ئادەملەر تېڭىرقايدۇ . ھەقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزلىرى تاپماقچى بولغىنىدىن تېڭىرقايدۇ . ئالىيجانابلىق-رەزىللىك، گۈزەللىك- سەتلىك، بەخىت-بەخىتسىزلىك…ۋەھاكازالارغا چىن تەبىر بېرەلمەي تېڭىرقايدۇ. تۈنۆگۈن ئۆزلىرى ھەقىقەت بىلىشكەن تەبىرىنىڭ بۈگۈن توغرا ئەمەستەك تۇرغىنىنى كۆرۈپ تېڭىرقايدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ بۇلارغا ئاللىبۇرۇن ھەق ئۆلچەمنى بېكىتكەن. ئىنسان شۇ ئۆلچەملەر بويىچە ھاياتىنىڭنىشانىنى بېكىتىپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشسىمۇ ئۇنىڭ يۈكى تولىمۇ ئېغىر ئىدى . لېكىن، ئادەملەر ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنۇپ بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋالدى. ئادىمىيلىككە قاراپ بىر قەدەم ئالماستىن ئەجەل ئوقىنى ئۆز كۆكرىكىدە كۆردى.

ئاللاھ ئادەم ئاتىنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئىلىم ئاتا قىلدى( زېمىندىكى جىمى شەيئىنىڭ نامىنى بىلدۈردى ). شۇ ۋەجىدىن ئۇنى ئەزىز قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئىلىم ئېگىلىرى ئاللاھ نەزىرىدە ئەزىز، ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. قۇرئاننىڭ تۇنجى كەلىمىسى «ئوقۇ» دىن باشلانغىنىمۇ بۇنىڭغا دەلىل. ئادەم ئاتا، ھاۋا ئانا شەيتانغا ئەگىشىپ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىش بىلەن جەننەتتىن قوغلاندى. ئاللاھ ھۆكمىدىن غاپىل بولۇش ئەنە شۇنداق خارلىققا سەۋەب بولىدۇ.

بىساناق ئەسىرلەر ، تالاي پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. شەكىلدە ئادەمزات ئالىمى ئۆزگەرگەندەك قىلغىنى بىلەن ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى قىلچە ئۆزگەرمىدى. ھېلىھەم ئىلىم ئېگىلىرى ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە مۈيەسسەر، ئاسىيلار خارلىققا مەھكۈم. ئادەم جىسمىنىڭ مەنبەسى تۇپراقنىڭ ناپاك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاللاھ جىسمىغا پۈۋلەپ كىرگۈزگەن پاك روھ ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈرىشىدە ھېلىھەم ئېلىشماقتا.

تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر سالساق، يېشىللىققا پۈركەنگەن دالىلار، رەڭگارەڭ چېچەكلەر، ئاپئاق قارلار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قوياش باغرىدىن پاكلىق ئۇچقۇندايدۇ. ھالبۇكى، ئادەملەر ئۆز ياۋۇزلىقى، ناپاكلىقى تاراتقان بەدبۇيلار بىلەن گۈزەللىك ئالىمىنى بۇلغىماقتا. كۆپ سانلىق ئادەملەرگە ئەگەشسەڭ ئۆز قەدىمىڭنى گۇمراھلىق مەنزىلىدە كۆرىسەن. چۈنكى، ھىدايەت مەنزىلى كىشىدىن تولىمۇ كۆپ سەۋر تەلەپ قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ھەقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلار ئاز ساندا بولىدۇ.

سوقرات: «ھەقىقىي مۈشكۈلات — ئۆلۈمدىن قانداق قۇتۇلۇش ئەمەس، بەلكى، گۇمراھلىقتىن قانداق ساقلىنىش.» دېگەنىكەن. گۇمراھلىق — ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىغا قىلىنغان ئاسىيلىقتۇر. ھەممىگە ئايان: ئىنسان تەبىئەت قانۇنىغا بوي سۇنمىسا تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. تەبىئەت قانۇنىنى ياراتقۇچى، ئەلۋەتتە، جەمئىيەت قانۇنىنىمۇ ياراتقان. بۇ قانۇنغا بوي سۇنمىغانلار ھەم ۋاسىتىلىك ھالدا جەمئىيەت جازاسىغا ئۇچراپ،روھىي چۈشكۈنلۈك ئاسارىتىدە شەھۋانىيلىق، زەھەرلىك چېكىملىك،قىمار قاتارلىق ئىپلاسلىقلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىشى مۇھەققەقتۇر- ئەلۋەتتە.

ئاسماندىكى ساناقسىز يۇلتۇزلار ئاللاھنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنىغا بوي سۇنغىنىدىن، بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ گۇمران بولۇش خەۋپىدىن ئەمىندۇر. لېكىن، ئادەملەر كۆپ ھاللاردا ئۆز خاھىشىغا ئەگىشىدۇ.دۇنيادىكى تىنچسىزلىق، ۋەيرانچىلىق، بالايى – ئاپەتلەر دەل شۇ مەڭگۈلۈك قانۇنغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكنىڭ نەتىجىسى، خالاس.