مېھماندارچىلىقلار يەنە باشلاندى . مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى ؛ ئۆزۈڭلارنىڭ گېپى يوقمۇ؟ مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى ؛ ئەزان چىقىۋاتىدۇ.بىلىكىمدىن سۆرەپ مېنى ئىشرەتكە ئۈندەۋاتىسەن. مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى؛ سۆھبىتىڭلار داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۆزۈمنى كۈلكىگە زورلاپ ئولتۇرىمەن، مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى؛ ئۇ سەكرات ئۈستىدىكەن ، يەنە بىرى ئۆلۈپ كېتىپتۇ . بۇلار تىرىك نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى؛ تېلىۋېزۇرنى شۇنچە ئاختۇرۇپ بىرمۇ قەھرىمان تاپالمىدىم. ئارتىستلار نېمىشكە كەچكۈچە ھايۋاننىڭلا رولىنى ئالىدىغاندۇ؟ مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى؛ئىچىۋاتىسلەر، مەستلىكتە رېئاللىقتىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرماقچى بولۇۋاتىسلەر، يەنە تېخى مېنى ئۆزۈڭلاردەك بولۇشقا زورلايسىلەر، مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى؛قۇياش پېتىۋاتىدۇ. مەن كۆتۈرۈلۈشكە مۇھتاج. مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى…