ئامىرىكا كېنساس ئۈنىۋېرسىتىنىڭ ماتېماتىكا ئۇستازى جېفرى لانڭ 1954 . يىلى تۇغۇلغان، يىتىلىشىدە
خىرىستىئان بولۇپ، 18 ياشقا قەدەم قويغاندا دەھرىلىككە ئۆتكەن، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ دىنى توغرىسىدىكى
بەزى سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىغان. ئۈنىۋېرستىت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ماتېماتىكا
پەنلىرىدە دوكتۇرلۇق ئالغان بولسىمۇ يەنىلا دەھرىلىك ھالىتىدە قالغان . 80 . يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، سان
فرانسىسكو ئۈنىۋېرسىتىدە دەرس بېرىۋاتقان مەزگىللىرىدە ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بىر مۇسۇلمان يىگىت بىلەن
ئۇچراشقان ۋە ئۇ يىگىتنىڭ ئائىلىسى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، قويۇق باردى -كەلدىدە بولغان ۋە ئۇلاردىن
بىر قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىگە ئېرىشكەن .

ئۇ بۇ چاغلاردا مەلۇم دىنغا مەيلى بولمىسىمۇ، قۇرئان كەرىمگە قارشى تۇرۇش روھى بىلەن ئۇنى ئوقۇشقا
باشلىغان .بۇ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ :» سەن قۇرئاننى مۇنداقلا، يۈزەكى ئوقۇپ كىتەلمەيسەن، چوقۇم
سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇشۇڭ كېرەك. سەن ياكى ئۇنىڭغا قارشى ياكى ئۇنىڭغا بۇيسۇنغان ھالەتتە بولۇشۇڭ
كېرەك . قۇرئان كۈچلۈك شەكىلدە رەددىيە بېرىدۇ. بىۋاستە جاۋاپ ئوتتۇرغا قويىدۇ . خۇددى ساڭىلا خىتاپ
قىلىۋاتقاندەك. تەنقىد قىلىدۇ ، مۇنازىرە قىلىدۇ ، ساڭا جەڭ ئېلان قىلىدۇ . مەن قۇرئاننى ئوقۇغاندا ئۆزەمنى
ئاجىز تەرەپتە ھىس قىلدىم، چۈنكى قۇرئاننى چۈشۈرگۈچى مېنى مەندىن ياخشى چۈشىنىدىكەن .

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قۇرئان كەرىمگە قايىل بولدى، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ :» ئۇستا رەسسام بىرەر
كىشىنىڭ رەسىمىنى سىزغاندا، كۆزىنى سەن قايسى تەرەپتىن قارىساڭ، ساڭىلا قارىغاندەك قىلىپ سىزالايدۇ .
ئەمما كىممۇ سەن كىم بولىشىڭدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق سۇئالىڭغا جاۋاپ بولالايدىغان
كىتاب تۈزۈپ چىقالايدۇ ؟؟»

«ھەر كۈنى ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا خىلمۇ – خىل ئىشلارغا دائىر سۇئاللار كاللامدا پەيدا بولاتتى ۋە
كېيىنكى كۈنى قۇرئان ئايەتلىرى ئارىسىدىن جاۋاب ئالاتتىم . خۇددى بۇ كىتاپنىڭ تۈزگۈچىسى كاللامدىكى
پىكىرلىرىمنى ئوقۇپ تۇرىدىغاندەك ۋە شۇنىڭغا ئاتاپ تەييار جاۋاپ يازغاندەك . ئۆزەمنى پۈتۈنلەي بۇ
كىتابنىڭ قۇرلىرى ئارىسىدا بايقىدىم .»

ئەنە شۇنداق، قۇرئان كەرىم دائىم ئۇنىڭ ئوي – پىكرىدىن ئالدىدا، يىللار بويى كاللىسىدا چىگىلگەن
تۈگۈنلەرنى يېشىپ باراتتى .ئۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :» ئىسلامغا كىرگەنلەرگە، ھەممىگە قادىر،
ھەممىدىن بىھاجەت ئۇلۇغ زات ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ھىدايەتنامە
قىلىپ نازىل قىلدى . ئۇ شۇنداق كەڭ بىر ئوكيان كەبىكى سېنى ئۇنىڭ سۈيىگە چۈشۈشكە، چۇڭقۇر
دولقۇنلىرىدا شۇڭغۇشقا قىزىقتۇرىدۇ . ئۇنىڭغا كىرگىنىڭدە، ئۇنىڭ قاپ- قاراڭغۇ دولقۇنلىرىدا غەرق
بولماستىن، ۋەھيى ۋە ئىلاھى رەھمەتتە ئۆزەڭنى كۆرىسەن …
قۇرئاننى ھەر ئوقۇغىنىمدا ياكى نامازغا تۇرغىنىمدا قەلبىمدىكى قۇلۇپلۇق ئىشىكلەر ئېچىلىپ ئۆزەمنى ناھايىتى
نازۇك ھىسياتتا غەرق بولغاندەك ھېس قىلىمەن ، مۇھەببىتىم ئاستىمدىكى زېمىندەك مۇستەھكەم ئىدى، بىر
نەرسە مىنى ئازغۇنلۇقۇمدىن ئۆزەمگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن،ماڭا يىتىپ ئاشقۇچە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلغان
ئىدى . ئۇ بولسىمۇ ئۆزەم ئەقلىم بىلەن تونۇغان ۋە قايىل بولغان دىننى تاپقانلىقىم ئىدى . ھەر قانداق بىر
دىننىڭ يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا قەدەر بۇنداق سىڭىپ كىرىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم «.

ئۇنىڭ ئەرەپچىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ، قۇرئانغا قانداق ئىچەكىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سورالغىنىدا ئۇ: »
بوۋاقلار نىمە ئۈچۈن ئانىلىرىنىڭ گەپلىرىنى چۈشەنمىسىمۇ ئۇنى ئاڭلىغاندا پەسكويغا چۈشىدۇ؟ خاتىرجەملىك
ھىس قىلىدۇ ؟ قۇرئان كەرىم ماڭا ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا راھەت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.»

كېيىن ئۇ ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن بىر قانچە كىتاب تۈزۈپ چىقتى، بۇلاردىن «ئىمان ئۈچۈن كۆرەش»،
پەرىشتىلەرمۇ سورايدۇ» قاتارلىقلار بار .
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ «ئىمان ئۈچۈن كۆرەش » دىگەن كىتابىدىن بىر پارچىسىنىڭ تەرجىمىسى بىلەن يۈز
كۆرۈشىمىز .

ئىسلامغا كىرگەن كۈنۈم مەسجىد ئىمامى ماڭا ناماز ئۈگۈتىدىغان بىر كىتاپ بەردى، ئۇ چاغدا بەزى مۇسۇلمان
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا «ئالدىرىمىغىن»، » ئۆزەڭگە بېسىم قىلىۋالما»، «بىر بىرلەپ كەلگىن»
دىگەندەك ئەنسىرىتىدىغان گەپلىرىدىن ھەيران قالدىم ، ئۆز – ئۆزەمگە ناماز شۇ دەرىجىدە تەسمىدۇ دەپ
سورىغان ئىدىم .

ئەمما مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي بىرلا بەش ۋاقىت نامازنى تەڭ باشلاشنى قارار قىلدى.
شۇ كۈنى كېچىسى سۇس چىراق يورۇقىدا ئولتۇرۇپ، نامازنىڭ ھەركەتلىرى، ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالارنى
ئۈگۈنۈشكە باشلىدىم. ئوقۇيدىغانلىرىم ئەرەپچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەرەپچىسىنى ۋە ئېنگىلىزچە
مەنىلىرىنى يادلىشىم كېرەك ئىدى، ئۆزەمدە ناماز ئوقۇشقا ئىشەنچ بولغىچە، ھېلىقى كىتاپنى بىر قانچە سائەت
كۆرۈپ چىقتىم . بۇ چاغدا تۈن يېرىملاشقان ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشنى قارار قىلدىم

سۇخانىغا كىرىپ، كىتاپنىڭ تاھارەت ئېلىشنى چۈشەندۈرىدىغان قىسىمىنى ئېچىپ بىر يانغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇ
بويىچە بىرمۇ بىر ئەگىشىپ ، ئالدىرماي تەمكىنلىك بىلەن تاھارەت ئالدىم. خۇددى تۇنجى قېتىم تاماق
ئېتىۋاتقان كىشىدەك . تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سۇنى توختۇتۇپ، يۇز – قوللىرىمنى سۈرتمەيلا يېنىپ
چىقتىم، چۈنكى كىتابتا تاھارەت ئالغان كىشىنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ ئەۋزەللىكى سۆزلەنگەن ئىدى.

ھوجرامنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا كىلىپ ئۆرە تۇرۇپ، ئۆزەم قىبلە دەپ پەرەز قىلغان تەرەپكە يۈزلەندىم ، ئىشىكنى
ئەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئارقامغا بىر قارىۋەتتىم . ئاندىن ئالدىغا ئازراق چىقىپ. قامىتىمنى رۇسلاپ
تۇرۇپ تازا چۇڭقۇر نەپەس ئالدىم . ئاندىن ئىككى قولۇمنى ئالقىنىم ئوچۇق ھالدا مۈرەمگىچە كۆتۈرۈپ ،بوش
ئاۋازدا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازغا تەكبىر ئېيتتىم . بۇ چاغدائاۋازىمنى باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى
خالىمايتتىم، ھەم بەك ھاياجانلانغان ئىدىم ، چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ يۇشۇرۇن كۈزىتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم .
تۇيۇقسىزلا پەردىلەرنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى ئېسمىگە چۈشتى، ئۆز – ئۆزەمدىن سورايتتىم : قوشنىلارنىڭ بىرەسى
كۆرۈپ قالسا قانداق بولار؟ دەرھال دەرىزە يېنىغا بېرىپ سىرتقا نەزەر تاشلىدىم ، بىركىم يوق ئىدى. سەل
راھەت ھىس قىلدىم ، پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ، ناماز ئوقۇيدىغان يېرىمگە قايتا كەلدىم ، قىبلىگە يۈزلىنىپ ،
قەددىمنى رۇسلاپ، قايتا ناھايىتى بوش ئاۋازدا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتتىم . پاتىھە سۈرىسىنى تىلىم
گاچىلشىپ ئوقۇدۇم، ئاندىن قىسقىغىنە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇدۇم . ئەرەبچىنى بىلىدىغان
ھەر قانداق ئادەم ئوقۇغانلىرىمدىن بىر نەرسە چۈشەنمىكى تەس ئىدى . ئاندىن قايتا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ
رۇكۇغا باردىم ، ئىككى قولۇمنى تىزىمغا قويۇپ، دۈمبەمنى تۈپ – تۈز ئىگىپ تۇرۇشۇك كېرەك ئىدى، سەل
تەسكە چۈشتى. چۈنكى ھاياتىمدا بىرىگە ئىگىلىپ باقمىغان ئىدىم . شۇنداقتىمۇ ئۆزەم يالغۇز بولغانلىقىم ئۈچۈن
خۇشاللىق ھېس قىلدىم . رۇكۇدا تۇرۇپ » سۇبھەناللاھۇلئەزىم» نى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدىم . ئاندىن
«سەمىئاللاھۇ لىمەن ھەمىدە»، » رەببەنە لەكەلھەمد » دېگەچ قايتا تۈزلەندىم …. بۇ چاغدا قەلبىمنىڭ
سوقۇشى تىزلىنىپ كەتكەن ئىدى، قايتا سەجدىگە تەكبىر ئېيتقىنىمدا ھىس – تۇيغۇلۇرۇم باشقىچە ئىدى .
ئورنۇمدا قېتىپلا قالغاندەك ئىدىم ، ئالدىمدىكى سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراپ تۇراتتىم …

ئەمما سەجدە قىلالمىدىم ، بېشىمنى، يۈزۈمنى يەرگە قويالمىدىم . خۇددى قۇل ئىگىسىنىڭ ئالدىدا بىچارىلەرچە
باش قويغاندەك … پۇتلىرىم ئىگىلمەيدىغان قىلىپ باغلانغاندەك ئىدى … خارلىق، نۇمۇس ھىس قىلدىم،
دوستلىرىمىنىڭ ئالدىدا كالۋادەك مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشلىرىنى ئويلۇدۇم.
خۇددى ئۇلار ماڭا قارىتىپ : بىچارە جېفرى، ئەرەبلەر ئۇنى ئەقلىدىن ئازدۇرۇپتۇ . دەۋاتقاندەك ئىدى. ..T
«ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇنىڭغا ياردەم قىل» دەپ دۇئا قىلىشقا باشلىدىم ، ئاندىن چۇڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ،
ئۆزەمنى سەجدىگە، ئېگىلىشكە باشلىدىم ، يېرىم ئېگىلگەندە سەل توختىۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي پۈكۈلۈپ
سەجدە قىلدىم ،يۈزۈم يەرگە تەگكەن ئىدى . كاللامدىن بارچە خىيالنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۈچ
قېتىم «سۇبھەنە رەببىيەلئەئلا» دىدىم ،ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر » بېشىمنى سەجدىدىن كۆتۈرۈپ ئولتۇردۇم،
دىققىتىمنى ھەر قانداق نەرسىنىڭ چېچىۋىتىشىگە يول قويمايتتىم . «ئاللاھۇ ئەكبەر» ۋە بېشىمنى يەنە
سەجدىگە ئاپاردىم ، يۈزۈم، پىشانەم بۇرنۇم يەرگە تەگكەن ئىدى . ئاپتۇماتىك ھالدا » سۇبھەنە رەببىيەلئەئلا»
نى تەكرارلىدىم ، قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر باشلىغان بۇ نامازنى تولۇق ئوقۇشقا بەل باغلىغان ئىدىم .
«ئاللاھۇ ئەكبەر» ئورنۇمدىن تۇرۇپ، قىيامغا باردىم … ئىچىمدە دەيتتىم يەنە ئۈچ مەيدان قالدى، نامازنىڭ
قالغىنىدا «غورۇرۇم» «ھېسياتلىرىم» بىلەن كۆرەش قىلىشىم كېرەك ئىدى. .. ئەمما بارغانسېرى ئىش ئاسانلىشىپ
بارماقتا ئىدى … ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى سەجدەمدە ئاجايىپ بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدا بولدۇم…
ئاندىن ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا، تەشەھھۇتتا ئولتۇردۇم، ئاندىن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە سالام بەردىم …: بۇ چاغدا
خۇددى قاتتىق بىر مەيدان جەڭدىن قايتقان ئادەمدەك ، چارچىغان ھېس قىلدىم ، يەردە ئولتۇرغان پېتىم
ئىدى، ھازىرلا قاتناشقان بۇ «جەڭ»نى
ئەسلەشكە باشلىدىم.. ئوڭايسىزلىق، خىجىللىق ھىس قىلدىم ، چۈنكى مەن بۇ نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن
ئاشۇنداق «جەڭ» قىلغان ئىدىم .. بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ » مېنىڭ تەكەببۇرلۇقۇم، دۆتلىكىمنى مەغپىرەت
قىل، مەن ناھايىتى ئۇزاق جايدىن كەلدىم، ئالدىمدا تېخى يول يىراق» دىيەلىدىم …

دەل شۇچاغدا ، باشقىچە بىر سېزىم چىرمىۋالدى، سۆز بىلەن ئىپادىلىمەك تەس ئىدى، كۆكسۈمنىڭ بىر
يېرىدىن بىر خىل دولقۇن، سوغۇق بىر خىل دولقۇن تارقالماقتا ئىدى … بارغانسېرى كۈچىيىپ تىترەتكۈدەك
ئىدى ، ھېسىياتىمدا بۆلەكچە بىر ئۆزگىرىش پەيدا بولماقتا، خۇددى ئاللاھنىڭ رەھمىتى
بىر نەرسىگە ئايلىنىپ مىنى ئورىۋالغاندەك ئىدى… ئۆزەممۇ سەزمەستىن يىغلاشقا باشلىدىم ، ياشلىرىم
مەڭزىمگە سىيرىلماقتا، ئېسەدەپ كەتتىم ، گۇناھ ياكى خىجىللىق تۇيغۇسىدىن يىغلىمىغان ئىدىم، گەرچە
شۇنداق قىلىشىم كېرەك بولسىمۇ.ئەمما خۇددى ئىچىمدىكى قورقۇنچ ۋە غەزەپ
قورغانلىرى تېمى بۇزۇپ تاشلانغاندەك …
بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئۆز ئۆزەمدىن سورايتتىم : ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتى گۇناھتىن كېچىشلا ئەمەس
بەلكى شىپالىق تېپىش، خاتىرجەملىك ھېس قىلىشكەن… بىردەم شۇ ھالەتتە، تىزلانغان، بېشىمنى ئىككى
قولۇم ئارىسىغا ئېلىپ يىغلىغىنىمچە يەردە ئولتۇردۇم .

ئاخىرى يىغىدىن توختىدىم ، بۇ چاغدا چارچاپ كەتكەن ئىدىم ، سەل ئىلگىرىكى ئاۋۇ ناماز تەجرىبەم ماڭا
بۇرۇن تونۇش بولمىغان بىر ئىش بولغاچقا مەندە يۈز بەرگەن بۇ بىر قاتار جىسمانىي ۋە ھېسسىي ئۆزگىرىشلەرنى
ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە ئاجىز ئىدىم … بۇ تەجرىبە مەن باشقىلارنى خەۋەردار قىلىپ
، چۈشەندۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە غەلىتە ئىدى.

بۇ جەرياندا مەن ھېس قىلغان ئەڭ مۇھىم نەرسە مېنىڭ ھەر دائىم ئاللاھقا ۋە نامازغا ھاجەتمەن ئىكەنلىكىم
ئىدى، ئورنۇمدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ ئاخىرقى دۇئانى قىلدىم » ئەي پەرۋەردىگارىم ، ئەگەر مەن ساڭا
كۇپۇرلۇق قىلىشقا قايتا جۈرئەت قىلىدىغان بولسام، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مىنىڭ جېنىمنى ئال، مېنى بۇ دۇنيادىن
خالاس قىل … مەن ئۆزەمدە بار بولغان بارلىق كەمچىلىكلىرىم ۋە ئەيىپلىرىم بىلەن بىرگە ياشاپ كېتەلىشىم
تەسرەك، ئەمما سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئىنكار قىلغان ھالدا بىركۈنمۇ ياشىشىم مۇمكىن ئەمەس «.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئاۋار