مۇھەممەد سالىھ داموللا

بىسمىلاھ دەپ كىتابنى ئاچقىنىڭىزدا، كۆز ئوڭىڭىزدا ھەدىسلەر خەزىنىسنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان گۆھەر نايابلار جۇلالنىپ تۇرىدۇ، ئۇلاردا مۇجەسسەملەشكەن ئىمان دەرىخىدىن شاخلىنىپ چىققان رەڭگارەڭ مەنالار ئەقىل كۆزىڭىزنى نۇرلاندۇرىدۇ. كىتابنى مۇتالىئە قىلىپ ھەدىسلەر قايىنىمىدا ئۇزگەنىسىرى، زىھنىڭىز ئېچىلىپ، قەلبىڭىز يۇرۇپ، ھىدايەت كانىدىن تىخىمۇ كۆپ جاۋاھىراتلار قازانغىڭىز كىلىدۇ. سزگە توغرا تۇنۇش، پاك، يارقىن تۇيغۇ بەخىش ئەتكەن، خوش ھىدلىرى بىلەن ۋۇجۇدىڭىزنى مۇئەتتەر قىلىۋەتكەن بۇ باغچا — «ياخشىلار باغچىسى» «رىيازۇسسالىھىن»دۇر.
«ياخشىلار باغچىسى» ھەدىس كىتابلىرى ئىچىدە مەنبەسى ساغلام، مەزمۇنى رەڭدار، ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيدانغا كەلگەندىن تا ھازىرغىچە ئەھلى ئىسلام تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە. بۇ كىتاب «قۇرئان كەرىم»دىن قالسىلا تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولۇپ، تەۋەرۈك كىتاب سۈپىتىدە مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
كىتابتا 2000غا يېقىن ھەدىس بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار سەھىھ ھېسابلانغان، ئىشەنچىلىك ھەدىس مەنبەلىرىدىن نوپۇزلۇق ھەدىسشۇناس ئىمام نەۋەۋى ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن زەر كانلىرىدىن قىزىۋېلىنغان ساپ ئالتۇندەك تاللاپ ئالغان. ئىمام نەۋەۋى ھەدىسلەرنى تاللاشتا «كۇتۇبى سىتتە» ياكى «سىھاھى سىتتە» دەپ ئاتالغان سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھۇل مۇسلىم، سۇنەن ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن تىرمىزى، سۇنەن نەسەئى، سۇنەن ئبن ماجە قاتارلىق مەشھۇر ھەدىس كىتابلىرىنى ئاساس قىلغان. كىتاب 372 بابقا بۆلۇنگەن. ھەر بىر بابقا ئايرىم ماۋزۇ قۇيۇلغان. ئالدى بىلەن مۇناسۋەتلىك ئايەتلەر كەلتۈرۈلۈپ ئاندىن ھەدىسلەر بىرىلگەن. بۇ ھال كىتابنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى بىلەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ھەدىسلەر بىلەن ھەدىسلەرنىڭ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى بىلەن ھەدىسلەرنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بۇلۇپ، بىر بىرىگە چىڭ باغلانغان. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئىزاھلايدۇ، يىشىپ بىرىدۇ، بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ. بىرىدە ئومۇمى رەۋىشتە تىلغا ئېلىنغان مەنا يەنە بىرىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بىرىدە چۈشۈنۈش قېيىن تۇيۇلغان مەزمۇن يەنە بىرىدە چۈشىنىشلىك بولۇپ كېلىدۇ. كۆز ئوڭىمىزدا جۇلالانغان لەبزى ئىخچام، مەزمۇنى تىرەن ھەدىسلەر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدۇ. دۇررى جەۋاھىراتلاردەك يالتىراپ تۇرغان ئېسىل مەزمۇنلار يۈرەكنى تىتىرىتىپ، دىللارنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدۇ. ئوقۇغانسىرى ئىچىمىز يورۇپ، بەردەملىگىمىز ئاشىدۇ. ھەر بىر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا شۇ ھەدىسنىڭ قايسى ھەدىس كىتابىدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. پېقىر ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەتنى (ئەرەبچە تېكىستى)نى بەردىم. ھەدىسلەر ئاخىرىغا ‹ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى› ماۋزۇسى ئاستىدا ھەدىسلەرنىڭ شەرھى بىرىلدى. ھەدىسلەرنىڭ شەرھى بىلەن قوشۇلۇپ كىلىشى ئەرەب ئىلىم ساھاسىدە بۇرۇنلا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئويغۇرلار دىن تەتقىقاتىدىكى تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن ھەدىسنى ئەسلى روھى بويىچە چۈشىنىش ئۈچۈن جەزمەن ھەدىسلەرنىڭ شەرھسىگە مۇراجىئەت قىلماي بولمايدۇ. 80- يىللىرى دىنىي ساھادىكىلەرگە ئېچىلغان بىلىم ئاشۇرۇش كۇرىسلىرىدا «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى، سەھىھۇلبۇخارى، ۈرىيازۇسسالىھىن قاتارلىق كىتابلاردىن دەرس بەرگەن ئىدىم. «ۈرىيازۇسسالىھىن»نىڭ ھازىرقى شەرھىنىڭ خىمىر تۇرۇچى ئەينى چاغدا «ۈرىيازۇسسالىھىن» دەرىسىدە ھەدىسلەرنى ئىزاھلاش، شەرھلەش يۈزىسىدىن بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىم ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ قىتىم ھەدىسنى پىششىقلاپ ئىشلەش يۈزىسىدىن «ۈرىيازۇسسالىھىن»نىڭ ئۆلچەملىڭ شەرھى «نزھە المتقين» نى ئاساس قىلىپ، ياپىلاق تىل بىلەن ئاممىباب قىلىپ قايتا ئىشلىدىم. («ۈرىيازۇسسالىھىن»نىڭ تەرجىمىسى ۋە شەرھىسىنى يېزىشتا قىزىم نەزىرە باشتىن-ئاخىرى ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ بىللە ئىشلەشتى. بۇ مەزكۇر كىتابنىڭ تېزراق روياپقا چىقىشىغا مەدەت بولدى.) كىتابتا بايان قىلىنغان ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىلىرى، ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئەركانلىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن بىللە يەنە ئەھلى ئىسلامدا بولۇشقا تىگىشلىك ئەدەپ-ئەخلاققا ئائىت سەمىمىي دەۋەتلەر، ئاقىلانە تەشەببۇسلار، دانا پەندى-نەسىھەتلەر نەۋباھاردا ئېچىلغان رەڭگارەڭ چىچەكتەك كۆزىمىزنى قاماشتۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە، بىز زىممىزگە يۈكلەنگەن پەرز، ۋاجىپلارنى ئادا قىلىش، ھارامدىن ساقلىنىش، ئىبادەت-ئەھكاملارنى جايىدا بەجا كەلتۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئىجتىمائىي ئەخلاققا دائىر ھەدىسلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە تەدىبقلاپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك. كىشى ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، قەلبىنى پاكلاپ، نەپسىنى پاكلىغاندىلا ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختىگە ئىرىشىشنىڭ يولىنى تاپقان بولىدۇ. ساغلام پاك ئىتىقادنى، دۇرۇس، گۈزەل ئەخلاقنى ئۇل قىلمىغان ئىبادەت جانسىز بۇلۇپ، سەمەرىسىز دەرەخقە ئوخشايدۇ. ھەدىس روھى بۇيىچە ئىڭىمىزدا توغرا دۇنيا قاراش ۋە ئەخلاق قارىشىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ھاياتىمىزنى چۇلغىۋالغان غەلدى-غەشلەردىن پاكلىنالىساق ۋە ئەخلاق ئۈلچىمى، ئەدەپ مىزانلىرىغا ھەر ۋاقىت ئەمەل قىلالىساق ئاندىن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەھلى ئىسلامدىن بۇلالايمىز. پۈتكۈل ھەدىسلەر مەزمۇنىنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇرۇپ ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا تونۇشىمىز چوڭقۇرلاپ، كۆڭلىمىزدىكى چىگىش سۇئاللارغا تولۇق جاۋاپ تېپىلىدۇ. ئۇ ھايات سەپىرىمىزدە يۇلۇققان مۈشكۈللەرنى يىڭىشىمىزغا مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت بىغىشلايدۇ. ھەدىسلەرنىڭ روھى ۋۇجۇدىمىزغا سىڭگەندە قەلبىمىزدىكى بوشلۇقلار تولدۇرىلىدۇ. روھ ماددىنىڭ، ئەخلاق مەنپەئەتنىڭ قۇربانى بۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەدىسلەرگە تەدبىقلاپ تۇرۇپ شەخسىيىتىمىز ۋە ئىجتىمائىيىتىمىزنى دەۋر قىلغان ھالدا ئەخلاق كاتىگورىيەسىگە ياتىدىغان ئىشلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئىجتىمائى ئەخلاق ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. گۈزەل ئەخلاق كىشلەرنى يۈكسەك ھاياتقا يېتەكلەيدۇ. پەيلاسوپلار ۋە جەمىئەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە ئەخلاق-پەزىلەت شەخسنىڭ ۋە جەمىئەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ھالقىلىق ئامىل.
كىتابتىكى ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە دائىر ھەدىسلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كىتابخاننىڭ كۆز ئوڭىدا تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىن ئىنسانىي خىسلەتلەرگە يىتەكلەيدىغان مۇكەممەل بىر سېستىما نامايەن بولىدۇ. ھەدىس قۇرلىرىدا گۈزەل ئەخلاق مۇسۇلمانچىلىقنىڭ مۇھىم بەلگىسى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى: «ھەقىقەتەنمۇ بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنى ئالاھىدە مەدھىيەلىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ «مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دىگەن ھەدىسىدىن بىز رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆز دەۋىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇنغا قويغانلىقىنى بايقايمىز .
رەسۇلۇللاھنىڭ «مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كىچىسى ئىبادەت قىلغانلارنىڭ دەرىجىسگە كۆتۈرىلىدۇ» دىگەن سۆزىدىن گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى بىلىۋالالايمىز. «ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر»، «مۇئمىننىڭ تارازىسىدا چىرايلىق خۇلۇقتىن ئېغىر كىلىدىغان نەرسە يوق» دىگەن ھەدىسلەردىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇئمىننىڭ ئىمانىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالىمىز. شۇنداق، گۈزەل ئەخلاق ساماۋى نۇردۇركى ئۇنىڭسىز ھايات، ئۇنىڭسىز جەمئىيەت قاراڭغۇ تۇيۇلىدۇ. ئەخلاقسىز تۇرمۇش قانچە بىزەپ كۆرسىتىلگىنى بىلەنمۇ بەرىبىر زەئىپ، مەنىسىزدۇر.
ئەخلاق ھەققىدە توختالغىنىمىزدا ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كلىدۇ.
«قورئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەردە ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن قالسىلا ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھ سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ. «جەننەت ئانىنىڭ ئايىغى ئاستىدۇر». ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئاتا-ئانىغا ياخىشىلىق قىلش ئەڭ سۆيۇملۈك ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن قالسا بەزى ھەدىسلەردە ئورۇق-تۇققان، يېقىن-يورۇقلارغا ياخشىلىق قىلىش تەكىتلىنىپ «رىسقىم كەڭ بولسۇن ياكى ئۆمرۈم ئۇزۇن بولسۇن دىگەن ئادەم خىش-ئەقرىبا ۋە يېقىنلىرىغا سىلە-رەھىم قىلسۇن» دېيىلسە، يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئورۇق-تۇققانچىلىق ھەققى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ «سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»غانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن، تەقۋادار بولسۇن، ياكى پاسىق بولسۇن، دوست بولسۇن، ياكى دۈشمەن بولسۇن ئىنسانغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ياخشىلىق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقەمسايىسگە زىيان زەخمەت يەتكۈزۇشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم كامىل مۇئمىن بولالمايدۇ» دىگەن سۆزنى ئۇچ قېتىم تەكرارلىغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قوشنىسنىڭ دائىرىسنى بىكىتىپ «ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىنىڭ ھەر تەرىپىدىن 40 ئائىلىگىچە قوشنا ھىسابلىنىدۇ» دىگەن. (بىزدىكى ھازىرقى قوشنىدارچىلىقنىڭ قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقى ھەر بىرىمىزگە ئايان) ئاللاھنىڭ كالامى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىمانى ۋە ئىنسانى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھېكمەتلىك ئوسلۇبتا بايان قىلىنغان. نۇرغۇن ھەدىسلەر كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىنساپ-ئشەنچىنى، دوستلۇق-ئىناقلىقنى كۈيلەيدىغان، ئۆزئارا قېرىنداشلارچە مۇئامىلىدە بولۇپ، ئاسايىشلىققا ئۈندەيدىغان ئىدىيەلەرنى ئىماننىڭ بىر جۈملىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا دوستلاشمىغۇچە ھەقىقىي مۇئمىن بولالمايسىلەر»، «كىشلەرنىڭ ئۆزئارا دوستلىشىشى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن قالسلا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر» دىگەن ھەدىسلەر شۇلارنىڭ جۇمىلىسىدىندۇر. «كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىدە بولىدۇ، كىمكى قېرىندىشىغا ياردەمدە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەمدە بولىدۇ»، «ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىدىن چىققان ئادەمنى ئاللاھ قىيامەت كۈننىڭ قورقۇنچىسىدىن ئەمىن قىلىدۇ». مەيلى ماددى جەھەتتە بولسۇن ياكى مەنىۋى جەھەتتە بولسۇن باشقىلارغا ھاجىتى چۈشۈشتىن خالى بولغىلى بولمايدىغان كىشلىك تۇرمۇشتا بۇ ھەدىسلەرنىڭ روھىنى قانچە ئىخلاس بىلەن ئۆزلەشتۈرسەك، ئىسلام دىنىغا بولغان چۇشەنچىمىز شۇنچە چوڭقۇر، ئەتراپلىق بولىدۇ. ئىتىقادىمىز چىڭىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھايات يولىدا باسقان قەدەملىرىمىز شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ. ئىجتىمائىي كەيپىيات، گۈزەل ئەخلاقى ساپا، ساغلام مەدەنىيەت ئاساسىدا تەرەققىياتىمىزمۇ شۇنچە راۋان بولىدۇ.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ساھابىلارنىڭ ھايات مۇساپىسىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىنىڭ بىر-بىرنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ، سۈيىدە ئاقىدىغان ھەققىي قېرىنداشلىقنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرىمىز. مېھر-مۇھەببەت، خالىسلىق، ھەمكارلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ غەم-قايغۇسى ۋە خۇشاللىقى ئورتاق بولىدۇ. مەككىدىن بارغان مۇھاجىرلار بىلەن مەدىنىدىكى ئەنسارىيلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىقى شۇ قەدەر چوڭقۇر ئىدىكى ئەنسارىيلار مۇھاجىرلارنى ئۆزلىرىدىنمۇ چارىراق كۆرەتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇلار سېنىڭ-مېنىڭ قىلمىغان. ئەنسارىيلار مۇھاجىرلارغا ئۆيلىرىنى، باغلىرىنى، نېمىسى بولسا شۇنى تەڭ بۆلۇپ بەرگەن. دوستلاشتۇرۇلغان ئىككى ئادەمنىڭ (مۇھاجىر بىلەن ئەنسارىينىڭ) قايسىسى ئۆلسە ئىككنچىسى ئۇنىڭغا مىراسخور بولاتتى. قان-قېرىنداشلىرى مىراسخور بولمايتتى. ئەنسارىيلار مۇھاجىر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلغان غەمخورلۇقلىرىنى تېخى قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنىدىن ئاز دەپ قارايتتى. مانا بۇ ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى. بۇ يۈكسەك، ئالىيجاپ قېرىنداشلىق مېھر-مۇھەببەتنى چۇشەندۈرۈشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. «ئەنسارىيلار مۇھتاج تورۇقلۇق (مۇھاجىرلار مەنپەئەتىنى) ئۆزلىرنىڭ (مەنپەئەتىدىن) ئەلا بىلىدۇ» (سۈرە ھەشىر 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دىگەن ئايەت ئەنە شۇ ئەنسارىيلار ھەققىدە نازىل بولغان. «سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قىرىندىشغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن كامىل مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ» (ھەدىس). بۇگۈنكى كۈندە پۇل ھەممىگە ھۆكۈمران دەيدىغان ئىدىيەنىڭ تۆرتكىسى ئاستىدا يامراپ كېتىۋاتقان چىكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك دىللىرىمىزنى قاساۋەتلەشتۈرۈپ كىتىۋاتسا، بىزدە نەدىمۇ «ئەلنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان ئىدىيە بولسۇن؟! ھەممىلا ئىشتا پۇلنى، پايدىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش خاھىشى كاللىمىزنى چىرمىۋالغان تۇرسا، خالسلىق، غەرەرسىز، رىياسىزلىقنى قانداقمۇ ئىزچىللاشتۇرغىلى بولسۇن؟! پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىم تىللا بىلەن تەڭگىنى چوڭ بىلىپ كەتسە ئۇنىڭ قەلبىدىن ئىسلامنىڭ ھەيۋىسى كۆتۈرۈلۇپ كېتىدۇ». كىشىلەرنىڭ سورۇنلاردا ئۆزئارا: «ھازىر خەقتە ئىنساپ يوق…» دېيىشىۋاتقانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ قالىمىز، شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ چىكىدىن ئېشىپ كىتىشى بىلەن ئارىمىزدىن مېھر-مۇھەببەت، ئىنساپ كۆتۈرۈلۇپ كىتىپ بارماقتا. قەلبىدىن دىيانەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئادەمدىن يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن!
«ياخشلار باغچىسى» ھەقىقەتەن تۈرلۈك-تۇمەن، رەڭگارەڭ، ھۆسنى ۋە پۇرىقى دىلنى لال قىلدىغان ھەدىس گۇل-چىچەكىلىرىگە تولغانكى، ئۇنىڭدا يەنە يىتىم-يىسر، ئىگە-چاقىسىزلارنىڭ بېشىنى سلاش، مۇساپىرلارغا، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قوتقۇزۇش ۋە ماددىي، مەنىۋىي جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى يېپىش قاتارلىق ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئەمەل قىلىدىغان كىشىنى مەنىۋى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. «كىمكى بىر ئەمانى 40 قەدەم يۆلەپ ماڭسا، ئۇنىڭغا جەننەت تىگىشلىك بولىدۇ» دىگەن ھەدىسنىڭ ئۆزىلا ئاقساق-چۇلاق، مېيىپ-ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇپ ئۇلارنى قوتقۇزۇشنىڭ، دارىلتام، دارىلئاجىزلارنى ئېچىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەشنىڭ نەقەدەر ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە يىتەرلىكتۇر. گۇزەل ئەخلاقى بىلەن بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز بولغان پەيغەمبىرىمىز: «مەن يىتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يىقىن تورىمەن» دەپ باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبىرىمىز يەنە: «مېنى ئاراڭلاردىكى ئاجىز كىشلەرنىڭ ئىچىدىن تېپىڭلار، چۈنكى سىلەرگە شۇ ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكىتىدىن رىزىق بىرىلىدۇ» دىگەن. كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، كىشىنى ئەخلاقىي يۈكسەكلىككە يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تورىدۇ. ئەمما رىئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، شۇ ئىسىل تەرغىباتلارنىڭ ئىتىبارسىز قىلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز. مىيىپلىقنى پۇل تىلەشكە دەستەك قىلىپ، ياكى ئىگىلىرىنىڭ پۇل تېپىش ۋاسىتىسى بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاجىز مەجرۇھلارنىڭ قەھرىتان قىش، پىژغىرىم ئىسسىقلاردا توپا- تۇمانغا مىلەنگەن ھالىتى يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى: «يىتىمنى خارلىما …» دىگەن ئەمىر رەببانىيغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىلىيالىدۇق؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىن قانچە يىراقلاشقانسىرى ھەممىدە چىكىنىشكە يۈز تۇتىۋاتىمىز. نىھايەت، ئەقىل كۆزى بىلەن ئىدراك قىلغۇچىلار ئۈچۈن چاقناپ تۇرغان تاڭ نۇرىدەك روشەن تۇيۇلىدىغان ھەدىس مەنالىرىنى زالالەت تۇمانلىرى ئىچىدە تىڭرقاپ يۈرگەنلەر ئاڭقىرالماي قالىدۇ-دە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختتىن قۇرۇق قالىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەردە خەير-ئىھسان قىلىشنىڭ، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-مال سەرپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى سۆزلىنىدۇ. سەدىقە نامى ئاستىدا ئېلىپ بىرىلىدىغان بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ھەممە ئادەم قىلىشقا رىغبەتلەندۇرىلىدۇ. سەدىقە سۆزىنىڭ مەناسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە سەدىقە كىشىلەر تەرىپىدىن مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن نامراتلارغا ئىقتىسادى ياردەم بىرىش دەپ چۈشىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەدىسلەردە ياخشى ئىش ۋە ياخشى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى سەدىقە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. پەيغەمبەرئەلەيھسسالام ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزۈشىنى، سەدىقىمۇ قىلىشىنى، مۇنداق قىلالمىسا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يامان ئشلاردىن قول يىغىشىنى، بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ئورنىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىىڭ بۇ سۆزىدە مۇئمىننىڭ قولىدىن كىلىشىچە كىشىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى، باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك كېرەكلىگى تەكىتلەنگەن. يەنە بەزى ھەدىسلەردە «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ، ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئۆزىنىڭ خۇتۇن بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن قىلغان ئائىلە راسخۇتمۇ، ھەتتا كىشىلەرگە قىلغان بىرەر ئېغىز ياخشى سۆزنىڭمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ ھەدىسلەردىن بىز ھۈنەر-سانائەت بولسۇن، تېرىقچىلىق بولسۇن، تىجارەت بولسۇن، ھەر ئادەمنىڭ بىرەر كەسىپ بىلەن ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۇرۇلگەنلىكىنى، ئەجرىدىن كەلگەن كىرىم بىلەن ئاۋۋال ئۆزىنى تەمىنلەپ ئاشقان قىسمىنى يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا ئىشلىتىش تەكىتلەنگەنلىگىنى كۆرىۋالالايمىز. سەدىقە- ئىھسان ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى ئوبرازلىق رەۋىشتە مۇنداق ئىپادىلەنگەن. «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ پەقەت ھالال مالنىلا قوبول قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبول قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى ئوبدان بىقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بىرىدۇ». ھەدىسلەردە مەيلى باي بولسۇن، مەيلى نامرات بولسۇن مۇسۇلمان كىشىنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر پايدىلىق ئىلمىنىت بولۇشى كېرەكلىكى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئاۋامغا پايدا يەتكۈزۇشى، بايلارنىڭ كەڭ قوللۇق بىلەن كۆپلەپ خەير-ساخاۋەت قىلىشى، كەمبەغەللەرنىڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولماسلىقى قەيت قىلىنغان . پەپغەمبەرئەلەيھسسالام سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەمنى ئەڭ ئارتۇق ھېسابلىغان. «كىمىكى ئۆزى نېمە يىسە خىزمەتچىسى (ياكى قۇلى)غا شۇنى يىگۈزسۇن، ئۆزى نېمە كەيسە ئۇنىڭغا شۇنى كەيگۈزسۇن. ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماڭلار. ئەگەر شۇنداق ئىشلارغا سېلىپ قالساڭلار ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار» دىگەن. «كىمكى بىرەر مۇسۇلمانغا ئەزىيەت يەتكۈزسە ماڭا ئەزىيەت يەتكۈزگەن بولىدۇ»، «ناھەق رەۋىشتە بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر». يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردە مۇئمىنگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش قاتتىق ئەيىپلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بۆھتان چاپلاشنى يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۈناھ قاتارىدا سانىغان. ھالبۇكى ئارىمىزدا ئاياللارغا ھەتتا ئۆزىنىڭ ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ قارا چاپلاش تۈسىنى ئالغان سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلەيدىغان ئەھۋاللار ئاز ئەمەس. بىر مۇنچە ھەدىسلەردە ئىناقلىق، ھەمكارلىق، مىھرىبانلىق روھى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭغا زىت كىلىدىغان تەپرىقچىلىك، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، چېقىمچىلىق، غەيۋەت-شىكايەت قاتارلىق ئىللەتلەرگە لەنەت ئوقۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ: «گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ ئەيىۋىنى كولىماڭلار. تىڭ-تىڭلاپ يۈرمەڭلار. ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار. ئۆزئارا قىرىنداشلارچە بولۇڭلار»، «كىمىكى بىر قىرىندىشىنىڭ غەيۋىتى قىلىنغان يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالسا ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى دوزاختىن ساقلاپ قالىدۇ»، «ساھابىلىرىمدىن ھېچبىر ئادەم ماڭا بىراۋ ئۈستىدىن سۇخەنچىلىك قىلمىسۇن»، «سۇخەنچى ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»، «كىشىلەرنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىش بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز ئەيىۋىنى تۈزەش بىلەن بولغان ئادەم چوڭ ساۋاپقا ئېرىشىدۇ»، «ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئادەملەرنىڭ ئەڭ يامىنى بولۇپ قالىدۇ»، «ھەسەتتىن ساقلىنىڭلار، ھەسەت قىلىش ياخشىلىقلارنى خۇددى ئوت ئوتۇننى يىگەندەك يەيدۇ» قاتارلىق دانا سۆزلىرىنى مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ئۆم-ئىناقلىقنىڭ ھوزۇر بەخىش كۆرۇنۇشلىرى كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. ئۆزئارا قىزغىن، سەمىمىي، خالىس ھېسسىياتتا بولۇش دىللارنى سۆيۈندۇرىدۇ. چىقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇقلار مۇسۇلمانچىلىق بىلەن زادى كىلىشەلمەيدۇ. قەيەرە بولمىسۇن بىشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ھەقىقىي ھىسداشلىق قىلىنسا، مۇھتاجلارغا ھاجىتى راۋا بولغۇدەك ياردەم قىلىدىغان ساخاۋەتلىك قوللار سونۇلسا ئارىمىزدا تەبىئىي ھالدا بەرگۈچىنى رىيا-كىبىردىن خالى قىلىدىغان، ئالغۇچىنى خورلۇق-ئىزادىن خالاس قىلىدىغان ساغلام ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى شەكىللەنگەن بولاتتى. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تۈرلۈك كۆڭۈلىسىزلىكلەر، ئۇقۇشماسلىقلار بۇلۇپ تۇرىدۇ. كىشى ھەرقاچان ئەزىيەت، ئازار-كۈلپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۇنداق چاغلاردا مۇسۇلمان ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «مۇسۇلمانغا كەلگەن ھەرقانداق كۆڭۇلسزلىكنى ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىغا كەففارەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۇتىغا بىر تىكەن كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ»، «ئاللاھ كىمگە بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ئوڭۇشسىزلىققا دۇچار قىلىدۇ»، «ھېچ كىشگە سەۋرىدىن ئەۋزەل ۋە چوڭ سوۋغا بىرىلىگىنى يوق» دىگەن سۆزلىرىگە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇمىدۋارلىق ۋە ئەقىل ھەمراھ بۇلۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن غەيرەت-پاراسەت بىلەن ئۆتىۋالىدۇ، شۇنداقلا قارنى-كۆكسىنى كەڭ تۇتقانلىقى، چىداملىقلىقى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ. باشقىلارغا قوپال، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈستىدە خاپا بولۇشۇپ، قىزىرىشپ چاپان سىلىشىدىغان، ياقا سىقىشىدىغان قىلمىشلار بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇرۇشقاندا ئىغىز بۇزۇشنى مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن» دەپ سانىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ مۇلايىملىق، ئەپۇچانلىق، مىھىرىبانلىق، سەۋرىچانلىق، چىدامچانلىق، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تورۇقلۇق كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خىسلەتلىرى بىلەن ئۆز ئۈممىتىگە ناھايىتى ئىسل ئۈلگە ياراتقان.
بۇ مەزمۇنلار پەيغەمبەرئەلەيھىسىسالام: «مۇلايىملىقتىن مەھرۇم قىلىنغان ئادەم پۈتۈن ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇلار ئىچىدە مۇلايىملىقنى ئومۇملاشتۇرىدۇ»، «كىشىلەرگە رەھمى قىلىمىغان ئادەمگە ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ»، «كىشىلەر ئارىسدا ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئادەم دۇشمەنلىكى قاتتىق، خۇسۇمەتچى ئادەمدۇر»، «بىر ئادەمنىڭ بىر دىنىي قىرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ بىر-بىرىگە تەتۈر قاراپ يۈرۈشى دۇرۇس ئەمەس»، «روزىدىنمۇ، سەدىقىدىنمۇ، نامازدىنمۇ ئارتۇق ئىش كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەشتۇر، ئارىىنىڭ بۇزۇلۇشى دىللارنى خاتىرجەمسىزلەندۇرىدۇ»، «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش گۇناھ ھىساپلانمايدۇ» قاتارلىق ھەدىسلىرىدە قەلىبنىڭ چوڭقۇر ئىپادىسىنى، كىشىلەرنى ئاسراشتا، ئۇلارغا ئاسانلىق توغدۇرۇپ بىرىشتە رەسۇلۇللاھ نەمۇنىلىك رول ئويىنىغان. ئۇ «نامازدا تۇرۇپ بالىسىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىسام، ئانىسىنى بىئارام قىلىپ قويماي دەپ نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇيمەن» دىگەن. ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسىراشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ياشتا چوڭلىرىمىزنى ھۆرمەتلىمىگەن، كىچىكىلىرىمىزگە كۆيۇنمىگەن ئادەم بىزگە مەنسۇپ ئەمەس» دىگەن دانا سۆزى بار. تۈرلۈك سورۇنلىرىمىزنىڭ يالغان-ياۋىداق پتنە-پاسات، سۆز-چۆچەكلەر تارقىتىش ئۇۋىسى بولىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۇرۇشىنىڭ ئۆزى كىشى ئۈچۈن يىتەرلىك يالغانچىلىقتۇر» دىگەن سۆزى مۇسۇلماننى ھەر ۋاقىت ئېغىزىغا ھېزى بولۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ساھابىلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق سورىغان: بەندىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەل قايسى؟ رەسۇلۇللاھ شۇنداق دىگەن: «تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاق». ئەمىسە دوزاققا كىرىشگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەلچۇ؟ «ئېغىزى بىلەن ئەۋرەت». ئادەمنىڭ ياخشى يامىنى ئەمەلىيەتتە كىشلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە سىنىلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئىقتىسادىي مۇئامىلە كىشىنى سىناشنىڭ ھالقىلىق ئمتىھانىدۇر. سەمىمىيلىك، توغرىلىق، راسچىللىق، خالىسلىق، ئىنساپ، تەۋپىق، ئىشەنچ، ھەققانىيەتلەر ھەدىسلەردە مەدھىيەلىنىپ، مەككارلىق، ئالدامچىلىق، ھىيلىگەرلىك، يالغانچىلىق، نامەردلىك، خىيانەتچىلىك، جازانىخورلۇق، پاراخورلۇق، ۋىجدانسىزلىق، ۋاپاسىزلىق، كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىش قاتارلىق رەزىللىكلەر قاتتىق ئەيىپلىدۇ.
ھەدىستە يالغان گەپ قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ تۈرلۈك بەلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، «كىمكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋى ياكى ماددى ھەققى قالغان بولسا ئۇنى قىيامەت كۇنىگە قالدۇرماي مۇشۇ دۇنيادا رازى قىلۋەتسۇن. زۇلۇم قىلغۇچى ئادەم ھەق ئىگىسىنى بۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتمەي ئاخىرەتكە قالدۇرسا زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ھەق ئگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى بولسا شۇنچىلىك ئېلىپ بېرىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۇكلىندۇ». ھەدىسلەردىن مەيلى قايسى رەۋىش قايسى ئۇسۇلدا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كىشىنىڭ (مىسقالچىلىق ياغاچ چاغلىق نەرسە بولسىمۇ) ھەققىنى يەۋىلىشنىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ئىگسىگە قايتۇرۇلمىسا بولمايدىغان قورقونچلۇق ھەق ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرەلەيمىز. يەنە بىر ھەدىستە: «خىيانەت قىلماسلىق، راسىت سۆزلۈك بولۇش، گۈزەل-خۇلۇقلۇق ۋە بىتەمە بولۇپ ھالال كەسىپ قىلىشتىن ئىبارەت 4 خىسلەت» ئۈستىدە توختالغان. بىر ھەدىستە: «جازانىنى يىگۈزگۈچى، يېزىپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا لەنەت قىلىنغان». يەنە بىر ھەدسىتە: «ئىشلەمچىنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك چوڭ گۇناھقا ياتىدۇ» دىيىلسە، باشقا بىر ھەدىستە: «ياللاپ ئىشلىتىلگەن ئادەمنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەر قۇرۇپ بولغۇچە ئۇنىڭ ھەققىنى بىرىپ بولۇشنىڭ لازىملىقى» تەكىتلىنىدۇ. قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماي ئارقىغا سۈرۈش زۇلۇم ھىساپلىنىش بىلەن قىينچىلىق بار قەرزدارنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بىرىش ساۋابلىق ئىش سانىلىدۇ. «كىمىكى ساختىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزگە مەنسۇپ ئەمەس» دىگەن ھەدىستە ئېلىم-بېرىمدە ساختىپەزلىك قىلىش، يالغان قەسەم قىلش، ساختا ماللارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇلارنى سېتىشمۇ ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان. ئىسلامدا بىرلىشىپ تىجارەت قىلشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، ھەدىستە «شىرىك بولۇپ تىجارەت قىلىش بەركەتلىك ئۈچ ئىشنىڭ بىرى» قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. ھەدىسى قۇددىسىدا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن مۇنداق دىيىلىدۇ: «مادامىكى بىر-بىرىگە خىيانەت قىلشمايدىغان، مەن ئىككى شىرىكنىڭ ئۈچىنچىسى بۇلىمەن، قاچانكى ئۇلارنىڭ بىرى خيانەت قىلىدىكەن، مەن چىقىپ كىتىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شەيتان كىرىۋالىدۇ».
بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز شركەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ مەبلەغ ئۈستۇنلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەقىل بۇلىغىنى ئېچىپ بازار قانۇنىيىتى بويىچە سودا قىلىشنى ۋە ئوبراز تىكلەشنىڭ، زۆرۈرلىكىنى تىخى دىگەندەك تۇنۇپ يىتەلمىگەندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ روھانىيىتىمىزگە تەپرىقىچىلىق ھەسەتخورلۇق سىڭىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، سودا-تىجارەت ئىشلىرىمىزدىمۇ بىرلىك، ئويۇشقاقلىق، ئۆزئارا يۆلەشتىن يىراقمىز. بىرمۇنچە كىشىلىرىمىز سودا ساھەسىدە ئۆزلىرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە چىۋەرلىكى بىلەن ئۈزۈپ چىقىپ ياقا يۇرتلاردا كۆزگە كۆرىنىۋاتقان بولسىمۇ، تەشكللىنىپ بىرەر قانۇنلۇق شركەت شەكلىنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن سودا رىقابىتىدە «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دىڭى چىقماس» دىگەندەك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ، ھەممىدىن يامىنى «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دەپ ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ، سۇيقەستلەرگە ئۇچراپ ھەم جىنىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دىگەن ئاتىلار سۆزىمۇ يۇقىرىقى ھەدىس روھىغا ماس ھالدا ھەممە بىرنىيەتتە بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىش كۆرۈشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ.
«قۇرئان كەرىم»دىكى: «(ئۆلچەم ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي، ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بىرىدۇ» دىگەن ئايەتلەردە تارازا-ئۆلچەمدە ئادىل بولۇش ئالاھىدە تەكتلىنىشتىن تاشىقىرى ھەدىستە: «ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ تارازا-ئۆلچەمدە ساختىلىق قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغانلىقى» ئەسلىتىپ ئۆتىلىدۇ .
ھەدىسلەردە ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ، ھالال يەپ ھالال ياشاشنىڭ يوللىرى كۆرسىتىلىدۇ، ئەھىمىيتى سۆزلىنىدۇ. «ھالال رىزىق ئىزدەش ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋاجىپۇر»، «كىمكى ھالال كەسىپ قىلىش يۈزىسىدىن ئاغرىپ قالسا گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ »، «رىزىقنى زىمىننىڭ يوشۇرۇن جايلىرىدىن تەلەپ قىلىڭلار»، «كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە يۆلىنىپ يىگەن تامىقى ئەڭ ھالال تاماقتۇر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى»، «كىمىكى ھالال يىسە، سۈننەتكە ئەمەل قىلسا، كىشىلەرگە يامانلىق قىلمىسا ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ». مانا بۇ ھەدىسلەردە يۇقىرى-تۆۋەن، پاكىز-مەينەت، جاپالىق-يېنىك دېمەي بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ھالال-ھارامنى پەرق قىلىدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى شەرەپ بىلىدىغان، تۇتقان ئىشىدا نەتىجە قازىنىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، مىھنەتسۆيەر، ئەمگەكچان كىشىلەرنىڭ تىپى سۈرەتلەپ بىرىلىدۇ. داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ شۇنچە كاتتا پادىشاھلىقى، سەلتەنىتى بىلەن يەنىلا قول ئەمگىكىدىن يالتايمىغان. ئۆزى ئىشلەپ يېگەن ھالال ناننىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ. ئەمگەكچان ئادەم چىداملىق ۋە ساغلام كىلىدۇ، ئەمگەكچانلار قانچە كۆپ بولسا ئىشلەپچىقىرىش يۈكسىلىپ، يۇرتى روناق تاپىدۇ. ھورۇنلۇق، تىلەمچىلىك، تەييارتاپلىق كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، تەمەخورلۇق، تىلەمچىلىك، پىخسىقلىق مۇسۇلمان ئادەمگە ياراشمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلەمچىلىك توغرىسىدا مۇنۇلارنى دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تىلەمچىلىك دەرۋازىسىنى ئاچسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا پېقىرلىقنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ»، «كىشى تىلەمچىلىك قىلىۋەرسە، قىيامەت كۈنى يۈزىدە گۆش دىدارى بولمىغان ھالدا ھازىر بولىدۇ»، «كىمىكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسىنى تىلىمەسلىككە كىپىللىك قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جەننىتى بولىشىغا كېپىللىك قىلىمەن». كوچىلاردا دوقمۇش-دوقمۇشتا تىلەمچىلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا 30~40 تىيىن بېرىش بىلەن قارىماي ئۆتۈپ كېتىش ياكى ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىپلەش بىلەن ئىش پۈتەمدۇ؟ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا، جان بېقىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەنسارىيلاردىن بىر ئادەم نەرسە تىلەپ كەلگەن. رۇسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن ئۆيىدە بىرەر نەرسىسى بار يوقلىقىنى سورىغان. ئەنسارىي ئۆيىدە پەقەت يىرىمىنى ئاستىغا سېلىپ، يېرىمىنى ئۈستىگە يىپىنىدىغان بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتقان. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىككىسىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ئۇ نەرسىلەرنى كىمنىڭ سىتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، بىر تەڭگىگە خېرىدار چىققان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى-ئۈچ قېتىم كىمنىڭ ئېشىپ ئالىدىغانلىقىنى سورىغاندا، بىرەيلەن ئىككى تەڭگە بېرىپ ئۇلارنى سېتىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۇلنى ئەنسارىيغا بىرىپ: «بۇ پۇلنىڭ يېرىمىغا ئائىلەڭدىكىلەرگە يېمەكلىك بەرگىن، يېرىمىغا بىر پالتا سېتىۋېلىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن» دېگەن، ئەنسارىي پالتىنى ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پالتىغا ساپ ئورنىتىپ بېرىپ: «بۇنىڭ بىلەن جاڭگالدىن ئوتۇن كېسىپ كىلىپ بازاردا ساتقىن، 15 كۈنگىچە ماڭا كۆرۈنمىگىن» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەنسارىي ئوتۇنچىلىق قىلىپ ئون تەڭگە تېپىپ ئۇنىڭ بىر قىسىمىغا يىمەكلىك، بىر قىسىمىغا بولسا كىيىم- كېچەك سېتىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مانا بۇ تىلەمچىلىكتىن ياخشى، تىلەمچىلىك قىلساڭ بۇ قىيامەت كۈنى يۈزىگە داغ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.
تەن دۇرۇس، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئىمكانىيىتى بارلارمۇ پۇل يىغىپ پارازىنتلارچە ياشاش مەقسىتىدە دىۋانە قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ «سەدىقە بالانى يەر، تۆۋبە گۇناھنى» دەپ تىلەيدۇ. تىلەمچىلىك قىلىش پەس تەبىئەتلىكلەرنىڭ ئىشى بولۇپ، تۆۋەن بولسىمۇ، بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ جان يېقىش ئەلۋەتتە شەرەپلىكتۇر. كىشىلىك جەمئىيەتتە ئائىلە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئائىلە جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنى تەشكىل قىلغۇچى كىچىك ھۈجەيرە. ئائىلە تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلىنى تۈزەشتىن باشلاش كېرەك. ھەر ئادەم ئائىلىگە نىسبەتەن ئەقىدىلىك، تەربىيىلىك، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، جىددى پوزىتسىيىدە بولىشى لازىم. ھەدىستە خۇددى پادىچى ئۆز پادىسى ئۈستىدە مەسئۇل بولغاندەك قىيامەتتە ئەر- ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئۈستىدە سوئال- سوراق قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنىغان. بالىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ، ئەخلاقىنىڭ ياخشى-يامان بولىشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئاتا- ئانىسىدا ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان. ھەدستە: «ئادەم بالىسى ‹ھەر نۇقسان ئىللەتلەردىن خالى ھالدا› ساپ ھالەت بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا خىرىستىيان، يا يەھۇدى، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ، قۇلىقى كىسىك تۇغۇلغان بىرەر ھايۋاننى كۆرگىنىڭ يوقتۇر!» دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە دېگەن چوڭقۇر! ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا توغرا ئەقىدە ئاساسىدا ئىتىقادلىق، سەمىمىي، تىرىشچان، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش لازىم. قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قانچىلىك ئەخلاق تەربىيىسى بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا تەلقىن قىلىنىۋاتقان، سىڭدۈرىلىۋاتقان تەربىيىنى سەگەكلىك بىلەن قانچىلىك كۈزىتىۋاتىمىز. مۇقەررەركى، پەرزەنتلەرگە ئەجداتلارنىڭ ساپ ئەقىدىسىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى دىيانەتلىك، ئەخلاق-ھايالىق قىلىپ تەربىيىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. تەربىيىسىزلىكىتىن تاپتىن چىققان پەرزەنتلىرىنىڭ دەردىدە پۇچۇلۇنۇپ يۈرگەنلەر ئازمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇۋالى ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغىمۇ ياكى پەرزەنتكىمۇ؟ ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنىتلەردىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۆزى كۆرسىتىش لازىم. ئاتا-ئانسنىڭ ئەقىدىسى گەپ سۆزى، يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىنىشى، ئالاقە-مۇناسۋەتلىرى بالىغا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئاتا- ئانا قانداق بولسا پەرزەنتىلىرىنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى چۇشەندۇرۇشتە «ئالا ئىنەكنىڭ بالسى چالا قۇيرۇق» دىگەن ماقال ناھايىتى جايىدا ئىيتىلغان. بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىق تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا ئائىلە تەربىيەسىنى يادرۇلۇق ئورۇنغا قويۇشمىزنىڭ زۆرۇلىكىنى تەقەززا قىلماقتا. لىكىن ئۆزىنىڭ بىردەك راھىتى ئۈچۈن ئائىلىنى بۇزۇپ باغرىنى يېرىپ چىققان باللىرىنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئىمانى بۇرچى نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ئەر-خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۇشى ئاساسىدا تىخمۇ مۇكەممەللىشدۇ. ئىجتىىمائىيەتتە ئەڭ كىچىك ھۇجەيرە بولغان ئائىلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىناقلىقى جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاياتى كۇچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتى، ئۆرىنى ئەمەس قارشى تەرەپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئائىلە مۇھەببىتىنى پەرۋىش قىلىشى، ئىككىلا تەرەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۇشى بىلەن ئائىلە گۈللىنىدۇ، ئائىلىگە بەرىكەت ياغىدۇ، ئەر-خۇتۇنىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن يالغۇز ھېسىسىيات بىرلىكى كۇپايە قىلمايدۇ، ئىتىىقاد بىرلىكى، مەسىلەك بىرلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم، تەربىيىلىگەن پەرزەنتلىرى ساپالىق بولىدۇ. ھەدىسلەردە ئاياللارنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلش، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ئىتىبار بىرىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسىسالام: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر»، «ئاراڭلاردا ياخشى ئادەم ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەمدۇر. ئايالىغا ھەممىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم مەن بولىمەن» دىگەن. ئەر-ئايال جىدەللىشىپ ئۆتكەن تۇرمۇشتا ئائىلىۋى بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق ئائىلىدە نە ياخشى پەرزەنت، نە ياخشى ئائىلە مۇھىتى يىتلىدۇرۇش بەك مۇشكۈل. يەنە پەيغەمبەرئەلەيھسىسالام ئاياللارھەققىدە ئىيتقان: «دۇنيا پايدىلىنىدىغان جايدۇر. دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر»، «ئى ئاللاھ، شۇبىھىسىزكى مەن يىتىم بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمىغان ئادەمنى گۇناھكار ھىسابلايمەن» (ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېيىلىگەن ھەق مەنىۋى ھەقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ھىكمەتلىك سۆزلىرىمۇ بار. ئاللاھ تائالا «سۈرە نىسا»دا: «… ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋىر قىلىڭلار) چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دىگەن. ئەپسۇس، ئايالىنى كەمستىدىغا يولسىزلىقلارنى، زورلۇق- زۇمبۇلۇقلارنى، قىلدىن قىڭغىر كەتسە ئايالىنى «گەپ ياندۇردۇڭ» دەپ تىل ئاھانەتكە كۆمۇشلىرىنى، كىشىلەر ئالدىدا سەتلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئەرلىكىنى» نامايەن قىلشلىرىنى، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئاغزىدىن گەپ چىقىرىۋېتىپ، پەتىۋا ئىزدەپ يۇرتمۇ-يۇرت كىزىشلىرىنى، ئىشىكمۇ-ئىشك دوقورۇپ يۈرۈشلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرگىنىمىزدە، ھەدىس روھىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىمىز.
ئىمانلىق، ئىنسابلىق، پەزىلەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا قولىدا تەربىيىلەنگەن بالىلار ئىتىقادلىق، ھايالىق، تىرىشچان، ئەخلاقلىق پەزىلەتلىك بولۇپ ئۆسىدۇ. ئىجتىمائى رىئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇۋاتقان مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ رىئال ھاياتىغا قارايدىغان بولساق ئىسلام ئەقىدىلىرىگە، ئىبادەتلىرىگە،ئەھلى ئىسلامنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىغا دىن نامى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان كۆپلىگەن بىدئەت، خۇداپاتلارنى كۆرىمىز، كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىپ شەرىئەتكە تاڭغان بۇ بىدئەتلەر ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنڭلارنى پۈتۇن قىلدىم، سلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» (سۈرە مائىدە 3-ئايەت) دەۋاتسا ئۇلار قانداقتۇر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە يىتەرسىز بوشلۇقلار بولۇپ، ئۇنى تولدۇماقچى بولغانمىدۇ؟ «كىمكى بىرەر بىدئەت ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، بۇ بىدئەتكە ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كىمەيتىلمەستىن پەيدا قىلغۇچىغا ئوخشاش گۇناھ يۈكلىنىدۇ» (ھەدىس). ئۇلارنىڭ بىدئەتچىلىك يولىدىن: «ھىدايەتنىڭ ئەۋزىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسىسالامنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئىشلارنىڭ يامىنى دىندا ئەسلى يوق بولۇپ كېيىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۈمراھلىقتۇر» دىگەن سۆزىمۇ توسۇپ قالالمىغان. «كىكمى ئىسلامدا بولمىغان ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قۇبۇل قىلىنمايدۇ» دىگەن ھەدىسنىڭ روھى بۇيىچە چوڭ-كىچىك بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇللاھنىڭ سۈنىنىتى بويىچە ئىش قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بىر ئادەم چۇشكۈرۇپ: «الچمد للھ والپلاە والسلام ىلۈ رسول اللھ» دىگەندە ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا: «رەسۇلۇللاھ بىزگە چۈشكۈرگىنىمىزدە سەن ئېيتقاندەك تەلىم بەرگىنى يوق. بىرگە چۈشكۈرگەندە پەقەت ‹الچمد للھ› (ھەمدۇ-سانا ئاللاھقىلا خاس) دېيىشىمىزنى تەلىم بەرگەن» دىگەن. دېمەك، ئابدۇللاھ ئبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىدئەتنى كۆرۇپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنى خوپ كۆرمىگەن. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كىشىلەر بىرەر بىدئەتنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە بىرەر سۈننەتنى يوقاتقان بولىدۇ» دىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە يېقىندىن ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بىدئەت ئىشلارغا يولىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر نۇتىقىدا: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىمەن. بىدئەتتىن يىراقمەن» دىگەن. ئبن مەسئۇد، ئىبن ئابباس، ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابىلەرمۇ سۈننەت بويىچە ئىش قىلىشنى، بىدئەت پەيدا قلىماسلىقنى، بىدئەتكە ئەگەشمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بىدئەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارالغانلىقتىن، مەيلى ئەقىدە، مەيلى ئىبادەت، مەيلى ئادەت جەھەتلەردە بولمىسۇن نۇرغۇن بىدئەتلەر مەيدانغا كىلىپ، تارىلىشقا باشلىغان. ئالايلۇق پالچىلىق، رامچىلىق، قۇرچىلىقلار خېلى باش كۆتىرىپ قالغان. «قۇرئان كەرىم»دە، ھەدىسلەردە غەيبنى بىلىش ئاللاھقىلا خاس بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ تەئالادىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىىدىكى بايانلار كۆپ. «كىمىكى بىر كاھىنىغا (يەنى رەمچىگە) كىلىپ، ئۇنىڭ ئيتىقانلىرىغا ئىشەنسە، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھسىسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ» (ھەدىس). «كىمىكى بىر پالچىنىڭ ئالىدىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە ئۇستىدە سوراپ (ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنسە) ئۇنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» (ھەدىس). بىر قىسم ئالدامچىلارنىڭ پال سلىش، رام بىقىش ئارقىلىق غەيىبتىن خەۋەر بىرىمەن دەپ جۆيلۇشلىرى قىپقىزىل ئالدامچىلىقتۇر. ھەدىس روھى بويىچە ئىيتىقاندا بەزىلەرنىڭ پالچىلارنىڭ ئالىدىغا بىرىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشى كۇفرىغا ئېلىپ بارىدىغان يامان قىلىقتۇر. كىسەل داۋالاش مەقسىتىدە باخشىلارغا پىر ئوينىتىش، داخانلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ چۈشىنىكىسىز بىمەنە نەرسلەرنى ئوقۇتۇپ رەم سالدۇرۇش، ئەپسۇن ئوقۇتۇش، رەدنامە ئوقۇتۇش؟ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردۇر. شۇنداقلا كۆز تىگىش، بالا-قازالاردىن ساقلىنىش مەقسىتىدە تۇمار، كۆزمۇنچاق، ھەرخىل مارجان، تاش، بۆرە ھوشۇقى، بۈركۈت تىزىقى… قاتارلىقلارنى ئېسىۋېلىشمۇ «كىمكى (پايدا ئېلىپ كىلىدۇ ياكى زىيان-زەخمەتنى دەفئى قىلىدۇ، دەيدىغان ئىتىقاد بىلەن تۇمارغا ئوخشاش) بىرەر نەرسە ئېسىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھتىن شۇ نەرسىگە بۇرۇلۇپ كىتىدۇ» بويىچە گۈناھلىق ئىشلاردۇر. سەلەف ئالىملاردىن بەزىلەر «ئايەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ نامى زىكرى يىزىلغان تۇمارلار بۇنىڭىدىن مۇستەسىنا بولۇپ بۇنىڭ كارايىنى يوق» دەپ قارايدۇ، شۇنىڭدەك «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە رسۇلۇللاھتىن ئوقۇلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇپ دەم سالسا دۇرۇس بولىدۇ.
مۇسۇلمان بەندە مۇمكىن قەدەر قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىشى، ھەرقانداق ئىشقا قەسەم ئىچىۋەرمەسلىگى كېرەك. قەسەم ئىچىشكە توغرا كەلگەندە ئاللاھ تەئالانىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن قەسەم ئىچىش كېرەك. ھەدىستە: «كىمىكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم ئىچىدىكەن ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ، مازارى-ماشايىخلارنىڭ نامىنى تىلغا ئىلىپ قەسەم قىلىشقا، نان ھەققى، تۇز ھەققى، نان ئۇرسۇن، تۇز كور قىلسۇن ۋەھاكازا دەپ قەسەم قىلشىقا بولمايدۇ.
شۇم پال ئالماسلىق توغرسىدىكى ھەدسلەردە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇم پال ئالمايتتى» دېيىلىدۇ. ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىشى، سول قاپاقنىڭ تارتىشى شۇملۇقنى چىللايدۇ…، ئايىغى ياراشمىدى، ئارا ئايدا توي قىلسا بولمايدۇ، پوكۇنى ئىشنى پوكۇنى ۋاقتىدا قىلسا بولمايدۇ قاتارلىق قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىسز، خۇراپىي قاراشلاردۇر. كىشىنىڭ تەقدىرىنى يۇلتۇزلارغا باغلاش، جادۇ-سىھىر قىلىش، ئىسىستقۇ، سوۋۇتقۇ، ئىسرىق سېلىش، نوكچا قاداش، كۆچ-كۆچ قىلىش، ئاشلاش، ئوت كۆچۈرۈش، مىيىت بولغان ئۆيدە 40 كۈنگىچە چىراق ئۆچۈرمەسلىكلەر بىدئەت، خۇراپاتلىقنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ قاراپ مىيىتنىڭ ئۈچ نەزىرىنى، يەتتە نەزىرىنى، 40 نەزىرىنى، يىل نەزىرىنى ئۆتكۈزۇشنى، مۇسبەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىق تۇتۇش، بەلگە ئاق باغلاش، ئاق سېلىشلارنى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى دېيىشكە بولمايدۇ. مىيىت ئۈچۈن ئۈن سېلىپ يىغلاش، نوغۇچقا تايىنىپ ھازا قوشاقلىرىنى قۇشۇپ يىغلاش، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇش (پەقەت ئېرى قازا قىلغان ئايال كىشىلا ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتۇشى كېرەك) دۇرۇس بولمايدۇ.
ھەدىسلەردە قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش، قەبرىگە گەج ئىشلىتىش، قۇرۇلۇش قىلىش، قەبرە ئۇستىدە ئولتۇرۇش، قەبرە يىنىغا مەسجىد سېلىش قاتارلىق ئىشلار مەنئىي قىلىنغان، ھەنەفى، شافىئى، مالىكى، ھەنىبەلى مەزھەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە قەبرە ياساشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى بىردەك تەكىتىلىنىدۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەللاھنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھ «ئاسار» ناملىق كىتابىدا: «قەبرىگە گەج ئىشلىتىش، قەبرە قاتۇرۇش، قەبرە يىنىغا مەسجىد سېلىشلارنى يامان كۆرىمىز» دىگەن. ئبن ئابىدىن «دۇررولموختار» كىتابىنىڭ شەرھىسىدە «قەبرە ياساشنى دۇرۇس دەيدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم» دەيدۇ. مىيتنى دەپنە قىلىپ بولۇپ قەبرە ئۇستىگە زېمىندىن بىرغىرىچچە ئىگىز توپا دۆۋىلەپ قويۇش مانا بۇ سۇننەتتۇر. بۇ دۇنيا بىلەن خۇشلىشىپ قاراڭغۇ گوردا ياتقانلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئەسلەيدىغان جايى ئىبرەت بولغان قەبرىستانلىق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان،ياسىداق قەبرىلەر ئەقىدە نامراتلىقىنىڭ ئىزناسى، سۈننەتتىن يىراقلاپ بىدئەتكە بىرىلىپ كەتكەتلىكىمىزنىڭ شاھىدى سۇپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا چوقچۇيۇپ تۇرماقتا.
باشقىلىرى ئاز كەلگەندەك بىھۇدە ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىقلىرىمىزنى قەبرىستانلىققا كۆچۈرۇپ بېرىپ دەي-دەيگە سلىۋاتىمىز، مىسىرلىق ئالىم باقۇرى: «ئىسلام دىنى تىرىكلەر ئارىسىدا باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن تۇرسا، ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا قانداقمۇ قاراپ تۇرسۇن» دېگەن. ئىسراپچىلىق ھارام تۇرسا نۇرغۇن ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ مىيىت ئۇچۈن قىلچە پايدىسى يوق بىدئەت ئىش –– قەبرە ياساشقا بۇنچە ئەھمىيەت بەرگەندىن كۆرە، شۇ پۇلنى مىيىت روھىغا ئاتاپ سەدىقە، خەير-ئىھسان ئىشلىرىغا ئىشلەتسەك، مىيىت ئۈچۈن ساۋابى بولىدۇ ئەمەسمۇ.
ئەھلى ئىسلامنىڭ قەلبى ھەدىس روھى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى سۈننەت مىزانى بىلەن ئۆلچىنىپ، قىلپلاشتۇرۇلغاندا، بىدئەتلەرگە بەرھەم بىرىلىپ، سۈننەتنىڭ راۋاجىغا يولى ئېچىلغان بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك كىتابخان:
يۇقىرىدا پىقىر ھەدىس گۈلشىنىنى سەير قىلىپ، مۇئەتتەر غۇنچىلارنى ئۈزۈشكە تەمشەلدىمكى سىزلەرگە سۇنغىنىم پەقەت بىرغۇنچە. ھەدىس مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىگىدە مىسال دېڭىزدۇركى پەقەت شۇ دېڭىزدىكى بىر تامچە. ھەدىس ھىكمەتلىرىگە چوڭقۇراق چۆكمەكچى بولسىڭىز، «ياخشلار باغچىسى»نى مۇتالىئە قىلىپ كۆرۇڭ.

سىزگە تەۋپىق ھىدايەت يار بولغاي!