بەخت– سائادەت

سەلمان ئەۋدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بەخت ياكى سائادەت مال- دۇنيا بىلەن ياكى كۈچ قۇۋۋەت- زورلۇق بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە
ئەمەس، چۈنكى ئۈ ھەر قانداق مال دۇنيادىن قىممەتلىك، ھەر قانداق كۈچتىن كۈچلۈك ، بەخت گويا دېڭىز
ئاستىدىكى بىر بىباھا گۆھەركى ئۇنىڭ ۋەسلىگە يىتىش ئۇچۇن كۆزىتىشكە، شۇڭغۇشقا ماھىر غەۋۋاس بولمىسا
بولمايدۇ . بەخت سائادەت شۇنداق بىر ئورۇن ياكى ئەڭ سۆزلەردە ئۆزىنى ئاشكارا قىلىدۇكى، ئۈ بولسىمۇ بىز
ھاياتقا ئىجابىيلىق بىلەن، ئىشەنچ، ئۈمىد بىلەن باققىنىمىزدا، مانا شۇ چاغدا بەخت سائادەتنىڭ ئىچ
ئىچىمىزدىن تارايغانلىقىنى كۆرىۋالىمىز، گوياكى ئۈ بىر توختىمايدىغان بۇلاقتەك، پۈتۈن بەدىنىمىزنى ئىجابىي
ھايات بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرىدۇ.

بەخت دېگەن زادى نېمە ؟؟
بىر قېتىملىق ئاممىۋى راي سىناشتا، 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بەخت دېگەن نېمە
دەپ سورالغان سوئالغا 36%ى بەخت دېگەن مۇھەببەت دېمەكتۇر دېگەن، 29%ى ھاياتلىقتا رازىمەنلىكتۇر
دېگەن ، 18%ى تەن سالامەتلىك دېگەن، ،7%ى توي قىلىپ ئۆي تۇتۇش دېگەن،5%ى بولسا
مال – دۇنيا دېگەن، 3%ى بالىلىق دەۋرى دېگەن، 2%ى بولسا سەپەر قىلىش دېگەن.
مىسىرنىڭ داڭلىق مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولغان ئابباس ئەل ئەققاد مۇنداق دەيدۇ :“ مېنىڭ بىر رەسسام
دوستۇم بولۇپ ، كوپ چاغلاردا تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ رەسىم سىزاتتى، بىر كۈنى ئۈ بەختنى تەسەۋۋۇر قىلىپ،
20 ياشلىق نازىنىن بىر قىزنىڭ رەسىمىنى سىزىپتۇ، ئۈ قىز ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى، دوستۇم ئۈ رەسىمىنى
ماڭا كۆرسەتتى، دېدىمكى لېكىن مەن بەختنى ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلمايمەن. سېنىڭ بۇ رەسىمنىڭ بەلكى
خۇشاللىق ياكى ھوزۇرلانغانلىقنى ئىپادىلەپ بېرىشى مۇمكىن، لېكىن بەخت دېگەن باشقا نەرسە، بەخت دېگەن
بىز ياشىغان بىر زامان ياكى دەۋردۇركى ئۈنى تەسۋىرلىمەك تەس، بەختتە سۈكۈنات ۋە تەمكىنلىك مەنىسى
باركى ئۈ ھەرگىزمۇ ۋاراڭ چۇرۇڭ ياكى شاۋقۇن-سۈرەن ئەمەس ، بەخت دېگەن ۋىجداندا تېپىلىدىغان، ئىچكى
بىر ھېسىياتتىن ئىبارەت، شۇڭا ئۇنىڭغا مۇتلەق بىر چۈشەنچە ياكى ئېنىقلىما بەرگىلى بولمايدۇ، خۇددى
ئېلىم پەندە ئاتالغۇ ياكى قائىدىلەرگە چۈشەنچە بەرگەندەك، ئۇنى ھېچقانداق چۈشەنچە سىغدۇرالمايدۇ،
بەلكى بەخت ئالدىمىزدا بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنى تونىمىغانلىقتىن قولىمىزدىن كېتىشى مۇمكىن، بىز شۇ
چاغدا ساپ ساق، ئەقلىمىز تولغان بولساقمۇ ئۈنى سىزەلمەيمىز، كىچىك بالىلاردەك غەمسىز، بەخىرامان
بەختلىك ھاياتنى تىخىمۇ تاپالمايمىز، ئاشۇ بالىلارمۇ كىچىك ۋاقتىدىكى ئاشۇ بەختنى سەزمەسلىكى مۇمكىن،
لېكىن چوڭ بولۇپ ئەقلى تولغاندا ، دۇنيادا بەخت دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭقىرىغاندا ئاشۇ بەختنى
ئىزدەشكە باشلايدۇ، خۇددى ئۈ دۇنيادا يوق ، تېپىلغۇسىز نەرسىدەك“.
ئەگەر بەخت مال بىلەن، ئالتۇن بىلەن بولسا ئىدى دۇنيادا ھەممىدىن بانكىلار، تاغلار ، كانلار ئەڭ بەختلىك
بولغان بولاتتى، ئەگەر بەخت چىرايلىقلىق بىلەن، گۈزەللىك بىلەن بولسا ئىدى توز ھەممىدىن بەختلىك
بولغان ئىدى، باھاردا ئېچىلغان گۈل چۆچەكلەر ھەممىدىن بەختلىك بولار ئىدى، ئەگەر بەخت كۈچ قۇۋۋەت،
زورلۇق بىلەن بولسا دۇنيا ۋەھشىي يىرتقۈچلار ئەپ بەختلىك بولغان ئىدى، ئەگەر بەخت ئەخلاق بىلەن ،
ھېكمەتلىك سۆزلەر ، يۈز ئابرۇي بىلەنلا بولسا ئىدى دۇنيادا ئىنسانلارلا ئەڭ بەختلىك بولغان بولاتتى
بەخت سائادەت بولسا سەبىي بالىنىڭ كۈلكىسىدە، راستچىللىق تىلى بىلەن سۆزلەنگەن ياخشى سۆز-
نەسىھەتلەردە، ياكى ياراتقان ئىگىسىنى ياد ئېتىپ ئېيتقان دۇرۇتلاردا ، ياكى قېرىنداشلىرىغا )ئۇلارنى
تونىمىسمۇ، كۆرمىگەن بولسىمۇ( كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ياد ئەتكەن قەلبتە، ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى ياشنى
سۈرتەلىگەندە، مىللەت ۋە ۋەتەن ۋە ياكى دىنى ئۇچۇن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقاندا ،
قاتتىق قىيىنچىلىقتىن كىيىن قولغا كەلگەن غەلبىدە ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان راھەتتە ئۆزىنى دەل ئاشكارا قىلىدۇ..
ئەنە شۇ چاغدا ھەقىقىي سائادەتنى ھېس قىلىسەن. بەخت دېمەك رازىمەنلىك شۇنداقلا باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە
قارىماسلىق. ”بىز تۈرلۈك جامائەلەرنى بەھرىمان قىلغان دۇنيانىڭ نىمەتلىرى ۋە زىبۇ زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن
بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمز “ تاھا سۈرىسى 131 ئايەت

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە ئۇلارنى خۇشال قىلغىدەك مال دۇنيا، تەن سالامەتلىك، يۈز ئابرۇي بولىشى
مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغىنى ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئويى
چوڭراق، يەنە بىرىنىڭ پۇلى كۆپرەك، يەنە بىرىنىڭ مەنسىپى يۇقىرىراق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە كۆڭلى يېرىم
بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ يەردە سىېلىشتۇرما ئەپ بارغان، ئوز ۋاقتىدا شەيتانمۇ شۇنداق قىلىپ ئاسىيلىق قىلغان
ئىبلىس :“ مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مىنى ئوتتىن ، ئۈنى لايدىن ياراتتىڭ“ دېدى“ ئەئراف سۈرىسى 12 ئايەت

شۇنىڭ ئۇچۇن بىزمۇ بۇ خىل سېلىشتۇرمىنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ قالمايلى، پەرۋەردىگارنىڭ بەرگىنىگە رازى
بولايلى لېكىن سېلىشتۇرمىمىز ، پايدىلىق ئىلىم، پايدىلىق ئىش – ئەمەل ۋە ياخشىلىقلاردا بولسۇن
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز شۇنداق خىتاب قىلغان “ (مال دۇنيا مەنسەپ جەھەتتە )ئوزەڭلەردىن تۆۋەندىكىلەرگە
قاراڭلار، يۇقىرىدىكىلەرگە قارىماڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بەرگەن نىمىتىگە تۇزكورلۇق
قىلمايسىلەر، قەدرىنى بىلىسىلەر“. دېمەك مانا مۇشۇ رازىمەنلىكمۇ بەختتۇر، شۇڭا ھەزرىتى پەيغەمبەرمۇ مۇنداق
دۇئا قىلاتتى “ مەن سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارغا رازىمەنلىكنى سورايمەن“ بۇنداق بولغاندا، ئىنسان ئەگەر بىر
پېشكەللىككە يولۇقۇپ، مال دۇنياسىدىن، ئائىلىسىدىن ھەتتا بىرەر ئەزاسىدىن ئايرىلىپ مېيىپ بولوپ قالسىمۇ،
بۇ تەقدىردىن رازىمەنلىك ھېس قىلسا ، قەلبىدە بەخت تاپقاي.
بىر كۈنى بىر مېيىپ ئادەمنى كۆردۈمكى بۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ئەزالىرىدىن پەقەت تىلى بىلەن كۆزى
بار ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا چىرايىدا بىرخىل خۇش خۇيلۇق كۆردۇم، سۆزلىگەندە ناھايىتى ئېچىلىپ
سۆزلەيتتى، ئۇنىڭدىكى بۇ ئالامەتلەرنى تىنى ساق كىشىلەردىمۈ كۆرمەك تەس ئىدى بۇ كۈنلەردە، ئۈ ماڭا
ھېكايە قىلىپ دەپ بەردى : ئۈز ۋاقىتدا تولغان بىر ياش ئىدىم، ناھايىتى ئېغىر نەرسىلەرنىمۇ كۆتىرىۋېتەتتىم،
كىيىن بىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، قولۇمدىن پۇتۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم، دائىم ئىچىم پۇشۇپ يىغلاپ
يۈردۈم، شۇنىڭ بىلەن ئاكام مېنى يۈدۈپ دوختۇرخانىمۈ دوختۇرخانا ئايلاندى، ئۈ يەرلەردە مەندىمۇ بىچارە
مەندىمۇ بەتتەر كىشىلەرنى كۆردۇم بەزىلىرى بۇنىڭ تەسىرىدە ھوشىدىن كېتىشكەن، بەزىلىرى ساراڭ بولاي دەپ
قالغان ئىدى، بۇنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ ھالىتىگە كۆنۈپ قالدىم ۋە پەرۋەردىگارىمغا يۈزلەندىم، نامازلىرىمنى
ئوقۇدۇم، شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى تاپتىم، مانا ئەمدى مۇشۇ ھالدا مېنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن .
ساھابىلەردىن سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كىشى ئىدى، بىر كىشى ئۇنىڭغا دېدى،
سەن باشقىلار ئۇچۇن دۇئا قىلىدىكەنسەن،ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلساڭ، ئاللاھ كۆزۈڭنى قايتۇرۇپ بەرسە؟
دېدىكى ئۈ زات، ئى ئوغلۇم، ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ تەقدىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى ماڭا كۆزۈم ساق
بولغاندىمۇ ياخشىراق.
بۇ ئىشلارغا ئاچچىقلىنىپ، شىكايەت قىلىپ يۈرگەنلەر خوشاللىقىنى سېزەلمەيدۇ، بەختنى تىخىمۇ سېزەلمەيدۇ،
ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىر قاراڭغۇ زۇلمەت بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ پەقەت قاقشىغىنى قالىدۇ، ھىچ نەرسىنى
ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەمما بۇلارغا رازىمەنلىك بىلەن يۈرگەن كىشىلەر بولسا ھەر ئىشنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىلكىدە
ئىكەنلىكىدىن رازىمەنلىك بىلەن يۈرىۋېرىدۇ.

بەخت ۋە ئىش – خىزمەت
ئىش قىلغىنىڭدا پەرۋەردىگارنىڭ سىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلا، شۇ ئارقىلىق خىزمەتنى ئىخلاس بىلەن ،
قېتىرقىنىپ ياخشى قىل، شۇندا خىزمەت قىلىشمۇ بەختنىڭ بىر يولى بولۇپ قالىدۇ، ھەم باشقىلار بىلەن
دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭمۇ پۇرسىتىدۇر.
ئۆزۈڭنى قىلىۋاتقان ئىشىنى سۆيسەڭ، بېرىلىپ قېتىرقىنىپ قىلساڭ ھەرقانداق ئىشتىن بەخت ھېس قىلالايسەن ،
ئۇنىڭدىن ھەر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسەن، مۇرادىڭغا يېتەلەيسەن .
ھاياتقا ئىجابىيلىق ۋە ئۈمىد بىلەن باققىنكى ھەرگىز سەلبىيلىك، ياكى چۈشكۈنلۈك بىلەن باقما، زېرىكىش ھېس
قىلمايسەن، قولغا كەلتۈرگەن ئازغىنە ئاددىي نەتىجە بولسىمۇ ئۈنى ئىشقا سېلىپ تىخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا
كەلتۈرۈشكە تىرىش، مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىغىنىڭدا بىلگىنى بۇ سىنىڭ غەلىبە قىلىشىڭنىڭ تۇنجى قەدىمى،
مەغلۇبىيەتتىن ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمەي سەۋر قىل، پەرۋەردىگارىڭغا سىغىن .ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىپ باققىن. بۇرۇن
بىر كىشى بولغان ئىكەن، دۇنيانى 10 يىلدا ئۆزگەرتمەكچى بولۇپتۇ، لېكىن بۇ 10 يىل ئۈ سەزمەستىن ھىچ
ئىش قىلالماستىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۈ دەپتۇـ، ئالدى بىلەن دۆلىتىمنى ئۆزگەرتەي دەپ بەش
يىل بەلگىلەپتۇ، لېكىن بۇ بەش يىلدا ھىچ ئىش قىلالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن شەھىرىمنى 3 يىلدا ئۆزگەرتەي دەپ
ئېلان قىپتۇيۇ،ـ بۇنىمۇ قىلالماپتۇ، ئاخىرى مەن ياشايدىغان مەھەللىنى ئۆزگەرتەي دەپ بۇنىمۇ قىلالماپتۇ،
ئاخىرى ئائىلىسىنى ئالتە ئايدا ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ بۇنىمۇ قىلالماپتۇ ، شۇندىلا ئۆزىگە دەپتۇ: ئەمدى بىلدىم
، مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتەي. ئاللاھ مۇنداق دېگەن ”ھەر قانداق بىر قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى
ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ“ رەئىد سۈرىسى 11 ئايەت
بەخت ۋە ئۇتۇق ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن،ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ،ئۆزىمىزنى تۈزەلىسەك ئاندىن
باشقىلارنى تۈزەلەيمىز كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ، بەختنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، شۇڭا
پەرۋەردىگار بۇ توغرىدا كىتابىدا جىق يەردە بۇيرىغان، ھەزرىتى پەيغەمبەرمۈ مۇنداق دېگەن : ”كىشى
باشقىلارغا قىلغان ياخشى مۇئامىلىسى، پەزىلىتى بىلەن كوپ ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقان كىشىنىڭ دەرىجىسىگە
يېتىدۇ“ ۋە مۇنداق دېدى : “ ماڭا ئەڭ ياقىدىغىنىڭلار، ئەخلاق پەزىلەتتە ياخشى بولغنىڭلار، مۇئامىلىسىدە
يېنىك، يۇمشاق بولغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشىپ ھەم باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرىلىدىغانلاردۇر“
بۇرۇن ئۆتكەن بەزى ياخشىلار مۇنداق دېگەن : بەزىدە باشقىلار بىلەن ئارامدا ئازارچىلىق يۈز بېرىدۇ، ئۇندىن
كىيىن ئۇچرىشىپ ئۈ ماڭا سالام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئېرىپ كېتىدۇ“
ھەزرىتى پەيغەمبەرنىمۈ مەدىنىدىكى ئەڭ ئاجىز دېدەكلەردىن بىرىمۇ قولىدىن يېتىلىگىنىچە باشلاپ كېتەلەيتتى.
ھەم ئۆزىمۇ ھەرقانداق كىشىنىڭ سورىغىنىنى ياندۇرمايتتى، بېرەتتى، ئۆزىمۇ مەن ھەرگىز بېخىل پىخسىق
ئەمەس دېگەن:
شۇنىڭ ئۇچۇن سەنمۇ باشقىلارغا مۈئامىلەڭدە سىلىق، مۇلايىم بول، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىشكە
تىرىش، ئۇلار ئۇچۇن ھەرىكەت قىل، دۇئا قىل، ئۇلارنى كەمسىتمەي، پەس كۆرمىگىنكى ياخشى گەپ قىلغىن،
چۈنكى ياخشى گەپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ سەدىقىدۇر. ھەزرىتى پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن : “ تۇل خوتۇنلار،
يېتىم- يېسىر مىسكىنلەر ئۇچۇن ئىش قىلغان كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ، ياكى كېچە
كۈندۈز ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتقان كىشىگە ئوخشايدۇ“.
چىرايىڭنى دائىم خۇش خۇي ۋە ئوچۇق تۇتقىن، كىشىلەرگە خاتالىقى ئالدىدا ئۇلارنى كەچۈرگىن ۋە بىر ئۈزرە
ئىزدە، باشقىلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى ئاختۈرما، باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى ئەيىبلە.
“ ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن يەنى ياخشى سوز قىلىشقا ، ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇغىن،
نادانلار بىلەن تەڭ بولما) نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن “ ئەئراف سۈرىسى 199 ئايەت
باشقىلار ساڭا بەرمىگەن بولسا ، سىنى توسقان بولسا سەن ئۇلارغا بەرگىن، ساڭا زۇلۇم قىلغانلارنى ئەپۇ قىل،
سىنى تاشلىۋەتكەنلەرنى زىيارەت قىل، بۇرۇن ياخشىلىق قىلغانلارغا بۈگۈنمۇ ياخشىلىق قىل، بەخت مانا شۇ
يەردىدۇر.
كىمنىڭ ئەڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟ ئۈ كىشىكى باشقىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە تالانتىنى ھۆرمەت
قىلىدىغان، قەدىرلەيدىغان ، ئۇلار ئۇچۇن خوش بولىدىغان، مانا بۇ بەخت مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، چۈنكى
كىشىلەرنىڭ غەلىبىسىنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ، بۇنداق غەلىبە ۋە قازانچى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئەگەر بىر
كىمنىڭ ئوقۇشتا ياكى خىزمەتتە قازانغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ توي قىلالىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ
ئۆسكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ ساقايغانلىقىنى كۆرسەڭ، خۇش بولغىن، مانا بۇ ئۈزۈلمەيدىغان خۇشاللىقتۇر،
بەختتۇر. ھەسەتتىن يىراق بولۇشنىڭ چارىسىدۇر. ھەسەتخورلار بەختتىن ئەڭ يىراق بولغۇچىلاردۇر، ئۇلار
كىمكى خۇشال بولسا، ياكى بىرەر نەرسىگە ئېرىشسە كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچىدۇ، كۆڭلى ئوتقا تولىدۇ، ئوز قولى
بىلەن بەختىنى قوغلايدۇ.

بەخت ۋە قانائەت قىلىش
ئىنسان تەبىئىتىدىن مال- دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بىلىشىمىز كېرەككى بەختلىك ئىنسان دېگەن ئۆزى
ياخشى كۆرگەن ۋە ياكى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشكەنلەرلا ئەمەس ، چۈنكى بۇ دۇنيادا مال-دۇنيانىڭ
ھەممىسىگە ، ئارزۇ قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بىر كۈنى ھەممەيلەن ئۆلۈپ قەبرىگە كىرىدىغان
گەپ.. بۇنداق بولغاندىن كىيىن، قانائەت بىلەن ياشىشىمىز كېرەك.
ساھابىلەردىن سەئىد ئىبنى ئەبي ۋەققاس ھەزرەتلىرى ئوغۇللىرىدىن بىرىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئې
بالام ئەگەر مال دۇنيانىڭ كويىدا بولساڭ، ئۇنى قانائەت بىلەن تەلەپ قىل، ئەگەر سەندە قانائەت
بولمايدىكەن، سىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بايلىقى قاندۈرالمايدۈ.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ جانابى پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: كىمىكى كۈنىدە تىنى ساق، ئوزۇقى تەل بولىدىكەن
خۇددى دۇنيانىڭ بايلىقى ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغاندەك بولىدۇ “ . يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن : بايلىق
دېگەن پۇل مالنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس ۋە لېكىن كۆڭۈلنىڭ توقلىقىدا“.
مەشھۇر سېخىلاردىن بولغان ھاتەم تائى سىرتتا بولۇپ، ئۆيدىكىلىرى ئاچ ئىدى، شۇ چاغدا ئۇلاردىن بىر كىشى
سۇ سوراپ كەلدى، ئۇلار ئۇ كىشىگە سۇ بېرىشتى، ئەسلىدە بۇ كىشى بىر ئەمىر بولۇپ، قايتىپ بېرىپ بۇلارغا
خىلى كوپ مال بەردى،ـ بۇنى كۆرگەن قىزى يىغلىغىنىچە ئانىسىغا دېدى : ئى ئانىكا كۆرمەمسىزكى، بۇ
دۇنيادىكى بەندىلەردىن بىرى بىزگە مۇشۇنچىلىك مال بەرگەن ئىدى، باي بۇلدۇق، باشقىلاردىن بىھاجەت
بۇلدۇق، ئەگەر پۈتۈن دۇنيا پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىزگە نەزەر سېلىپ، بىزگە بەرسە ئۇنداقتا تىخىمۇ
باي بولىمىز ھە( شۇنىڭ ئۇچۇن كىشىلەرنىڭ بەندىلەرنىڭ قولىغا قارىماي، ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى،
بەرگۈچىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا قارايلى، بەندىلەردىن سورىماي، تەمە قىلماي، ياراتقۇچى زاتتىن سورايلى،
تىلەيلى )!!
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز مەدىنىگە ئەمىر ۋاقتىدا مىڭ دىنارغا كەشتىلەنگەن بىر چاپاننى ئىلىپ
كەلگەندە قولىدا تۇتۇپ بېقىپ،ـ نېمە دېگەن قوپال دېگەن، كىيىن پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا خەلىپە بولغاندىن
كىيىن ئاران ئالتە دىنارغا بىر كىيىم سېتىۋېلىپ ئۈنى تۇتۇپ تۇرۇپ، نېمە دېگەن يۇمشاق دېگەن، شۇ
چاغدا بىر كىشى ـ، ئې مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئۈز ۋاقتىدا مىڭ دىنارلىق كىيىمنى قوپال كۆرگەن ئىدىڭ،
بۈگۈن ئالتە دىنارلىق ناچار كىيىمنى نېمە دېگەن يۇمشاق دەيسەنغۇ؟ دېگەندە خۇدا بىلەن قەسەمكى ئاللاھ
تائالاغا ئېمان كەلتۈرگەن ئادەم ئۇنداق مىڭ دىنارلىق كىيىمنى ئالمايدۇ، كىمكى بەختنى ئىزدەيدىكەن ئۈنى
مال دۇنيادىن ، ئالتۇن كۈمۈشتىن ، چوڭ چوڭ بىنا قەسىرلەردىن، ئىزدىمىگەي، بەلكى ئۆزىدىن ئىزدىگەي،
ئۆزىنى ھاۋايى ھەۋەسكە بويسۇندۇرمىغاي، شۇندا ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلغۇسى .

بەخت ۋە تەن ساقلىق
جانابى پەيغەمبەردىن شۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ : ”ئىككى نېمەت باركى كوپ كىشىلەر ئۇنىڭدا (
پايدىلىنىشتىن ) زىيان تارتىدۇ، ساقلىق ۋە بوش ۋاقىت“
تەن ساقلىق تىنى ساق بولغان كىشىلەردىكى پادىشاھلىق تاجىدۇركى ئۈنى پەقەت كېسەللەرلا ئەڭ ياخشى ھېس
قىلالايدۇ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ نىمىتىدۈر. شۇنىڭ ئۇچۇن تەن ساقلىقىغا شۈكۈر قىل، خۇشال بول، ئۈنى
كەتسە قايتا كەلمەيدىغان پۇرسەت دەپ بىل، ئۈنى ئۆزۈڭنى ۋە باشقىلارنى بەختلىك قىلىدىغان
ئىشلاردا سەرپ قىل، ياخشىلىققا ياردەملەشكەن، ياماندىن توسقىن، ئاجىز،پېقىر يىتىم – يېسىر ، تۇل
خوتۇنلارغا ياردەم قىل، چۈنكى سېنىڭ ئاشۇ ساقلىقىڭ ۋە بوش ۋاقتىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بار !!!
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز دېگەنكى : ئاللاھ تائالا كۈچلۈك مۆمىننى ئاجىز مۆمىندىن ياخشى كۆرىدۇ، ئىككىلىسىگە
ئۆزىگە چۇشلۇق ياخشىلىق باردۇر.
ئۆزەڭگە ئەڭ پايدىلىقىغا قارا، ئاجىز كەلگىنىڭدە ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلە، ھەرگىز يارىماس بولما !“
شۇنىڭ ئۇچۇن تەن ساقلىقىڭنى ئاسرا، ھەر ئىشتا ئورتا ھاللىقنى كۆزلە، قۇرۇق خىيال، بولمىغان قورقۇنچلارغا
ئۆزەڭنى ئەل قىلىپ قويمىغىن، چۈنكى بەدىنىڭ روھىڭنى كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەپسىڭ ۋە ئەقلىڭ
بار، ئەنە شۇ بەدىنىڭ ساق بولسا ئەقلىڭ ھەم روھىڭ ساق بولغاي، ( ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل) ،
ھەم شۇ بەدىنىڭنىڭ پاكىزلىقىغا كۆڭۈل بول، چاچ، يۈز، ئېغىز، شۇنداقلا پۈتۈن بەدىنىڭ پاكىز بولغاي،
خۇشپۇراق ئىشلەت،ـ بۇ ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى، زامانىسىدا ھېچكىم ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزدەك
خۇشپۇراق پۇرىمايتتى، ھېچقاچان دەرۋىشلەردەك ئاللاھ تائالا ھالال قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەرنى تەرك
ئەتمىگەن، ئۆزىمۇ يەنە چىرايلىق نەرسىلەرگە ئامراق ئىدى، ۋە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن : ”ئاللاھ تائالا
گۈزەلدۇر، شۇڭا گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ“.

بەخت ۋە ئادەت
بەختلىك بولۇشنىڭ ئەگىشىپ ماڭىدىغان، كۆنىدىغان ئۇسۇل، سەۋەبلىرى بار، ھەم شۇنداقلا بەختتىن كىشىنى
مەھرۇم قىلىدىغانلىرى ھەم بار، شۇنىڭ ئۇچۇن، بۇ ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشىڭ، ئۆزلەشتۈرۈشۈڭ، يامانلىرىنى
تاشلاشنى ھەم ئۆگىنىشىڭ كېرەك، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا كۆنۈشۈڭ كېرەك، ئۆزۈڭگە ئادەت قىلىشىڭ
كېرەك، بۇلار تۆۋەندىكىچە :

1 – ئۆزگىچە بولۇشقا، ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىش : ئىلىمدە، خىزمەتتە، دىن ياكى مال دۇنيادا ،
باشقىلار بىلەن بولغان ئجىتىمائى ئالاقىدە ئۆزگىچە، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، ئالاھىدە بولۇشقا
تىرىش، بىر ئىشنى ئۆگەنگەندە بىر ئورۇندا تۈرۈپ قالماي، ئۈنى ياخشىلاشقا تىرىشىش، ھەم ئۆگىنىشنى
توختىتىپ قويماسلىق، چۈنكى ئېگىزگە ئۆرلەۋاتقاندا توختاپ قالساق ئارقىغا چېكىنىدىغان گەپ، ئاللاھ تائالا
پەيغەمبەرلىرىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن :
”ئۇلار ياخشى ئىش قىلىشقا ئالدىرايتتى، ( رەھمىتىمىزنى ) ئۈمىد قىلىپ، ( ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا
قىلاتتى ، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى“
سۈرە ئەنبىيا 90 ئايەت .
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن : بىرىڭلار ئىش قىلغاندا، ئاللاھ تائالا ئۈنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىنى
ياقتۇرىدۇ ”.

2 – مەقسەت ئوچۇق ، ئېنىق بىر غايە تىكلەش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش،، بىر ئىشنى باشلىغاندىلا
كۆزىمىز غايىمىزدا ، يەتمەكچى بولغان مەقسىتىمىزدە بولۇش ھەم ئۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پىلان ۋە مەلۇم
مۇددەت بەلگىلەش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش قىلىش كېرەك، تايىنى يوق، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا
زىيانلىق بولغان، ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى قىلماسلىق ”كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ
مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ زەلزەلە سۈرىسى 7-
8 ئايەت.

3 – ھاياتتىكى قىلىدىغان ئىشلارنى تەرىپلەش، ئەڭ مۇھىمىنى ئاۋال، ئاندىن مۇھىمىنى ، مۇھىم ئەمەسلىرىنى
كېيىن قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ ھاياتتا قىلىدىغان ئىش بەك كوپ، لېكىن ھاياتىمىز تولىمۇ قىسقا، ھەزرىتى
ئەبۈ بەكرى ھەزرىتى ئۆمەرگە ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دېگەن : بىلگىنى ئاللاھ تائالا ساڭا كۈندۈزى قىل دەپ
بەلگىلىگەن ئىشى بار، ئۈنى پەقەت كۈندۈزىلا قوبۇل قىلىدۇ، كېچىدە قىل دەپ بەلگىلەپ بەرگەن ئىشى بار
ئۈنى پەقەت كېچىسىلا قوبۇل قىلىدۇ:
ھاياتىمىزدىكى ئىشلارنى مۇنداق تەرتىپلەشكە بولىدۇ -: مۇھىم جىددى، مۇھىم جىددى ئەمەس، مۇھىم
بولمىغان جىددى، مۇھىم بولمىغان جىددى ئەمەس.
1 ۋە 2 – تۈرلۈك ئىشلار سېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭدۇر.

4 – ئىشنى قالايمىقان قىلماي، ئېنىق پىلان بىلەن قىلىش بۇنىڭدا، بىر قانچە خىل پىلان تۈزىشىڭ كېرەك
مەسىلەن، پۈتۈن ھاياتلىق ئۇچۇن پىلان، 3-5 يىللىق بىر پىلان، 1 يىللىق بىر پىلان، 6 ئايلىق، 1 ئايلىق ،
1 ھەپتىلىك، دېگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر – بىرگە باغلىنىشلىق، كېيىنكىلىرى ئالدىنقىلىرىنىڭ مۇھىم
بىر پارچىسىدۈر.

5 – قىلماقچى بولغان ئىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، باشلىغاندىن كىيىن كۆڭۈل بولۇڭ ئاخىرىغىچە
داۋاملاشتۇرۇش، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ! بۇنىڭ ئۇچۇن ئىش قىلغاندا ئەڭ مۇناسىپ
ۋاسىتىلەرنى تاللاش،ئىشنى ۋاقتىدا باشلاش، كېچىكتۈرمەسلىك، ۋە يۇقارقى سۆزلەپ ئۆتكەن مەزمۇنلارنى
بىرلەشتۈرگەندە زېرىكىپ قىلىشتىن، دىققەت بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

6 – ۋاقىتنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش : چۈنكى ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنالمىساڭ، زىيان
تارتىسەن، سەن ئۆزەڭ ۋاقىتتۇرسەنكى، ھاياتىڭدىن بىر سائەت كەچسە سەندىن بىر پارچە كەتتى دېمەكتۇر.

7 – نەپسىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئۆزىمىز نەپسىمىزگە بوي سۇنماي، ئۈنى ئۆزىمىزگە بويسۇندۇرۇش، چۈنكى
ئىنسان نەپسى دائىم ئىگىسىگە قارشى ئىش قىلىدۇ ”نەپىس دېگەن ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كوپ بۇيرۇيدۇ“
سۈرە يۈسۈف 52 – ئايەت ، ئوز نەپسىگە ۋە ئىرادىسىگە ئىگە بولغان كىشىلا غەلىبە قازىنالايدۇ، ئەكسىچە
تەسلىم بولغان كىشى غەلىبە قازىنالمايدۇ.
ئوز نەپسىمىز، ھاۋايى – ھەۋىسىمىز ئۇستىدىن غەلىبە قىلساق، دۈشمەن شەيتان ئۇستىدىن غەلىبە قىلالايمىز،
ئۆزىمىزنى بۇلاردىن قۇتقۇزغاندىن باشقا، ئاجىزلىقتىن، يارىماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

8 – باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىغا ماھىر بولۇش، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىنسان ئۆزى ئىجتىمائىي
بولۇش كېرەك، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدىغان، ئاسان ماسلىشالايدىغان، خۇش چىراي، كۆڭلى كۆكسى
كەپ، باشقىلارنىڭ غەم قايغۈلىرىغا ھەمدەم بولالايدىغان، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىيالايدىغان بولۇش كېرەك،
“ يۇمشاق سوز تاشنى يارار“ ، جانابى ئاللاھ پەيغەمبىرىنى سۈپەتلەپ ”ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا
مۇلايىم بولدۇڭ، ئەگەر قوپال ، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ ئۇلار چورەڭدىن تاراپ كېتەتتى“ دەيدۇ . ئال
ئىمران سۈرىسى 159 – ئايەت.

9 – ئىجابىي تەپەككۇر قىلىشنى ئادەت قىلىش : ھەزرىتى پەيغەمبەر “ ئەگەر بىرىڭلار بىر مايسىنى تىرەي دەپ
تۇرغاندا قىيامەت بولۇپ قالسا ، ئەگەر قولىدىن كەلسە ئۈنى تىرىۋەتسۇن ”، مانا بۇ ئۈمىدۋارلىقتۈر،
ئىجابىيلىقتۇر. ئەتراپتىكى ئىشلارغا ئىجابىي تەرەپتىن قاراش، كىشىلەرنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى
كۆرۈش،قولىدا بار بولغان پۈرسەتلەرنى تېپىپ چىقىش، داۋاملىق سەلبىي تەرەپلەرگە ئېسىلىۋالماسلىق، ناچار
مۇھىتقا بەك دىققىتىنى بەرمەسلىك كېرەك.

10 – ھەر ئىشتا مۆتىدىل بولۇش، ئىشلارنى دەڭسەپ كۆرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ”ئۇلار ( يەنى ئاللاھ ياخشى
كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا ، ئىسراپچىلىقمۈ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت
قىلىدۇ“ فۇرقان سۈرىسى 65- ئايەت
ھەزرىتى پەيغەمبەر مۇنداق نەسىھەت قىلغان : ”سىنىڭ ئۈستۈڭدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەققى بار، ئۆزۈڭنىڭ
نەپسىنىڭ (تېنىڭنىڭ) ھەققى بار، ئائىلەڭنىڭ ھەققى بار، شۇڭا ھەر ھەق ئىگىسىگە ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ھەققىنى
بەر ”.

ئاۋار تەرجىمىسى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.