سۈپسۈزۈك چۈشلىرىم، سۈپسۈزۈك چىراي،
دىلبىرىم مەن سېنى قانداق ئۇنتۇلاي؟
گۈل بولۇپ باغرىمغا سانچىساڭ تىكەن،
يۈرەك قان سايرىغان بۇلبۇلۇڭ بولاي.

قولۇڭغا تاش ئالساڭ باشىمنى ئۇراي،
مۇڭلانساڭ دەردىڭنى ئاڭلاپ ئولتۇراي.
كەت دېمە، ئۆلۈمىم يېقىندۇر، يېقىن،
بىر دەقىق بولسىمۇ قېشىڭدا تۇراي.