكانغا لىق تولدۇراي، قوۋزۇڭنى تولدۇرۇپ- تولدۇرۇپ ئىچ. يۈرىكىم
چىلاشسۇن دېسەڭ، بوتۇلكىسى بىلەن ئىچ، ساندۇقلاپ ئىچ! ھە، مانا شۇ چاغدا ماڭا ئۈلپەت بولا-
لايسەن، شۇ چاغدا «ئەكەل قولۇڭنى!» دەيمەن، بىز دوست بولىمىز.

مەست بولۇپ قالىمەن دەمسەن، قورقما، مۇزدەك پىۋا ئىچىمىز، كەيپىڭمۇ كۆپۈكتەك يوقاپ كېتىدۇ.
لېكىن، كەيپىڭنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ياخشى ئىش ئەمەس، خاتىرجەم بول، مەن كەيپنىڭ ئەھلى. مۇ-
سەللەسلىرىمىز بار، مەيزاپلىرىمىز بار ، پاتېنت ھوقۇقى بىزنىڭ ، ئۇنىڭدا بىزنىڭ مىللىي روھىمىز
قىزىرىپ تۇرىدۇ، خۇددى خورازنىڭ تاجىسىدەك، خۇددى ھۆسن تۈزەش دۇكانلىرىدىكى يالاڭپاچاق
تەتەيلەرنىڭ لەۋ سۇرۇخىدەك… ھا- ھا، ئۇ چاغدا كۆر مەستلىك دېگەننى! مېڭىشلىرىڭ غالداڭـ-
ـغۇلدۇڭ، يېتىشلىرىڭ ئىرماش- چىرماش، ئاڭلاشلىرىڭ «ئەي .. يا»، «ئاھ … ۋاھ» … ئەتىسى
قوپساڭ، يانچۇقلىرىڭ تەتۈر ئۆرۈلگەن، خوجايىننىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن، «كىملىك» ىڭنى گۆرەگە قويۇپ
پۇل ئەكېلىشكە ئۆيگە يۈگۈرگەن…

مانا كەيپچىلىك، مانا تاماشا!

كەل، دۇنيا، كەل. ئىشرەت بەزمەمگە كەل، كەيپنىڭ ھوزۇرىنى بىللە سۈرۈشەيلى. بىر تالدىن چېكىشىـ-
ـۋالامدۇق؟! سىگارىتىڭنى قوي، ئېغىزنى بەتتەم قىلىدىغان! شياڭيەننى كۆتۈر، مەيدىنى چىڭىتىدىغان!
بىر پىنەك ئوراپ بېرەي، بەلغەمنى ھەيدەيدۇ؛ مېغىزدەك سېلىپ بېرەي، پەيزىڭنى قوزغايدۇ. ئاسمانغا
چىقىپ ئەرشنى كۆرىسەن، يەرگە چۈشۈپ كەشىڭنى كۆرىسەن! جىسمىڭ قايناق بازالاردا، روھىڭ
مىسكىن مازارلاردا! يۈرەكئالدى بولۇپ كېتىدىكەنمەن دەپ قورقۇۋاتامسەن؟ ئەمىسە، يۈرەكنى قاپتەك
قىلىۋېتىدىغان بىر چىمدىم سېلىپ بېرەي. ناسۋال قاپاقنى قېقىپ بېرەمدىكىن دەپ قالما. بىزمۇ زاما-
نىۋىلىشىپ كەتتۇق. ئىچىشىمىز ئاق، چېكىشىمىزمۇ ئاق، كۈمۈشرەڭ قەغەزگە ئاقنى قويۇۋېلىپ، سە-
رەڭگىگە ئوتنى يېقىۋېلىپ، يۈز سوملۇقنى كاناي قىلىۋېلىپ، ئاق يىلاندەك مەستخۈش تۈتۈننى ئەجدىھا-
دەك ھاپلا يۇتىمىز، ئاقنىڭ كەيپى نازىنىن قىزدەك، ۋۇجۇدىمىزنى قىلغاندا ئەسىر، قولىمىز بوشاپ،
پۇتىمىز بوشاپ، شامدەك يۇمشاپ، لايدەك ياتىمىز. بۇ جەھەتتە ياۋروپادىن ئۆتۈپ كەتسەك كېتىمىزكى،
كەينىدە قالمايمىز. ئاۋۋال ئىشلەپ تاپقان پۇلىمىزغا چېكىمىز، ئاندىن ئاتا- ئانىمىزنىڭ پۇلىغا چېكىمىز،
كېيىن كۆزىمىزنى خەقنىڭ يانچۇقىغا تىكىمىز. ياكى ئالداپ ئالىمىز، ياكى بۇلاپ ئالىمىز، ياكى تىلەپ
ئالىمىز، ياكى چەيلەپ ئالىمىز. ئىشقىلىپ ئالىمىز، چېكىمىز! ئاق چېكىش ئۈچۈن بەزەندە خەقنىڭ بوينى
باغلانغان ئىتىغا ئايلىنىمىز، «ئال كۈچۈكۈم» دېسە، ئاتا-ئانىمىزغىمۇ «ھاۋ» دەپ ئېتىلىمىز. ئاشۇ ئاق
ئۈچۈن بەزىدە مادا ئېشەككىمۇ ئايلىنىمىز، ئىپپەت- نۇمۇستىن، غورۇردىنمۇ بىراقلا ئايرىلىمىز. ئاشۇ
ئاق ئۈچۈن بەزىدە ئوقى بار مىشەككىمۇ ئايلىنىمىز،چاچراپ چىقىپ گۇناھسىزنىڭ يۈرىكىگە سانچىلىمىز.
ئاشۇ ئاق ئۈچۈن ئوت بولۇپ يانىمىز، ئاشۇ ئاق ئۈچۈن ئىس بولۇپ ئۇچىمىز، ئاشۇ ئاق ئۈچۈن كۈل
بولۇپ ئۇچىمىز.

كەل، دۇنيا، كەل! سەنمۇ چەك! ئۇچايلى بىز بىللە سامادا، مانا كەيپ، مانا تاماشا!

مەن ئىشرەت بەزمىسىدە ئويناۋاتىمەن. كەل، دۇنيا، كەل، بىللە ئوينايلى!

بىزدە ھەممە ئويۇن بار، خالىساڭ، باشلىرىمىزنى ئىككى يانغا تاشلاپ ساما ئوينايمىز، خالىساڭ،
بېلىمىزنى تولغاپ دېسكو ئوينايمىز. كەل، دۇنيا، كەل. سەن ئايال بول، مەن ئەركەك بولاي، سەن
بوينۇمغا گىرە سال، مەن بېلىڭنى قۇچاي، چاپلىشىپ تۇرۇپ، چىرمىشىپ تۇرۇپ، ئەڭ زامانىۋى تانسا
ئوينايمىز. ئاجايىپ نوچى بايلىرىمىز بار. قوللىرىنى يۈز سوملۇق پۇلغا سۈرتىدىغان، بېشىمىزدىن
«شاراق- شاراق» دوللار ئۆرۈيدىغان؛ يەنە ئاجايىپ ئاياللىرىمىز بار، ئۇسسۇل ئويناپ بەرسەك، شە-
ھەر ئېلىپ بەرگەندەك، بوينىمىزغا شايىلار ئارتىپ، بېلىمىزگە نەچچە كىيىملىك بەقەسەملەردىن بەلۋاغ
باغلايدىغان.

قارا، دۇنيا، قارا، ئۇياقتىمۇ توي، بۇياقتىمۇ توي! ئۆز زامانىسىدا پادىشاھلىرىمىز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ
تويىغا پۈتۈن ئەلگە ئاش تارتىدىكەن. بىز بۆشۈك تويلىرىمىزغىمۇ، سۈننەت تويلىرىمىزغىمۇ، ھەتتا
چوكان تويلىرىمىزغىمۇ پۈتۈن شەھەرگە ئاش تارتىمىز، ھەتتا شەھەردىن شەھەرگە يۆتكىلىپ تۇرۇپمۇ
ئاش تارتىمىز، شەھەردىن شەھەرگە چاقىرىپ يۈرۈپمۇ ئاش تارتىمىز. بىز كىتاب ساتمايمىز، باغاق
ساتىمىز؛ كىتاب ئالمايمىز، باغاق ئالىمىز. بىز ھەمكارلىشىپ كارخانا قۇرمايمىز، بەلكى ھەمكارلىشىپ
سورۇن قۇرىمىز. بۈگۈن ھەممىڭلار بىرلىشىپ ماڭا بېرىسىلەر، ئەتە ھەممىمىز ھەمدەملىشىپ ساڭا بېـ-
ـرىمىز. مەنمۇ ھەممىنى رېستورانغا تۆكىمەن، سەنمۇ ھەممىنى رېستورانغا تۆكىسەن. سورۇندا ھەممىمىز
ئوقۇرى ئېگىز باي بالىسىدەك ئولتۇرىمىز؛ ئۆيگە قايتقاندا ناننى غاجىلاپ بېشىمىزنى قاشلاپ غەمگە
چۆكىمىز. ئۆيلىرىمىزگە خۇدانىڭ رەھمىتى ياغمايدۇ، باغاق ياغىدۇ. كۆڭلىمىزدە باغاقلارغا ئالقىش
ياغمايدۇ، قارغىش ياغىدۇ. لېكىن، چاندۇرمايمىز، سورۇنلاردا چىرايىمىزدىن راست كۈلكە ئەمەس،
ھىجاق ياغىدۇ، ئېغىزىمىزدىن راست گەپ ئەمەس، يالغان ياغىدۇ. بەزىدە زارلىنىپ غوتۇلدىشىپمۇ قو-
يىمىز، «بەزمە بالاسى» توغرىلىق پىكرىمىز بىر يەردىن چىقىدۇ. پىكرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىققانلىقى
ئۈچۈن، بىر- بىرىمىزنىڭ ھالىغا يەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن
كۆڭلىمىز ئۈچۈن، يەنە شۇ كۆڭلىمىز ئۈچۈن، ئەقىلنى تەرك قىلغان، ئەتىنى ئويلىمايدىغان ئاشۇ ئاپئاق
كۆڭلىمىز ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان، ئۆزگىنى ئويلىغان، ئاشۇ «ئۆزگە» مۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىنى
ئۇنتۇيدىغان ئاشۇ كۆڭۈلچەك كۆڭلىمىز ئۈچۈن قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ، قولنى بېرىشىپ، ئەتىسى يەنە
«يېڭى مەنىدىكى» بەزمە قۇرۇش ئۈچۈن ۋەدىلىشىمىز. ئىچمەيمەن دېگەن كۆڭلىمىز ئۈچۈن ئىچىمىز،
چەكمەيمەن دېگەن كۆڭلىمىز ئۈچۈن چېكىمىز، قىلمايمەن دېگەن كۆڭلىمىز ئۈچۈن قىلىمىز، بارمايمەن دېگەن
كۆڭلىمىز ئۈچۈن بارىمىز. قەتئىي قىلماسلىقمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز، پەقەت بىر قېتىم دېيىشمۇ بىزنىڭ كۆڭـ-
ـلىمىز، بىر قېتىمدىن كېيىن «ئاخىرقى قېتىم»، «ئاخىرقى قېتىم» دىن كېيىن «مۇشۇ ئاخىرقى قېتىم»،
ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى «ئەڭ ئاخىرقى قېتىم»، ئۇنىڭدىن كېيىنكى «ئەڭ» – توختىماس رېتىم!

مانا بىزنىڭ توختىمايدىغان تۇرمۇش رېتىمىمىز، مانا، بىزنىڭ ناغرا- سۇناي تەڭكەش قىلىنغان ھايات
رېتىمىمىز! ناغرا- سۇناي، ناغرا- سۇناي! شۆھرىتىڭگە قوشاق قاتاي! ساراي ئاچسۇن باشقىلار،
مەن داۋرىڭىغا ناغرا چالاي؛ ئېھسان قىلسا ئۇ يۈز سوم، جوزىغا خەجلەپ يۈز تاپاي! پوجاڭزىلار
چەكلەنسە، ئۇنىڭ رولىنى مەن ئالاي، مالنى ساتسا خەق ساتسۇن، مەن ئۇسسۇل بىلەن داپ ساتاي!

كەل، دۇنيا، كەل، زامان بىزنىڭ، دەۋر بىزنىڭ!

سېنىڭ دەۋرىڭ ئۇچۇر دەۋرى بولسا، بىزنىڭ دەۋرىمىزمۇ ئۇچۇر دەۋرى. سەن ئۆزئارا ئىلىم- بىلىمنىڭ
ئۇچۇرىنى يەتكۈزسەڭ، بىز ئۆزئارا توي- بەزمىنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزىمىز. سەن پەن- تېخنىكا ئىجاد
قىلساڭ، بىز توي- بەزمە ئىجاد قىلىمىز. كەل، دۇنيا، كەل، ئىشرەت بەزمىمىزگە كەل، قىرانلار بەز-
مىسىگە كەل، چوكانلار بەزمىسىگە كەل، بالىلار بەزمىسىگە كەل، چاللار بەزمىسىگە كەل، ئەپەندىلەر
بەزمىسىگە كەل، ھاجىملار بەزمىسىگە كەل، ئىشى پۈتكەننىڭ بەزمىسىگە كەل،ئۆي كۆچكەننىڭ بەزمىسىگە
كەل، تۇغۇلغانلار شەرىپىنىڭ بەزمىسىگە كەل، ئۆلگەنلەر ھۆرمىتىنىڭ بەزمىسىگە كەل… كېلىۋەر،ئىككىـ-
ـلەنمەي كەل، كەلگىنىڭ شەرىپىگە بولىدىغان بەزمىگە كەل، كەتكىنىڭنىڭ ھۆرمىتىگە بولىدىغان بەزمىگە كەل،
لېكىن قورسىقىڭنى توقلاپ كەل، ھەميېنىڭنى لىقلاپ كەل! رېستورانلار ئارا پۇلۇڭنى چاچ، بايۋەتچىلىك
بىلەن كۆڭلۈڭنى ئاچ. بولىسەن شۇندا سەنمۇ باي- پادىشاھ، مانا تاماشا، مانا تاماشا!

(ئاپتورنىڭ «جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.)