مەستۈرە

فاتىمە كۆزىنى ئاچقاندا دادىسى ئاللىقاچان كېتىپ قالغانىدى، يېنىدا پەقەت ئاپىسى كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىغان، بىر نۇقتىغا تىكىلىگەن ھالدا ئولتۇراتتى. فاتىمە ئاپىسىغا بىر دەم قاراپ ياتتى، لېكىن ئاپىسى ئۇنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى سەزمىگەندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى. ئاندىن ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئاپىسى ئۇنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا قارىدى.
ئاپىسىنىڭ نەزىرى شۇنچىلىك سوغۇق، ئۇنىڭ قارىشىدىن قىزىغا ئىچى ئاغرىۋاتقانلىقىنى، ياكى خوپ بولدى، تارتقۇلۇقۇڭنى تارتتىڭ، دەۋاتقانلىقىنى فاتىمە بىلەلمىدى. ئۇمۇ ئاپىسىغا سوغۇق نەزەر بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن ھالسىز بەدەنلىرىنى كۆتۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
–نەگە ماڭدىڭ؟!—دېدى ئاپىسى بوغۇق ئاۋازدا. فاتىمە جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇنىڭ ئەمدى ئاپىسىغا بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇسى يوق ئىدى.
فاتىمە تازىلىق ئۆيىدىكى ئەينەككە قاراپلا چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ سول مەڭزىدە بەش بارماقنىڭ ئىزى شۇ پېتىلا چىقىپ قالغان ئىدى. پېشانىسى تۇخۇمدەك ئىششىپ چىققانىدى. بېلەكلىرىمۇ كۆكۈرۈپ كېتىپتۇ، دۈمبىسىمۇ ئاغرىۋاتىدۇ، بەلكىم كۆكەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يۈرىكى چۇل-چۇل بولۇپ كەتتى!! ئۇنىڭ دادىسى قانچىلىك كۈچكۈڭگۈر ئادەم. ئۇنىڭ تاياقلىرىنى بۇ ئورۇققىنە قىز كۆتۈرەلەيتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىچۇ؟ ئېرىنىڭ، توغرىسى بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قىزىنى شۇنچىلىك ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇشىغا ھاي دېمەستىن قاراپلا تۇردى. ئەجىبا بۇلار ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ھە!! ئۇنىڭ ھەدىسىچۇ؟ كىچىك چېغىدا دادىسى بىر قېتىم ھەدىسىنى ئۇرغاندا ئۇ دادىسىنىڭ پۇتىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، دادىسى ئۇنى تېپىۋەتسىمۇ يەنە ئېسىلىۋېلىپ ھەدىسىنى تاياقتىن ساقلاپ قالغانىدى. لېكىن ھەدىسىمۇ بولدى دادا، دېيەلمىدى. پەقەت بىر بۇلۇڭدا يىغلاپلا ئولتۇردى، تاكى ئۇ تاياق زەربىسىدىن ھوشىدىن كەتكۈچە….
سوغۇق سۇ ئۇنى بىر ئاز سەگىتتى. ئۇ مۇزدەك سۇ بىلەن يۈزىنى قايتا-قايتا يۇيدى، ئارقىدىنلا بۇنداق يۇيۇشنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى يادىغا يېتىپ بېلەكلىرىنى يۇيۇشقا باشلىدى. تاھارەتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياغلىق ۋە يېپىنچىسىنى ئىزدىدى.
توغرا، ئۇنىڭ ياغلىقلىرى بايا دادىسى تەرىپىدىن يىرتىۋېتىلگەن، ھازىر بىرمۇ ياغلىقى قالمىدى. دادىسى قايچا بىلەن ئۇنىڭ ياغلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى پارچە-پارچە قىلىپ كېسىۋەتكەنىدى. ئۇنداقتا نامازنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ چامانىدىن تېخى چىقارمىغان بىر يېپىنچىسىنى ئالدى، ئاندىن بىر ئىچ مايكىنى ئالدى، مايكىنى بېشىغا ئوراپ چاچ ۋە بويۇنلىرى ئازراقمۇ كۆرۈنمىگەنلىكىگە جەزىم قىلغاندىن كېيىن تەكبىر بىلەن نامازنى باشلىدى.
–ھۇ ئەقلى يوق دۆت!! ئاتا-ئاناڭنى قاقشىتىپ جەننەتكە كىرگىنىڭنى بىر كۆرەي، بىزنى ئەنسىرىتىپ، مۇشۇنچە قاقشىتىپ تېخى ناماز ئوقۇيدىكەن. بۇنداق ئوقۇغان نامىزىڭ نۆلگە تەڭ!—ئاپىسى سىرتتىكى ئۆيدە بىر نېمىلەرنى دەپ توۋلاۋاتاتتى. فاتىمە نامىزىنى ئوقۇۋەردى. ھەرھالدا ئاپىسىنىڭ باشقا كۈنلەردىكىدەك يۈگۈرۈپ كىرىپ بېشىدىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ، نامىزىنى بۇزۇۋەتمىگەنلىكىگىلا خوشال ئىدى.
–ئى ئۇلۇغ ئاللاھ!—دەيتتى ئۇ دۇئاسىدا،–مېنى كافىرلارنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن، ماۋۇ ئائىلەمدىكى مۇنافىقلارنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن. ماڭا ھېچبولمىسا ئىبادىتىمنى خاتىرجەم قىلغۇدەك بىر ماكان بەرگىن، بۇ يەردىن مەكتىپىمگە ساق-سالامەت بېرىۋالغىلى نېسىپ قىلغىن….
–بۇ ياققا چىق! ساڭا دەيدىغان گېپىم بار،–دەپ توۋلىدى ئاپىسى. ئۇ كارىنى قىلماي قولىدىكى كىتابىغا قارىغىنىچە ئولتۇرۇۋەردى.
–مەن ساڭا بۇ ياققا چىق دېدىمغۇ!—دېدى ئاپىسى يۈگۈرۈپ كىرىپ، غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن كىتابنى يۇلۇپ ئالدى.
–مېنىڭ ساڭا دەيدىغان گېپىم يوق!—دېدى ئۇ تۆۋەن، لېكىن تولىمۇ قەتئىي تەلەپپۇزدا.
–سەن مېنى «سەن» لەۋاتامسەن؟–ئاپىسى قولىدىكى كىتاب بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى،–قۇرۇپ كەتسۇن نامىزىڭ! قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق دىنىڭ! قۇرۇپ كەتسۇن خۇدايىڭ! ساڭا ئاپىسىغا تىل تەگكۈزۈشنى ئۆگەتكەن ئۇنداق خۇداغا لەنەت!
–ئاغزىڭنى يۇم!—دېدى ئۇمۇ بوش كەلمەي،–يەنە دىنىمنى چىشلەپ تارتىدىغان بولساڭ مەندەك بالىنى تۇغقىنىڭغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىمەن! بۇ ئۆيدىن چىق!
ئاپىسى ياقىسىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپلا قالدى. بەلكىم كىچىكىدىن تارتىپ شوخ بولسىمۇ ئاپىسىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، كۆيۈمچان قىزىنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكىنىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتقاندۇ. بايا قىزىنىڭ دادىسىغا تىل ياندۇرۇپ زوكۇنلاشقىنىنى كۆرگەندە ھەيران قالغان بولسىمۇ ئۆزىگىمۇ بۇنداق تىل ياندۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ئاپىسى ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ نېمىدېگەن بەختلىك قىز ئىدى! ھېچبولمىسا ئۇ ئۆزىنى شۇنداق ھېسابلايتتى. ئاتا-ئانىسى كىچىكىدە ئاجرىشىپ كەتكەن، دادىسى كېيىن قايتا توي قىلدى، لېكىن ئاپىسى توي قىلمىدى. دادىسى ئۇلار بىلەن ئاز دېگەندىمۇ ھەپتىدە بىرەر قېتىم كۆرۈشۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش راسخوتىنىمۇ دادىسى تۆلەيتتى. يەنە كېلىپ ئاتا-ئانىسى ئىككىلىسىلا ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نەتىجە ئېلىپ ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىدە ئۇلارنىڭ قانچىلىك خوشال بولغىنىنى دېمەيلا قويۇڭ.
ئۇلار تەييارلىقنىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇيتتى. تەييارلىقتىكى ياتاقداشلىرى ئىچىدە بىر قىز ناماز ئوقۇيتتى. تولىمۇ ئەدەبلىك ۋە تىرىشچان قىز ئىدى. ياتاقتىكى ھەممەيلەن ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. فاتىمە كىچىكىدىن تارتىپ ھېچقانداق دىنىي تەربىيە ئېلىپ باقمىغاچ ئۇنىڭ ناماز ئوقۇشىنى بەلكىم ئۆيىدىكىلەر زورلىغاچقا شۇنداق قىلامدىكىن، دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئارزۇ-ئۈمىدلىرى تولۇپ-تاشقان بىر ياشنىڭ بۇنداق خۇراپىي ئىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ئىدى.
–دىلنۇر، جۈرۈڭ ۋالىبول ئويناپ كىرەيلى.
–رەھمەت فاتىمە. بىردەمدىن كېيىنلا ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قالىدۇ. مەن چىقماي.
…..
–دىلنۇر، كەچتە مەكتەپ كىنوخانىسىدا بەك پەيزى كىنو بار ئىكەن، كۆرۈپ كىرەمدۇق؟
–بولدى، سىلەر چىقىڭلار، مەن بۈگۈن تاپشۇرۇق ئىشلەي.
–ئەتە دېگەن يەكشەنبە، ئەتە ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇغۇ؟
–ئەتە مەسچىتتە بىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم. قۇرئان ئۆگەنمەكچىدۇق.
…..
–دىلنۇر، ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئەتە قىزلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى «ئەپەندىم تېز تاماقخانىسى» غا تاماققا چاقىردىم. كەچ سائەت بەشتە، ۋاقتىدا بېرىڭ.
–ھە؟ ئەتە…ئەتە مېنىڭ ئىشىم بار ئىدى…
–ۋاي-ۋۇي، سىزنىڭلا ئىشىڭىز تۈگىمەيدۇ. ئىش دېگەننى قاچان قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم يىلىغا ئاران بىرلا قېتىم كېلىدۇ.
–راستىنى ئېيتسام…تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش دىنىمىزدا چەكلەنگەن. شۇڭا….كەچۈرۈڭ، بارالمايمەن.
……
مۇشۇنداق پاراڭلاردىن كېيىن ياتاقداشلار بارا-بارا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازراق بىزارلىق ھېس قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىندا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىگە قايىل بولماي قالمىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئوچۇق-يورۇق، ھەممە ئىشنى تۈجۈپىلەپ قىلىدىغان مىجەزى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايتتى. بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇ مەسچىتتىكى قۇرئان ئۆگىنىشىدىن كېيىن ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپاندىن بىرنى كىيىپ، بېشىغا ياغلىق ئارتىپ كېلىۋېدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەيرانلىقى تېخىمۇ ئاشتى.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى. ياتاقتىكى قىزلار ئادەتتە دىنغا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىگەن بىلەن رامىزاندا ھەممىسى تەقۋادارلاردىن بولۇپ كېتىشتى. ئەتىگەندە كىم ئورنىدىن بۇرۇن تۇرسا شۇ باشقىلارنى ئويغىتاتتى، بۇنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا «بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلارنى سوھۇرغا مەن ئويغىتىمەن…» دەپ ماختىنىشىغا پايدىسى بار ئىدى. سەھەردە ھەممەيلەن بىرلىكتە مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا چىقىپ تاماق يېگەندىن كېيىن، دىلنۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىللە دۇئا قىلىشىپ قايتىپ كىرەتتى. ئىككى قىز يەنە بىر ۋاق ناماز باشلىۋالغانىدى. ئەلۋەتتە فاتىمەمۇ سەپتىن قالماي روزا تۇتۇشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى. شۇغىنىسى ئۇ روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبىنى تازا بىلىپ كەتمەيتتى. ياتاقتا قىزلارنىڭ «بىلەمسىلەر، روزا تۇتسا سالامەتلىككە بەك پايدىلىقكەن….بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز نېمە دېگەن ئۇلۇغ دىن» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندا بىر ئىلاھىي سېزىم ئۇنىڭ بەدىنىنى بىردەملىك چۇلغىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىيۇ، بۇ سېزىم بىردەملا يوقاپ كېتەتتى. بولۇپمۇ كۈندۈزى ئۇيقۇسىراش ۋە قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىك سەەۋەبىدىن دەرس ۋە ئۆگىنىش خوشياقمىغاندا ئۇ روزا تۇتۇشتىن بەكلا زېرىكەتتى.
رامىزاننىڭ 27-كۈنى كەچتە، قىزلار بىرلىكتە تۈنىمەكچى بولدى. بۇ دەل جۈمە كەچكە توغرا كەلگەچ، قىزلار ئەتىسى خاتىرجەم ئۇخلىۋالسىمۇ بولاتتى. ئۇلار بىردەم گازىر چاققاچ ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن پاراڭ سوقۇپ ئولتۇردى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تۈنەش پەقەت كېچىسى ئۇخلىماسلىق ئىدى. دىلنۇر بالكونغا ناماز ئوقۇۋاتاتتى.
–ھەي قىزلار، دىلنۇر بالكوندا ناماز ئوقۇسا توڭۇپ كەتمەسمۇ؟ ھەي فاتىمە، چىقىپ چاقىرىپ كىرگىنە، ياتاقتا ئوقۇسۇن، بىزمۇ تۆۋەنرەك ئاۋازدا پاراڭلىشايلى.
فاتىمە بالكونغا ئەڭ يېقىن بولغاچقا، ئورنىدىن تۇرۇپلا بالكونغا قاراپ ماڭدى. 12-ئاينىڭ سوغۇقى بالكوننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى بىلەنلا ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ چىققاندا دىلنۇر دۇئا قىلىۋاتاتتى.
–دىلنۇر، نامازنى ياتاق ئىچىگە كىرىپ ئوقۇڭە، بۇ يەر بەك سوغۇقكەن،–دېدى ئۇ، لەۋلىرى سوغۇقتىن تىترەپ كەتتى.
–ھە، مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ تۇراتتىم، رەھمەت سىزگە،–دىلنۇرنىڭ بۇرۇن ئۇچى قىزىرىپ كەتكەنىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قانچىلىك توڭلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى.
–قىزلار، بۈگۈن كېچە قانداق كېچە، بىلەمسىلەر؟–دېدى دىلنۇر ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ.
–ياق،–قىزلار قايسىڭلار بىلىسىلەر، دېگەندەك بىر-بىرىگە قاراشتى.
–پەيغەمبىرىمىزگە قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچە. ئاللاھ قۇرئاننى قەدىر كېچىسى نازىل قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. قەدىر كېچىسى ناھايىتى ئۇلۇغ، بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئاللاھ چەكسىز ساۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئون كۈنى ئىچىدىكى تاق كۈنلەردىن ئىزدەڭلار، دېگەن ئىكەن، كۆپ قىسىم ئالىملار 27-كېچە، دەپ قارايدىكەن. ئەگەر خالىساڭلار، مەن بىردەم قۇرئان ئوقۇپ بېرەي.
–ئەجەب ياخشى.—دېيىشتى قىزلار،–ياغلىق چىگىپ ئولتۇرامدۇق، يا چىگمىسەكمۇ بولامدۇ؟
–ئىختىيارىڭلار،–ئۇ شۇنداق دەپ قۇرئاننى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بەلكىم ئۆزى كۈندە ئوقۇۋاتقاچ، دەل شۇ يەرگە كەلگەن بولسا كېرەك، قۇرئاننىڭ قىزىل يىپى شۇ يەردە ئىدى:
« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [1]. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر [2]. اﷲ نىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، (اﷲ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇ)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر [3]. اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، اﷲ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، اﷲ سىلەر بىلەن بىرگە، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [4]. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، ھەممە ئىش اﷲ قا قايتۇرۇلىدۇ [5]. اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر [6]. اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، اﷲ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن سەدىقە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە سەدىقە قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئىگە بولىدۇ [7]. (ئى كۇففارلار!) سىلەر نېمىشقا اﷲ قا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ، اﷲ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئەگەر ئىمان كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلساڭلار (ئىمانغا ئالدىراڭلار) [8].»……①
ئۇ ئاستا، تولىمۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيتتى. بۇ چاغدا فاتىمەنىڭ قەلبىنى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر سېزىم، تولىمۇ ئۇلۇغ، تولىمۇ ئۇلۇغ بىر ئىلاھىي سېزىم چۇلغىۋالدى. ھەربىر ئايەت، ھەربىر سۆز ئۇنىڭ قەلبىدە ئەكس سادا پەيدا قىلماقتا ئىدى.
–ماۋۇ ھەدىس توپلىمى، خالىساڭلار بۇنى كۆرگەچ ئولتۇرۇڭلار،–دېدى دىلنۇر بۇ سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر كىتابنى سۇنۇۋېتىپ،–مەن يەنە بىردەم ناماز ئوقۇۋالاي.
–دىلنۇر، مەن سىز بىلەن بىللە ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟–دېدى ئايگۈل ئىسىملىك قىز، ئۇنىڭ كۆزلىرى نېمىشقىدۇر نەملىشىپ قالغانىدى،–مەنمۇ ناماز ئوقۇيالايمەن، ئاپامدىن ئۆگەنگەن.
–بولىدۇ، جۈرۈڭ ئەمىسە، چىقىپ تاھارەت ئېلىپ كىرەيلى. مەنمۇ تاھارىتىمنى يېڭىلىۋالاي. «تاھارەت ئۈستىگە تاھارەت، گۈل ئۈستىگە گۈل قويغاندەك». ②
ئۇلار ئىككىسى سىرتقا قاراپ ماڭدى، فاتىمەمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى…..
قىشلىق تەتىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، تەتىلدە ئۆگىنىش قىلىشنى باھانە قىلىپ ئۆيىگە قايتمىدى، دىلنۇرمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قالدى.
–دىلنۇر، سىزگە بەك ھەۋىسىم كېلىدۇ،–دېدى بىر كۈنى فاتىمە.
–نېمىشقا؟
–سىز كىچىكىڭىزدىن ياخشى ئىسلامىي تەربىيە بىلەن چوڭ بولغان ئىكەنسىز. لېكىن مەن ئىسلامدىن پۈتۈنلەي يىراق بىر مۇھىتتا چوڭ بولدۇم. دادام ساقچى، ئاپام ئوقۇتقۇچىسى. نېمە ئوقۇتقۇچىسى دېمەمسىز؟ بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، سېپى ئۆزىدىن ئىنسان مايمۇندىن تۆرەلگەن دەيدىغىنى. دادام ساقچى بولغانلىقتىن ئەزەلدىن ھېيت نامىزىغىمۇ بارمايدۇ. ھازىر ئويلىسام ئۇلار ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
–راستىنى ئېيتسام مەنمۇ سىزدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان،–دېدى دىلنۇر پەس ئاۋازدا.
–راستمۇ؟ بىز تېخى سىزنى موللامنىڭ قىزىمىكىن دەپ يۈرۈپتۇق،–دېدى فاتىمە ئىشەنگۈسى كەلمەي.
–دادام ناھىيەمىزنىڭ ھاكىمى،–دېدى دىلنۇر خىجىل بولغاندەك تەلەپپۇزدا،–ئاپام ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇلار ئىككىلىسى بەك قىزىل پاچاق. مېنىڭ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىمنى بىلگەندە دادام تاس قالغان مېنى ئۇرۇپ ناكا قىلىپ قويغىلى، لېكىن ئاكام بىلەن ئاپام ئىككىسى توسۇۋالغان. مەن ناماز ئوقۇشنى ۋە ئىسلامغا دائىر بىلىملەرنى ئاكامدىن ئۆگەنگەن. دېسەم چوقۇم ئىشەنمەيسىز، ئاكام ماڭا ئىسلامنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مەن نەگە بارسام شۇ يەرگە كەينىمدىن باراتتى، ھەتتا دېسكوخانىغا كىرسەم كەينىمدىن بىللە كىرىپ ماڭا ئايەت-ھەدىس سۆزلەيتتى. مەن ئاكامغا «بولدى ئاكا، ئاۋارە بولما، بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنى ناماز ئوقۇيدىغان قىلىۋەتسەڭمۇ مېنى قىلالمايسەن» دەيتتىم، كىم ئويلىغان، بەندە مۇمكىن ئەمەس، دېگەن ئىش ئاللاھقا مۇمكىنكەن، بەندىگە تەس ئىش ئاللاھقا ئاسانكەن، مۇشۇنداق ئاكام بولغىنىدىن بەك پەخىرلىنىمەن. ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ياغلىق سېلىپ ئورانغانلىقىمنى تېخى بىلمەيدۇ. كىم بىلىدۇ، بىلسە نېمىلەر بولۇپ كېتىشىنى. لېكىن ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ. ئاكاممۇ قاراپ تۇرمايدۇ، ئىنشائاللاھ.③
فاتىمە ھەيران بولغىنىچە تۇرۇپلا قالدى، ماۋۇ كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان، تولىمۇ چىرايلىق، لېكىن ئاددىي- ساددا، قىلچە ھاكاۋۇرلۇقنى بىلمەيدىغان قىز ناھىيە ھاكىمىنىڭ قىزىكەن. ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شۇنچە مۇشەققەتلەرنى تارتىپتۇ. تېخى بۇ قىز دېسكوخانىغىمۇ كىرىپ باققانىكەن، بۇنداق گەپكە كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلسۇن؟!
–مەن ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە قانداق كىيىنىش بىلەن كارى يوق ئىكەن، دەپ ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەن، بۇرۇندىنلا ئورانغۇم بار ئىدى. ئاللاھ مۇسلىمەلەرنى مۇشۇنداق ئورىنىپ يۈرۈشكە بۇيرىغان ئەمەسمۇ!
–دىلنۇر، مۇشۇنداق قىلىش…سىزچە ئەرزىمدۇ؟ بەك جاپادا قاپسىز. تېخى تاياقمۇ يەپسىز.
–تاياقنىغۇ كۈندە يەيتتىم، دادام مېنى ئۇرۇپ ھېرىپ كېتىپ توختاپ قالغان چاغلىرىمۇ بولغان. ئۇرۇپ توختىغىنىدا كىرىپ نامىزىمنى ئوقۇيتتۇم. ئاخىرى ئاپام بالىنى يەنە ئۇرىدىغان بولساڭ سەن بىلەن ئاجرىشىمەن، دەپ يۈرۈپ ئاران توختاتتى. بىلىمەن، داداممۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئەمەلدارلىقنى مەندىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرەمدىكىن، دەيمەن. مەن ئاللاھتىن توختىماي دۇئا قىلىپ تىلەۋاتىمەن، ئاللاھ خالىسا دادام چوقۇم ھەقنى چۈشىنىدۇ، ھامان بىركۈنى.
لېكىن مەن نامىزىمدىن، ئىمانىمدىن كېچىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. ساھابىلەر دەسلەپتە ئىمان ئېيتقاندا قانچىلىك جاپا تارتقان ئىكەن، بىلەمسىز؟ بىر ساھابىنى ھەتتا چوغنى يەرگە يېيىتىپ شۇنىڭ ئۈستىدە دومىلىتىپتىكەن، بىر ساھابىنى مەككىنىڭ تۇخۇمنى قويسا پىشىدىغان قىزىق قۇمىغا ياتقۇزۇپ ئۈستىگە ئېغىر تاشنى باستۇرۇپ قويۇپتىكەن، بەزىلىرىنى ناھايىتى ۋەھشىي ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىمانىدىن كەچمىگەن ئىكەن. بىزدىن مىڭ ھەسسە ئېغىر كۈنلەردە تۇرۇپمۇ ئىمانىدىن قىلچىلىك يانمىغان ئادەملەر كۇرمىڭ. ھەقىقەتتە چىڭ تۇرماق ئاسان ئەمەس….
شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار مەكتەپ سىرتىدىكى تېز تاماقخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى.
–بالدۇرراق كېلىڭلار، VCD قويۇپ بېرىمەن، ئۇيغۇرچە كىنو سېغىنغانسىلەر ھەقىچان،–دېگەنىدى ئۇ ئايال تېلىفوندا.
ئۇلار ئەسىر نامىزى بىلەن يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار كەلگەندە ئۆي ئىگىسى ئايال تاھارەت ئېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر ئوقۇشقا ساقلاپ تۇرغانىكەن.
–ھەي دىلنۇر، مەندە بىر فىلىم بار، سىز چوقۇم ياقتۇرىسىز،–دېدى نامازدىن كېيىن. ئۇ تولىمۇ چاقچاقچى، خۇشخۇي ئايال ئىدى،–بۇنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار، مەن قورۇمىنى قورۇپ، پىلتە قىلىپ تەييار قىلىپ قويغان، لەغمەن سېلىپ كىرەي.
–بىزمۇ قارىشامدۇق؟
–بولدى، سىلەر كۆرگەچ تۇرۇڭلار.
ئۇنىڭ بەرگىنى تۈركىيىنىڭ داڭلىق ھېكايە فىلىمى« دانىيەلىك كېلىن» ئىدى. دىلنۇر بۇ فىلىمنى ئىلگىرى كۆرۈپ بولغانىكەن. فاتىمە بولسا ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدى. كىنو باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ كىنونىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتى.
كىنودىكى خەدىچە جەيناماز ئۈستىگە بىرىنچى قېتىم چىقىپ يىغلاپ كەتكىنىدە ئۇمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىمۇ شۇنداق سىلكىنگەن، شۇنداق بىر ھاياجان ئۇنى ئېسەدەتكەن، لېكىن نېمىشقىدۇر يىغلىيالمىغان ئىدى. بۈگۈن يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىكى ئەندىشىلىرىنى، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى مۇشۇ يىغىسى ئارقىلىق تەسكىن تاپقۇزماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.
كىنو تۈگىگەن چاغدىمۇ ئۇ ئەس-يادى كىنودا، يەنە ئاخىرى بارمىكىن، دېگەندەك ئېكرانغا قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالغانىدى.
–تۇرۇڭلار، شام ئوقۇيلى،–دېدى ساھىپخان ئايال.
شام نامىزى ئوقۇغۇچە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلدى. ئۇ ناماز باشلىغىنىدىن، تۇنجى نامىزىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ناھايىتى راھەت ھېس قىلدى، خۇددى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندەك، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نامازغا بېرىلدى.
–ھەدە، بۇ ئابايىڭىز بەك چىرايلىقكەن، ماڭىمۇ ئوبدانلا كەلدى، مەن كىيسەم بولامدۇ؟–دېدى ئۇ نامازدىن كېيىن تارتىنىپقىنە.
–بۇ كونىراپ قالدى. بۇ يىل يۇرتتىن ئەكەلگەن يېڭى بىرى بار ئىدى، شۇنى بېرەي. ناماز ئوقۇغاندا كىيەمتىڭىز؟
–ياق، مەنمۇ ئورۇناي، دېگەنتىم.
–ماشائاللاھ! نېمىدېگەن چوڭ خوش خەۋەر بۇ! ئەمىسە مەن سىزگە بىر نەچچە ياغلىق بېرەي، كېلىڭ، ئۆزىڭىز تاللىۋېلىڭ.
–قاراڭ ئاسمانغا. نېمە دېگەن گۈزەل!—دېدى فاتىمە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئابايى، بېشىدا ياغلىق ئورۇنلىشىپ بولغانىدى.
–ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسا ئاسمان مۇشۇنچە تۇمانلىق بولسىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدىكەن-ھە! تۇيۇقسىزلا ئورىنىشنى ئويلاپ قالدىڭىزغۇ؟
–بىلەمسىز، تۇنجى نامىزىمدىن كېيىن شۇ چاغدىكى بىر خىل كۆڭۈل ئارامچىلىقىنى زادىلا قايتا تاپالمىدىم. تاكى بايا ئاۋۇ كىنونى كۆرگەندىلا ئۆزەمدە نېمىنىڭ كەملىكىنى بايقىدىم…
………..
فاتىمە بۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئاللىقاچان شام نامىزى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ شام نامىزىغا تەييارلىق قىلدى….

[p align=center](2)[/p]

مېھرىئاي بىلەن فاتىمە ۋوگزالدا ئۇ ياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇلار مېھرىئاينىڭ سىڭلىسى ئايبۇلاقنى كۈتۈۋالغىلى كەلگەنىدى.
ئايبۇلاق باشقا شەھەردە تەييارلىقتا ئوقۇۋاتاتتى. «ھەدە، نەچچە كۈندىن كېيىن تۇغۇلغان كۈنۈم بولىدۇ، مېنىڭ بۇ يەردە تۇغۇلغان كۈنۈمدە يالغۇز قالغۇم يوق، سېنىڭ يېنىڭغا بارايچۇ!» دېگەنىدى ئۇ تېلىفوندا ئەركىلەپ. گەرچە ئۇ مېھرىئايدىن پەقەت ئۈچ ياشلا كىچىك بولسىمۇ، مېھرىئاينىڭ مىجەزى ناھايىتى ئېغىر، چوڭ ئادەملەردەك بولغاچقىمۇ، ئۇنىڭغا ئەركىلەپلا يۈرەتتى. ئۆيدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي چوڭ بولغان بۇ ئەركە قىز ھەدىسىنىڭ بىرەر ئېغىز گېپىنىمۇ يىرمايتتى. ھەدىسىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.
لېكىن مېھرىئاي سىڭلىسىنىڭ يېنىغا كېلىشىنى زادىلا خالىمايتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار:
مېھرىئاي بىلەن فاتىمە تەييارلىقتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار بولۇپ، تەييارلىقنىڭ ئىككىنچى يىلىدىكى باھاردا مېھرىئايمۇ ئورانغانىدى. ئۇمۇ فاتىمەگە ئوخشاشلا، كىچىكىدىن تارتىپ ھېچقانداق ئىسلامىي تەربىيە ئالماي چوڭ بولغان، لېكىن ئۇنىڭ قەلبىدە ئىسلامغا نىسبەتەن ئۆزگىچە بىر خىل مۇھەببەت بار ئىدى. بۇنى ئۇنىڭ چوڭ ھاممىسىنىڭ تەسىرىدىن دەپ ئېيتساق، بەلكىم خاتالاشقان بولمايمىز.
ئۇنىڭ ھاممىسى بېيجىڭدىكى داڭلىق بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلاشقان ئىدى. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇ بىر ھاجىنىڭ يالغۇز قىزىغا ئىنگلىزتىلى ئۆگىتىپ قويۇش سەۋەبى بىلەن دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ.( ئۇ چاغلاردا ئۈرۈمچىدە ئىنگلىزتىلى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى). بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى قويۇق ئىسلامىي مۇھىت، ناھايىتى گۈزەل ئىسلامىي ئەخلاق ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئىسلامنى چۈشىنىپ، بۇ گۈزەل ھايات يولىدا مېڭىشنى تاللىۋالىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ نامىزى، چىرايلىق پلاشلىرى ئىدارە باشلىقلىرىنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاممىسى خىزمەتتىن بىراقلا ئىستېپا بېرىپ چىقىپ كەتكەنىدى. كېيىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقتى ۋە ناھايىتى تەقۋادار بىر يىگىت (ئىنشائاللاھ) بىلەن توي قىلدى. ھازىر بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى، ۋە ناھايىتى بەختلىك ئائىلىسى بار ئىدى.
ئۇ ھاممىسىنى ناھايىتى ھۆرمەتلىگەچكە، ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ ئالغانىدى. لېكىن ھاممىسىنىڭ قەتئىي، قىلىمەن دېگىنىنى قىلماي قويمايدىغان جاھىل مىجەزىگە سىڭلىسى بەكرەك ۋارىسلىق قىلغاندەك ئىدى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئۆز-ئۆزىگە« ھەي، سىڭلىم ئىسلامنى چۈشەنگەن بولسىچۇ! ئۇمۇ چوقۇم قالتىس ياخشى مۇسۇلمان بولالايتتى» دېدى.

مېھرىئاي ئورىنىپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنى ئۇرمىدى، ئۇرۇشقا ئەسلا قولى بارمايتتى. قاشلىرىنىڭ ئۇچى توم، ئاخىرى ئىنچىگە ئاخىرلاشقان، ئۇزۇن قاپقارا كىرپىكلىرى يوغان كۆزلىرىگە سايە تاشلاپ تۇرغان، بۇرۇنلىرى قاڭشارلىق، ئېڭىكى ئۇچلۇق، لەۋلىرى توق، گۈزەللىكىگە ھېچ گەپ كەتمەيدىغان بۇ مۇلايىم قىزغا كىممۇ قول تەگكۈزەلىسۇن! ئۇ كىچىكىدە بىر قېتىم قاتتىق ئاغرىپ قالغان بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئالقىنىدا پۈۋلەپ كېلىۋاتاتتى. يەنە كېلىپ ئۇمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەممىلا جەھەتتە ئۇلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىپ كېلىۋاتاتتى. مەيلى ئۆگىنىشتە بولسۇن، مەيلى ئەخلاق-پەزىلەتتە بولسۇن، كىشىنىڭ قايىللىقى ۋە ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان قىز ئىدى. دادىسى ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا قارىمايلا قويدى. ئاپىسى ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر جىددىيلىقىنى، قاتتىقلىقىنى، ئۇ بۇنداق كىيىنىپ يۈرسە ئۇلارنىڭ بىرەر مىنۇتمۇ خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇردى. مېھرىئاي يەردىن بېشىنى كۆتۈرمىدى. ئۇنىڭ جاۋابسىز تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئاپىسى يىغلاشقا باشلىدى. بىركۈن، ئىككى كۈن، ئۈچ كۈن ئۇدا ئۈنسىز ياش تۆكۈشتىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ياغلىقنى چىگمەسلىككە قوشۇلدى.
شۇنداق، بەزى چاغلاردا يۇمشاق بولۇش قاتتىقلىقتىنمۇ بەكرەك كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تەتىلدىن كېيىن ئۇ ياغلىقسىز ھالدا قايتىپ مەكتەپكە كەلدى. بۇ چاغدا تەييارلىق ئوقۇشى ئاخىرلىشىپ، ئۆزى رەسمىي ئوقۇيدىغان مەكتەپكە كەلگەنىدى. ئۇ ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بىر قىز تۇرۇپ ئەۋرەتلىرى ئوچۇق ھالدا مۇشۇنداق يۈرۈۋېرىشكە چىدىسۇنمۇ؟ ھېلىمۇ تەتىل جەريانىدا ساراڭ بولۇپ قالايلا، دېدى. ئۇ ئەمدى ياغلىقىنى بېشىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىمايدۇ. ئۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ياغلىقنى قايتىدىن بېشىغا سالدى.
بىر يىلدىن بۇيانقى تەتىللەردە ئۇ ئۆيىگە قايتمىدى. ئەمدى ئىككىنچى يىلى ئوقۇش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىڭلىسى ئۇنى كۆرگىلى كەلمەكچى. ئەلۋەتتە ئۇمۇ سىڭلىسىنى ناھايىتى سېغىنغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە ئۇرۇشۇپ قويىدىغان، لېكىن بىردەمدىن كېيىنلا كەچۈرۈم سوراپ ئەركىلەيدىغان سىڭلىسى ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمى ئىدى. شۇغىنىسى، سىڭلىسى ئۆيىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ يەنە قايتىدىن ئورۇنغانلىقىنى دەپ قويسىچۇ؟ ئاتا-ئانىسى يەنە خاپا بولۇپ كېتەرمۇ؟
لېكىن، ئۇلار بەرىبىر بىلىدۇ. بۇنىڭدىن ھامان قېچىپ قۇتۇلالمايمەن.
–ھەدە!! مانا مەن!!—ئارقا تەرەپتىن سىڭلىسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى كېلىۋاتاتتى.
ئۇ سىڭلىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. سىڭلىسنى راستلا بەكمۇ سېغىنغان ئىدى. ئاندىن تاكسىغا چىقىپ مەكتەپكە قايتتى. سىڭلىسىنىڭ بۇرۇنقى شوخلۇقلىرى تۈگەپ يۇۋاشلاپ قالغاندەكلا ئىدى. ئۇ مېھرىئايغا خۇددى تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن يات ئادەمگە قارىغاندەك تارتىنىپقىنە كۈلۈمسىرەپ قارايتتى.
–قانداق، بەك غەلىتە كۆرۈنۈۋاتامدىمەن؟–دېدى مېھرىئاي سىڭلىسىغا قاراپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە.
–نەدىكىنى! پەرىشتىلەردەكلا گۈزەل كۆرۈنىۋاتىسىز. مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق گۈزەل قىزنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۆيگە قايتقان چېغىڭىزدا ياغلىق چىگكىنىڭىز بىلەن ئىشتان كىيىپتىكەنسىز.بۇنداق كىيىنگىنىڭىزنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. راستلا بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز، مېنىڭمۇ كىيگۈم كېلىۋاتىدۇ.
مېھرىئاي سىڭلىسىنىڭ بۇنداق كىيىنىشىگە يول قويالمايتتى. جەمئىيەتتە بۇنداق كىيىنىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلمەيلا كىيىنىۋېلىپ پاك مۇسلىمەلەرنىڭ، ھىجابنىڭ ھۆرمىتىنى تۆكۈۋاتقان قىزلار ئاز ئەمەس. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ھېچنېمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا بۇنداق كىيىنىۋېلىشىغا، بىلىپ-بىلمەي شۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇشىغا ئۇ قانداقمۇ قوشۇلسۇن!؟
–ئالدىرىماڭ، سىز تېخى كىچىك. ھايلى① بار.
–ھەدە، مەن خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇدۇم.
–نېمە؟!—مېھرىئاينىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ كەتتى،–ساراڭمۇسىز؟ ئۇنداق كىتابلارنى ئوقۇپ نېمە قىلاتتىڭىز؟
–ئىنگلىزتىلى فاكۇلتېتىكىدى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنشى ئىقتىدارىمنى ئاشۇرىدىغان، كىچىك ئوقۇشلۇق كىتابلار بولسا بېرىپ تۇرساڭلار، دېسەم ساپلا خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىنى بېرىپتۇ. ھەدە، يادىڭىزدىمۇ؟ ئىلگىرى ماڭا دىن توغرىسىدا سۆزلىسىڭىز مەن بىئولوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتى، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قايىل بولمىغانىدىم. دىنغا زادىلا قىزىقمايتتىم، شۇ كىتابلارنى ئوقۇپ نېمىشقىدۇر قىزىقىپ قالدىم.
مېھرىئاي ئىلگىرى سىڭلىسى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇنۇپ ئۆتكەن سۆھبەتلەرنى ئېسىگە ئالدى. ئايبۇلاق ھەدىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا قوغداپ تۇراتتى. دادىسى «سېنى كۆزۈم كۆرمىسۇن، سىرتتىكى ئۆيگە چىققۇچى بولما، ياتاق ئۆيۈڭدىلا ئولتۇر» دەپ خاپا بولغاندا، « ئەمىسە مېنىمۇ كۆزىڭىز كۆرمىسۇن، مەنمۇ سىزگە قارىمايمەن، مەنمۇ ياتاق ئۆيۈمدىن چىقمايمەن!» دەپ ھەدىسى تەرەپتە تۇرغانىدى، ھەمىشە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ تۇراتتى. لېكىن ھەدىسىنىڭ نېمىشقا ئاتا-ئانىسى بىلەن شۇنچە تىركىشىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى.
–ھەدە، نېمە قىلىسىز بۇنچە جاپا تارتىپ؟ ئاتا-ئاناممۇ رەنجىدى. ناماز ئوقۇمىسا نېمە بوپتۇ؟ شۇنى دەپ بۇنچىۋالا جاپا تارتىش كېتەمدۇ؟
–ھېچقىسى يوق،–دېگەنىدى مېھرىئاي ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا،–بۇنى جاپا دېگىلى بولمايدۇ. ئەينى چاغدا ساھابىلەر تېخىمۇ چوڭ مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرىغان ئىكەن.
–ۋاي-ۋۇي، خەق قانداق ئىشقا ئۇچرىسا سىزنىڭ نېمە كارىڭىز؟
سىڭلىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مېھرىئاينىڭ كۈلگۈسى كەلدى، توۋا، دۇنيا قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىنسانلاردا قانداق چوڭ پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ—ھە! يەنە كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ئۇنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئۇنى قىلچىلىك چۈشىنىدىغانلارمۇ يوق…
لېكىن بۈگۈن سىڭلىسى خىرىستىئانلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ قىزىقىپ قالدىم، دەيدۇ. بۇ ھەممىدىن ئېچىنىشلىق ئىشقۇ! مەيلى ئۇ دىنىي ئەھكاملارغا رىئايە قىلمىسىمۇ، پەقەت ئۆزىنى مۇسۇلمانلا دېسە ھامان بىر كۈنى، ئىنشائاللاھ ئۇ سىڭلىسىنىڭ قولىدىن تارتىۋالالايدۇ. ئەمدىچۇ؟ ئەگەر سىڭلىسى خىرىستىئان بولۇپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ ئۇ مەڭگۈلۈك دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم بولىدۇغۇ!؟
–ئايبۇلاق، خىرىستىئان دىنىنىڭ نېمىسىگە قىزىقىپ قالدىڭىز؟
–ھەدە، مەن خىرىستىئان دىنىغا قىزىقىپ قالمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ كاللامدىن ئۆتمىگەن بىر نەچچە يەرنى يېزىۋېلىپ سىزدىن سوراپ باقاي، دەپ ئەكەلگەن. سىز ئاڭلاپ تۇرۇڭ ھە.
–قاراڭ ھەدە، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» دا مۇنداق مەزمۇنلار بار ئىكەن. «خۇدا بىرىنچى كۈنى ئاسماننى ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى»….دېگەندەك مەزمۇندا. ئۇنداقتا خۇدا ئەگەر راستلا ھەممىگە قادىر بولسا (خىرىستىئانلارمۇ خۇدانى ھەممىگە قادىر، دەپ سۈپەتلەيدۇ) ئۇ يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ نېمە يارىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەجىبا خۇدانىڭ ئىشلىرىمۇ تەقدىرنىڭ ئىلكىدىمۇ؟….
ئايبۇلاق مۇشۇنىڭدەك سوئاللاردىن 18نى سورىدى، دېيىشىچە كىتابنى يېرىمغىچە ئوقۇپ بەك بىمەنە ھېس قىلىپ كېتىپتۇ ۋە داۋامىنى ئوقۇغۇسى كەلمەپتۇ.
–خىرىستىئان دىنى توغرىسىدا جىق مەلۇماتىم يوق، ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. لېكىن سىز سورىغان مەزمۇنلارغا مەن ئىسلامنىڭ كۆز قارىشى بويىچە جاۋاب بېرىپ باقاي، قېنى سىز ئاڭلاپ بېقىڭ، قايسى خىل قاراشنى ئەقلىڭىز بەكرەك قوبۇل قىلىدىكىن.
–بولىدۇ ھەدە. مەن بۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قالايمىقان گەپلەرگە دۇنيادا شۇنچە كۆپ ئادەم توغرا دەپ ئېتىقاد قىلىدىغاندۇ، دەپ ھەيران قالدىم. ئاندىن ئۇنداقتا بىزنىڭ دىنىمىز قانداق دىندۇ، دەپ ئويلىدىم. دىنىمىز توغرىسىدا جىقراق نەرسە بىلگۈم كەلدى، شۇڭا بۇ يەرگە تۇغۇلغان كۈنۈمنى باھانە قىلىپ، سىزدىن سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپاي، دەپ كەلگەنتىم.
ئۇنىڭ سۆلىرىنى ئاڭلاپ مېھرىئاي ئاجايىپ ھاياجانلىنىپ كەتتى. بۇ ئىككى يىلدىن بېرى ئۇ ئاڭلىغان ئەڭ سۆيۈملۈك سۆز ئىدى. ئۇ دەرھال قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈردى:« ئى ئاللاھ! سىڭلىمنى ھىدايەت قىلغايلا! ئى ئاللاھ! سىڭلىمنى ھىدايەت قىلغايلا! ئى ئاللاھ! سىڭلىمنى ھىدايەت قىلغايلا! سىلى ھىدايەت قىلغاننى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. سىلى ئازدۇرغاننى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. سىلىنىڭ ياردەملىرى بولمىسا بىزنىڭ قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ.»
–ھەدە، يەنە بىر گەپ بار ئىدى، دېسەم مېنى ئەخمەق، دەپ زاڭلىق قىلارسىزمۇ، دەپ قورقىمەن.
–دەڭ، بولدى، مەن سىزنى قاچان زاڭلىق قىلىپ باققان؟
–بىرەر ھەپتە بولۇپ قالدى، ئوخشاشلا چۈش كۆرىمەن. ئىشىك دەرىزىلىرى يوق بىر ئۆيدە تۇرغۇدەكمەن، ئۆينىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى تۈڭلۈكتىن ناھايىتى كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ تۇرغۇدەك. مەن دەل شۇ نۇرنىڭ ئاستىدا، ئۇچامدا ئاپپاق كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقۇدەكمەن. ئويغىنىپ ھەيرانلا قالىمەن، مەن ئۆمرۈمدە ناماز ئوقۇپ باقمىسام، بۇ قانداق ئىشتۇ، دەپ. لېكىن يەنە ئوخشاش چۈش كۆرۈۋاتىمەن.
–ماشائاللاھ!! ماشائاللاھ!………
مېھرىئاي خوشاللىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى. كۆزلىرىدىن ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلمەكتە ئىدى. ئۇ رەببىگە بولغان ھەمدلەر ئىدى. رەببىنىڭ دۇئانى قوبۇل قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە، مۈشكۈلاتلارنى ئاسان قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە…ھەمد ئېيتىپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار ئىدى.
ئايبۇلاق ھەدىسىنىڭ يېنىدا ئۈچ كۈن تۇردى، تۆتىنچى كۈنى يىپيېڭى بىر قەلب بىلەن مەكتىپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
«ھەدە، بۇ مۇھىتتىن بەك ھېرىكتىم. مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئاللاھتىن ماڭا ياخشى ئىمان بېرىشنى تىلەپ قويۇڭ. مەنمۇ چېكىنىپ كېتەرمەنمۇ، دەپ ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن…»
« خېتىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپلا قۇرئانى كەرىمنى ئاچتىم. ئاچقىنىم دەل تۆۋەندىكى ئايەتلەر بولۇپ چىقتى: بىر مۈشكۈلاتتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار، ھەقىقەتەنمۇ بىر مۈشكۈلاتتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار…سىڭلىم ئازراق بەرداشلىق بېرىڭ، ئاللاھ خالىسا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ….»
ئۇلار كۆپىنچە خەت ئارقىلىق پاراڭلىشاتتى. چۈنكى خەتتە ئويلىغانلىرىنى تېخىمۇ ئەركىن بايان قىلالايتتى.
«ھەدە، مەن ۋالىبول مۇسابىقىسىدە بىزنىڭ فاكۇلتېتنىڭ كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولدۇم.»
«ھەدە، بىز مۇسابىقىدە مەكتەپ بويىچە ئىككىنچى بولدۇق»
«ھەدە، مەن ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. مەكتەپ بويىچە ئۈچىنچى بولدۇم…»
ھەرقېتىم سىڭلىسىدىن خەت تاپشۇرۇۋالغىنىدا مېھرىئاي چەكسىز خوشاللىققا چۆمەتتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى ھەر جەھەتتە تالانتلىق قىز ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا يازغان ئەسەرلىرى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. مەيلى دەرستە بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيىدە بولسۇن مەكتەپ بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى ئىدى. ئەينى چاغدىلا مېھرىئاي« ئەگەر سىڭلىم ئىسلامنى چۈشەنگەن بولسا، ھەقىقىي مۇسلىمەدەك ياشىغان بولسا قانچىلىغان ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيتتى» دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدى. مانا ئەمدى ئاللاھ ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىۋاتقان ئىدى.
ئارىدىن يەنە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ سىڭلىسى تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ ئۇنىڭغا يېقىن شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلدى. مېھرىئاي تەتىلدە يەنە قايتمىغانىدى. ئۇ سىڭلىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن سىڭلىسى ئوقۇيدىغان شەھەرگە كەلدى. ئاشۇ كۈنى پويىز ئىستانىسىسدا مېھرىئاينىڭ سىڭلىسىنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز: بېشىدا كۆكۈچ ياغلىق، ياغلىق كەينىگە سىيرىلىپ چېچىنىڭ يېرىمى ئوچۇق قاپتۇ، ئۇچىسىدا قارا رەڭلىق پادىچىلار چاپىنى، ئەينى چاغدا سىڭلىسى ئاپىسىغا جېدەل قىلىپ يۈرۈپ بۇ چاپاننى ھېيتلىق قىلىپ ئالغان، ئاستىدا ئۇزۇن پادىچىلار رەختىدىن تىكىلگەن يوپكا، پۇتىدا تەنتەربىيە ئايىقى. مەيلى ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەر بىر مۇسلىمە قىزغا نىسبەتەن ئانچە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، ئۇ ئورانغانىدى، بىرىنچى قەدەمنى تاشلىغانىدى. ئاللاھ خالىسا ئەمدى بارا-بارا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بارا-بارا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ…..
مېھرىئاي ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى، لېكىن ئايبۇلاق بولسا ھەدىسىگە قاراپمۇ قويماي ئالدىراش ھالدا ياغلىقىنى تۈزەشتۈرمەكتە ئىدى. مېھرىئاي ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ياغلىقىنى تۈزەپ چىگكەن بولسىمۇ ماڭلاي چاچلىرى ياغلىقنىڭ ئالدىدىن چىقىپ قالغانىدى.
–ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
–ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەدە،–دېدى ئۇ چۇڭۇلداپ سۆزلەپ،–ئەسلى مەكتەپكە كېلىپ ئورىنىمەن، دەپ ئۈرۈمچىدىن ياغلىق بىلەن يوپكا سېتىۋالغانىدىم. پويىزدا تۇرۇپ ئويلاپ باقسام مېنىڭ ئەۋرەتلىرىم ئوچۇق قالغان ھالىتىمنى بىر ئادەم بولسىمۇ ئازراق كۆرسە ياخشى ئىكەن، شۇڭا مەكتەپكە مۇشۇنداقلا باراي، دەپ پويىزدىلا ئورىنىۋالدىم، بوپتىمۇ.
ئۆتكەن قېتىم كۆرۈشكىنىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پەردە شەكىللىنىپ قالغاندەك ئىدى، مانا ئەمدىلىكتە ئۇ پەردە پۈتۈنلەي غايىب بولۇپ، بۇرۇنقىدەك، ياق، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە يېقىن ھەمشىرىلەرگە ئايلانغانىدى. چۈنكى ئۇلار ھازىر پەقەت قان-قېرىنداشلا ئەمەس، يەنە دىنىي قېرىنداشلار ئىدى.
–ئۆيگە قايتقاندا ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ دادام-ئاپام بىر نېمە دېمىدىمۇ؟
–دېمەي قالامدۇ، بىر كۈنى ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتسام…
–نېمە؟ سىز تاماق ئەتتىڭىزمۇ؟–دېدى مېھرىئاي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، كۈلگىنىچە. چۈنكى ئايبۇلاق كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلەپلا چوڭ بولغان، ئاپىسى ئۇنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىش ئەمەس، ھەتتا تاس قالاتتى پايپاقلىرىنىمۇ ئۆزى يۇيۇپ بەرگىلى. ئۇنىڭ تاماق ئەتتىم، دېگىنى مېھرىئايغا بەكمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلغانىدى.
–ئەلۋەتتە، ئاللاھ بىزنى ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، يەنە كېلىپ سىزمۇ بىلىسىز ئاپام كۈندۈزى دوختۇرخانىدا بەك ھېرىپ كېتىدۇ. شۇڭا دادام-ئاپام ئىشتىن كەلگۈچە قىلالىغىنىمچە تاماققا تەييارلىق قىلىپ تۇراتتىم. بىر كۈنى ئاپام بىلەن بىللە تاماق ئېتىۋاتساق ئاپام، بالام، نېمە بولدىڭىز، ئۆيگە كىرسەك سەندەل(ساپما كەش)نى سۇنۇپ، ئاپا چاي ئىچىڭ، دادا دوغاپ…دەيدىغان بولۇپ كېتىپسىزغۇ؟ كۈن نەدىن چىقىۋاتىدۇ؟ دېدى. مەن، ئاپا ، راستىڭىزنى ئېيتىڭە، قىزىڭىز ياخشى بولۇپ كېتىپتىمۇ، دېسەم ،ھەئە دېدى. ئاللاھ بىزنى ئاتا-ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپتىكەن، دېسەم چىرايى ئۆڭۈپلا كەتتى. كەچتە ياتاق ئۆيدە تورغا چىقىۋاتسام ئاپام سىرتتىكى ئۆيدە دادامغا «ئەمدى كىچىكىمۇ چوڭىنى دوراپ ئاغزىدىن ئاللاھنى چۈشۈرمەيدىغان بولۇۋاپتۇ، بۇ بالىلارنى قانداقمۇ قىلارمىز؟ ئەمدى قاتتىقراق چارە قوللانمىساق بۇلار پاتقاققا پېتىپ كېتىۋېرىدۇ» دەۋاتىدۇ. ئەتىسىلا چامادانىمنى ئاختۇرۇپ جەيناماز ۋە نامازلىق كىيىملىرىمنى ئېلىۋاپتۇ. ناماز ئوقۇغۇچە بەك قىينالدىم، ناماز ئوقاي دېسەملا بىر ئىش تېپىپ قويىدۇ.
–نامازلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇغانسىز؟
–ئەلۋەتتە. ئاخشىمى قوڭغۇراقلىق سائەت تەييارلاپ قويسام ئاپام ئويغىنىپ كېتىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ئۇخلىغىچە ساقلاپ خۇپتەننى ئوقۇۋالىمەن، يەنە بىردەم كىتاب ئوقۇسام، ياكى باشقا ئىش قىلسام بامدات ۋاقتىمۇ بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن بامداتنى ئوقۇۋالىمەن. باشقا نامازلارنى ئۇلار ئىشقا كەتكەندە ئوقۇدۇم. شەنبە يەكشەنبە بەزى نامازلارنى ئامالسىز قازا قىلدىم….
شۇنداق قىلىپ ئايبۇلاقمۇ ياخشى ئوراندى، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن مېھرىئاينىڭ ئۆگىتىشى بىلەن جىلباب كىيىشنىمۇ ئۆگەندى. ھەش-پەش دېگۈچە قىشلىق تەتىل ۋاقتىمۇ كېلىپ ئۇلار بىرلىكتە ئۆيگە قايتىشتى. ئۆيگە قايتىشتىن ئىلگىرى مېھرىئاي تەتىلدە يەنە ئۆيىگە قايتماسلىقنى تاللىۋالغان فاتىمەنى يوقلاپ كىردى.
–ئاداش، مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمنى خۇددى ساھابىلارغا، ئاتا-ئانامنى مەككە كۇپپارلىرىغا ئوخشىتىپ كېتىپتىكەنمەن. ئۇلار بىلەن ئېلىشسام خۇددى ئۆزەمنى جىھاد قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ناھايىتى پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانام ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن. كېيىن ئويلىنىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئۇلاردىن رەنجىيەلمىگۈدەكمەن، ئويلاپ كۆرگىن، دادام ساقچى، ئۇ تۈرمىلەرگە سولانغان مۇسۇلمان ياشلارنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، بىر دادا ئۆز پەرزەنتىنىڭ شۇنداق كۈنگە قېلىشىنى ئويلىسا چىداپ تۇرالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، جان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن قازاسىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن دادام ئۇنى چۈشىنەتتىمۇ؟ قارا، دادام ھازىر ئۈچ يىل بولاي دېدى، ماڭا قارىمايدۇ. مەن دادامنىڭ شۇنى چۈشىنىش پۇرسىتىنىمۇ يوق قىلىۋېتىپتىمەن. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، ئاتا-ئاناڭ بىلەن جاۋابلاشما. ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈشكە تىرىشقىن….
ھەدە-سىڭىل ئىككىيلەننىڭلا ئورىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئاتا-ئانىسى ئاچچىقتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالمايلا قالدى. مېھرىئاي ئەزەلدىن ئاتا-ئانىسىغا بېشىنى تىك كۆتۈرۈپمۇ قارىيالمايتتى. يەنە فاتىمەنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ مەيلى ئاتا-ئانىسى نېمىلا دېسىمۇ ئۇلار بىلەن جاۋابلاشماسلىق نىيىتىگە كەلدى. لېكىن ئايبۇلاق دادىسى نېمە دېسە دادىسى بىلەن تەڭلا دېيىشەتتى:
–مەن ھەرقايسىڭنى مەكتەپكە ئوقۇسۇن، دەپ ئەۋەتتىم، بۇنداق كىيىنسۇن، دەپ ئەۋەتمىدىم!
–دادا، كىيىم بىلەن ئوقۇشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟ بىزنىڭ سىنىپتىكى ئەڭ دەرستە ناچار قىز كىيىمنى ئەڭ ئاز كىيىدىغىنى….
–تولا گەپ يورغىلاتما! بۇ كىيىمنى بىكارلا بۇنداق كىيىۋالمىغانسەن؟ نامازچۇ؟ دەرسكە تەسىر كۆرسەتمەمدىكەن؟
–بەش ۋاق نامازغا بىر سائەتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ. كۈنىگە بىرەر سائەت دەم ئالساممۇ بولمامدۇ؟ مەن يا خەقتەك دېسكوخانىغا، قاۋاقخانىغا بارمىسام.
–داداڭ بىلەن تەڭ تۇرۇشنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟
–سوئال سوراۋاتسىڭىز، جاۋاب بەرمىسەم ناماز ئوقۇپ مۆڭلىشىپ② سورىغان سوئالغىمۇ جاۋاب بەرمەس بولۇشۇپ كېتىپسەن، دەرسىز ھەقىچان.
–يەنە تەڭ تۇرە!
–ۋايجـــــان، دادا، نېمانداق قىلىسىز؟
–بىلىشەمسەن، دۇنيادا نېمە بىلەن خوشام يوق؟ موللا بىلەن! چىقىپ قاراپ باق، مۇشۇ يەردە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر موللا بارمىكەن؟ ھەممىسى ئۆيىدە ناماز ئوقۇپ تالادا قىلمىغان ئەسكىلىكى يوق نېمىلەر. بۇ جاھاندا موللىنىڭ ياخشىسى يوق.
ھەدە-سىڭىل ئىككىلىسى نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، دېگۈسى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار دادىسىنىڭ كىملەرنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. دادىسىغا شۇنداق كىشىلەرنىڭ بەرگەن تەسىرى راستلا بەكمۇ ناچار ئىدى، ئۇنى بىرەر-ئىككى كۈندە پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنى ئۇلار بۇرۇندىن تارتىپ بىلەتتى.
–بۇ قېتىم يا ئىككىلىڭ ئاۋۇ بېشىڭدىكى ئېلىپ، ئىككىنچى ياغلىق چىگمەيمەن، دەپ ۋەدە بېرىپ ماڭىسەن. يا ھېچنەگە بارماي ئۆيدە ئولتۇرىسەن، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇتماپتىمەن بولدى!
ئەتىسى ئايبۇلاقنىڭ مۇنداقلا بىر ئېغىز گېپى ئۈچۈن دادىسى ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالغاندىلا ئۇلار دادىسىنىڭ بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. قىزلىرىنى «ئون ئوغۇلغا تېگىشكۈسىز قىزلىرىم» دەپ پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان بۇ كىشىنىڭ قىزىنى بىر شاپىلاق سېلىشى ھەقىقەتەن چوڭ ئىش ئىدى.
ئاتا-ئانىسى گەرچە خاپا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك بولۇپ كەتمەيدۇ، دەپ ئويلىغان قىزلار كېيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئىشلارنى ئويلاپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئەجىبا، مەكتەپكە راستلا قايتالماسمۇ؟ مەكتەپكە قايتالمىسا بۇ ئۆيدە ئورۇنۇشلا ئەمەس، نامازنى خاتىرجەم ئوقۇشمۇ بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالىدۇ….

[p align=center](3)[/p]

10-ئايدىكى قىسقا تەتىلدە دىلنۇر مېھرىئاي بىلەن فاتىمەنى يوقلاپ، ئۇلار ئوقۇۋاتقان شەھەرگە كەلدى. كۈندۈزى ئۇ يەر بۇيەرلەرنى ساياھەت قىلىپ، كەچتە ياخشى سۆھبەتلەردە بولۇپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزدى، تەتىل توشۇشقا يەنە تۆت كۈن ۋاقىت بار ئىدى.
–بۇ يەرگە بىزنى يوقلاپ كېلىپ بىزنى بەل خوش قىلىۋەتتىڭىز. شۇغىنىسى ئەمدى مەن ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم. ھەمشىرەم، بېرىپ سىڭلىمنى يوقلىشىپ كېرەك، سىڭلىمنىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى ئەمەس.
–سىڭلىڭىزغا نېمە بولدى؟
–دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن،–مېھرىئاي گېپىنى باشلىدى،–قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقان چېغىمىزدا ئۆيدىكىلەر بىزنىڭ ناماز ئوقۇشىمىز ۋە ئورۇنۇپ يۈرۈشىمىزگە بەكلا قارشى تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا سىڭلىم بىر نەچچە قېتىم تاياقمۇ يېدى، ھەي ئىشقىلىپ ئادەم ئويلىسا ئىچى بىر خىللا بولۇپ قالىدىكەن. ئاخىرى ئاپام تولا يىغلاپ ئىككىمىز بېشىمىزغا پوسما كىيىپ، بوينىمىزغا شارپا ئوراپ دېگەندەك ئۆيدىن ئارانلا چىقىپ مەكتەپكە كېلىۋالدۇق. بىر مەۋسۈم گەرچە دادام تېلىفون قىلساق ئالماي، بىزگە قوپال تېگىپ ئۆتكەن بولسىمۇ خېلى خاتىرجەم ئىدۇق. 5-ئايلاردا دادامنىڭ بىر دوستى سىڭلىم ئوقۇۋاتقان شەھەرگە خىزمەت ئىشى بىلەن كەلگەن ئىكەن، سىڭلىمنى يوقلاپتۇ. قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادام دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان بىر سورۇندا سىڭلىمنىڭ گېپىنى قىپتۇ. نېمىلەرنى دېدى بىلمىدىم، دادام ئۇدا ئۈچ كۈنگىچە تۈزۈك ئۇخلىيالماپتۇ. كېيىن بىر كۈنى سىڭلىمغا تېلىفون قىلىپ «يا بېشىڭدىن ياغلىقىڭنى ئالىسەن، يا بۇندىن كېيىن بۇ ئۆيگە قەدەم باسمايسەن، سەندەك قىزىم يوق» دەپتۇ. شۇندىن بېرى مەن تېلىفون قىلساممۇ دادام- ئاپام ئىككىلىسى تېلىفوننى ئالمايدۇ.
–ئاتا-ئانىلارمۇ بەلكىم ئەنسىرىگەنلىكىدىندۇ، ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇنداق يۈرۈشىمىزنى خالىمايدىكەن، لېكىن خەقنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئۇلارغا تېخىمۇ بەكرەك تەسىر قىلىدىكەن. بىز ئۇيغۇر خەقنىڭ قىلىدىغان چوڭ ئىشلىرىمىز بولمىغاندىكىن، قولىمىزدىن بىرەر ئىش كەلمىگەندىكىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىنى قويۇپ خەقنىڭ ئۆيىگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىدىكەنمىز.
–شۇنى دېمەمسىز، بىزنى ناماز ئوقۇپ ياغلىق چىگىپ يۈرۈپتۇ، دېگەن گەپ بىردەمدىلا ھەممە يەرگە پۇر كەتكەن چېغى، كىملا ئۇچرىسا ئاپامغا «بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى، بۇ بالىلار نېمانداق غەرەز ئۇقمايدىغاندۇ» دېيىشكۈدەك. تېخى ھەتتا بەزىلىرى« قىزلارغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ بىرەرى بوزەك قىپتىمۇ؟ كاللىسىغا نېمە ئىش شۇنچە تەسىر قىلىپ كەتكەندۇ؟» دېگۈدەك. بۇ گەپنىمۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ تېلىفون قىلغان ھاممامدىن ئاڭلىدىم. قاراڭە، ياقىلار ئېتەك بولدى، ئېتەكلەر ياقا بولدى، دېگەن شۇدە. كېيىن يازلىق تەتىل بولدى، سىڭلىم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تۇرۇۋېدى، ئەزەلدىن چوڭراق ئاغرىپ باقمىغان ئادەم شۇ تەتىلدە ئاغرىپ قالسا بولىدۇ. ئۆيدىكىلەر ئىقتىسادىمىزنىمۇ ئۈزۈۋەتكەچكە مەن تەتىل ۋاقتىدا پايدىلىنىپ مەكتەپتە ئىشلەپ ئىككىمىزنىڭ قورسىقىنى بېقىۋاتاتتىم. بىر كۈنى ئىشتىن يېنىپ ياتاققا كىرسەم سىڭلىم يەردىلا ئولتۇرۇۋاپتۇ، قارىسام يىغلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. نېمە بولدىڭىز، دېسەم پۇتىنى كۆرسەتتى، پۇتى ئىششىپ پۇتبولدەك بولۇپ كەتكەنىكەن، قورقۇپ كەتتىم. نېمە بولدىڭىز، بىر يەرگە ئۇرۇۋالدىڭىزمۇ، دېسەم ياق، بىلمەيمەن، تۈنۈگۈندىن باشلاپ پۇتۇم ئازراق ئاغرىغان ئىدى، نېمە بولدىكىن، دەپ ئويلىدىميۇ، لېكىن يەنە ئوڭشىلىپ قالار، دەپ كارىمنى قىلماي يۈرۈۋېرىپتىمەن. بايا بەك ئاغرىپ كەتتى، ئاندىن بىردەمدىلا مۇشۇنداق ئىششىپ كەتتى، دەيدۇ. قانداق قىلىمەن، مەكتەپ سىرتىدا جۇڭيى دوختۇرخانىسى بار ئىدى، يېنىمدا بار پۇلنى تۆلەپ دوختۇرغا كۆرسەتتىم. دوختۇر كۆرۈپلا ياتاققا ئالمىساق بولمايدىكەن، دېدى. بىچارە سىڭلىم پۇتىنىڭ ئاغرىقىدىن كېچىلىرىمۇ ئۇخلىيالمايتتى…
–نېمە كېسەلكەن؟–ئالدىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى دىلنۇر.
–ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر كېسەلكەن، قان تونۇر ياللۇغلىنىپتۇ، دەيدۇ. پۇتىنى تۆۋن قىلسىلا پۇتى تېخىمۇ ئىششىپ كېتەتتى، قانچىلىك قىينالغىنىنى ئۆزى بىلىدۇ. لېكىن ناماز ۋاقتى بولسا نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى. «ئۆرە تۇرالايمەنغۇ، ھەدە! ئولتۇرۇۋالسام بولارمۇ؟» دەيتتى، ئۇنىڭغا قارىسام كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلاتتى. دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن ياتقاندىن كېيىن ياتىقىمغا قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالماقچى بولدۇم، پۇل تۆلەي دەپ بارسام دوختۇر سىڭلىڭنىڭ ياتاق پۇلىنى بىرى تۆلىۋەتتى، دەيدۇ. كىملىكىنى زادى بىلەلمىدىم. سېستىرادىن سورىسام، ياغلىق چىگىۋالغان بىر خۇيزۇ ئايال، دەيدۇ. سىڭلىم ياتاقتا ياتقاندا بۇ يەردە بىز ياخشى ئۆتىدىغان بىر نەچچە خۇيزۇ ھەدىلەر فاتىمەدىن ئاڭلاپ يوقلاپ كەلگەنىكەن، شۇلاردىن بىرى ئوخشايدۇ. لېكىن سورىسام ھېچقايسىسى دېگىلى ئۇنىمىدى.
–ماشائاللاھ!! مەيلى كىملا بولسۇن ئاللاھ شۇ قېرىندىشىمىزغا چەكسىز ئەجىر بەرسۇن! ئامىن! ئاللاھنىڭ بەندىسىنى ياردەمسىز قويمايدىغانلىقىنى مانا بۈگۈن يەنە بىر قېتىم كۆردۈم. پەقەت بىز ئاللاھ يولىدا چىڭ تۇرساق ئاللاھ ھامان بىزدىن ياردىمىنى ئايىمايدىكەن. سىڭلىڭىزنىڭ بەك كۆڭلى يېرىمدۇ ھە؟
–كۆڭلى يېرىمدۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھىي تەييارلىقى بار ئىدى. فاتىمەنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ دائىم بەلكىم بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ شۇنداق كۈنلەر كېلىپ قالار ھەدە، تەييارلىنىپ تۇرايلى، دەپلا تۇراتتى.
–فاتىمە ئۆيىدىكىلەر بىلەن ھازىر قانداقراق ئۆتۈۋاتىدۇ؟
–ھەي، بولدىلا، بۇنى ئۆزىدىنلا سوراڭ. سىڭلىمنىڭ پۇتى تېخى پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەن ئىدى. جىق يول ماڭسا پۇتى يەنە ئازراق ئىششىپ قالىدىكەن. شۇڭا مېنىڭچە بۇ دەم ئېلىشتىمۇ ياتىقىدىن سىرتقا چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بېرىپ سىڭلىمغا ئىككى كۈن بولسىمۇ ھەمراھ بولۇپ كېلەي.
–ئەسلى مەنمۇ بىللە بېرىپ سىڭلىڭىزنى يوقلىسام ياخشى بولاتتى. لېكىن ھەممىمىز ئوقۇغۇچى، مەن بارسام تۇرىدىغان جاي تاپالماي قىينىلىپ قالارمىز ھەقىچان.
–سىز مېنىڭ ياتىقىمدا تۇرۇۋېرىڭ. فاتىمەنىڭ باشقا ئىشلىرى يوق، سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئوينىتىدۇ. تەييالىقتا بىللە ئوقۇغان باشقا قىزلارمۇ سىزنى ئوينىتىمىز، دەپ يۈرگەن.
–بۇنى سىڭلىڭىزغا بېرىڭ، ئالدىمىزدا رامىزان كېلىۋاتىدۇ، لازىم قىلار،–دىلنۇر شۇنداق دېگەچ يانچۇقىدىن 400 يۇەن پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى.
–ياق، ئۇنداق قىلماڭ….
–ئېلىڭ، مېنىڭ ئازراق كۆڭلۈم. يا سىڭلىڭىزغا ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەرسىز. كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. ھە راست، ھازىر پۇلنى قانداق قىلىۋاتىسىلەر؟
–ئىككىلىمىزنىڭ يىغىپ قويغان پۇلىمىز بار ئىدى، بىر مەزگىل شۇنى ئىشلەتكەن. ئۆتكەندە ھاممام 1000يۇەن پۇل ئەۋەتىپتىكەن، ئۇ تۈگىسە ئاللاھ يەنە بېرەر،–مېھرىئاينىڭ كۆز چاناقلىرى ۋە بۇرنىنىڭ ئۇچى قىزىرىپ قالغانىدى.
–ئەنسىرىمەڭ، ئاللاھ خالىسا پۇلنىڭ ئامالى بولىدۇ. ئەگەر مېنى يات كۆرمىسىڭىز، مەن پۇل بېرەي، شۇنى خەجلەپ تۇرۇڭلار…
–ياق، سىزمۇ ئوقۇغۇچى…
–مېنىڭ ئەمەس، ئاكامنىڭ پۇلى. ئەگەر ئاكامغا دەيدىغان بولسام ئاكام ناھايىتى خوشال بولۇپ قوشۇلىدۇ. ئاكام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئورگىنىدا خىزمەت قىلىشنى خالىماي سودىگەرچىلىك قىلغان ئىدى. ھازىر كىچىكرەك بىر شىركەت قۇرۇۋالدى، پايدىسى ياخشى ئوخشايدۇ، ھازىر ئەھۋالى خېلى ياخشى. تاپقان پۇلىنى مۇشۇنداق يەرگە ئىشلەتمەي نەگە ئىشلىتىدۇ؟
دىلنۇر مېھرىئاينىڭ سومكىسىنى يىغىشتۇرۇشىغا قارىغاچ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى: تەييارلىقنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىلدە ئۇمۇ، فاتىمە بىلەن بىللە ئۆيىگە قايتقانىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغىنىغا شۇنچىلىك قارشى ئىدى. ئۇنىڭ ئورانغانلىقىنى كۆرۈپ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. ئۇ ئاپتوبۇستىن چۈشىشىگە نېرىقى تەرەپتە ماشىنا بىلەن ساقلاپ تۇرغان دادىسىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپلا كەتتى، ۋە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى. ئاپىسى ئۇنى كۆرۈپ«بالام، بۇ نېمە ئىش؟!» دەپ تۇرۇپلا قالدى. پەقەت ئاكىسىلا خوشاللىقىدىن سىڭلىسىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈۋالدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ تەتىل بويى ئۇنىڭغا ئارامچىلىق بولمىدى. كۈندە دېگۈدەك ئاتا-ئانىسىنىڭ تاپا-تەنىسىگە ئۇچراپ تۇراتتى. لېكىن بۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ سىنىقى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ كۆرۈۋاتقانلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا قەلبى يورۇپ، روھى كۆتۈرۈلۈپلا قالاتتى. لېكىن كىچىدىن ئۆزىگە شۇنداق ئامراق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى.
ئۆيگە خوشنىلار كىرسىمۇ باشقا ئۆيلەرگە مۆكۈپ، ھېچكىمگە كۆرۈنمەي يۈرۈپ، بىر يېرىم ئاي تەتىلنى تەسلىكتە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خوشمۇ دېمەي تەتۈر قاراپ ئولتۇرۇشى بىلەن مەكتىپىگە قايتتى. مەكتەپتە بىر مەۋسۈم تولىمۇ خاتىرجەم ئۆتتى. قىشلىق تەتىل كېلىشى بىلەن دادىسى تېلىفون قىلىپ ئۇنى ئۆيىگە تېز قايتىشقا بۇيرىدى. بۇ قېتىم دادىسى ئۇنى ئاپتوبۇس بېكىتىدە كۈتۈۋالدى، قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماستىن ئۇنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىم ئاپىسى ئۇنى قۇچاقلاپمۇ قويمىدى، قولىدىن سومكىسىنى ئالمىدى، بۇرۇنقىدەك ئاش كۆكى پۇراپ تۇرغان مېزىلىك چۆچۈرە، ھېچبولمىغاندا بىر پىيالە ئىسسىق چايمۇ قويمىدى. ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ تېخى يۈزلىرىنىمۇ يۇيماستىن دادىسى ئۇنى چاقىردى:
–بۇ ياققا چىق! ساڭا دەيدىغان گېپىم بار!—ئۇ دادىسىنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇمسىراپ تاشقارقى ئۆيگە چىقتى.
–ساڭا بىر پۇرسەت بەردىم، ئۆزەڭنى بىلمىدىڭ، ئەمدى گېپىڭنى ئوچۇق قىل. يا ياغلىقنى بېشىڭدىن ئالىسەن، بۇرۇنقى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەيمەن، يا ياغلىق چىگىدىغان بولىسەن، پۇت-قولۇڭنى چېقىۋېتىپ، ساڭا نان تاشلاپ بېرىپ باقىمەن.
–دادا، نېمە بولدىڭىز؟ مەن ئۆيگە تېخى بۈگۈن كەلدىمغۇ؟–ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
— ئەل-جامائەت نېمە دەۋاتىدۇ، بىلەمسەن؟ مېنىڭ يۇرتتا يۈزۈمنىمۇ تۆكۈپ بولدۇڭ. تېخى ئالدىنقى كۈنى ۋالىي ئاتايىتەن چاقىرتىپ سېنىڭ گېپىڭنى قىلىۋاتىدۇ. ئاپاڭ ئىككىمىزنىڭ خىزمىتىمىزنىمۇ يوق قىلىدىغان ئوخشايسەن. سەندەك بالىنى باققۇچە ئىتنىڭ كۈچۈكىنى باققان بولسام بىر ئىشقا ياراپ قالار ئىدى.
–دادا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ خۇدايىڭىزدىن قورقىسىز، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئىگەمدىن قورقىمەن. نېمە دېسىڭىزمۇ مەن بۇ ئىشتا سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى قىلالمايمەن. ئەگەر يۈزىڭىزنى بەك تۆكۈۋەتكەن بولسام مېنى بولدى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىڭ.
–ھە ماقۇل، بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ سەندەك قىزىم يوق. ئۆلەمسەن، تىرىلەمسەن كارىم يوق، ماڭ ئۆيدىن چىق!—دادىسى شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ ئىتتىرگىنىچە ئۆيدىن چىقاردى ۋە ئىشىكنى زەرب بىلەن ياپتى. ئۇ سەندۈرۈلگىنىچە بېرىپ ئۇتتۇردىكى ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئۇرۇلدى.
–دادا، چاپىنىم! چاپىنىمنى ئېلىۋالاي! ياغلىقىمنى ئېلىۋالاي، دادا!!—ئۇ سىرتتا توۋلايتتى، ئىشىكنى ئۇراتتى. مۇشلايتتى، ئۆينىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپ تالىشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى.
يانۋارنىڭ سوغۇقى ئۇنىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. كۆزىدىن ياشلار قۇيۇلاتتى. ئاخىرى ئاۋازلىرىمۇ بوغۇلۇپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇدۇلدىكى ئۆيدە تۇرىدىغان خوشنىسى سىرتتىن قايتىپ كېلىپ قالدى.
–ۋاي دىلنۇر، قىزىم، نېمە بولدىڭىز؟
دىنۇر ئۇنى كۆرۈشى بىلەنلا ياشلىرى قايتىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى. ئۇ نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟ ئاتا-ئانىسىنى خەققە يامانلاپ بەرسۇنمۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار دېگەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان، كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا مېھىر بېرىپ ئۆستۈرگەن ئاتا-ئانىسى-دە!
خوشنا ئايال ئۇنىڭ ئۈنسىز يىغلاۋاتقان تۇرقىغا قاراپ باغرى ئېزىلدى بولغاي، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى.
–ھەدە، ئاكامغا تېلىفون بېرىۋالسام بوپتىكەن،–دېدى دىلنۇر بىر ئازدىن كېيىن، سەل ئەسلىگە كېلىپ.
–ئەنە تېلىفون، ئىشلىتىۋېرىڭ قىزىم.
–ۋەي، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
–ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ مەن، ئاكا!
–ۋاي جېنىم سىڭلىم، شىركەتتە ئازراق ئىش بولۇپ قېلىپ پەقەت نېرى بولالمىدىم. كەچتە ئۆيگە سېنى كۆرگىلى بارىمەن. قەتئىي خاپا بولمىغىن.
–ئاكا، دەرھال كېلىپ مېنى ئەكەتكىن.—ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقاتتى. توختىماي ئېسەدەپ تۇراتتى.
–سەن نەدە؟ بۇ ئۆينىڭ نومۇرى ئەمەسقۇ؟
–قانچىلىك ۋاقىتتا كېلىپ بولالايسەن؟ مەن بىنانىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇراي.
–ئون مىنۇتتىلا بارىمەن. ئەمىسە ساقلاپ تۇر. يىغلىمىغىن، ئاڭلىدىڭمۇ؟ بىزگە ئىگە بولىدىغان رەببىمىز بار. قانداق ئىش يۈز بەرسىمۇ كۆڭلۈڭنى توق تۇتقىن.
ئاكىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆڭلى بىردەمدىلا خاتىرجەم بولۇپ قالدى. راست ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان رەببى تۇرسا، ئۇ نېمىدىن ئەنسىرەيدۇ؟ ئاتا-ئانىسىمۇ ئاللاھ خالىس ھامان بىر كۈنى ھەقنى چۈشىنىدۇ. ھامان بىر كۈنى قىزىنى چۈشىنىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورايدۇ….
–ھەدە، رەنجىمەي ماڭا بىر ياغلىق بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز،–دېدى ئۇ ئۆي ئىگىسىگە ئايالغا.
–ھە مانا، ماۋۇ بولامدىكەن؟ مەندە چوڭ ياغلىقمۇ يوقكەن،–دېدى قىزىرىپ، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،–قىزىم، ناھايىتى ياخشى ئىش قىلىۋاتىسىز. مېنىڭمۇ سىزدەك قىزىم بولغان بولسا ناھايىتى پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. لېكىن بىزنىڭ خىزمەت ئورنىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ، ئاتا-ئانىڭىزنىمۇ توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك. مۇسۇلمان دېگەن چوقۇم بېشىغا ياغلىق چىگىش كېرەك، دېگەن گەپ يوقتۇ؟ بولمىسا بىزلەر مۇسۇلمان بولماي قالارمىزمۇ؟ نامىزىڭىزنى ئوقۇپ ، قالغىنىنى دىلىڭىزدا بىلىپ يۈرۈۋەرسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ ھەممىدىن نىيەت ئەلا دەپتىكەن، كۆڭلىمىزدىكىنى خۇدايىم بىلەتتى….
ئۇنىڭ بۇ ئايال بىلەن چۈشەندۈرۈپ، گەپ تالىشىپ ئولتۇرغۇسى كەلمىدى.
–ھەدە، ئاكامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. مەن پەسكە چۈشۈپ قاراپ باقايمىكىن.
–ماقۇل قىزىم، ئەمىسە خوش، ئاللاغا ئامانەت.
سوغۇق شامال ئۇنىڭ يۈزىگە ۋىشىلداپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئادەتتە قىشلىق چاپاننىڭ ئىچىگە كىيىۋالىدىغان نېپىز كۆينىكى شامالدا لەپىلدەيتتى. چىرايى سوغۇق دەستىدىن كۆكىرىپ كەتكەنىدى. «ئەگەر مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كەتسەم ھە» دەپ ئويلىدى ئۇ «بەلكىم شەھىتلەر قاتارىدا بولار ئىدىم»….
شۇ چاغدا ئاكىسىنىڭ ماشىنىسى ھويلا ئىچىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماشىنىنى كۆرۈپلا ئاكىسىنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى ۋە ئۆزىنى ئاكىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى. مۇشۇ تاپتا ئۇ مۇشۇنداقلا بىر قۇچاقلاپ قويۇشقا نەقەدەر موھتاج ئىدى، مەيلى ئاكىسى بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىسىمۇ، ئۇنى مۇشۇنداق قۇچاقلاپلا تۇرسا…
ئۇ ئاكىسىنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى. ئۇ شۇنچە يىراق سەپەردىن تېخى بۈگۈنلا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئەسلى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىللىق باغرىنى، دادىسىنىڭ ئەركىلىتىشلىرىنى، ئاپىسىنىڭ مېزىلىك تاماقلىرىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن تۇيۇقسىزلا ئىشنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى ئۇ نەدىن بىلەتتى؟
شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن بالكونىدىن قاراپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزنى ئۇلار ئىككىلىسى كۆرمىدى. ماشىنا قورو ھويلىسىدىن ئەگىپ چىقىپ كارىسى كۆرۈنمەي قالغاندا بۇ بىر جۈپ كۆز نەملىشىپ قالغانىدى….

[p align=center](4)[/p]

–ھەدە، ھېلىقى دىلرابا دېگەن قانداق قىز ئۇ؟–تۇمشۇقىنى ئۇچلىدى پەرىدە، ئايبۇلاققا قاراپ. ئايبۇلاق كومپيۇتېرغا قادىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇ قايرىلىپ پەرىدەگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
پەرىدە ئايبۇلاق ئوقۇۋاتقان شەھەرگە يېقىن يەنە بىر شەھەردە ئوقۇيتتى. ئۇلار ئىككىسى تەتىلدە قايتىپ كېلىشىدە پويىزدا تونۇشۇپ قالغانىدى. پەرىدەنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى تەقۋادار، نەفلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇيدىغان، نامرات خولۇم-خوشنىلىرىدىن سەدىقىنى ئايىمايدىغان كىشىلەر ئىكەن.
–دادام بۇرۇن قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان، پۈتۈن خوشنا-خولۇملارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان ئادەمكەن. كېيىن تۇيۇقسىز ناماز ئوقۇپ، ناھايىتى يۇۋاشلىشىپ كېتىپتۇ. خەق ھەرخىل گەپلەرنى قىلىپ بېقىپتۇ، لېكىن دادام بارغانسېرى تەقۋالىشىپ كېتىپتۇ. بىزنىمۇ ناماز ئوقۇڭلار، ياغلىق چىگىڭلار، دەپ كېتىدۇ. بىر سىڭلىم، بىر ئىنىم بار، ئىنىمغۇ تېخى كىچىك، لېكىن ئۇمۇ جەينامازدىن قوپمايدىغىنى، سىڭلىممۇ سىزدەك ياغلىق چىگىپ، نامىزىنى قازا قىلماي يۈرىدىغان قىز. لېكىن مەن ئۇلارغا ئوخشىمايمەن، مەن دېگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى-دە!—دېگەنىدى پەرىدە. ئايبۇلاق كۈلۈپ قويۇپ جاۋاب قايتۇرمىغانىدى. ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشتا پەرىدە شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان قىسقا مۇساپىلىق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئايبۇلاقنى كۆرگىلى كەلگەنىدى.
–قانداق دەيسىز؟ ئۇ شۇنداق ياخشى قىزغۇ؟–دېدى ئايبۇلاق كۈلۈمسىرەپ.
–كومپيۇتېرىمدا ھېلىقى ئۇيغۇر ياش بالىلار ئىشلىگەن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئىتوتى بار ئىدى، شۇنى قويۇپ بەرسەم « مۇسۇلمان بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ، تايىنى يوق نەرسىگە كۈلكىسىنى زايە قىلىپ دوزاخنى سېتىۋالمايدۇ» دەيدۇ. شۇنداق خىجىل بولۇپ كەتتىم. باشقىچە گەپ قىلسا بولمامدۇ؟ خۇددى ئۆزىلا مۇسۇلمان، مەن مۇسۇلمان ئەمەستەك.
–سىزنى مۇسۇلمان دېگەچكە دەيدۇ-دە ئۇ گەپنىمۇ. سىزنى مۇسۇلمان ئەمەس، دېسە ئۇنچە گەپ قىلىپ ۋاقتىنى زايە قىلاتتىمۇ؟ `

–ئىشقىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، مەنمەنچى قىزكەن.
–قاراپ تۇرۇڭ كېيىن بىلىپ قالىسىز،–دېدى ئايبۇلاق ئەستايىدىل ھالدا،–ئۇ قىز ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەمەس، ئۆزىنى يوشۇرۇپ يۈرسىمۇ ھامان باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ. ناھايىتى قابىلىيەتلىك قىز ئۇ. سەل تۇرۇپ بىزنىڭ دەرسىمىز بار، چىقامسىز؟
–ماقۇل، نېمە دەرس؟
–«ئەقىدەتۇل مۇئمىنىن »(مۇئمىنلەرنىڭ ئەقىدىسى) دېگەن كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئىدۇق. بۈگۈن ۋەسىلە دېگەن قىسمىغا كەلدۇق.

–ۋەسىلە دېگەن نېمە ھەدە؟ .
–ھېلى بىلىپ قالىسىز. قاراپ تۇرۇڭ، ھەممىسى سورايدۇ.
ئۇلار تەبىئىي چىم بىلەن كۆكەرتىلگەن پۇتبول مەيدانىغا چىققاندا بۇ يەردە بىرقانچە قىز ئاللىقاچان كېلىپ، ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانىدى. يەكشەنبە كۈنى بولغاچقىمۇ، مەيداندا تۈزۈك ئادەم يوق ئىدى. تېخى كېلىپ بولالمىغانلارنى بىردەم ساقلاشتى، ئادەم تولۇقلانغاندا ئايبۇلاق ۋەسىلە توغرىسىدا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
ئۇ ناھايىتى قەتئىي، دادىل قىز ئىدى. سۆزلىگەندە ناھايىتى ئوچۇق، ئاددىي سۆزلەر بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەيتتى. ئۇ يەنە ئەتراپىدىكى ئىشلارنى مىسال قىلىپ سۆزلەشكە ئۇستا ئىدى، بەزىدە كۆپچىلىكنى قاقاھلاپ كۈلدۈرسە، بەزىدە قاپىقىنى تۈرۈپ ناھايىتى جىددىي تۈسكە كىرەتتى. ئىشقىلىپ كۆپچىلىكنى ئۆزى سۆزلەۋاتقان مەسىلە ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە قىلمىغۇچە توختىمايتتى.

دەرس ئاخىرى ئاياقلاشتى. پەرىدە ئايبۇلاقنىڭ بىلىمىگە ھەيران بولاتتى. قىزىق ئىش، ئۇ قىز كىچىكىدىن باشلاپ ھېچقانداق ئىسلامىي تەربىيە ئالمىغان تۇرسا، بۇ بىلىملەرنى قەيەردە يۈرۈپ ئۆگەنگەندۇ؟
–دەسلەپتە ھەدەمدىن ئۆگەندىم، ھەدەم تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپتىكەن، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە ئېتىقادلىق ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىكەندۇق. كېيىن ھەر تەتىلدە ئاتا-ئانام خەق كۆرسە بىر نېمە دەيدىكەن، دەپ ئۈرۈمچىدىن قايتقىلى قويمىدى. شۇ چاغدا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ سەۋەبى بىلەن بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بىلەن تونۇشتۇق، شۇ كىشى ھەدەم ئىككىمىزگە بىر نەچچە ئۇستاز تەكلىپ قىلىپ تەجۋىد ۋە باشقا دىنىي دەرسلەرنى بەرگۈزدى.
–ئۈرۈمچىدە قەيەردە تۇرغانتىڭىز؟–سورىدى پەرىدە ئالدىراپ.
–بوۋام موماملارنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچىدە ئىدى.
–ھە، مەن تېخى بۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇڭ، دېمەكچىتىم. ئاتا-ئانام سىزنى كۆرسە چوقۇم خوش بولىدۇ.
–مۇشۇنچىلىك دېگىنىڭىزگە رەھمەت سىڭلىم، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
شۇ كۈنى كەچتە پەرىدە مەكتىپىگە قايتتى. ئايبۇلاق دىلرەباغا تېلىفون قىلدى:
–دىلرەبا، مەن زۇكامداپ قاپتىمەن، رەنجىمەي ماڭا ئازراق ئاغرىق توختىتىش دورىسى بەرسىڭىز.
–نېمە؟–دىلرەبا ئۇنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى، ياكى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمىدى، –زۇكامداپ قالسىڭىز ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچەمسىز؟
–نېمە بولىدۇ؟
–دورا دېگەننى كېسەلگەن قاراپ بېرىدۇ. ھەممە كېسەلگە پايدا قىلىدىغان دورىمۇ بارمىكەن؟
–ھا ھا ھا،–ئايبۇلاق كۈلۈپ كەتتى،– ئۇنداقتا ئىمانچۇ؟ بىمارغا قاراپ دورا بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەكقۇ؟
ئۇلار بىردەم پەرىدە توغرىلىق پاراڭلاشتى. دىلرەبا ئايبۇلاقنىڭ پەرىدە توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا قايىل بولدى، ۋە كۈلۈشكىنىچە تېلىفوننى قويۇۋەتتى.
پەرىدەنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا ھەمشىرىلەرگە ئوخشىمايتتى. باشقا ھەمشىرىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئائىلە بېسىمى ۋە باشقا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. پەرىدەنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا پەرىدەنىڭ ھەقىقىي بىر مۇسلىمەدەك ياشىشىنى، ئىسلامنى ماھىيىتى بىلەن چۈشىنىپ بۇ گۈزەل ھايات يولىنى تاللىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزى ئويۇن-تاماشىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى. ئايبۇلاق ئۇنىڭ ئىسلامغا مۇھەببىتى بارلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. بولمىسا ئۇ پويىزدا ئايبۇلاقنى كۆرۈپلا كېلىپ سالام قىلىپ كەتمەس ئىدى، شەنبە يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشتا ئاتايىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يۈرمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ يەنىلا پەرىدەدىن ئۈمىد كۈتەتتى. پەقەت ئۇنىڭ قەلبىگە ئاخىرەت مۇھەببىتىنى سىڭدۈرەلىگەندىلا، پەرىدەنىڭ تەبىئىي ھالدا قول ئۈزۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن قولا ئۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، ھەم ئاللاھتىن شۇنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى.
پەرىدەمۇ ئىسلامغا بارلىقى بىلەن ئىنتىلىۋاتاتتى. لېكىن ئايبۇلاقنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى، بۇ قىز كىچىككىنە تۇرۇپلا ئوغۇل دوست تۇتۇۋالغانىدى. ئايبۇلاقنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىسلامغا پۈتۈن پېتى كىرىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى ئىدى.
–ھەدە، ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام بۇ ھايات ماڭا مەنىسىز بىلىنىدۇ. ئۇمۇ مېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن مېنىڭ ناماز ئوقۇشۇمنى، ئورىنىشىمنى، ئىشقىلىپ ھەممە ئىشلىرىمنى ئىسلامغا ماسلاشتۇرۇشۇمنى خالىمايدىكەن. شۇڭا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي بېشىم قېتىپ كېتىۋاتىدۇ.
–ھەممە ئىشلىرىڭىزنى ئىسلامغا ماسلاشتۇرۇشنى سىز ئۆزىڭىزمۇ خالىمايسىز.
–ياق، مەن خالايمەن. ھەرقېتىم سىلەرگە قارىسام شۇنداق مەسلىكىم كېلىدۇ…
–سىزدە پەقەت مەسلىكى كېلىشلا بار ئىكەن. ئەگەر سىزنىڭ قەلبىڭىز تونۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى تونۇيالىغان بولسا تۇرمۇشىڭىز تەبىئىيلا ئىسلام يولىغا چۈشۈپ بولغان بولاتتى.
–ھەدە، چوقۇم ئورىنىپ يۈرمىسەك بولمامدۇ؟ ئورىنىشىمىز پەقەت بەدىنىمىزنى ئەرلەرگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈنلىمۇ؟ .
–سىڭلىم، ئەتراپىڭىزدا شۇنچە كۆپ ھەدىلىرىڭىزنىڭ شۇنچە ئېغىر بېسىملاردىمۇ ئورىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىز، ئەجىبا سىزنىڭچە شۇنچە قىينىلىش پەقەت ئۆزىنى ئەرلەرگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈنلىمۇ؟–ئايبۇلاق بىر دەم توختىغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،–ئۇ بىرخىل ئىبادەت، ئاللاھ پەقەت ئاياللاردىن تەلەپ قىلغان ئالاھىدە ئىبادەت، بىز ئاللاھنىڭ بىزنى مۇشۇنداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىدىن، بىزنى ئەرلەرگە ئويۇنچۇق ئەمەس، بەلكى ھەرقاچان كۆرۈشكە ئىنتىلىدىغان، لېكىن كۆرەلمەيدىغان، قولىنى سوزىدىغان، لېكىن يېتەلمەيدىغان ئېسىل تەبىقە قىلغىنىدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.
ئەگەر بىر يەردە ئاياللارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئورانسا قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ، بىلەمسىز؟ ئەرلەر ئاياللارنىڭ بىر تال چېچىنى تېپىۋالسا شۇنى قەدىرلەپ ساقلايدۇ. نازاكىتىنى، قەددى-قامىتىنى يوشۇرۇپ يۈرگەن ئايال ئەرنىڭ باغرىنى كاۋاپ قىلىدۇ، ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ يۈرگەن ئايالنى ئەمرىگە ئالغان ئەر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا كىچىك بالىدەكلا بولۇپ قالىدۇ. ئايالىنى قەدىرلەيدۇ، پەپىلەيدۇ. لېكىن بىزنىڭ ئاياللىرىمىزچۇ؟ ئەرلەر يولدا كېتىۋاتقاچ، ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقاچ، ATM ئاپپاراتىدا پۇل ئېلىۋاتقاچ….ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىدىن خالىغانچە ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئايال كىشىنىڭ قىممىتى بارمۇ؟ ئىجتىمائىي ھاياتتا ئايال ئەر بىلەن ئوخشاش ئىشلەيدۇ. ھېرىپ كەلگەندە تاماقنى بىر كۈنى ئېرى، بىر كۈنى خوتۇنى ئېتىدۇ، پۇلنى ئوخشاش تاپقاچقا ئايالنىڭ گېپىمۇ ئەر بىلەن ئوخشاش يوغان بولىدۇ. بۇ ئۆيدە پەدىشەپ قالامدۇ؟ ئاخىرى خوتۇنىنىڭ كۆزىگە قارىماسلىق، تاپا-تەنىلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر ئاماللار بىلەن، ھالال-ھارامنى ئايرىماي پۇل تېپىشقا كىرىشىدۇ. پۇلنىمۇ تاپىدۇ-يۇ، ئۆيدىن كۆڭلى سوۋۇشقا باشلايدۇ. سىرتتا ياش قىزلار قاش ئېتىپ ناز قىلىۋاتقان، پۇلنى ئايىماي خەجلىسەڭلا ساڭا سورىغىنىڭنى بېرىۋاتقان، نېمە كەپتۇ ئۆيدىكى مۇز قاپاق قېرى خوتۇننىڭ چىرايىغا قاراپ؟! ئايال يا بالىلىرىنى دەپ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆيىنى تۇتىدۇ، يا بولدىلا دەپ ئاجرىشىدۇ. ھازىر كۆپ قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئايالنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇپ، قىممىتىنى ساقلاپ يۈرمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر مۇكەممەل ئىسلامى تۈزۈم ئاستىدا ياشىمىغاچ ئىسلامنى يېپىنچا قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلىقلارنى قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلارنى ھازىرچە ئاللاھقا قويۇپ تۇرايلى. دېمەكچى بولغىنىم، مۇسۇلمان ئايال پەقەت ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تەلەپ قىلغان چوڭ بىر پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىكنى ئۇنتۇۋاتقان خەلقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي بىر مۇسلىمە ئىكەنلىكىنى پۈتۈن ئالەمگە نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئورىنىدۇ!!
پەرىدە ئايبۇلاقنىڭ تولىمۇ كەسكىن، چۇس مىجەزلىك قىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ھاياجانلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. پەرىدەنىڭ كۆڭلىمۇ ۋاللىدە، يورۇپ كەتكەندەك بولدى.
ئايبۇلاق پەرىدەنى قانداق يېتەكلەش توغرىسىدا بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ ئاپىسىغا خەت يېزىشقا تۇتۇندى، ئاپىسى يېقىندا بىر ۋاق ناماز ئوقۇشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ ئاپىسىغا بىر ۋاق ناماز، دېگەن نامازنىڭ ئەزەلدىن بولمىغانلىقىنى، دىنىمىزدا ئۇنداق نامازنىڭ ناماز ھېسابلانمايدىغانلىقىنى شۇنچە ئېيتقۇسى كېلەتتى-يۇ، لېكىن شۇ بىر ۋاق نامازنىمۇ ئوقۇماي بىراقلا كەينىگە يېنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا بۈگۈن ئاپىسىغا بىر پارچە خەت يېزىپ مۇڭداشماقچى بولدى:
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاپا. قانداق ئەھۋالىڭىز؟ دادام ئىككىڭلارنىڭ ھەرقاچان ساق-سالامەت، تېنىڭلارنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئاللاھتىن ھەرۋاقىت نامىزىمدا تىلەيمەن.
ئاپا، ئاللاھۇ تائالا ئۆزىنىڭ مۇبارەك كالامى بولغان قۇرئانى كەرىمدە «جەننەت ئەھلى بىر-بىرىگە سىلەرگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز، دېيىشىدۇ» دېگەن. رەسۇلۇللاھمۇ بىر ھەدىسىدە ئەسسالام جەننەت ئەھلىنىڭ سالىمىدۇر، دېگەنىكەن. بىزمۇ بىر-بىرىمىز بىلەن سالامدىن باشلاپ تۇرۇپ پاراڭلىشايلى. »
ئۇ مۇشۇلارنى يېزىۋېتىپ ئەينى چاغدا ھەدىسىنىڭ ئۆزىگە تۇنجى پارچە خەتنى مۇشۇنداق باشلاپ يازغانلىقىنى، شۇ چاغدا قەلبىنىڭ قاتتىق لەرزىگە كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى ۋە رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
« قەدىرلىك ئاپا، ئېسىڭىزدىمۇ؟ كىچىك چېغىمدا ھەرقېتىم سىزنى خاپا قىلسام ئاچچىقلاپ مېنى ئۇرۇش ئۈچۈن قولىڭىزنى كۆتۈرەتتىڭىز. لېكىن سىزنىڭ مېنى ئۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، شۇڭا ئالدىڭىزغا كېلىپ كۈلۈپ تۇرۇۋالاتتىم، مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ سىزمۇ كۈلۈپ تاشلايتتىڭىز ۋە ئاچچىقىڭىز نەلەرگىدۇر غايىب بولاتتى. 19ياشقا كىرگىچە سىز خۇددى مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇمدەك ھەربىر سۆزۈمنى ئاڭلاپ كەلدىڭىز. ھەتتا مەكتەپتە بىرەر ئوغۇل بالا سۆيگۈ خېتى يازسىمۇ ئالدى بىلەن سىزگە كۆرسىتەتتىم، ئىككىمىز خەتنى بىللە ئوقۇپ قاقاھلاپ كۈلۈشەتتۇق. سىز دائىملا ماڭا سىزنىڭ توغرا يولنى تاللاپ ماڭالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، ئۆزىڭىز خالىغاندەك بىر تەرەپ قىلىڭ، دەيتتىڭىز. ئەجىبا نېمە ئۈچۈن مەن ئىسلامنى ئۆزەمنىڭ ھايات يولۇم قىلىپ تاللىغاندا مېنىڭ توغرا تاللىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭىز؟….»
ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر يازماقچى ئىدى، لېكىن ئاتا-ئانىسى بىلەن تا ھازىرغىچە ئارىسى يۇمشىماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ قالدى ۋە قولى قەلەمگە بارمىدى.
بىر ھەپتە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى. ھەپتە ئاخىرىدا دىلرەبا پەرىدە تۇرۇۋاتقان شەھەرگە ئۇنى يوقلاپ كەلدى.
–خوش خەۋەر،–دېدى دىلرەبا ھاياجانلىنىپ، ئۇ يەكشەنبە كەچتە پەرىدەنىڭ يېنىدىن قايتىپ كېلىپلا ئايبۇلاققا تېلىفون قىلغانىدى.
–قانداق خوش خەۋەر، تېز دەڭە؟!—دېدى ئايبۇلاقمۇ قىزىقىپ.
–پەرىدە نامىزىنى باشلىۋالدى، ھەم ئوراندى.
–راستمۇ؟ ماشائاللاھ. سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرەم، بۇ سىزنىڭ تۆھپىڭىز.
–ھەدە، بۇ گەپ توغرا بولمىدىغۇ دەيمەن؟–دېدى دىلرەبا ئەركىلەپ،–«ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ»، بۇنى سىز بىزگە ئۆگەتكەنغۇ دەيمەن؟!
–ھى ھى، سىزنىڭ سەۋەبىڭىز دېمەكچىغۇ مەن، شەيتان قىز. گېپىمدىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرگەن.
ئايبۇلاق دىلرەبانىڭ سەۋرچان، بىر ئادەمدە ئازراقلا ئۈمىد بولسا شۇ كىشىنى ھەق يولغا ئەكىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغان قىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ پەرىدە بىلەن كۈندە دېگۈدەك تېلىفوندا ۋە توردا كۆرۈشۈپمۇ ئۇنىڭدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغان ئىدى. ئۇ بۇلارنى ئويلاپ، قولىنى دۇئاغا كۆتۈردى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ھەمد ئېيتتى ۋە دىلرەباغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى.
بەندىنى ھىدايەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئىشى، ئىنسان پەقەت قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ناماز ۋە ئورىنىش ئىشىدا چوڭ سىناقلارغا دۇچ كەلگەچ، پەقەت مۇشۇ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ كەتسىلا ھەمشىرىلەر بۇ يولدا ئاخىرىغىچە مېڭىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايتتى. لېكىن ئۇلار ئىنسان قەلبىنىڭ تولىمۇ نازۇك نەرسە ئىكەنلىكىنى، بەزى قەلبلەرنىڭ بارماق بىلەن شۇنداقلا چېكىپ قويسا تىرىڭلاپ كېتىدىغان ساپالدەك قۇرۇق ۋە قاقشال ئىكەنلىكىنى، ئۇنى سۇغۇرۇپ كۆكەرتىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىگەنىدى….

[p align=center](5)[/p]

دىلرەبا پەرىدەنىڭ يېنىدىن ناھايىتى خوشال ھالدا قايتتى. ئۇ خوشال بولماي كىممۇ خوشال بولسۇن؟ ئاللاھنىڭ يەنە بىر بەندىسىنى ئۆزىنىڭ ھىدايىتىگە باشلىغانلىقىغا شاھىت بولۇپ كەلدى ئەمەسمۇ! ئۇ يەنە «تېكساس شىتاتىدىكى مۇسۇلمان بولغانلار» دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى يادىغا ئالدى، فىلىمدىكى مۇسۇلمان بولغىنىغا ئىككى يىل بولغان، ھىجاب ئىچىدە يۈرىدىغان ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىدىن ھاياجانلىنىپ يىغلاپ كېتەتتى، ۋە مۇخبىرغا:« ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىنى كۆرسەم ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىمنى ئېسىمگە ئېلىپ ھاياجانلىنىمەن» دەيتتى.
دىلرەبامۇ ھەرقېتىم باشقىلارنىڭ ئىسلامنى يېڭىدىن چۈشەنگەنلىكى، ياكى يېڭىدىن ئورۇنۇپ پەرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلماقچى بولغىنىنى كۆرسە ئۆزىنىڭ ئىسلامنى چۈشەنگەن ۋاقىتلىرىنى يادىغا ئالاتتى.
بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى قىشلىق تەتىلدە ئۇ بىر قانچە دوستى بىلەن بىللە پويىزدا مەكتەپكە قايتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر بالا ئىكەن. ئۇ بالا ئۇلارغا ئىسلام توغرىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى، شۇنداق چىرايلىق پاراڭلار بىلەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنزىلىگە قانداق يېتىشكەنلىكىنى تۇيمايلا قېلىشقانىدى.
–مۇشۇ شەھەردە ئوقۇۋاتقان ئايبۇلاق ئىسىملىك بىر قىز بار، خالىساڭلار تونۇشتۇرۇپ قويىمەن. ئىسلامنى ياخشى چۈشەنگەن، ناھايىتى چىرايلىق ئورىنىپ يۈرىدىغان قىز،–دېگەنىدى ئۇ بالا پاراڭ ئارىسىدا. دىلرەبانىڭ نەزەرىدە ئورىنىش پەقەت ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بىكارچى خوتۇنلارنىڭ، ياكى موللامنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىشى ئىدى. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئورىنىپ يۈرۈشىنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالمايتتى. «بەلكىم ئۇمۇ موللامنىڭ قىزى بولسا دادىسى شۇنداق يۈرۈشكە زورلايدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە. ئۇنىڭ ئايبۇلاق بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باققۇسى، يېڭى دەۋرنىڭ مەدەنىيىتى يۇقمىغان بۇ قىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باققۇسى كەلدى.
ئارىدىن بىرەر ئايدەك ئۆتۈپ نورۇز بايرىمى يېتىپ كەلدى. ئۇلار نورۇز بايرىمىدا باشقا بىر مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان نورۇزلۇق پائالىيەتنى كۆرگىلى بارماقچى ئىدى.
–شەنبە-يەكشەنبە كۈنى كۇرستا ئوقۇۋاتقانتىم، ئوقۇيدىغان يېرىم يىراق ئەمەس، مەن دەرستىن چۈشۈپلا بېرىپ سىلەرنى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇراي، سىلەر پائالىيەتنى تۈگىتىپ چىقىڭلار،–دېگەنىدى ئايبۇلاق تېلىفوندا. پائالىيەت جەريانىدىمۇ دىلرەبا ئايبۇلاقنى زادىلا ئېسىدىن چىقىرالمىدى. سەل تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئويلىسا، قەلبى شۇنداق ئىللىق بىر سېزىمغا چۆمەتتى.
پائالىيەتمۇ ئاخىرى تۈگىدى. دىلرەبا بىللە كەلگەن دوستلىرىنى ئالدىرىتىپ دەرۋازا تۈۋىگە چىقتى. دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى چىملىقتا، ئۇلارغا ئارقا تەرىپىنى قىلغان ئېگىز بويلۇق بىر قىز ناماز ئوقۇۋاتاتتى. دىلرەبانىڭ پۈتۈن بەدىنىگە بىر ھاياجان شۇررىدە تارالغاندەك بولدى. توۋا، مۇشۇنداق يەردىمۇ ناماز ئوقۇغىلى بولىدىكەنغۇ؟ ئۆتكەن-كەچكەنلەر قاراپ قويسا نېمە بوپتۇ؟ مەن نېمىشقا مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىرەر ۋاقمۇ ناماز ئوقۇپ باقمىغاندىمەن….
ئۇلار خۇددى كونا تونۇشلاردەك يۈز يېقىشىپ چىرايلىق سالاملاشتى. ئاندىن بىللە ئولتۇرۇپ غىزا يېيىشتى. ئايبۇلاق قىزلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا تەمكىنلىك بىلەن مېغىزلىق قىلىپ جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە دىنىغا شۇنچىلىك ئۇلۇغ مۇھەببەت يالقۇنجاپ تۇراتتى. باشقىلارنىڭ ئىسلام ھەققىدە قالايمىقان سۆزلەۋاتقىنىنى ئاڭلىسا ئۆزىنى تۇتالماي قالاتتى. ئاللاھ تەسبىھ-ھەمدلەرنى ئېيتىۋاتقاندا، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى توغرىلىق سۆزلەۋاتقاندا كۆزلىرى بۆلەكچىلا نۇرلىنىپ كېتەتتى. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئورىنىشى توغرىلىق سۆز بولۇنغاندا بولسا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل چوڭقۇر ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى نامايەن بولۇپ تۇراتتى.
–مەكتىپىڭىز بۇنداق كىيىنىپ يۈرسىڭىز گەپ قىلمامدۇ ھەدە؟–دېيىشتى قىزلار ھەيران بولۇپ. ئۇ ئۇچىسىغا ئۇزۇن قارا كۆينەك كىيگەن، كۆينىكىنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر يېپىنچا ئارتىۋالغانىدى. بېشىدىكى سۇس ھالرەڭ ياغلىقى قارا كۆينىكىگە خويمۇ ياراشقان ئىدى.
–دەسلەپتە گەپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئاساسەن كارى يوق. پەقەت بۇ مەكتەپتە ھېچكىم مەندەك كىيىنمىگەچكە مۇئەللىملەرگە باشقىچىرەك كۆرۈنۈپ قالغان ئوخشايمەن. كارىمنى قىلماي يۈرۈۋەردىم. ئىمتىھان نەتىجىلىرىمنى كۆرۈپ، ئاندىن مەكتەپنىڭ ۋالىبول مۇسابىقىسىدە بىزنىڭ فاكۇلتېت كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئوبدان ئويناپ بەرگەنتىم، شۇ ئىشلاردىن كېيىن زادىلا كارىنى قىلماس بولدى. فاكۇلتېت مۇدىرىمىز مېنى كۆرسە كۈلۈپ ھالى قالمايدۇغۇ ھازىر! ۋاي شىنجاڭلىق ساۋاقداش دەپ…
ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئورىنىش جەريانىنى ، ئىسلامنى چۈشىنىش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ناھايىتى جانلىق، تېتىك قىز ئىدى. ھېكايە سۆزلەشكىمۇ ئۇستا ئىدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ، ساھابىلەرنىڭ ھاياتى توغرىلىق سۆزلىگەندە شۇنداق زوق بىلەن سۆزلەيتتىكى، ئاڭلىغان ئادەم خۇددى شۇ ئىشلار مۇشۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى.
–ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، قىزلار، ئەمدى ئاستا قايتىۋالامدۇق؟–دېدى ئايبۇلاق سائىتىگە قاراپ. قىزلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي، يەنە بىر كۆرۈشۈشنى ئېيتىپ قايتىشتى.
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش دىلرەبانىڭ ئېسىدىن زادىلا چىقمىدى. بولۇپمۇ ئايبۇلاق ئېيتقان ئورىنىش توغرىسىدىكى سۆزلەر ئۇنىڭ قەلبىگە ئاجايىپ تەسىر قىلغان ئىدى.
شۇ پېتى ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندە دىلرەبا ئاخىرى يەنە بىر قېتىم ئايبۇلاق بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇلار ئىككىلىسىلا ئۆگىنىشنىڭ جىددىيلىكى، ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتا ئىزدىشەلمىگەنىدى. ئاخىرى دىلرەبا ئۇنىڭ تېلىفون نومۇرىنى تېپىپ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى (بۇ چاغدا ئايبۇلاقنىڭ نومۇرى ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى) ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنى يوقلاپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
–ئەجەب ياخشى بولدى. ئەتە پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتىدىكى بىر دوستۇممۇ مېنى يوقلاپ كەلمەكچى ئىدى. خالىسىڭىز ھەممىمىز بىللە كۆرۈشەيلى. مەكتەپكىلا كېلەمسىز؟–دېدى ئايبۇلاق تېلىفوندا. بۇ گەپ دىلرەبانى تېخىمۇ خوشال قىلىۋەتتى.
ئەتىسى دىلرەبا ئايبۇلاقنىڭ مەكتىپى ئالدىدا ئاپتوبۇستىن چۈشكەندە ئايبۇلاق مەكتەپ ئالدىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى. دىلرەبانى كۆرۈپ ئايبۇلاق كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغىنى بىر يىل بۇرۇنقى چاچلىرى سېرىق بويالغان بۈدرە چاچلىرى يەلكىسىدە يېيىلىپ تۇرىدىغان، نېپىز لەۋلىرى سۇسقىنە بويالغان مودا قىز ئەمەس، بەلكى بېشىغا سېلىنغان رومىلى چىرايلىق چاچلىرىنى يوشۇرغان، ئۇزۇن، كەڭرى كوپتىسى ئىنچىكە بەللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرالمايدىغان، لېكىن كۆزلىرىدىكى تەبىئىيلىك ۋە مەڭىزلىرىدىكى سۇسقىنە قىزىللىق ئۇچىسىدىكى كىيىمىگە قوشۇلۇپ ئۇنى پەرىشتىلەردەك تۈسكە كىرگۈزگەن بىر گۈزەل قىز ئىدى. ئايبۇلاقنىڭ كۆزلىرىگە ئىختىيارسىزلا ياش ئولاشتى. ئۇ دىلرەبانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى….
ھايالشىمايلا، پېداگوكىكا ئۇنىۋېرىستېتىدىكى قىز رۇقىيەمۇ كەلدى. ئۇ ئايبۇلاقنىڭ يۇرتلۇقى بولۇپ ئۇمۇ ئايبۇلاقتەكلا چىرايلىق ئورىنىدىغان قىز ئىكەن.
–رۇقىيە ھەدەم مېنىڭ ھەدەمنىڭ ساۋاقدىشى ئىدى. مەن بېيجىڭغا كەلگەندىن بۇيان كۆپ ئىشلىرىمغا ياردەم قىلغان. بۇ ھەدەمنىڭ ئوقۇشى بەك ياخشىتى. مەكتەپ بويىچە رۇقىيە دېسە تونۇمايدىغان ئادەم يوق ئىدى. مۇئەللىملەرمۇ بىزگە بەك ماختاپ بېرەتتى..—دەپ تونۇشتۇردى ئايبۇلاق داستىخان سېلىپ چاي قۇيغاچ. ئۇ ياتىقىنىمۇ ئۆيدەكلا بېزىۋالاتتى. كارىۋاتقا قويغىلى بولىدىغان كىچىككىنە ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە داستىخان سېلىپ، ئۆيىدىن ئەكەلگەن نان-توقاچلارنى تىزىپ، كىچىككىنە چەينىكىگە چاي قۇيۇپ، سىركايلاردا چاچ تۇتتى.
–ئەجەب ئۆيگە بېرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم-يا!—دېدى دىلرەبا دورىلىق سالغان مېزىلىك چايدىن ئوتلىغاچ.
–ئەمىسە مۇشۇ يەرنى ئۆيۈم دەپ بىلىپ، ھەر ھەپتىدە كېلىپ تۇرۇڭ. تېخى تاماقمۇ ئېتىپ بېرىمەن، سەل تۇرۇپ.
–راستما؟ قانداق ئېتىسىز؟ ياتاقتىمۇ تاماق ئەتكىلى بولامدۇ؟
–تاماق ئېتىشنىغۇ توسىدۇ. لېكىن مەن بىر توكلۇق قازان ئېلىۋالغانتىم رامىزاندا، شۇ قازاندا ئانچە-مۇنچە تاماق قىلىپ قويىمەن، ياتاقتىكىلەرگە ئېتىپ بەرسەم بەك خوشال بولۇپ كېتىدۇ.
–مۇشۇ خەنزۇلارغا تاماق ئېتىپ بېرىپ نېمە قىلاتتىڭىز ھەدە!—دېدى تۇمشۇقىنى سوزۇپ.
–رەسۇلۇللاھ خوشنىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئىماننىڭ جۈملىسىدىن سانىغان ئەمەسمۇ. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، بولمىسۇن، خوشنىغا ياخشىلىق قىلىش مۇسۇلماننىڭ بۇرچى، ئەخلاقى. ئاللاھ بۇنىڭغا ئەجىر بېرىدۇ. ئۇلارمۇ مېنى بەك ھۆرمەت قىلىدۇ، ناماز ئوقۇيمەن، دېسەم جىممىدە ئولتۇرۇپ تۇرىدۇ. بىر-بىرى بىلەن ئۈنلۈكرەك گەپمۇ قىلىشمايدۇ. ياتاقتا قالايمىقان نەرسىلەرنىمۇ يېمەيدۇ. مەن بۇنچىلىك قىلسام نېمە بوپتۇ؟
دىلرەبا قايىل بولغاندەك بېشىنى لىڭشىتتى. رۇقىيە ئايبۇلاققا مەسلىكى كەلگەندەك كۈلگىنىچە قاراپ ئولتۇراتتى.
–ئۇكام، سىلەر پاراڭلىشىڭلار، مەن تاماق قىلىپ بېرەي،–دېدى رۇقىيە.
–بولدى ھەدە، مەن ھەممىنى تەييار قىلىپ قويغان. پولو ئېتەي دەپ سوغۇق سەيمۇ قىلىپ قويدۇم، سەۋزىنىمۇ توغراپ قويدۇم. شۇغىنىسى گۆش يوق، بۈگۈن تۇخۇم باسقان پولو يەپ تۇرۇڭلار. بىھى يوق، شۇڭا ئالما باسىمەن، يەپ باقمىغانغۇ دەيمەن ھە! بۇ ھۈنەرنى ھەدەمدىن ئۆگىنىۋالغان.
–ئىشقىلىپ قالايمىقان نەرسىلەرنى يەپ سالمىساقلا، ھالاللا بولسا زاغرا بولسىمۇ تېتىۋېرىدۇ ھەدە!—دېدى دىلرەبا كۈلۈپ.
–ۋۇي، ئاپپاق خان! مېنى بىزگە ھارام نەرسە بېرەمدىكىن، دەپ قورقۇۋاتىسىزغۇ دەيمەن ھە! خاتىرجەم بولۇڭ، پۇلىنى ئۆزەم كۈتۈپخانىدا ئىشلەپ تاپقان. سەۋزە بىلەن گۈرۈچ ھالالدۇ ئەمدى. ياغنىمۇ بەك تاللاپ ئالدىم. شۇڭا قورقماي يەۋېرىڭ.
–ياق ياق ھەدە، نېمە دەيدىغانسىز. مۇنداقلا دەپ قويدۇمغۇ ئەمدى!
–بۇ قىز مۇشۇنداق چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ گەپ قىلىدۇ، جىددىلەشمەڭ،–دېدى رۇقىيە كۈلۈپ،–يەنە بىر مەكتەپتە بىر ھەدىسى بار، ئاتىكەم دەپ، شۇ قىز بىلەن پاراڭلاشسا تېخى، بىلمىگەنلەر ۋاي بۇلار ئاجايىپ گەپ قىلىشىۋېتىدىكەنغۇ، دەپ ھەيرانلا قالىدىكەن. ئامراق ئادەملىرىگە مۇشۇنداق، خوشى يوق ئادەملەرگە بەك تەپسىلىي گەپ قىلىپ كېتىدۇ.
–ھا ھا ھا، نەدىكىنى، ئۇنداق ئىش يوق ھەدە. تەپسىلى، دەپ كېتىشى تېخى!
ئايبۇلاقنىڭ قولى ئىشتا بولسىمۇ ئاغزى گەپتىن توختاپ قالمايتتى. ئۇ توختىماي ئۆزىنىڭ مەكتەپتە كۆرگەنلىرى، ئۇنىڭدىن ھېس قىلغانلىرى توغرىسىدا سۆلەپلا تۇراتتى.
–ھە راست ھەدە، ئۆتكەندە دېيىشكەن ئىش قانداق بولدى؟–دەپ سورىدى ئۇ گۈرۈچنى دۈملىۋېتىپ كېلىپ ئولتۇرۇپ، رۇقىيەدىن.
–ئويلاپ كۆرسەم يەنىلا شۈبھە قىلىپ قالدىم. شۇڭا ئۇنداق پۇلنى تاپمايلا قوياي، دېدىم.
–ھە، ئۇمۇ بوپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەدە. زادى شۈبھىلىك ئىشتىن نېرى تۇرغىنىمىز ياخشى ئىكەن. بولمىسا قانداق بولۇپ چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكىنىمىزنى بىلەلمەيلا قالىدىكەنمىز.
–شۇنى دەڭە. مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئاللاھ ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ پۇلنى تاپمىساممۇ رىزىق بەرگۈچى ئاللاھ ، رىزقىمنى ماڭا بىر يەرلەردىن يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.
دىلرەبا ئۇلارغا نېمە ئىش، دېگەندەك سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئايبۇلاق ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەكچى بولدىيۇ، رۇقىيەگە قاراپ قويۇپ توختاپ قالدى. بەلىم دېيىش-دېمەسلىك ئۈستىدە ئويلىنىپ قالغان بولسا كېرەك.
–بولدى دەۋېرىڭ،–دېدى رۇقىيە كۈلۈپ كېتىپ.
–ئۆزىڭىزلا دەپ بېرىڭە ھەدە. سىزنىڭ ھېكايىڭىز بولغاندىكىن.
–مەيلى ئەمىسە،–رۇقىيە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھېكايىسىنى باشلىدى:
بىز ئۆيدە يەتتە بالا، مەن بالىنىڭ كىچىكى ئىدىم. ئاتا-ئانام ياشىنىپ قالغانىدى. ئاكا-ئاچىلىرىم مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇماي، ئاتا-ئانامغا جىق جاپا سېلىۋېتىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا دېگۈدەك كىچىكلا مەكتەپتىن چىقىرىۋاپتىكەن. تا ھازىرغىچە شۇلارنىڭ جاپاسىنى تارتىپ بولالمايۋاتىدۇ. مەن بولساممۇ مەكتەپتە ياخشىراق ئوقۇپتىكەنمەن. چىقىمنى تېجەيمەن، دەپلا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىغانتىم. لېكىن مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشۈمگىلا ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىدى. مېنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشۇمغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلالمايتتى. شۇڭا مېنى مەكتەپتە ئوقۇتماسلىقنى ئويلاشتى. مېنىڭ قانداقلا بولمىسۇن، ئوقۇشنى تۈگىتىۋالغۇم بار ئىدى. شۇڭا ئۇلاردىن ھېچقانداق پۇل ئالماي ئۆزەم ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. مانا مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، مەكتەپتە ئىش بولسىلا ئىشلەپ، دېگەندەك بىر ئاماللار بىلەن ئۆز جېنىمنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ قېتىم مەكتەپتە چەت ئەللىكلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان بىر پائالىيىتى بار ئىكەن، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئىشلىرى باركەن. مېنى ئىنگلىزچە رىياسەتچى بولۇپ بەرسىڭىز، دېگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مەن چەت ئەللىككە ئوخشايدىكەنمەن. ھەققىمنى خېلى ئوبدان بېرىدىكەنتۇق، شۇڭا قىلايمۇ يە، دەپ ئويلاپراق، بۇ ئىشنى قىلسام گۇناھ بولىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، شۇڭا قىلمايلا قويدۇم. ئازراق پۇلنى دەپ ئىمانغا دەخلى يەتكۈزسەك بولماس.
دىلرەبا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدى، دىلرەبانىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئىدى. ئۆيىدىكىلىرى ئېيىغا مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرسىمۇ، ئۇ ئۇئايدىن بۇ ئايغا ئارانلا ئۇلىشاتتى. بۇ قىزنىڭ شۇنچە جاپا بىلەن، ئۆيىدىن ئازراقمۇ پۇل ئالماي، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئىشلەپ، دەرسلىرىنى شۇنچىلىك ياخشى ئوقۇپ يۈرگىنىگە ھېچ ئەقلى يەتمەيۋاتاتتى.
–ھەدە، ئېيىغا قانچە پۇل خەجلەيسىز؟–دەپ سورىدى دىلرەبا تارتىنىپقىنە.
–سىڭلىم، ئاللاھ پۇلىڭىزنىڭ بەرىكىتىنى بەرسە 100 يۇەن بىلەنمۇ بىر ئاينى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. بولمىسا 1000 يۇەنمۇ يەتمەيدۇ. بارىدا جىق خەجلەيمەن، يوقتا ئازراق. سەۋرچان، قانائەتچان بولسىڭىز ئاللاھ بەرىكەت بېرىدۇ، سىڭلىم.
ئۇلار شۇنداق پاراڭلار بىلەن بىردەم ئولتۇرۇشتى. دىماغلىرىغا پولونىڭ مېزىلىك ھىدى ئۇرۇلغاندىلا قورساقلىرىنىڭ راسا ئاچقانلىقى يادىغا كەلدى-دە، تاماق يېيىشكە تۇتۇندى. ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا ئېتىپ يېگەن تاماق قانچىلىك بولىدۇ، دەيسىز؟ لېكىن ئۇلارغا بۇ پولو بەكمۇ تېتىپ كېتىۋاتاتتى. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ئاندا-ساندا يېيەلەيدىغان، پاكىزلىقىغا ۋە ھالاللىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالايدىغان تاماقلىرىنىڭ بىرىدە….
–پىشىن ئوقۇۋالامدۇق؟–دېدى رۇقىيە تاماقتىن كېيىن، ئايبۇلاققا داستىخاننى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرىۋېتىپ.
–ماقۇل، ناماز ۋاقتىمۇ كىرىپ قاپتۇ،–دېدى ئايبۇلاقمۇ.
–مەن ناماز ئوقۇمايمەن، سىلەر ئوقۇۋېلىڭلار.
–ھە، ئۆزرىلىكمۇسىز؟–دېدى ئايبۇلاق كۈلۈپ،–بوپتۇ، دەم ئېلىڭ.
–مەن سىلەر بىلەن بىللە تاھارەت ئېلىۋېلىپ، سىلەر ناماز ئوقۇپ بولغۇچە قۇرئان ئوقۇپ تۇراي ھە!—دېدى دىلرەبا كارىۋاتتىن چۈشۈپ.
–نېمە؟!—ئايبۇلاق بىلەن رۇقىيە تەڭلا بىر-بىرىگە قاراشتى،–قۇرئان ئوقۇمسىز؟ قۇرئاننى تۇتسىڭىز بولمايدۇ!
–نېمىشقا؟
–قۇرئاندا ئاللاھ ئوچۇق ئايەت بىلەن چەكلىگەن ئەمەسمۇ! ئاياللار بۇنداق ۋاقتىدا قۇرئان تۇتسا بولمايدۇ!
–قانداق ۋاقىتتا؟ مەن ھېچقانداق ئەمەسقۇ؟
–ھە؟ سىز…ئۆزرىلىك ئەمەسما؟
–ياقەي، نېمىشقا ئۇنداق سورايسىز؟
–ئەمىسە نېمىشقا ناماز ئوقۇمايسىز؟
–تېخى ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىپ بولالمىغانتىم. ھازىرچە بىر ۋاق ناماز ئوقۇۋاتىمەن، كېيىنرەك بەش ۋاق باشلاي، دەپ.
ئايبۇلاق بىلەن رۇقىيە بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى، بىر ئازدىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدى.
ئەسلى ئالدىنقى قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئايبۇلاق ئاياللارنىڭ كىيىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا بەكرەك سۆزلىگەن بولغاچقا، دىلرەبا ئاياللارنىڭ ئورىشىنى نامازدىنمۇ بەكرەم مۇھىم ئوخشايدۇ، دەپ ھېس قىلىپ قالغان ئىدى، ۋە نامازنى باشلىماي تۇرۇپلا ئورىنىۋالغان ئىدى.
–سىڭلىم، بىر پەرزنى بولسىمۇ ئورۇنداي، دەپ ئويلىغىنىڭىز بەكمۇ ياخشى بوپتۇ. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكى، ناماز دىننىڭ ئاساسى، رەسۇلۇللاھ كافىر بىلەن بىزنىڭ پەرقىمىز ناماز،دېگەن. قىيامەت كۈنى ھەم بىرىنچى بولۇپ سورىلىدىغىنى ناماز. ناماز دېگەن ئاجايىپ ئۇلۇغ ئىبادەت. بۇ ئىبادەتنى تاشلاپ قويساق قەتئىي بولمايدۇ. بىزنىڭ مۇسۇلمانلىق بەلگىمىزنىڭ چوڭى ناماز سىڭلىم.
–ۋاي راسما؟ مەن تېخى ئەڭ چوڭ پەرزنى قىلدىم، ئەمدى نامازنىمۇ باشلارمەن، دەپ ئالدىرىماپتىمەن.
–ئەلۋەتتە ئورىنىشمۇ چوڭ پەرز. لېكىن ناماز ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم.ھازىرلا بىللىلا ئوقۇپ كەتمەمدۇق؟
–مەن ئوقۇشنى بىلمىسەم؟
–جۈرۈڭ سىزگە ئۆگىتىمىز. بامدات نامىزىنى ئوقۇيالىغان ئادەم پىشىننىمۇ ئوقۇيدۇ.
………………………………
شۇ كۈندىن باشلاپ دىلرەبا پۈتۈنلەي ئۆگىرىپلا كەتتى. دەسلەپتىكى پادىچىلار شىمى، ئۇزۇن كوپتا كىيىپ، بېشىغا پارقىراق ياغلىقلارنى چىگىدىغان قىزدىن، ھازىرقى چىرايلىق جىلبابلارنى كىيىدىغان ھالغا كەلدى. نامازنىڭ مۇھىملىقىنى ئورىنىپ خېلى ئۇزۇنغىچە بىلمەيدىغان قىزدىن ھازىرقى ھەر ئىشتا شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى سوراپ تۇرىدىغان ھالغا كەلدى. ئەمدىلىكتە مانا بىر قىز ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ خوشال بولماي كىممۇ خوشال بولسۇن؟
مۇشۇ خوشاللىق بىلەن دىلرەبا بىر ھەپتىنى تاتلىق بىر سېزىم ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ھەپتە ئاخىرىدا دوستى، بىر تۇغقاندىن چارە ھەدىسى ئايبۇلاقنى كۆرگىلى كەلدى. بىر كۈننى چىرايلىق نەسىھەتلەر، ئاخىرەتنى ئەسلەتكۈچى پاراڭلار بىلەن مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ ئەسىردىن كېيىن مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدى. بايامقى پاراڭلار، كومپيۇتېردىن ئاڭلىغان تەبلىغلەرنى ئەسلىگەچ رەببىگە ھەمد ئېيتىپ مېڭىۋاتقان بۇ قىز مەكتىپىدە ئۆزىنى قانداق ئىشلارنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى….

[p align=center](6)[/p]

–ئايبۇلاق ھەدە، دىلرەبا دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ، خەۋىرىڭىز بارمۇ؟–دېدى سۈمەييە تېلىفوننى ئېلىپلا. سۈمەييە يەنە بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزچاق ئىدى. ئۇ قىزمۇ نامازلىرى جايىدا، شەرئىي ئەھكاملارغا رىئايە قىلىدىغان، ئۆزى ئوماققىنە قىز ئىدى. تېخى بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتاتتى.
–نېمە بولۇپ؟ تېخى ئالدىنقى كۈنىلا يېنىمدىن ساق كەتكەنتىغۇ؟ قايسى دوختۇرخانىدىكەن؟ –جىددىلىشىپ سورىدى ئايبۇلاق.
–ھاۋا ئارمىيە3-دوختۇرخانىسىدا ئىكەن، شۇ يەر مەكتىپىگە يېقىنراق ئوخشايدۇ. نېمە بولغىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم. بايا ئ ەھۋال سوراي دەپ يانفونىغا ئۇچۇر قىلسام شۇنداق دەيدۇ. يوقلاپ بارىمەن، دېسەم ئۇنداق قىلماڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي ھېچقايسىڭلار كەلمەڭلار. بىر نەچچە كۈندىن كېيىنرەك كېلەرسىلەر، دەيدۇ.
تېلىفوننى قويۇپ ئايبۇلاقنىڭ كۆڭلى بىر يامانلىقنى تۇيغاندەك بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئۇ قىزغا زادى نېمە بولغاندۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر توغرىلىق تۈزۈكرەمۇ پاراڭلىشىپ باقماپتىكەنمەن. ئۆيىدىكىلەر قانداقراقتۇ؟ نېمە سەۋەبتىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندۇ؟ نېمىشقا كەلمەڭلار، دېگەندۇ…..
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن بىر ھەپتىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ بۇ ئارىلىقتا كۈندە دېگۈدەل دىلرەباغا ئۇچۇر قىلىپ ئەھۋال سوراپلا تۇردى. تېلىفون قىلسا دىلرەبا دائىم تېلىفوننى بېسىۋېتەتتى ۋە «ھەدە، ئەپسىز ئىدى، كەچۈرۈڭ…» دەپلا قايتۇراتتى. جۈمە كەچتە ئايبۇلاق شەنبە كۈنى ئۇنى كۆرگىلى بارسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سوراپ ئۇچۇر قىلدى. «بولىدۇ ھەدە، ئەمىسە ئەتە سىزنى ساقلايمەن» دەپ قايتۇردى دىلرەبا.
ئايبۇلاق مەكتەپ ئالدىدىن مېۋە-چېۋە سېتىۋالدى، دىلرەبا ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ ئەتكەن تۇخۇم چاققان سۇيۇقئاشنى قاچىغا ئېلىپ ياغلىق بىلەن تاڭدى. ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن قۇرئاننى سومكىسىغا سالدى-دە، دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى.
ئۇ ياتاققا كىرىپلا ھەيران قالدى. دىلرەبانىڭ قولى تېڭىقلىق، نەچچە كۈن ئىچىدىلا جۈدەپ كىچىككىنىلا بولۇپ قالغانىدى.
–نېمە بولدىڭىز سىڭلىم؟ –دېدى ئايبۇلاق سالامدىن كېيىنلا، جىددىيلىشىپ.
–ئولتۇرۇڭ ھەدە، دەپ كەلسەم گەپ تولا،–دېدى دىلرەبا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.
ئارىنى بىر ئاز جىمجىتلىق باستى. بىردەمدىن كېيىن دىلرەبا ئېسەدەپ تۇرۇپ سۆزىنى باشلىدى:
–مەن ئورانغاندىن بۇيان ئاتا-ئانام ئىزچىل ناھايىتى قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر تەتىلدە ئۆيگە قايتسام مەجبۇرى ياغلىقىمنى ئالدۇرىۋېتىدۇ. تەتىلدىن قايتاشىمدا پويىزغا چىقىپلا چىگىۋالىمەن. خىجىل بولغىنىمدىن، ھەم ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ يامان گېپىنى قىلسام قانداق بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىمدىن بولسا كېرەك، سىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەشنى خالىمايتتىم،–دېدى ئۆكسۈپ تۇرۇپ،–كېيىن ئۇلار بارغانسېرى قاتتىقلىشىپ كەتتى. دائىم تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ مۇشۇ شەھەردە ئوقۇيدىغان بالىلىرىدىن مەن توغرىلىق ئۇچۇر ئىگەللەپلا تۇرىدىكەن. بىلەمسىز؟ تاغام ئوبلاستلىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى. ئۇنىڭ باشلىقى مېنىڭ ياغلىق چىگىپ سىرتتا يۈرگىنىمنى بىر قېتىم كۆرۈپ قاپتىكەن، تاغامنى چاقىرتىپ ئەگەر سەن ماۋۇ خىزمەتنى داۋاملىق ئىشلەي دېسەڭ سىڭلىڭنىڭ بېشىدىكى ئاۋۇ نېمىنى ئالغۇزۇۋەت، دەپتۇ. مەن ئۆيگە بېرىپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا ياغلىق چىگمىگىنىمنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلماپتىكەن. يەكشەنبە كۈنى سىزنىڭ يېنىڭىزدىن قايتىپ مەكتەپكە كەلسەم ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ يەرگە خىزمەت بىلەن كەپتىكەن، ماڭا دەپ قويمايلا مەكتەپكە ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ سەل قورقتۇم، شۇنداقتىمۇ ئالدىغا بېرىپ چىرايلىق سالام قىلدىم، لېكىن ئۇ سالىمىمغا جاۋاب قايتۇرمايلا كاچىتىمغا بىرنى ئۇردى….
ئۇ ئېسەدەپ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. ئايبۇلاق سومكىسىدىن قەغەزلەرنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندى.
–«ئاكا، نېمە بولدۇڭ؟ ساراڭمۇ سەن؟» دەپ توۋلاپ كەتتىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلۈپلا كەتتى. ئۇ بولسا ساراڭدەك بېشىمدىكى ياغلىقىمنى تارتقۇچلايتتى. مەن «نېمە قىلىۋاتىسەن؟ قولۇڭنى تارت!» دەپ يۇلقۇناتتىم. ئاخىرى ياغلىقىم ئۇنىڭ قولىغا چىقىپ قالدى. باشلىرىمنى ئالقانلىرىم بىلەن توستۇم، توسۇپ ئۈلگۈرگىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ مۇشت-تېپىكلىرى باش-كۆزۈمگە يېغىشقا باشلىدى.«بىز سېنى ئوقۇسۇن، دەپ ئەۋەتسەك، ھەي دۆت، مۇشۇنداق روپاشتەك يۈرۈۋېلىپ ئاتا-ئاناڭغا يۈز كېلەلەمسەن؟ يەنە مۇشۇنداق كىيەمسەن؟ دېگىنە! يەنە كىيەمسەن؟» نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن، ئۆزەمنى تۇتۇۋالالمايلا ئۇنىڭغا توۋلاپ كېتىپتىمەن: « ئۇرە! ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەت! بىلىپ قوي! مېنى نېمە قىلىۋەتسەڭمۇ مەن يەنە مۇشۇ ئىمانىم بىلەن تۇرىمەن! سەنلەردىن ھەرگىز قورقۇپ قالمايمەن!…» ئەتراپىمىزغا بالىلار يىغىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئارىدا ھېلىقى ئەنۋەر كېلىپ قېلىپ تاغامنى تۇتۇۋالغانمۇ بولدى، لېكىن تاغام ئۇنىمۇ ئىتتىرىۋەتتى. قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋاپتىكەن. قولۇمنى قويۇۋەت! دەپ بىر يۇلقۇنسام قولىدىن چىقىپ كەتتىم. لېكىن سەنتۈرۈلۈپ بارغان پېتى يولنىڭ قىرىغىلا يىقىلىپ چۈشتۈم، بېلىكىم غىرىس، قىلغاندەك قىلدىيۇ، پۈتۈن بەدىنىمگە بىر ئاغرىق تاراپ كەتتى، قارىسام قولۇمنى يەردىكى بىر تاشنىڭ قىرى ئازراق كېسىۋېتىپتىكەن، بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتىدۇ. نېمە ئىشكىن، قاننى كۆرۈپلا كۆز ئالدىمغا قاراڭغۇلىشىپ كەتكەندەك بولدى. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام مۇشۇ دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن. بېلىكىم سۇنۇپتۇ، دوختۇر مەندە ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق كېسىلى باركەن، دەيدۇ. يەنە يۈرەككە قان يېتىشمەيدىكەن، يۈرەك كلاپانىنى بىر نېمە قىسىۋاپتۇ، دەمدۇ ئىشقىلىپ جىقلا گەپ. شۇڭا بىر نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا ياتىسەن، دەيدۇ. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە بەك جىق نەرسىلەرنى ئويلاپ ئۆزەمگە بەك بېسىم قىلىۋاپتىمەن. مەندىكى كېسەلنىڭ شۇ بېسىم بىلەن ئالاقىسى باركەن. تاغام نەچچە كۈندىن بېرى خىزمىتىنىمۇ تاشلاپ مېنى بېقىپ تۇرغانتى. بۈگۈن ئازراق ئىشى چىقىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. شۇڭا سىزنى كېلىڭ، دېگەنتىم. ئىشقىلىپ، ئاغرىپ قالغىنىممۇ ياخشى بولدى، ئاللاھ بىر يەرلەردىن بەندىسىگە چىقىش يولى بېرىدىكەن. ئاغرىپ قالغاننىڭ باھانىسىدە ماڭا ئۆيدىكىلەرمۇ، تاغاممۇ قاتتىق-قۇرۇق گەپمۇ قىلمىدى….
ئايبۇلاق نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش لىغىرلاپ قالغانىدى. «توۋا، نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ يېغى ياندىن، بالا قېرىنداشتىن، دېگەن شۇ ئىكەندە؟ بىز تېخى جەمئىيەتتىن، يات ئادەملەردىن يامانلىق كۆرمەي تۇرۇپلا ئاتا-ئانىمىزنىڭ بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتىمىز. بىز راستلا يامان ئىش قىلدۇقمۇ؟ نېمىنى خاتا قىلدۇقمۇ؟ پەقەت ئاللاھ بۇيرىغان بىر پەرزنى ئادا قىلايلى، دېدۇققۇ؟! پەقەتلا نامىزىمىزنى ئوقۇيلى، ئەۋرەتلىرىمىزنى يۆگەيلى، دېدۇققۇ؟! نېمىشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟…» ئۇ ئويلىغانسېرى بىئارام بولاتتى، قەلبىنى بىر نېمە يەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ئەلۋەتتە بۇ سوئالغا كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىز «ئاتا-ئانىڭىزمۇ سىز ئۈچۈن ياخشى بولسۇن، دەيدۇ» دېيىشى تۇرغانلا گەپ. ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ ئىزچىل شۇنداقلا جاۋاب بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن راستلا شۇنداقمىدۇ؟ ئەجىبا ئاتا-ئانا بولغۇچى قىزىنىڭ پەقەتلا بۇ دۇنيادا خىزمەت قىلىپ، چىرايلىق كىيىنىشىنى بەخت دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە نېمە كۈن كۆرۈشىنى ئويلاشمامدۇ؟ ئەجىبا قىزىنىڭ ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا ماڭغىنىنى كۆرگەندە قىزىمنىڭ ئوچۇق يەرلىرى قىيامەت كۈنى ئوتتا كۆيسە قانداق قىينىلىپ كېتەر، دېگەننى ئويلاپ بىر يەرلىرى پۇچىلانمامدىغاندۇ……
–ھەدە، تاغام كېلىپ قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن،–دېدى دىلرەبا سائىتىگە قاراپ قويۇپ،–ئەجەب سىزنى قوغلىغاندەك ئىش قىلدىم ھە! كەچۈرۈڭ.
–ياقەي، ھېچقىسى يوق. مەنمۇ سىزگە يەنە گەپ تېپىپ بەرمەي. لېكىن سىڭلىم، پەقەت بىرلا سۆزۈم، ئىمانىڭىزدا قەتئىي چىڭ تۇرۇڭ. سىنالماي تۇرۇپ مۇئمىن بولالمايسىلەر، مۇئمىن بولماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرمەيسىلەر، دېگەن ھەدىسنى يادىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭ. بىز سىنالمىساق تېخى ئۆزىمىزنىڭ ئىمانىمىزدىن گۇمانلانساق بولىدۇ. ئاللاھ ھامان ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرىنى سىنايدۇ. مۇستەھكەم بولۇڭ. قەتئىي بولۇڭ…
ئايبۇلاق دىلرەبانىڭ يېنىدىن شۇنداق كۆڭۈلسىز قايتتى. توۋا، قىزىق ئىش دېسە. ئاتا-ئانىلىرى قوللايدىغان، بالام، ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن، كۆڭلۈڭگە ئىنساب بەرسۇن، ناماز ئوقۇ، دەيدىغانلارنىڭ بالىلىرى بىر ۋاق نامازغا يېقىن كەلمەيدۇ. ناماز ئوقۇيدىغان بولساڭ پۇت-قولۇڭنى چېقىۋېتىمەن، دەيدىغانلارنىڭ بالىلىرى مانا مۇشۇنداق، ھەممە پەرزلەرنى ئورۇندايمەن، ئاللاھنى ھەقىقىي رازى قىلغۇدەك مۇئمىن بولىمەن، دەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟ سەۋەبى زادى نېمىدۇ…..
ياتاققا قايتىپ كەلگەن چېغىدا پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ياتىقىدا كىچىككىنە بىر پارچە يەرنى مەخسۇس ناماز ئوقۇيدىغان يەر قىلىۋالغانىدى. ياتاقداشلىرى بۇ ئورۇننى ئۇنىڭغا «بۆلۈپ» بەرگەنىدى. ئۇ تاھارىتىنى يېڭىلاپ جەينامىزىغا چىقتى. ئىچىدىن بىر خىل پىغان ئېتىلىپ تۇراتتى. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى، ئەينى چاغدا دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا دېگەن سۆزلىرىنى ئويلاشقا باشلىدى. ھازىر دادىسى قانداق ئويلايدىكىن؟ ھازىرمۇ «دىندىن خىروئېن ياخشى. خىروئېن چەكسەڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تاشلاتقۇزاتتىم. كاللاڭنى بۇ زەھەر بىلەن زەھەرلەپ كەپسەن، ئەمدى سېنى قانداق داۋالىتىمەن؟» دەپ ئويلامدىكىن؟ ياكى «بوپتۇ، نېمە قىلساڭ قىل، بەرىبىر ساڭا گەپ ئۆتكۈزەلمىدىم» دەمدىغاندۇ؟ نېمە دېگەن بەختلىك ئائىلە ئىدى! مۇشۇنداقلا تۈگىشىپ كېتەرمىزمۇ؟ دادام بىر چاغدا« بولدى، مەنمۇ بۇ دۇنيادا بالىلىق بولماپتىكەنمەن، دەپلا قالاي، بىراقلا كېچىشىپ كەتسەك ئەل-جامائەتنىڭ ئالدىدا سەتمۇ تۇرار، تېشىمىزدا چاندۇرۇشمايلى. سىلەرمۇ مېنى داداڭلارنىڭ ھېسابىدىن چىقىرىۋېتىڭلار..» دەمدىغاندۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئاچچىقتا دېيىلگەن گەپ، دادام بىزگە شۇنچىلىك ئامراق تۇرسا! ئالقىنىمدا پۈۋلەپ چوڭ قىلغان قىزلىرىم، مەلىكىلىرىم، پەرىشتىلىرىم، دەيدىغان تۇرسا….
ئايبۇلاق قوللىرىنى نامازغا كۆتۈردى، دۇئادا ئۆكسۈپ-ئۆسۈپ يىغلىدى، ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا دۇئا قىلدى. دىلرەباغا، فاتىمەگە، دىلنۇرغا، سۈمەييەگە….ئۆزىدەك ئەھۋالدا قالغان بارلىق قىزلارغا دۇئا قىلدى…تاكى ياتاقداشلىرى سىرتتىن قايتىپ كەلگەندە، ئاندىن ياشلىرىنى سۈرتتى.
ئۇ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى قېتىم ئاپىسىغا يېزىپ داۋاملاشتۇرالمىغان خەتنىڭ ئاخىرىنى يازماقچى بولدى.
« قەدىرلىك ئاپا، بۇ قېتىم قىشلىق تەتىلدىن قايتقان ساۋاقداشلىرىم ئۆيىدىن جىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. ھەلىمە دېگەن قىز تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئاپىسىنىڭ ئۆزىگە يېڭى كىيىم ئېلىپ بەرگەنلىكىنى، ئاپىسى بىلەن كېچىلىرى قۇچاقلىشىپ بىللە ئۇخلىغانلىقىنى…ئىشقىلىپ ھەممە ئىشىنى شۇنداق زوق-شوق بىلەن سۆزلەپ كەتكەنتى، كۆزەمگە ياش كېلىپ كەتتى. خۇددى قەستەن مېنىڭ ئىچىمنى ئېچىشتۇرغىلى دېگەندەك ھېس قىلىپ ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ كەتتىم. ئۇ قىزغا ئاپىسى ياغلىق، جەيناماز ئېلىپ بېرىپتۇ….» ئۇ يەنە خېتىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. تاراملاپ ئاققان ياشلىرى قەغەز يۈزىنىمۇ ھۆل قىلىۋەتتى. ئىككى يىل بولدى، ئۆيىگە قايتىپ باقمىغىلى. ئۆتكەن يىلقى يازلىق تەتىلنى بوۋا-مومىلىرى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن، ئاتا-ئانىسى كېلىپ بىر ھەپتە تۇرۇپلا قايتىپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن ھازىر خۇددى يات ئادەمدەكلا بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئەمدى بۇ ئۆمرىدە ئانا مېھرىگە، ئاتا مېھرىگە قانماي قالارمۇ؟ ئاتا-ئانىسىنى يەنە بىر قېتىم مېھىر بىلەن دادا! ئاپا! دەپ قۇچاقلىيالماسمۇ؟….
دىلرەبامۇ كارىۋاتتا يېتىپ ئايبۇلاققا ئوخشاش خىياللارنى قىلىۋاتاتتى.
ئالدىنقى كۈنى تاغىسى مەكتەپكە بېرىپ مۇئەللىمىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن، دەۋاتاتتى. راستلا شۇنداق قىلغانمىدۇ؟ مەكتەپتە ئۇنىڭدىن باشقا ئورىنىدىغان ساۋاقدىشى يوق، دەسلەپتە مۇئەللىمى ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق كىيىنىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ «بۇ بىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. «ئەمىسە بۇرۇن بۇنداق كىيىنمىگەنغۇ؟» دېگەندە، «بۇرۇن كىچىكتىم، ئەمدى مۇشۇنداق كىيىنىدىغان يېشىمغا يەتتىم. ئەمدى بۇنداق كىيمىسەم ئاتا-ئانام خاپا بولىدۇ. مېنىڭ ئاتا-ئانام بەك مۇتەئەسسىپ» دەپلا گەپنى تۈگەتكەنىدى. ئەگەر تاغىسى راستىنلا بېرىپ ئوقۇتقۇچىسىغا دېسە، پەقەت ئۇنىڭلا ئەمەس، مۇشۇ شەھەردە ئوقۇۋاتقان ئورانغان، نامازخان ھەمشىرىلەرنىڭ ھەممىسى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ئۇ ھەمشىرىلەرگە قانداق يۈز كېلەلەيدۇ؟ئۇ كارىۋىتىدىن ئاۋايلاپ چۈشتى، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ تاھارەت ئالدى ۋە چاپىنىنى يەرگە سېلىپ نامازغا تۇردى:
«ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! سەن ئەلۋەتتە ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىڭنى بەكرەك سىنايسەن! ئەينى چاغدا ئەسھابلار بېشىغا بىرەر سىناق كەلمىسە، بىزنىڭ ئىمانىمىز ئاللاھقا يارىمىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا بىزگە نېمىشقا سىناقلار چۈشمەيدۇ؟ دەپ يىغلىشار ئىكەن. سەن بۈگۈن سىناقتىن ئىبارەت بۇ نىئمىتىڭنى ماڭا بەردىڭ. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ، ماڭا سەبرنىمۇ بەرسەڭ! مۇشۇ ئىمتىھاندىن تولۇق نومۇر بىلەن ئۆتۈشكە نېسىپ قىلساڭ ئىكەن، دەپ تىلەيمەن ئى رەببىم! ئاتا-ئانام مېنى باقتى، چىشىم يوقىدا چايناپ يېگۈزدى، سۆزلىيەلمىگىنىمدە ماڭا تىل بولدى، مېڭىشنى بىلمىگەندە ماڭا پۇت بولدى، ئاغرىسام داۋالاتتى، كۆزۈمدىن تامچە ياش ئاقسا ئۇنى لېۋى بىلەن قۇرۇتتى. ئۇلارنى ھىدايەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! سەن پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانا ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىسەنغۇ!؟ مانا ئىككى يىل بولاي دېدى، ھەر سەجدىدە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىمەن. ئى ئاللاھ! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلساڭ! سەن بەندەڭنىڭ ساڭا ئۈمىد بىلەن سۇنۇلغان قوللىرىنى قۇرۇق قايتۇرمايسەن. ئى ئاللاھ! تاغامنى، ھاممىلىرىمنى ھىدايەت قىلغىن! مەن ھېچقايسى تۇغقىنىمنىڭ دوزاخ ئوتىدا كۆيۈشىنى خالىمايمەن. ئى ئاللاھ! تاغامنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى مەغفىرەت قىل! تاغام بىلمەيدۇ! ئۇ بىلمەسلىكتىن قىلدى. ئۇنى مەغفىرەت قىل ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغفىرەت قىل!!»
كۆز ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك دىلرەبانىڭ مەڭزىنى بويلاپ سىرغىماقتا ئىدى. مۈرىلىرى ئۆكسۈشتىن تىرەيتتى. شۇ ئارىدا خۇددى بىرى قارا! دېگەندەك، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك تەرەپكە قارىدى. تاغىسى ئىشىكنىڭ يېنىدا ئىشىككە يۆلەنگىنىچە تۇراتتى.
تاغىسىنى كۆرۈپ دىلرەبا دەرھال جەينامىزىنى يىغىشتۇرۇپ ئورنىدىن تۇردى.
–نېمە ياتماي تۇرۇۋالدىڭ؟–دېدى تاغىسى يۇمشاقراق تەلەپپۇزدا. دىلرەبا جاۋاب قايتۇرماي كارىۋىتىغا بېرىپ ياتتى، ۋە تاغىسىغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئۆرۈلىۋالدى.
–ساڭا تاماق ئەكەلدىم، تۇرە، چۆچۈرىگە ئامراقتىڭغۇ!
–يېمەيمەن.
–ئىچمىگەنلەر ئارماندا، دېگەن چۆچۈرە مۇشۇكەن جۇمۇ!—تاغىسىنىڭ پوزىتسيىسى بۈگۈن ئۆزگىرىپلا قالغاندەك قىلاتتى.
–مەن ئارمانسىز. ئۆزۈڭ ئىچىۋەر بولدى.
–بۈگۈن مەكتەپكە بېرىپ مۇئەللىمىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يەپ كەلدىم. تۈنۈگۈن دېيىشىپ قويغانتۇق،–دېدى تاغىسى ئاشنى قاچىغا ئۇسقاچ.
–نېمە؟!—دىلرەبا دەرھال ئۆرۈلۈپ تاغىسىغا قارىدى،–نېمە دېيىشتىڭ؟
–نېمە دېيىشەتتىم، شۇ سېنى ياغلىق چىگسە بولمايدۇ، بۇ دېگەن ئۆرپ-ئادەت ئەمەس، دىنىي ئېتىقاد. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دىنغا ئېتىقاد قىلسا بولمايدۇ، بۇنى بىلمەمسەن، دېدىم.
دىلرەبانىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى. توۋا، ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ. ئۇ ئەمدى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرارمۇ؟ ئۇ يەنە مەكتەپتە ئوقۇيالارمۇ؟….دىلرەبا خىياللىرىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
–ئوبدان قىپسەن تاغا، بەك ياخشى قىپسەن. مېنىڭ سىڭلىمنى مەكتەپتىن ھەيدىۋېتىڭلار، دېسەڭ بولمامتى؟ مۇدىرنىلا ئىزدىمەپسەن تايىنلىق،–دىلرەبا ئۆزىگە مۇشۇنچىلىك جۈرئەتنىڭ نەدىن كېلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى.
–قاقشىما بولدى. ئوقۇتقۇچۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغۇڭ يوقما؟
–يوق!
–ئوقۇتقۇچۇڭ مۇنداق دېدى قارا،–دېدى تاغىسى قولىدىكى تاماقنى دىلرەباغا سۇنۇۋېتىپ،–«دىلرەبا دەرستە ياخشى، ئەخلاقىمۇ ياخشى. مەن بۇ ئوقۇغۇمغا بەك ئامراق. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا خىرىستىئان بولغان، ئۆيۈمدىكىلەر بىلىپ قېلىپ مېنى شۇنچىلىك توسقان، لېكىن مەن ئۇلار توسقانسېرى ئېتىقادىمدا تېخىمۇ چىڭىيىپ كەتكەن. ئاتا-ئانام بۇتپەرەس ئىدى، ئۇلار مېنىڭ ئېتىقادىمنى زادىلا قوبۇل قىلالمايتتى. شۇڭا ئۇلار ماڭا بېسىم قىلىۋەردى. ئاخىرى ئۆيدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم يىرىكلىشىپ كەتتى. بۇ مېنىڭ ئۆگىنىشىمگىمۇ چوڭ تەسىر يەتكۈزدى. دىلرەبانىڭ كىيىنىشىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئەمەس، بەلكى دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكىنى مەن بۇرۇنلا بىلگەن. لېكىن ھازىر بىز ئۇنى بۇنداق كىيىنمەيسەن دېسەك ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەكس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۆگىنىشى، ھەتتا ئۇنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىشى، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر ئۆمۈر ساقايمايدىغان يارا قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ بارا-بارا ئويلىنىپ تاللىشىغا قويۇپ بەرگىنىڭلار تۈزۈك. بولۇپمۇ بۇ ئېتىقاد ئىشىغا كەلگەندە ھەرگىز بىركىمنى زورلاپ ياندۇرغىلى بولمايدۇ»، دەيدۇ.
دىلرەبا تاغىسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. سۇبھاناللاھ! سۇبھاناللاھ! ئاللاھۇ ئەكبەر! لە ھەۋلە ۋەلە قۇۋۋەتە ئىللا بىللا! ئىنسانغا تەس ئىش ئاللاھقا ئاسان! ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، رەھمىتى نېمە دېگەن كەڭ، ئاللاھنىڭ ماڭا بۇنداق ياردەم قىلىشىنى مەن ئويلاپ بىلەلەمتىم؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسان ئويلاپ باقمىغان يەردىن مۆجىزە كۆرسىتىدىكەن. ئاللاھ نېمە دېگەن ئۇلۇغ!! ئۇنىڭ ياشلىرى تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. ئاللاھ، سىلىگە چەكسىز ھەمدلەر بولسۇن! سىلى قۇدرەت ئىگىسى! مانا بۇنى ئاللاھ مۆجىزە كۆرسىتەمدۇ، دەۋاتقانلار ئاڭلىسۇن! ئاللاھ دۇئانى ئىجابەت قىلامدۇ، دەۋاتقانلار ئاڭلىسۇن! ئاللاھ بەندىسىگە مانا مۇنداق ياردەم قىلىدۇ!!
–سەن شۇ مۇئەللىمنىڭ ئىككى ئېغىز گېپىنى ئاڭلاپلا تەسىرلىنىپ يېنىپ كەلمىگەنسەن؟–دېدى بىر چاغدا دىلرەبا ياشلىرىنى سۈرتۈپ،–سەن ئۇنچىلىك گەپلەرگە ئېرىمەيسەن ئەسلى.
–بولدى جىق گەپ قىلماي تامىقىڭنى يېگىنە! سوۋۇپمۇ كەتتى. يائاللاھ، قىيمىغا ماينى نېمانچە سالىدىغاندۇ! سەل سوۋۇسىلا ئۈستىگە مايلىرى قېتىپ چىقىۋاتقان.
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھە! تېخى ئەتىگەندىلا تاغىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدىشىدىن، ئۆزىنىڭلا ئەمەس، باشقا ھەمشىرىلەرنىڭمۇ تەس كۈنگە قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ئاللاھنىڭ شۇنداق ئاسانلا ھەممە مۈشكۈلنى ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ھەل قىلىۋېتىشىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
–بىرەر نەرسەڭ كەم بولسا دېگىن. مەن ماڭغۇچە كەم نەرسىلىرىڭنى ئېلىپ بېرەي. قان تولۇقلايدىغان دورىلارنىمۇ جىقراق ئېلىپ بېرەي. تاماقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يە. ئۆيدىكىلەر پۇل ئەۋەتمەيۋاتامدۇ؟ مەن دەي، جىقراق ئەۋەتسۇن ، تاماقنى ئوبدان يە. ھە راست، مۇئەللىمىڭ سېنى سىياسىي ئىشلارغا چېتىلىپ قالمىسۇن، ئۇنداق قىلسا بىۋاستە قانۇن ئورگانلىرى سۈرۈشتۈرىدۇ. مەكتەپكىمۇ، ماڭىمۇ ئىش تېپىپ بېرىدۇ. نامىزىنى ئوقۇپ، كىيىمىنى كىيىپ جىم يۈرسۇن، دەيدۇ جۇمۇ!!
دىلرەبا گەپ قىلماي قولىدىكى چۆچۈرىنى ئىچىپ ئولتۇردى. تۇرۇپلا تاغىسىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ قالغىنىغا بىر تەرەپتىن ھەيران بولسا، بىر تەرەپتىن قەلبىدە ئاللاھقا ھەمد ئېيتاتتى.
كەچ تەرەپتە دىلرەبا بۇ خوش خەۋەرنى ئالدىراپ ئۇچۇر بىلەن ئايبۇلاققا ۋە پەرىدەگە يەتكۈزدى. لېكىن پەرىدەدىن كەلگەن ئۇچۇر ئۇنىڭ كۈندۈزدىكى خوشاللىقىنى نەلەرگىدۇر ئۇچۇرىۋەتتى.
«ھەدە، سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوشال بولدۇم. ئاللاھ مۈشكۈلىڭىزنى ئاسان قىلسۇن. مەن ئورۇنۇپ يۈرگەندىن بۇيان ئوغۇل دوستۇم مەندىن بىراقلا يىراقلاپ كەتتى. دەسلەپتە مەيلى، مەن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئايرىلدىم. ئاللاھ ماڭا چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىدۇ، دەپ ئويلىدىم. لېكىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. شۇڭا ئورانماسلىقنى قارار قىلدىم. مېى كەچۈرۈڭلار. مېنى ئەمدى ئاۋارە قىلماڭلار….»
[p align=center](7)[/p]
3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، بۇ نەم شەھەرنىڭ سوغۇقى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. خېلىدىن بېرى دەرىزە تۈۋىدە خىيال سۈرۈپ تۇرغان مېھرىئاي بۇرۇن ئۇچلىرىدىن تارتىپ مۇزلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى ۋە ياتاق ئىچىگە كىرىپ خىياللىرىنى داۋاملاشتۇردى.
مانا مېھرىئاينىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشىگىمۇ ئاز قالدى، ئۇنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ھايات يولىنى تاللىۋالغىنىغىمۇ تۆت يىلدىن ئېشىپ قالدى. بۇ تۆت يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ بۇرۇنقى پۈتۈن مىجەز-خۇلقلىرى ئۆزگىرىپ باشقىچە ئادەم بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە ھەر ئىنساننىڭ كىچىكلىكتىكى بەزى مىجەزلىرى ئۆزگىرىدۇ، لېكىن مېھرىئاي ئىچى-تېشىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي يىپيېڭى قىياپەتكە كىرىپ قالغانىدى. چۈنكى ئىسلام دېگەن مۇنداقلا بىر دىن بولماستىن، ئىنساننىڭ دۇنيا قاراشلىرى، تۇرمۇش قاراشلىرىغىچە تەسىر قىلىدىغان بىر ھايات يولى ئىدى.
مېھرىئاي ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا، يەنە نەچچە ئاي ئۆتسىلا ئۇ ئوقۇشىنى پۈتتۈرەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشىنى ئويلىسىلا ئۇنىڭ بېشىغا چوڭ غەم چۈشەتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئۇنى خىزمەت قىلىشقا زورلىشى تۇرغانلا گەپ. خىزمەت قىلسا يەنە مۇشۇنداق ئورىنىپ يۈرەلەمدۇ؟ دىنىدا بارا-بارا چېكىنىپ كېتىشى ئېنىقلا گەپقۇ؟! بۇ دۇنياغا شۇ پېتىلا بېرىلىپ، ئېرىم، بالام، كالام، خىزمىتىم… دەپلا ئۆتۈپ كېتەرمۇ؟ ئەتىگەندىن كەچكىچە ھېرىپ ئىشلەپ، ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئالدىراپ ئۆيدىكىلەرنىڭ قورسىقىغا تاماق ئېتىپ، ئاخشىمى ھارغىنلىقتا نامازنىمۇ بولار-بولماس، يىغىپ-يۆگەپ بىراقلا ئوقۇيدىغان، شەنبە-يەكشەنبە خىزمەتداشلارنىڭ، ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ توي-چايلىرىدىن قۇتۇلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالارمۇ؟ ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بىراقلا يوققا چىقارمۇ؟….
ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغۇسى، ھاممىسىدەك ياراملىق ئادەم بولغۇسى بار ئىدى. ھاممىسىغا بولغان ھۆرمىتى سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىمۇ ھاممىسىنىڭ كەسپىنى—كومپيۇتېر، ئۇچۇر كەسپىنى تاللىغان ئىدى. ھاممىسى ئوقۇغان مەكتەپتە ئوقۇشنى، ھاممىسىدەك دوكتورلۇققىچە ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ، مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان ئىنگلىزتىلىنى ياخشى ئۆگەندى. ئىنگلىزچە تۆتىنجى ۋە ئالتىنجى دەرىجە ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجىلەرنى ئالدى. ئەمدى توفېل ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يىل 9-ئايدىكى ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭغىچە بولسىمۇ بىرەر يەردە خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ تۇرۇشى كېرەك. كېيىن ئوقۇشقا چىقىمەن، دېسە يالغۇز چىقسا بولمايدۇ، ئۇنىڭغا مەھرەم بولغۇدەك بىرى بولۇشى كېرەك.
مانا تۈنۈگۈنلا چاچلىرىنى ئىككى ئۆرۈپ يۈرگەن، يات ئادەملەرنى كۆرسە تارتىنىپ ئىچكەركى ئۆيگە قاچىدىغان تۈرگۈن قىزنىڭ توي ئىشىنى ئويلىشىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى. نىكاھ ئىشى پەقەت بۇ دۇنيالىق ئىش بولۇپلا قالماستىن، كىشىنىڭ قانداق جۆرە تاللىشى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قانچە تاللاش پۇرسىتى تۇرۇپتۇ، ئۇ زادى قانداق قىلىشى كېرەك؟ تېخى يېقىندا ئۇ شاھىت بولغان بىر پاجىئەلىك نىكاھ ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى…
تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى. خەنزۇتىلى فاكۇلتېتىدىكى چاچلىرى ئۇزۇن، مەڭىزلىرى توق، كۈلسە ئوغرى چىشلىرى، چىرايلىقىنە زىناقلىرى ئۇنى تولىمۇ ئوماق قىلىۋېتىدىغان سۆيۈملۈك قىز ئۇلارنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى:
–دىلنۇر بارمۇ؟–دېدى تارتىنىپقىنە. ئۇ قولىدا چوڭ بىر سومكا كۆتۈرۈۋالغانىدى.
–يوق، بىز بولساق بولمامدىكەن؟ قېنى كىرىڭە!—قىزلار تۇشمۇ-تۇشتىن ئۇنى چاقىرىشتى. قىزچاق كۈلۈمسىرىگىنىچە ياتاققا كىردى.
–بىزنى تونۇمايدىغاندەك قىلىپ كېتىدىكىنا بۇ قىز!—دېدى رەنا چۇڭۇلداپ سۆزلەپ،–ھېلىمۇ بىر يىلنىڭياقى ئىككى كۈندە بىر كىرىپ تۇرىسىز، ئۇنچە يات كۆرۈپ كەتمەڭ بىزنى.
–ياقەي، ئاۋارە قىلىپ قويىمەنمىكىن، دەپ شۇ،–دېدى رەنا ئۇزاتقان كىچىك قاچىدىن ئۆرۈك ئېلىۋاتقاچ.
–ھەي ئامىنە، بۈگۈن كەچتە بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلار بىللە تاماق يېمەكچىدۇق، بىز بىلەن بىللە چىقىڭ ھە!
ئامىنە دىلنۇرنىڭ يۇرتدىشى، شۇنداقلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، مۇشۇ مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇيتتى. ئامىنەنىڭ قەلبىدىمۇ ئىسلامغا ئاجايىپ مۇھەببەت بار ئىدى، شۇڭا دائىملا دىلنۇرنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن دىن ھەققىدە سۆھبەتلىشەتتى، ئۇنىڭدىن سوئال سورايتتى، ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلىشاتتى. بۇ ياتاقتىكى قىزلارمۇ ئامىنەنى ياقتۇراتتى. ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ كۈلدۈرۈپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. ئامىنە ھەرقېتىم كۈلگىنىدە ئوغرى چىشى كۆرۈنۈپ بەكلا ئوماق بولۇپ كېتەتتى.
بىر ئازدىن كېيىن دىلنۇرمۇ قايتىپ كەلدى.
–دىلنۇر، ماۋۇ قىزىڭىز سىزنى ساقلاپ ئولتۇرغىلى نەۋاق. نەلەرگە بېرىپ كەلدىڭىز؟ بىلسەم-بىلمىسەم يەنە قۇرئان ئۆگۈنىشىگە.
–بىر يىگىت بىلەن كۆرۈشۈپ كىردىم، دېسەم ئىشىنەمسىلەر؟–دىلنۇرمۇ خېلىلا چاقچاقچى بولۇپ قالغانىدى.
–بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ھەممىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىمىز جۇمۇ! سىزمۇ شۇنداق چىرايلىق، ئارقىڭىزدىن يۈگۈرەيدىغانلارمۇ خېلى بار، بىرەرى بىلەن كۆرۈشسىڭىزمۇ كۆرۈشكەنسىز ئەمدى، سىزمۇ نورمال ئىنسان بولغاندىكىن.
قىزلار قاقاھلاپ كۈلۈشتى.
–ئۆزەمنىڭ بىنورماللىقىمغا ئىشەندىم، ئۇنداق ئىشنى قىلىش تۈگۈل ئويلاشمۇ يوق مەندە. بۈگۈندىن باشلاپ نورماللىققا قايتىشقا تىرىشاي.
–ھېلىقى مۇھەممەتئېلى دېگەن بالا بولاتتى ئەنە، شۇنداق قاملاشقان، ئۆزىمۇ تەقۋا بالا ئىدى. كەينىڭىزدىن شۇنچە يۈگۈرسە ئۇنىمىدىڭىز، كېتىپ قالدىغۇ ئەمدى!
–كەتسە كېتەر، ئۇنىڭسىزمۇ باش ئاغرىقىم كەم ئەمەس…
قىزلار كۈلۈشەتتى، چاقچاقلىشاتتى. ئامىنەمۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش بىلەن كەلگىنىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە قېتىلىپ كەتكەنىدى. كىمدۇر بىرى ستۇدېنت قىزلار يىگىتتىن باشقىنىڭ پارىڭىنىمۇ قىلىشامدۇ، دېگەندەك بىر گەپنى قىپتىكەن. بۇ ياتاقتىمۇ گەرچە دائىم بولمىسىمۇ ئاندا-ساندا يىگىتلەرنىڭ پارىڭى بولۇنۇپ تۇراتتى.
–ھەي ئامىنە، ئاۋۇ خالتىدىكى نېمە ئۇ؟–كۈلۈپ توختىغان دىلنۇر دىققىتىنى كارىۋىتى ئۈستىگە قويۇلغان يوغان سومكىغا ئاغدۇردى.
–ئۆتكەندە سىز بىلەن بىللە بېرىپ تىكتۈرگەن كىيىملەر پۈتۈپتىكەن، شۇلارنى ئەكەلگەنتىم.
–كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ياخشى تىكىپتۇمۇ؟–دېدى دىلنۇر سومكىدىن كىيىملەرنى ئالغاچ.
–ئامىنە، سىزمۇ ئورۇنىدىغان بولدىڭىزما؟–سومكىدىن ئالغان كىيىملەرنى كۆرۈپ فاتىمە ھەيران بولۇپ سورىدى.
–شۇنداق قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. سىلەرچە بولارمۇ؟–ئامىنەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى.
–ئەلۋەتتە بولىدۇ-دە! بۇنى بىزنىڭچە، سىزنىڭچە دەپ ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭچە، دەپ ئۆلچەيمىز. ئاللاھ شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ئىش تۇرسا بۇ، بولمايدىغان يېرىمۇ بارمۇ؟ بەك ياخشى ئويلاپسىز! قېنى كىيىپ بېقىڭە.
خورما رەڭ، بۆرەكچە ياقىلىق ئۇزۇن كۆينەك بىلەن قارا كۆك رەڭلىك ئابايا ئامىنەگە ئاجايىپ يارىشىپ كەتتى. ئايگۈل ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ سىناشقا باشلىدى.
–قاچاندىن باشلاپ كىيەي دەيسىز بۇ كىيىملەرنى؟
–بىلمىدىم، تازا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن، سىرتتىكىلەر كۆرسە نېمە دەپ قالار؟ بۇ قىز تۈنۈگۈن تېخى مودىلىشىپ يۈرەتتى، بۈگۈن بۈۋىم بولۇۋاپتۇ، دەپ گەپ تاپارمۇ؟
–ئەتە يەنە مودىلىشىۋالسىڭىز گەپنى خەق ئەمەس، مەن تاپىمەن،–دېدى رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇمۇ تېخى يېقىندىلا ئورانغان ئىدى،–ئىمان دېگەن توڭلىغاندا كىيىپ ئىسسىغاندا تاشلايدىغان نەرسە ئەمەس. كىيگەن ئىكەنسىز، قەتئىي ھالدا، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىڭىزنى قىلماي كىيىڭ. مېنىڭمۇ دوستلىرىم «ھەي، ئۈرۈمچىلىكتەك كىيىنمەمسەن؟ نېمە ئالتە شەلىكتەك بېشىڭغا قېتىقچىنىڭ ياغلىقىنى ئارتىۋالدىڭ؟» دېيىشىدۇ. مەن «ئالتە شەلىككە بىر خۇدا، سەن ئۈرۈمچىلىككە بىر خۇدا يوق، ھەممىمىزنى بىر ئاللاھ سوراق قىلىدۇ، ھەممىمىزدىن ھېساب ئالىدۇ. شۇ ۋاقتى كەلگەندە ئىسىت گېپى يوغان ئۈرۈمچىلىك بولغۇچە، بېشىغا شۇ ياغلىقنى ئوراپ يۈرگەن قېتىقچى بولۇپ قالسامچۇ، دېيىشىپ كېتىشىسەن تېخى!» دەپ قويىمەن. ئىشقىلىپ، نېمىدىن ئايرىلسىڭىز ئايرىلىڭ، ئىمانىڭىزدىن ئايرىلماڭ دوستۇم.
–رەھمەت سىزگە رەنا. مەن ئەتە ئەتىگەندە چوقۇم سىنىپقا ئورۇنۇپ چىقىمەن.
–ئەتىنى ساقلاپ نېمە قىلىسىز؟ بۈگۈنلا ئورىنىۋالمامسىز؟ ھېلى بىز بىللە تاماق يېگىلى چىقىمىز، قاراڭ بۇ يەردىلا ئورانغان قىزدىن نەچچىسى بار، بىزنىڭ ئارىمىزدا ماڭسىڭىز ئاسانلا كۆنۈۋالىسىز.
شۇنداق قىلىپ بۇ قىزمۇ چىرايلىق جىلبابلارنى كىيىپ ئورۇنۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ پەرز ۋە سۈننەتلەرگە ئەمەل قىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ مېھرىئايلار تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ كېتىشتى. لېكىن مېھرىئاي ئامىنە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىغانىدى.
ئامىنە خەنزۇتىلى فاكۇلتېتىدا بولغاچ، ئۇلار تەييارلىق ئوقۇمايلا كەسىپكە چۈشۈپ كېتەتتى. شۇڭا مېھرىئايلار تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندە ئامىنە ئاللىقاچان كەسىپنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلىنى تۈگەتكەن ئىدى.
مېھرىئاي ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىنى پۈتتۈرگەن يىلى ئامىنە ئوقۇش پۈتتۈردى. ئامىنە ئورانغىنىدىن بۇيان ئۇمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ دادىسى يېزا كادىرى ئىكەن، خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتىمۇ ئەيتاۋۇر، قىزىغا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بېسىم قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئاخىرى قىزىنى گېپىگە كىرگۈزەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى-دە، تەتىللەردە ئۆيىگە قايتىشتىن چەكلىدى. بىچارە قىزنىڭ ئۆيىگە قايتىپ باقمىغىنىغا بىر يېرىم يىل بولۇپ قالغانىدى. ھەر تەتىلدە ساۋاقداشلىرى ئۆيىگە قايتىپ مېڭىشقاندا، تەتىلدىن يېنىپ كېلىشكەندە ئۇنىڭ كۆڭلى بۆلەكچە ئارامسىزلىنىپ، بويۇن قىسىپ قاراپ قالاتتى. ئارقىدىنلا، مۇشۇنىڭغىمۇ ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇغۇ، مەن بۇ ئىشلارنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قىلىۋاتىمەنغۇ، دەپ ئۆزىنى بەزلەيتتى.
ئوقۇشمۇ پۈتتى، ئەمدى نەگە بېرىش كېرەك؟ ئۆيىگە قايتسىلا دادىسى ئۇنى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىقققا ئالدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئورىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا نامازنىمۇ خاتىرجەم ئوقۇغىلى بولمايدۇ. ئەنە ئۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەن نۇرئىمانگۈلنى كۆردىغۇ؟ ئۇ قىزنىڭ ئائىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا ھېچقانداق بېسىم قىلمىغان، پەقەت ئۆزى شۇنچە يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەت قىلمىسام ئوقۇغىنىم بىكارغا كەتمەمدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالغانىدى. ياغلىقنى كەينىمدىن چىگىپ، ياقىسى ئۆرە كىيىملەرنى كىيىپ ئەۋرەتلىرىمنى ئاچماي تۇرۇپ خىزمەت قىلىمەن، دېگەنىدى. ئاقىۋەت قانداق بولدى، ئاۋۋال كىيىملىرى قىسقىراپتۇ، ئاندىن ياغلىقى يوق بوپتۇ، ئاخىرىدا نامازنىڭمۇ تايىنى قالماپتۇ. ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئامىنە بىخەۋەر.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خىزمەت قىلىش، پۇل تېپىش ئۈچۈنلىمۇ؟ ئەلۋەتتە ياخشى شارائىت بولسا خىزمەت قىلىش، جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ياخشى ئىش. لېكىن ئىبادەت بىلەن خىزمەت تاقىشىپ قېلىۋاتقاندا ئەجىبا ئىبادەتنى تاشلاپ خىزمەتنى تاللامدۇق؟ ئامىنە بۇنداق قاراشنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايتتى. ئۇنىڭ ھەم ئەر-ئاياللار بىللە ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇسىمۇ يوق ئىدى. ئۆتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىدە بىر شىركەتتە پراكتىكا قىلىش جەريانىدا ئۇ يەردىكى بۇزۇقچىلىق، ھاياسىز پاراڭلاردىن بىئارام بولۇپ تەتىلنى ناھايىتى تەستە توشقۇزغانىدى.
ئامىنە خېلى ۋاقىتتىن بۇيان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دىنىي بىلىم ئېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتى. لېكىن ھازىر نەدە ئۇنداق شارائىت بار؟ دادىسى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈنغۇ ئانچە-مۇنچە پۇل بەردى، لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دىندا ئوقۇيمەن، دېسە ئۇنىڭغا بىر سىنىتمۇ بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇنى تىللاپ، شۇنداق خىيالنى قىلغىنى ئۈچۈنمۇ تويغۇزىۋېتىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتەلمەيدۇ. ئۇ چوقۇم تىرىشىپ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ياشايدۇ…
شۇنىڭدىن كېيىن ئامىنە كۆپ جايلار بىلەن ئالاقىلەشتى، ئاخىرىدا لەنجۇ شەھىرىدە بىر مەسچىتتە ئەرەب تىلى ئۆگەندە ئۈنۈمى ياخشى ھەم ئەرزان بولىدىغانلىقىنى بىلىپ شۇ يەرگە بېرىش قارارىغا كەلدى. ئويلىغىنىدەك، دادىسى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىنى ئۈزۈپلا تاشلىدى. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ پەقەت بىر ھەدىسى بىلەنلا ئالاقە قىلىپ يۈرەتتى. پەقەت ھەدىسىلا ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە ياردەم قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى.
شۇنداق قىلىپ ئامىنەنىڭ ئوقۇشىمۇ پۈتتى. مېھرىئاي پەقەت ئامىنەنىڭ بىر مەزگىل لەنجۇدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەنلىكىنى، كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەنلىكىنىلا بىلەتتى. ئۇنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى، ئائىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. قىشلىق تەتىلگە قايتىشتىن بۇرۇن ئۇ دىلنۇردىن سوراپ ئامىنەنىڭ تېلىفون نومۇرىنى تاپتى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشۈشكە كېلىشتى.
ئۇلارنىڭ كۆرۈشمىگىنىگە بىر يېرىم يىل بولۇپ قالغانىدى. ئىككىيلەندىلا ئۆگىرىش چوڭ ئىدى: مېھرىئاي بۇرۇنقىدىن ئورۇقلاپ، چىرايلىرى سەل تارتىلىپ قالغان، لېكىن يەنىلا بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ئىدى، ئوخشىمايدىغان يېرى بۇرۇنقى تۈرگۈنلىكى ئېغىر-بېسىقلىققا ئۆزگەرگەنىدى. بۇرۇنقىدەك كىمنىلا كۆرسە تارتىنىپ قىزىرىپ ئولتۇرمايتتى. ئامىنە بولسا توي قىلىپ بولغان ئاياللاردەك چوڭ سۈپەت كىيىنىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ مىجەزىمۇ ئۆگىرىپ ئوچۇق مىجەزلىك بولۇپ قالغانىدى.
–نېمانداق چوڭ سۈپەت بولۇپ كەتتىڭىز؟–دېدى سالام ۋە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن مېھرىئاي، ئالدىدىكى چاينى ئوتلىغاچ،–ھېلىقى چېچىڭىزنى ئىككى ئۆرۈۋالىدىغان ھالىتىڭىز تېخىچە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.
–چېچىم ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئۆسۈپ كەتتى. تۈگۈۋالمىسام يىغىشتۇرۇپ بولالمىغۇدەك بولۇپ كەتتى.
–ھازىر تېقىمىڭىزغا چۈشكەندۇ؟
–ئاز قالدى، توينىڭ ئالدىدا ئازراق كەستۈرىۋېدىم…
–توي؟!–مېھرىئاي قولىدىكى پىيالىنى ئىتتىك ئۈستەلگە قويدى،– سىز توي قىلدىڭىزما؟ بىزگە دېمەيلا توي قىپسىزغۇ!؟
–سەل تۇيۇقسىز بولۇپ قالغانىدى. يەنە كېلىپ سىلەرنى ئاڭلىسا نېمە دەركىن، دەپ…
–نېمە دەيتتۇق؟ رەسۇلۇللاھ توي قىلىڭلار، ئىمانىڭلار پۈتۈنلىنىدۇ، دېگەن ئەمەسمۇ! ئەلۋەتتە سىز ئۈچۈن خوشال بولىمىز-دە. يەنە نېمە دەيتتۇق؟
–قاراڭ، بۇ تويغا جىق ئادەملەر نارازى بولدى. ئىشقىلىپ ئۆزەمدىن باشقا ھېچكىم رازى بولمىدى دېسەممۇ بولىدۇ. دادامدىن رازىلىق سورىسام مەن سېنى بالىلىرىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەن، كىم بىلەن قىلساڭ قىل، دېدى. نەچچە كۈن يىغلىدىم، كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى. ئاخىرى ئامالسىز يېقىن-يورۇقلاردىن نەچچىنى چاقىرىپلا نىكاھ قىلدۇردۇق.
–قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟
–تېخى ئەمدى بىر ئايدىن ئاشتى.
–خەپ سىزنى. تەتىل بولغۇچە ساقلاپ تۇرغان بولسىڭىز، بىز كېلىپ تويىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىپ بېرەتتۇق ئەمەسمۇ! ئەجەب ئالدىراپسىز.
–سىلەر كەلگەن بولساڭلار چوقۇم ئۇ توينى قىلىشىمغا قوشۇلمايتتىڭلار.
–نېمىشقا ئەمدى؟
–سىلەر چوقۇم كۈيئوغۇلنى ياقتۇرمايتتىڭلار.
–نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟
–ئەمىسە مەن سىزگە ئۇ توغرىلىق سۆزلەپ بېرەي، ئوبدان ئاڭلاڭ ھە!
–تاماقمۇ سوۋۇپ قالمىسۇن، تاماقلاردىن ئالغاچ ئەمىسە.
مېھرىئاي يېمىگىنىگە ئۇزۇن بولغان، ئۆزى تولىمۇ ياقتۇرىدىغان لەڭپۇڭنى ئالدىرىماي يېيىشكە باشلىدى. ئامىنەمۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى باشلىدى:
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىل بەكمۇ قىينالدىم. ھەتتا يېنىمدا بىرەر تىيىن پۇل قالماي كۈنلەپ ئاچ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. لېكىن دىنىي بىلىم ئېلىش ئىرادەمدىن يانمىدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تونۇشۇم ناھايىتى تەقۋا بىر كىشىنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ ناھايىتى پۇلدارلىقىنى، بىزگە ئوخشاش قىيىن كۈندە قالغانلارغا ياردەم قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. مېنىڭ يات بىر ئەر كىشىدىن ياردەم سورىغۇم كەلمىدى. شۇڭا رەت قىلدىم. بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇرسام ئۇ كىشى ئۆزى تېلىفون قىپتۇ. ئەھۋالىمنى ھېلىقى تونۇشۇمدىن بىلگەن ئىكەن.
–ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بۇ ھەق يلنى تاللاپسىز. بۇ يولدا مېڭىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەزىيەت چېكىپسىز، بۇنى ئاڭلاپ سىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. نەجمىدىندىن ئاڭلىسام ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە قىينىلىپ قالغان ئوخشايسىز. ئەگەر خالىسىڭىز مەن سىزگە ئازرقا ياردەم قىلسام،–دېدى تېلىفوندا.
بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. دېمىسىمۇ ھازىر ئىتقىسادىي جەھەتتە ئوبدانلا قىينىلىۋاتاتتىم. ھەدەم ئاندا-مۇندا پۇل ئەۋەتىپ بەرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقاندا ئىقتىسادىي مەنبەيىم يوق ئىدى. لېكىن بۇ كىشىدىن قەرز ئالسام ئۇنى قانداق قايتۇرۇپ بولىمەن، دەپ ئويلىدىم. ئۇمۇ خۇددى ئىككىلىنىشلىرىمنى بىلىپ قالغاندەك گېپىنىڭ كەينىگە قوشۇپ قويدى:
–مەنمۇ بۇرۇن ئىقتىسادتىن بەكمۇ قىينالغان. كېيىن باشقا بۇرادەرلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قاشتېشى سودىسىغا كىرىشىپ قالدىم. ئاللاھ بەرىكىتىنى بەردى، سودام ناھايىتى تېزلا يۈرۈشۈپ كەتتى. ھازىر مەن تۈگۈل بالىلىرىم يېتىپ يېسىمۇ يەتكۈدەك مال-دۇنيايىم تۇرۇپتۇ. كاللامدا پەقەت ئاللاھ بەرگەن مۇشۇ نېئمەتنىڭ ھەققىنى قانداق ئادا قىلىمەن، دېگەن خىياللا بار. سىڭلىم، تارتىنماڭ، قايتۇرسىڭىز قايتۇرۇڭ، قاچان قايتۇرسىڭىز مەيلى. ئەگەر قايتۇرالماي قالسىڭىزمۇ مەن رازى.
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا ئالدىرىماي قايتۇرۇپ بېرىدىغانغا قەرز ئالىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. ئۇنىڭغا ھۆججەتمۇ يېزىپ بەردىم. شۇندىلا كۆڭلۈم سەل ئىزىغا چۈشتى. قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، بىر ئامال بىلەن بۇ قەرزنى قايتۇرىمەن، ھېچ بولمىغاندا توي قىلغاندا مەھرى ھەققىمنى بېرىمەن، دەپ ئويلايتتىم.
ئوقۇشۇم كۆڭۈلدىكىدەك داۋاملىشىۋاتاتتى. كېيىن ئۇستازىم ماڭا كىچىك بالىلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويۇشنى، ماڭا ئەرەب تىلى دەرسىنى ھەقسىز ئۆتۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنچىلىك خوشال بولدۇم، ئۆزەم مەسچىتنىڭ ھويلىسىدا تۇراتتىم، شارائىتىمىز دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ ئۆزىمىزنى مۇجاھىتلاردەك ھېس قىلاتتۇق، كەيپىياتىممۇ ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.
شۇ چاغلاردا ئۇ كىشى دائىم تېلىفون قىلىپ، ئەھۋال سوراپ تۇراتتى. مەن دەسلەپتە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىم ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇغۇ، دەپ ئارتۇقچە ئويلاپمۇ كەتمىگەن ئىكەنمەن. بىر كۈنى يەنە تېلىفون قىپتۇ، بىردەم ئەھۋال سورىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق سۆلىدى. مەن پاراڭ ئارىلىقىدا «ھاجىكا» دېيىشىمگە جىممىدە بولۇپ قالدى. مەن ئەزەلدىن شۇنداق چاقىراتتىم. بۇ قېتىم نېمە بولغانلىقىنى ھېچ بىلەلمىدىم.
–ئامىنە، مېنى بۇندىن كېيىن ھاجىكا، دېمىسىڭىز، بولامدۇ؟
–ئەمىسە سىلىنى نېمە دەپ چاقىرىمەن؟–دېدىم ھەيران بولۇپ.
–ھاجىم، دەپلا چاقىرىڭ، بولمىسا ئىسمىمنىلا ئاتاڭ….
ئۇنى پەقەت ھىماتچىم، ئېغىر كۈنلەردە ياردەم قىلغان ئاكا يوللۇق قېرىندىشىم، دەپلا بىلەتتىم. ئۇ توغرۇلۇق ھېچقانداق خىيالدا بولۇپ باقمىغانىدىم، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم. ئەجىبا، ئۇ كىشى ماڭا باشقىچە نىيەتتە بولۇۋاتقان بولسا ھە؟ مەن بىلمىگەنگە سېلىۋالايمۇ؟ لېكىن بۇنداق قىلسام قانداق بولار؟
شۇندىن كېيىن نېمىشقىدۇر، ئۇنى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ تېلىفون قىلسىمۇ ئىككىلىمىز دۇدۇقلاپ دېيەرگە گەپ تاپالماي قالىدىغان بولۇپ قالدۇق. تېلىفونۇمدا ئۇنىڭ ئىسمى كۆرۈنۈشى بىلەنلا ئىختىيارسىز يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، يۈزلىرىم قىزىرىپ كېتەتتى. بۇرۇن دائىم دەيدىغان « ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ»، «سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ» دېگەندەك گەپلەرمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر تۇيغۇغا چۆمدۈرىۋېتەتتى.
نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ماڭا توي قىلىش تەكلىپىنى قويدى. دوستۇم، شۇ چاغدا قانچىلىك خوشال بولغىنىمنى بىلمەيسىز. مەن ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم! گەرچە ئۇ مەندىن ئون ياش چوڭ بولسىمۇ، تۈزۈك مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەقۋالىقى، سەمىمىيلىكى مېنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. بىر مەزگىل ئويلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم. كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. تويىمىز بولدى….
مېھرىئاي بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. قىزىق ئىش، مۇشۇنداقمۇ توي بولامدۇ؟
–ئۇ كىشى سىزدىن ئون ياش چوڭ بولسا مۇشۇ كەمگىچە توي قىلماپتىكەنمۇ؟ يا ئاجرىشىپ كېتىپتىمىكەن؟–مېھرىئاي گۇمان بىلەن سورىدى.
–تاماقلار سوۋۇپ قاپتۇ، پاراڭ بىلەن بولۇپ تاماقلارنىمۇ يېمەپتۇق مانا. ئېلىڭە تاماق يەيلى،–ئامىنە خۇددى مۇشۇ سوئالنىڭ چىقىشىنى ئويلاپ تەييارلىق كۆرگەندەك، دەرھاللا گەپنىڭ تېمىسىنى بۇرىۋەتتى.
مېھرىئاي يەنە داۋاملىق سوراۋېرىشتىن خىجىل بولدى. لېكىن ئۇ نېمىشقىدۇر ئامىنەنىڭ خوشاللىقىغا جۆر بولالمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بىر يامانلىقنى تۇيغاندەك بولۇۋاتاتتى…..
[p align=center](8)[/p]
ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتمەيلا مېھرىئاي ئامىنەدىن كەلگەن تېلىفوننى قوبۇل قىلدى. سالام-سائەتلەردىن كېيىن ناھايىتى چۆچۈگەندەك تەلەپپۇزدا «ھە؟!!!» دېدىيۇ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى.
–ھەدە، نېمە بوپتۇ؟ دەڭە!—دېدى ئايبۇلاق ھەدىسىگە قاراپ جىددىلىشىپ.
–ئامىنەنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىپتۇ،–دېدى مېھرىئاي پەس ئاۋازدا.
–سىز بىلەن ئالدىنقى كۈنى كۆرۈشكەندە سىزگە بويۇمدا بار دېگەنمىدى؟ سىز ئەجەب ئۇنداق گەپ قىلمىغانغۇ؟
–ئۆزىمۇ بىلمەپتىكەن….
–نەدىكەن؟ بىز بېرىپ يوقلاپ كېلەيلى.
ئۇلار دەرھال كىيىملىرىنى كىيىشىپ مومىسىنىڭ تاماق پىشتى، نەگە بارىسىلەر تاماق ۋاقتىدا؟ دەپ توۋلاشلىرىغىمۇ قارىماستىن دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدى. مېھرىئاي بايا تېلىفوندا ئامىنە دېگەن گەپلەرنى ئويلايتتى، گېپىدىن قارىغاندا يولدىشى ئۇنىڭ سۆزىنى بېرىپتۇ. لېكىن نېمىشقا؟ ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا تېخى ئىككى ئايمۇ بولمىغانتىغۇ؟ پەقەت بىر ئايلا ئۆي تۇتۇپتۇ. ئاندىن يولدىشى خوتەندە ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قاپتۇ. تېلىفون قىلىپلا سۆزىنى بېرىپتۇ. توۋا! بۇ زادى قانداق ئىش بولۇپ كەتتى؟ ئاندىن ئامىنە ئىككى كۈنگىچە تاماقمۇ گېلىدىن ئۆتمەي يىغلاپ چىقىپتۇ، ئىككىنچى كۈنى كەچ تەرەپتە بويىدىن ئاجراپ كەتكەندىلا ئەسلى بويىدا بارلىقىنى بايقاپتۇ.
ئۇنى شۇنداق تەقۋا كىشى دەپ سۈپەتلىگەن ئىدىغۇ؟! ئۇنىڭ بىر مەزلۇمنى مۇشۇندان ۋەيران قىلىشىغا، مۇشۇنداق بوزەك قىلىشىغا نېمە سەۋەبچى بولدى؟ …. دىلنۇر خىياللىرىنىڭ ئاخىرىنى ئۇلىيالمىدى. پەقەت ئۇ ئۆزىنى ئەنسىرىگەن ئىش بولۇپ قېلىشىدىنلا ئەنسىرەيتتى.
ئۇلار دوختۇرخانىغا كىرگەندە ياشقا چوڭراق بىر سېمىز ئايال ئامىنەنىڭ بېشىدا پىقىراپ يۈرەتتى. ئامىنەنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن ئىششىغان، كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە جىممىدە، ئولتۇراتتى.
–ئازراق بولسىمۇ تاماق يەڭ دەيمەن. ماۋۇ بالا نېمانداق قىلىدىغاندۇ؟–ھېلىقى ئايال تاماقنى زورلاپ جىلى بولاتتى. ئاندىن ئامىنەگە دوق قىلغاندەك، قاچىنى ئۈستەل ئۈستىگە تاققىدە قويدى.
–ئوھۇش خېنىم! قانداق ئەر سارىڭى سەن؟ ئەر دېگەن بىرى كەتسە بىرى كېلىدۇ! ئەينى چاغدا تەگمە، ياپياش قىز بالا، ئۆزەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، چىرايىڭمۇ بىر ئوبدان بولغاندىكىن ئۆزەڭگە لايىق ياش بالىدىن بىرنى تېپىپ ئۆي تۇت، دېسەم، مۇشۇ ئادەم تەقۋاتى، ئاقتى، كۆكتى، مېنى ئاسرايتتى، دىلىمغا ئازار بەرمەيتتى، دەپ ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئۆزەڭ خالاپ تەگدىڭ. ئەمدى نېمە ماڭا ئەركىلەپ بېرىسەن؟ تاماقنى يە دېگەندىكىن يېگىنە ئىچىمنى سىقماي!
ئايالنىڭ تەلەپپۇزىدىن خاپا بولغاندەك بىلىنسىمۇ، بىر يەرلىرىدىن كۆيۈنۈۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. «ئىككىنچى خوتۇن؟!» دېدى ئايبۇلاق چۆچۈپ. مېھرىئاي «گەپ قىلماڭ!» دېگەن مەنىدە بىر بارمىقىنى لېۋىگە قويدى ۋە ئايبۇلاقنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۇنى نېرىراق تارتىپ ئەكەتتى.
–قاراڭ، بىز ياتاققا كىرگەندە ئارتۇق گەپ سورىمايلى. ئامىنە ئۆزى دېگۈسى بولسا دېسۇن، بولمىسا بىزمۇ جىم تۇرايلى، ماقۇلمۇ؟ مەن زادى ئۇنىڭ تويى مۇشۇنداقراق تويمىكىن، دەپ گۇمان قىلغان، ئويلىغىنىمدەك چىقىپتۇ. ئى ئاللاھ! بۇ قىزغا ئۆەڭ سەبر ئاتا قىلغايسەن!
ئۇلار كەينىگە يېنىپ ياتاققا كىرىشتى. ئامىنە ئۇلارنى كۆرۈپلا لەۋلىرى ئۈمچىيىپ، كۆزلىرى باشقىدىن نەملىنىشكە باشلىدى.
–يوقلاپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت. بەك خوش قىلىۋەتتىڭلار مېنى. تۈنۈگۈندىن بېرى يالغۇز بەك زېرىككەنتىم بۇ يەردە،–دېدى بوغۇقراق ئاۋاز بىلەن. تولا يىغلاپ ئاۋازىمۇ پۈتۈن كەتكەنىدى.
–يالغۇز دەپ كەتكىنىنى! مەن تۈنۈگۈننىڭ ياقى ئېشەك باقتىممۇ بۇ يەردە!—دېدى ھېلىقى ئايال كۈلۈمسىرەپ،–ھە ئەمدى دوستلىرىڭىزمۇ كەلدى. ناز قىلماي ماۋۇ ئاشتىن ئىككى قوشۇق ئىچىڭ، ماقۇلمۇ؟
ئامىنە ئۇ ئايال ئۇزارتقان قاچىنى قولىغان ئېلىپ بىر قوشۇق ئاشنى زورلاپ لېۋىگە تەڭلىدى. لېكىن ئاش ئۇنىڭ گېلىدىن ھېچ ئۆتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ئارىنى بىر ئاز سۈكۈنات باستى. بىردەمدىن كېيىن ئايبۇلاق زادىلا چىدىيالمىدى.
–ئامىنە ھەدە! ئۇ ئادەمنىڭ تېلىفون نومۇرىنى دەڭە! ئۆزەم بىر تېلىفون قىلاي! نېمانداق جېنىمنى چىقىرىدۇ؟
–بولدى، تېلىفون قىلسىڭىزمۇ ئالمايدۇ بەرىبىر. مەن نەچچە قېتىم تېلىفون قىلغانتىم، پەقەت ئالغىلى ئۇنىمىدى.
–مەن قىلىپ باقاي قېنى. نېمە گېپى باركەن، بىر ئاڭلايلى. ئالسا ئالسۇن، ئالمىسا ئالغۇزىدىغان ئامال چىقىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭە.
ئايبۇلاق ئامىنە بەرگەن تېلىفون نومۇرىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
ئىككىنچى ئاينىڭ باشلىرى، گۈركىرەپ چىقىۋاتقان شامال ئايبۇلاقنىڭ تېنىنىلا ئەمەس، قەلبىنىمۇ مۇزلىتىپ باراتتى. ئادەملەر نېمە دېگەن مۇرەككەپ؟ باشقىلارنىڭ بەختىگە مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ يۈرەكلىرى پىژژىدە قىلىپمۇ قويمامدىغاندۇ؟ ئەگەر بۇ جاھاندا ئۆزىنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرىدىنمۇ مۇشۇنداق يامانلىق كۆرىدىغان ئىش بولسا مەڭگۈ مەكتەپنى پۈتتۈرمەي، جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيلا ئۆتۈپ كەتكەن تۈزۈككەن…
–ۋەي، كىم بولىسىز؟–قارشى تەرەپتىن ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
–ۋەي، سىز ئابدۇۋەلىما؟
–ھە، مەن ئابدۇۋەلى ھاجىم.
–ۋىيەي، قاچاننىڭياقى مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىڭىزنى ھاجىم دەپ ئاتايدىغان بولۇۋالدىڭىز؟
–كىم بولىسىز؟ ھېچ تونىيالمىدىمغۇ؟
–توۋا! مېنىمۇ تونۇمىغان گەپما؟ ئۇنداق ئەمەستۇ ھاجىم! يېقىننىڭياقى بەك جىق قىزلار بىلەن تونۇشۇپ كېتىپ بارامسىز نېمە؟
–ۋاي راستلا بىلمىدىم. سىز كىمۇ؟
–خوتۇنىڭىزنىڭ يېنىدىمۇ نېمە؟ نېمانداق تىلىڭىزنى چاينايسىز؟
–ياقەي، خوتۇنۇم دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتىكەن…
–ھە، كېسەل بېقىۋاتىمەن دەڭ!
–ياقەي، مەن كېسەل بېقىپ يۈرەمدىمەن! كۈندە بىرەر قېتىم يوقلاپ قويمىسام بولماس.
–ئۈرۈمچىگە قاچان كېلىسىز؟
–بىلمىدىم. ئەتە-ئۆگۈننىڭ ئىچىدە قايتىپ بارارمەنمىكىن؟
–ئەمىسە كەلسىڭىز تېلىفون قىلىڭ. ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ!
تېلىفوننى قويۇپ ئايبۇلاقنىڭ كۆڭلى بەكلا بىئارام بولدى. بىر تەرەپتىن بايام ئۆزىنىڭ قىلغان قىلىقىغا ئىچى پۇشسا، بىر تەرەپتىن ئامىنە «تەقۋا» دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خوتۇنپۇرۇش بۇزۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىغا ئىچى پۇشتى. ئەگەر راستلا يۈرىكىدە ئازراق ئىمانى بار ئادەم بولسا بىر ناتونۇش قىز تېلىفوندا نايناقشىپ بەرسە، ئۇكام، كىم بولىسىز؟ ئىشىڭىز بولمىسا ئاۋارە قىلماڭ مېنى! دەپ تېلىفوننى ئۈزۈۋېتەر ئىدى. كىم بىلىدۇ؟ ئەتە-ئۆگۈن مەخسۇس مۇشۇ «ناتونۇش جانان» بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قايتىپ كېلەمدۇ؟ ھەي بىچارە قىز! ئەجىبا سىز ئۇنىڭ مۇشۇنداق مىجەزىدىن قىلچە خەۋەرسىز قالغانمۇ؟ ياكى كۆرسىڭىزمۇ قەلبىڭىزدىكى ئاشۇ خاتالىق ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت سىزنىڭ كۆزىڭىزنى كور قىلىپ قويغانمۇ؟
ئۇ ئامىنەگە نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەي سىرتتا بىردەم تۇردى. كارىدورنىڭ بېشىدىكى دەرىزە قىيا ئېچىقلىق بولۇپ شاماك ئۇنىڭ يۈزلىرىگە تېگىپ تۇراتتى.
–ئۇ ئادەم ئەتە-ئۆگۈننىڭ ئىچىدە يېنىپ كەلگۈدەك. كېلىپ سىز بىلەن يېنىشىمەن دەيدۇغۇ!
–راستما؟–مېھرىئاي بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئامىنەنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى.
–سىز شۇنداق بولۇشىنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟ ئۇ نېمىدەپ سۆزىڭىزنى بەرگەن؟
–ئايالى بىزنىڭ نىكاھىمىزنى بىلىپ شۇ قىزنى قويۇۋەتمىسەڭ مەن ئۆلىمەن، دەپ تەھدىت ساپتىكەن. يەنە كېلىپ ئۇ ئايالنىڭ يۈرەك كېسىلى باركەن، كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتىكەن….
–ھە، مۇنداق دەڭ! ئۇ سىز بىلەن نىكاھ قىلدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئايالىنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنما؟
–ئايالىم بەك تەقۋا، بىلسىمۇ ھەرگىز قارشى تۇرمايدۇ، دېگەنتى.
–ئامىنە، سىزگە ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي،–دەپ سۆزىنى باشلىدى ئايبۇلاق،–ھازىر جاھاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ، خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن، ھىندۇنېزىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان دۆلىتى. ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ھالى ناھايىتى خاراب، بەكمۇ كەمبەغەلچىلىكتە ياشايدۇ. ھازىر ئۇ دۆلەتكە خىرىستىيان مىسسىيونېرلىرى شۇنچىلىك كۆپ بېرىپتۇكى، ئۇلارنىڭ دەۋىتى كۈچىيىپ ھەتتا كوچا-كويلاردا، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا خىرىستىيانلاشتۇرۇشقا يېتىپ بېرىپتۇ. ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدىكى بەزى دەۋەتچىلەر مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بايلاردىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم سورىغان. لېكىن بايلار ھەجگە كەلگەن ھاجىلار ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە رازىكەنۇ، بۇنداق ئىش ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالىمايدىكەن. ئويلاپ كۆرۈڭە، مۇشۇ ئىككى ئىشتىن قايسىسى مۇھىم؟
بۈگۈنكى كۈندە بىز مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدا شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى ئىزدىمەيمىز. بىر نەرسىنى قىلايمۇ، قىلمايمۇ دەپ ئىككىلەنسەك ئاللاھ قايسىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ئەمەس، مەن قايسىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن، دېگەننى ئويلايمىز. مۇشۇ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئىش، لېكىن بۇ سۈننەتمۇ ئەمەس، پەرزمۇ ئەمەس. رەسۇلۇللاھ ھېچقاچان خوتۇننى جىق ئالغانلار تەقۋالار، دېمىدى. ئاللاھ سۇبھانا ۋە تائالامۇ «بىرى بىلەن كۇپايىلىنىشىڭلار زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر» دېدى. لېكىن نېمە ئۈچۈن پۇل تاپقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مانچە خوتۇن ئالغۇسى كېلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇسۇلمانلار يوق! ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى يوق ياكى ناھايىتى ئاجىز! ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئاجىزەلەرگە ھامىي بولۇپ كېلىۋاتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا. بىزگە ئۇستازىمىز بىر كىشىنى تونۇشتۇردى. ئىككى پۇتىنى باشقىلار ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكەن ئىكەن. باشقىلارغا دىنىي دەرس بېرىپ كېلىۋېتىپتۇ. ھەرقانداق ئېغىر شارائىتتىمۇ چېكىنمەپتۇ. ئاخىرى بىر قىز ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى خالاپتۇ. يىگىتنىڭ پۇلى بولمىغاچ دادىسىدىن قالغان بىردانە قۇرئانى كەرىمنى تويلۇقى قىپتۇ. قاراڭ! نېمىدېگەن بەختلىك بىر جۈپلەر! تويدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خۇددى ساھابىلارنىڭ تۇرمۇشىدەك يوقسۇز، لېكىن تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتۇ. سىناقلار بېشىغا كېلىۋېرىپتۇيۇ، ئۇلار زادىلا چېكىنمەپتۇ. ئۇ ھاجىمغا سېلىشتۇرۇپ بېقىڭە! دۇنيا تاپقان ئادەم شۇنداق ھوشىنى بىلەلمەي قالامدۇ؟ ئۇ ئايال ئۇنىڭ ئايالى بولسا سىز نېمىسى؟ سىزمۇ ئايالىمۇ ياكى ئاشنىسىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئايال مەن ئۆلىمەن، دېگەندە ئۇ سىزنى ھېچ ئىككىلەنمەيلا نېرى تۇر، دېيەلەيدۇ؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : بىر كىشىنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك كىشىنى تاشلىۋەتكەنلىكى ئۇنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا يېتەرلىك بولدى، دېمىدىمۇ؟
سىز بۇنداق ئادەم ئۈچۈن قايغۇرماڭ. سىزگە راستنى ئېيتاي، مەن بايا تېلىفوندا ئۇ كىشىگە ئۆزەمنىڭ سىزنىڭ دوستىڭىز ئىكەنلىكىمنى ئېيتمىدىم. ئازراق ئەركىلەپ گەپ قىلىپ قويسام، سەن كىممۇ دەپ قويماستىن مەندىن بەكرەك غىلجىڭلاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ كىشىنى سىز «تەقۋا» دەپ سۈپەتلەپسىز. ئاللاھۇ تائالا قۇرئانى كەرىمدە قانداق كىشىلەرنى «مۇتتەقى» دەپ تەسۋىرلىگەن، بىلەمسىز؟ مۇشۇنداق شەھۋانى نەپسى ئۈچۈن ئىمانىنى ساتىدىغان، ھىيلە بىلەن نەپسىنى قاندۇرىدىغانلارنىمۇ؟ مىليونلاپ پۇل تاپقان ئادەمنىڭ بىرەرىگە نەچچە مىڭ يۇەن پۇل بەرگىنىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىڭىزمۇ؟ ئۇ مەيلى ھەممىنى سەدىقە قىلسىمۇ بۇنى ئۇنىڭغا ئاللاھ بەرگەن! ئۇ تەقۋا ياكى مۇئمىن دېگەن نامغا ئەسلا لايىق ئەمەسكەن!
بايا مەن ئۇ سىز بىلەن يارىشىدىغان بولدى، دېسەم سىز شۇنچىلىك خوشال بولدىڭىز. سەبر دېگەن قانداق نەرسە؟ سىزنىڭ ئۆيىڭىز بىر ئاپەتتە ۋەيران بولدى. نەتىجىدە ھۆكۈمەت سىزگە ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى پۇل بىلەن تۆلەم بەردى. سىز«ئۆيۈم ئەجەبمۇ ياخشى ۋەيران بوپتىكەن..» دەيسىز. مانا بۇ سەبر. ئاللاھ بىزگە بىز يوقاتقاندىن يۈزلەپ ھەسسە ياخشىسىنى بېرىدۇ. بولدى ئەمدى ئۇ كىشىنى ئىزدىمەڭ. كۆڭلىڭىزدىنمۇ چىقىرىۋېتىڭ. ئاللاھ سىزگە سەبر ئاتا قىلسۇن. ئىقتىساد جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان بولسىڭىز بۇنىڭ ئامالىنى قىلايلى. لېكىن ئەمدى ئۇ كىشى ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يۈرمەڭ…
ئامىنە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى. توغرا، ئايبۇلاقنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاساسى بار. لېكىن ئۇنتۇش شۇنچە ئاسانمۇ؟ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدۇ. توي قىلىپ ئۇھ، دەرمەن، دەپ ئويلىۋېدى، بۇنداق نەتىجە چىقىشىنى ئۇ نېمە بىلەتتى؟ كۆڭلى بۇزۇلدى، يىغلىدى، خۇددى ھەممە دەردىنى يىغلاپ تۈگەتمەكچى بولغاندەك. يىغلاۋېتىپ بۇ قازاغا باش ئەگمىگەنلىك بولارمۇ، دەپ ئەنسىرەپ توختىدى. بىر ئازدىن كېيىن يەنە يىغلىدى، يەنە توختىدى…
شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە قار ياغدى. ئايبۇلاق بىلەن مېھرىئاي كوچىدا بىردەم ماڭدى. بىر-بىرىنىڭ چىرايىغا قارىمايتتى. گەپمۇ قىلىشمايتتى. بىر ھازادىن كېيىن ئايبۇلاق يىغلامسىراپ تۇرۇپ ھەدىسىگە قارىدى:
–ھەدە، تاكسىغا چىقايلى، بەك توڭۇپ كەتتىم.
مېھرىئاينىڭمۇ يۈزلىرى ياش بىلەن يۇيۇلغانىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدى. ئاسمان قاپقارا. ئادەملەر ئاسماننى مەينەت قىلىۋەتتى، كىچىكىدە يەيدىغان ئاپئاق قارلار ھازىر يوق. كىچىكىدىكى غۇبارسىز چاغلار ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن. ئۇ قولىنى قارغا تەڭلىدى، قولىغا قاپقارا ئىسلار بىلەن بۇلغانغان قارلار چۈشتى-دە، بىردەمدىلا ئېرىپ قوللىرىنى يۇندا قىلىۋەتتى. مېھرىئاي قارغا قاراپ تۇرۇپ يىغلىۋەتتى، كۆزى بىلەن ئەمەس، يۈرىكى بىلەن يىغلىدى. ئايبۇلاق ھەدىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى، ئىككىيلەننىڭ مۈرىلىرى ئۆكسۈشتىن تىترەپ تۇراتتى. يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ئۇلارغا ھەيرانلىق بىلەن قارايتتى. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلايدىغانلىقىنى ھەتتا ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئاغزىدا مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان كىشىلەرگە زىيادە ئىشىنىپ بەختى چىگىلگەن دوستى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى دوستى بىلەن ئوخشاش كۈلپەتكە قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئۆزى ئۈچۈنمۇ….
دىلنۇر ئامىنەنىڭ ئىشىنى ئاڭلاپ يىغلىدى، يۈرىكىدىن چىقىرىپ ئۆسۈپ يىغلىدى. ئۇلار جەمئىيەتنى تېخى چۈشەنمەيتتى. ئۇلار كۆپ ئاياللىق بولۇش ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئىش، بۇنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق. باشقا ئاياللار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، بالىلارنى تەڭ بېقىشىپ كۆپ ئەجىر ئالغىلى بولىدۇ، دەپلا ئويلايتتى. ئاياللار ئىچىدىكى ھەسەت، كۈندەشلىك…دېگەنلەردىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. ئامىنە توي قىلىشتىن ئىلگىرى دىلنۇرغا مەسىلىھەت سالغان، دىلنۇر تېخى ئۇنى قوللىغان ئىدى. ئۇ بۇنداق نەتىجە چىقىشىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ كۆرمىگەن ئىدى. كۆڭلىدە، بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، بۇنداق قىلساق بىزگە ماس كەلمەيدۇ، دەۋاتقان قىزلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ قويسۇن، دەپ ئويلىغان ئىدى، ئاللاھنىڭ قانۇنى ھەممىلا ئادەمگە ئوخشاش، دېگەننى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى ئىدى. لېكىن بۇنى ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىمانى كۆتۈرۈپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئۇ ئويلاپ يېتەلىسۇنمۇ؟!
ئۇ ئۆكسۈپ يىغلىدى. ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامىنەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن يىغلىدى. خۇددى ئامىنەنىڭ بەختسىزلىكىگە ئۆزى سەۋەبچىدەك ھېس قىلدى. يۈرىكىدە ئامىنەدىن قايتا-قايتىلاپ كەچۈرۈم سورايتتى.
دىلنۇرنىڭمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈشىگە ئازلا قالدى. ئۇمۇ باشقا ھەمشىرىلەرگە ئوخشاش ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشى ھەققىدە ئويلىناتتى. يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىش ئۇنىڭمۇ يۈرىكىنى پۇچىلايتتى:
يېقىندا ئۇنىڭغا بىر يۇرتداش قىز ئاكىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. ئاكىسى ھەقىقەتەن ھەر جەھەتتىن بىلىملىك، سۈننەتكە ئەگىشىدىغان ياخشى يىگىت ئىكەن. سىڭلىسىنىڭ ۋاستە بولۇشى بىلەن دىلنۇر ئۇ يىگىتنى خېلى ياخشى چۈشەندى. بۇ ئىش ئۈستىدە ئىستىخارە قىلدى، ۋە بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلىدى. لېكىن كىم ئويلىغان؟ بىر كۈنى ئۇ يىگىت تۇيۇقسىزلا سىڭلىسىغا مەن بۇنداق قىز بىلەن توي قىلالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئىكەن، دەپتۇ.
دىلنۇرنىڭ كۆڭلى لاسسىدە بولۇپ قالدى. ئەجىبا، ئاتا-ئانىسى ئىسلامنى چۈشەنمىگىنى ئۈچۈن دىلنۇرمۇ چوقۇم ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان يىگىت بىلەن توي قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئاتا-ئانىسى دۆلەت كادىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ چوقۇم دۆلەت كادىرى بولۇپ ئىشلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنىڭ بىر ھەقىقىي ياخشى مۇسۇلمان يىگىت بىلەن توي قىلىپ ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇش ھوقۇقى يوقمۇ؟
بۇ غەملەر ئوخشاشلا بىز ئالدىنقى بابلاردا فاتىمە، رۇقىيە ۋە رەنا قاتارلىق قىزلارنىڭمۇ غېمى ئىدى. ئۇلارغا يەنە قانداق چىقىش يوللىرى باردۇ؟
«باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن لىۋىيەدە شەرىئەت ئىلمىدە ئوقۇۋاتقان بىر يىگىت بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنىدۇق» دەپ يازغانىدى رۇقىيە مېھرىئايغا يازغان خېتىدە. « ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپتىكەن. نېمىسىنى دەي؟ ئۇلارنىڭ قارىشىچە مەن بەك كەمبەغەل ئىكەنمەن. ئۇلارنىڭ ئوغلى ئۇزۇن يىل چەت ئەلدە ئوقۇغانكەن، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىكەنمەن. كىمدىن قاقشاي؟ بىلەمسىز مېھرىئاي؟ ئەگەر مەن ئوغۇل بالا بولغان بولسام راۋۇرۇس ئوغۇل بالا بولاتتىم. ھازىرمۇ بەزىدە راۋۇرۇس يەرلەردە ئىشلەپ، ئازراق پۇل تېپىپ ئاندىن يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇشنى، چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى قازىنىپ مۇسۇلمان ھەمشىرىلەرنى كۆزگە ئىلمايۋاتقانلارنى ۋاھ، دېگۈزىۋېتىشنى ئويلاپ قالىمەن. لېكىن بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چەتنەپ تاپقانلىرىم ماڭا ئاخىرەتتە كىچىككىنە بولسىمۇ ئەسقاتامدۇ؟ سەبر قىلىمەن. ئاللاھ بەك ئۇلۇغدۇر، ماڭا ھامان بىر چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇ بالا سەبر قىلىپ تۇرۇڭ، ئاللاھ خالىسا مەن ئۆيۈمدىكىلەرنى چوقۇم قايىل قىلىمەن، دەيدۇ. ئۇ بالا ئۆزى ھەقىقەتەن ياخشى، تەقۋا بالا. لېكىن مېنىڭ شۇلارنىڭ گېپىنى ئويلىساملا ئەمدى ئۇ ئۆيگە كېلىن بولغۇم كەلمەيلا قالىدۇ….»
مېھرىئايمۇ ئېغىر ئۇھ تارتاتتى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە بولغاندا ئۇ چوقۇم خىزمىتى بار، كادىر ئائىلىسدا چوڭ بولغان يىگىت بىلەن توي قىلىشى كېرەك. لېكىن ئېتىقادچۇ؟ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەزەلدىن يىگىتنىڭ ئېتىقادىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىغان. ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ دوستلىرى قانداق قىلىدۇ….
ھەمشىرىلەرنىڭ غېمى تۈگەپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان، ئىنچىكە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە بېرىلىدىغان كۈنلىرى قاچانمۇ كېلەر؟….
[p align=center]
خاتىمە
[/p]
ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى، ھەممە ئەتراپ چىرايلىق تۈسكە كىرگەن، مېۋە-چېۋە تۆكمە بولۇپ كەتكەن ۋاقىت ئىدى. فاتىمە، دىلنۇر، رەنا ۋە مېھرىئايلار ئۈرۈمچىدىكى زەمزەم تېز تاماقخانىسىدا كۆرۈشتى. بۇ دوستلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆرۈشمىگىنىگە بىر نەچچە يىل بولۇپ قالغانىدى.
–ئاداش، ئىككىمىز كۆرۈشمىگىلىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپتۇ جۇمۇ!—دېدى فاتىمە مېھرىئاينى قۇچاقلاپ. ئۇلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگىنىگە ئىككى يىل بولۇپ قالغانىدى.
–بىزچۇ! كۆرۈشمىگىلى ئۈچ-تۆت يىل بولۇپ قاپتۇ. توۋا، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بىر ئۆينى بېشىمىزغا كىيىپ قالدۇق. سىز ئانا بولۇپمۇ قاپسىز مانا!—دېدى دىلنۇر مېھرىئاينىڭ قولىدا يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بوۋاققا قاراپ،–نېمانداق ئوماق دەيمەن بۇ قىز! چىرايى ئاپىسىغىلا ئوخشاپتۇ. ئاپىسىدىن چىرايلىق بولامدۇ، نېمە؟

ئولتۇرۇپ تاماقلارنى بۇيرۇتۇشقاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلىشىشكە باشلىدى.
–سىلەرغۇ توي قىلىپ خاتىرجەم بولدۇڭلار،–دېدى رەنا پىيالىدىكى چاينى ئوتلىغاچ،–مەندە قانداق قىلارمەن؟ ئەجەب بېشىمغا غەم چۈشتى. ئالدىمغا كەلگەننىڭ بىرى ئۇنداق، بىرى بۇنداق، كۆڭۈلگە يارىغۇدەكتىن بىرى چىقمىدى. قانداقمۇ قىلارمەن؟ ئۆتكەندە شۇنداق ياخشى تەقۋا بىر بالا ئۇچرىغانتى، ئاپامغا دېسەم، سەن ئۈرۈمچىلىك تۇرۇپ خوتەنلىككە تېگەمتىڭ؟ ھېچبولمىسا شىمالنىڭ بىرەر يېرىدىن تاپ، جەنۇبقا كەتمە، دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى. بۇ ئاپامنى گەپكە كىرگۈزۈشكە يا مېنىڭ كۆزۈم يەتمەيدۇ. قانداقمۇ قىلارمەن؟ ئوقۇش پۈتتۈرگەننىڭ ياقى بۇ يەردە بىر شىركەتتە ئىشلەپ تۇردۇم. ئاپام ئىمتىھان بەر، ئاق قىل، كۆك قىل، دەپ كۆزۈمگە كىرىۋېلىپ ھېچ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. شىركەتنىڭ مۇئاشىنىڭ ئەسلى تايىنى يوق….ۋايجان بولدى قاقشىمايچۇ، دېسەم گەپ جىق…
–شۇ توي قىلغاننىڭ گېپىنى قىلماڭە،–دېدى فاتىمە،–ئايال كىشى زادى نېمىشقا توي قىلىدىغاندۇ؟ توي قىلغىلى مانا ئۈچ ئاي بوپتۇ، ھازىرلا بۇ تۇرمۇشتىن زېرىكتىم. ئاپامنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ كەلسەم چوڭ ئۆينى قارىغۇسىز قىلىۋېتىدۇ. مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈندە قېيىن ئاپا-قېيىن ئاتا بىلەن بىللە تۇرغان نەدە بار؟
دىلنۇر بىلەن مېھرىئاي بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرىشىپ قويدى.
–ھەي مېھرىئاي، سەن توي قىلىپ قاقشايدىغان ئىشىڭ يوقمۇ؟ سەن بەك رازى ئوخشىمامسەن تۇرمۇشۇڭدىن؟
مېھرىئاي بالىسىغا قاراپ قويدى، قىزى دۇنيانىڭ غەملىرىدىن خەۋەرسىز ئۇنىڭ قولىدا تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتاتتى. ئازراققىنە ئوچۇق ئاغزىدىن سۈت ھىدى پۇراپ تۇراتتى.

–ئاداش، تۇرمۇش دېگەندە كىمنىڭ غېمى، كىمنىڭ دەردى يوق؟–دېدى بىر ئازدىن كېيىن مېھرىئاي ئېغىز ئېچىپ،– بۇرۇن ھەرقېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا ئاللاھ خالىسا ياخشى، تەقۋادار بىر يىگىت بىلەن توي قىلسام، ئۆزەمگە چۇشلۇق تۇرمۇشۇم، ئۆزەمنىڭ ئۆيۈم بولسا، بالىلىرىم بولسا، ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلسام، ئىبادەتلىرىمنى ياخشى قىلسام، دەپ ئويلايتتىم. يىگىتلەر ئىمان يولىدا نېمە سىناققا دۇچ كېلىدۇ؟ ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن قىزلاردەك بولۇشى ناتايىن. ئوغۇل بالا دېگەن نامىزىنى ئوقۇپ سىرتقى قىياپىتىنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش قىلىپمۇ يۈرەلەيدۇ. لېكىن ئىمانى قەلبىدە كۆيۈۋاتقان، يۈرىكى «ئەھەدۇ» دەپ سوقۇۋاتقان ھەربىر ھەمشىرە چوقۇم ئەۋرەتلىرىنى يۆگەشنى تاللايدۇ، نەتىجىدە بىر قاراشتىلا ئەتراپتىكىلەردىن پەرقلىق بولۇپ قالىدۇ. باشقىلار ئۇلارنى بۈۋىم، روپاش، يەنە بىر نېمە دېگەندەك گەپلەر بىلەن مەسخىرە قىلىدۇ. ئائىلىدە ئاتا-ئانا، جەمئىيەتتە خىزمەت ۋە ئۆگىنىش بېسىمى تۈپەيلى سىناققا دۇچ كېلىپلا تۇرىدۇ. ئەسلى مەنچە ھەقىقىي ئېتىقادلىق يىگىت بىزنىڭ شۇ تارتقان جاپالىرىمىز ئۈچۈن بىزنى قەدىرلىشى، بىزنىڭ سىناقلار ئالدىدىمۇ تەۋرەنمەي سابات بىلەن تۇرغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىشى، بىزگە ياخشى ئىبادەت قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى، مانا بۇلارنى بىر ئاجىزەگە قىلغان ياردىمى ھېسابلاپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلىشى ياخشىراق ئىدى. لېكىن، يىگىتلەرگە بىزنىڭ بۇنداق تارتقان جاپالىرىمىز بەك ئادەتتىكىچە ئىش ھېسابلىنىدىكەن. بۇ دېگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، ماختاپ كەتكۈدەك، ئاھ ئۇرۇپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، دەپ ئويلايدىكەن. توغرا، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، لېكىن ھەم ماختاشقا تېگىشلىك ئىش. ئەگەر بۇ بەك ئادەتتىكىچە ئىش بولغان بولسا ئاللاھ مۇشۇنداق مۇسۇلمانلارنى ئىمانىدا راستچىل، دەپ ئاتاپ جەننەتنى ۋەدە قىلمىغان بولار ئىدى.توي قىلسىڭىزلا ھەممە مۈشكۈلچىلىك ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئىش يوق. ئائىلىنىڭ ھەم ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بولىدىكەن. لېكىن بۇ چاغدىكى مۈشكۈلچىلىكلەر ئاجايىپ بولىدىكەن. ئالدىڭىزدا مۇشۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەرمۇ، دەيدىغان بىر ئۈمىد يوق، ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا پاتقاندەك تۇرىدىكەن. ئاتا-ئانام بىلەن مۇناسىۋىتىم ھېلىقىدەك. ئۇلار مېنىڭ ئالدىراپلا توي قىلىۋالغىنىمغا، تويدىن كېيىن خىزمەت قىلماي ئۆيۈمدە تۇرغىنىمغا رازى ئەمەس.تۇرمۇشۇمدىمۇ ھەم ئۆزىگە چۇشلۇق باش ئاغرىقلىرىم بار…. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بويۇمدا قالدى. قىزىممۇ تۇغۇلدى. ھازىر ئەڭ چوڭ ئۈمىدىم مۇشۇ قىزىمنى ياخشى تەربىيىلەش بولۇپ قالدى. سەبر كېرەك. سەبر كۆڭۈلنى خۇش قىلىدۇ، ھەم ئىنساننى ئەجىرگە ئېرىشتۈرىدۇ. سەبر قازاغا رازى بولۇشلا ئەمەس، ئۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشتۇر. سەبر قىلايلى، ئاللاھ خالىسا كۈنلىرىمىز مۇشۇ دۇنيادىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ياكى ئاخىرەتتە…
–راست دەيسىز،–دېدى دىلنۇر ئۇزۇن سۈكۈتتىن كېيىن، سۆز قوشۇپ،–مېنىڭ ئاتا-ئانام ئىسلامنى چۈشىنىشكە باشلىدى. بۇرۇن شۇنچە قاتتىق قوللۇق بىلەن قارشى تۇرۇپ كەتكەن داداممۇ ھازىر ناماز ئوقۇشنى باشلىدى. مېنىڭ خىزمەت قىلماي ئۆيدە تۇرۇشۇمغا ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى. لېكىن يولدىشىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنى ھازىرغىچە ياقتۇرمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئىسلامنى قىلچىلىكمۇ چۈشەنمەيدۇ. لېكىن مەن بۇنى سىناق، دەپمۇ ئويلىمىدىم. بەلكى ئاللاھ ماڭا بەرگەن بىر پۇرسەت، دەپلا ئويلىدىم. ئەلۋەتتە، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. لېكىن مەن قولۇمدىن كەلگىنىچە تىرىشىپ باقسام بولىدۇغۇ! كىم بىلىدۇ، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇلار ھىدايەت تېپىپ قېلىشىمۇ مۇمكىنغۇ! ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا بۇنىڭ ئەجرى چەكسىز بولىدۇغۇ! يولدىشىمىزنىڭ ئېتىقادىدا مەسىلە بولسا، مانا بۇ ئەنسىرەيدىغان ئىش. لېكىن باشقىلىرى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆرگەنلىرىمىزگە قارىغاندا ھېچقانچە ئىش ئەمەس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ يەنە كېلىپ، تۇرمۇشۇڭلاردا ئۆزەڭلارنى رازى قىلغان تەرەپلەرنىمۇ ئويلاپ كۆرۈڭلار، ئەجىبا تۇرمۇشىمىزدا ھېچقاندا ياخشىلىنىش بولمىدىمۇ؟ بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتامسىلەر؟
–جىمجىت ئولتۇرۇپ تۇرمۇشۇم توغرىسىدا ئويلانغىنىمدا، ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىگە كۆز يۇمۇپ قالغىنىمنى ھېس قىلىمەن. شۇڭا ھازىر قاقشىغۇم كەلمەس بولدى…
–قىزلار، مۇشۇ يازنىڭ ئىسسىقىدا ئاباي كىيىۋېلىپ، تەرلىمەمسىلەر؟–دېدى بىر ئازدىن كېيىن فاتىمە.
–ئاللاھ تائالا قۇرئاندا بىزدىن مۇشۇنداق كىيىنىشنى تەلەپ قىلغانغۇ؟ بۇنى سىزمۇ بىلەتتىڭىز فاتىمە. بۇرۇن سىزمۇ جىلباب كىيىپ يۈرەتتىڭىز. ئەمدى پادىچى شىمىغا چۈشۈپ قاپسىزغۇ!
–قاراڭ، بۇ ئۈرۈمچىدە ئابايا كىيىۋېلىپ يۈرسە ھەممە ئادەم باشقىچە قارايدىكەن. مەنمۇ سىلەردەك ئىچكىرىدە تۇرۇۋەرگەن بولسامغۇ، ئابايا كىيىپ يۈرۈۋەرگەن بولاتتىم.
–قىزىق، ئىچكىرىدە تۇرسىڭىز ئابايا كىيەتتىڭىز، لېكىن بۇ مۇسۇلماننىڭ يۇرتىدا پادىچى شىمى كىيىسىز؟
–سىز بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمەيسىز. ئىچكىرىدە كىمنىڭ نېمە كىيىشى بىلەن خەقنىڭ نېمە كارى؟
دىلنۇرنىڭ فاتىمەنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرگە ۋە ياغلىقنىڭ ئالدى تەرىپىدىن قەستەن چىقىرىپ قويۇلغان كىچىكىنە ماڭلاي چاچقا قاراپ كۆڭلى غەش بولۇپ قالدى. ئەي چاغدا فاتىمە شۇنچە مۈشكۈللەر بىلەن بۇ يولنى تاللىغان، ئاشۇ جىلبابى، ياغلىقى ئۈچۈن ئاجايىپ كۈنلەرنى كۆرگەنىدى. مانا ئەمدى چوڭ مۈشكۈلاتلار تۈگەپ، قىيىن سىناقلاردىن ئۆتۈپ بولغاندا، مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن چېكىنىشكە باشلىسا….قارىغاندا سىناق مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەن. مۇسۇلمان سىناقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرسا ئىمانى تاۋلىنىپ تۇرىدىكەن.
مۇسۇلماننىڭ ھەربىر قەدىمى سىناققۇ؟ ھەربىر لەۋزى سىناققۇ؟ ئى ئاللاھ، بىزنى سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن! بىزنى ئىمانىدا راستچىل مۇئمىنلەردىن قىلغىن. بىزنى ھەقنىڭ ئالدىدا باش ئېگىدىغان، ھەق سۆزلەنگەندە «ئى ئاللاھ! بىز ئاڭلىدۇق! ئىتائىتىڭگە بويسۇنىمىز!» دېيەلەيدىغان قىلغىن.
–مېنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان، رۇقىيە، دېگەن. بەلكىم سىلەرنىڭمۇ يادىڭلاردىدۇر؟–دېدى مېھرىئاي كۆپچىلىككە قاراپ. ھەممەيلەن ھەئە، دېگەندەك مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىشتى،–شۇ دوستۇمنىڭ بېشىغا ئاجايىپ سىناقلار كەپتۇ. سەبر دېگەن قانداق بولىدىكەن، ھەممىمىز ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ قويساق بولىدىكەن. شۇ دوستۇم يېقىندا ماڭا بىر ئېلخەت يېزىپتىكەن. ماڭا بەك تەسىر قىلىپ بېسىپ چىقىرىۋالغانتىم. يېنىمدا ساقلاپلا يۈرىمەن. خالىساڭلار ئوقۇپ بېرەي.
كۆپچىلىكنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن مېھرىئاي خەتنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى:
« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك دوستۇم مېھرىئاي، قانداق ئەھۋالىڭ؟ سەن بىلەن مۇڭداشمىغىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا توي قىلدىڭ، تويۇڭنىڭ چېيىغىلا قاتناشتىم. تويۇڭ بولغان كۈنگىچە كۈتۈپ تۇرالماي، خىزمەت سەۋەبى بىلەن كېتىپ قالدىم. شۇ چاغدا سۇدانغا بېرىپ خىزمەت قىلماقچى بولغانلىقىم ھەققىدە ساڭا ئېيتقان ئىدىم. ھازىر سېنى تەپسىلى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلاي.
ساڭا ئىلگىرى دېگىنىمدەك، بۇ بىر جوڭگولۇقنىڭ خارتومدا ئاچقان ھۆسىن تۈزەش شىركىتى ئىدى. شۇ شىركەتكە شۇ يەردىكى ئىشلارنى باشقۇرۇپ بېرىدىغان بىر مۇئاۋىن دېرىكتور لازىم ئىكەن. لېكىن جوڭگولۇقلار سۇداننىڭ شارائىتىنى ياقتۇرماي ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىغان ئىكەن. بەلكىم شىركەتنىڭ دېرىكتورى مېنىڭمۇ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ، بۇنى ئۆزىنىڭ تىجارىتىگە پايدىلىق، دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك. جىق ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا مېنى بۇ خىزمەتكە قوبۇل قىلدى. مېنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىم، توفېل، GRE گۇۋاھنامەم، ھەرخىل پائالىيەتلەردىكى ئالغان مۇكاپاتلىرىم بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى خېلى داڭلىق شىركەتلەردىنمۇ خىزمەت تاپالىغان بولاتتىم. لېكىن ئاشۇ مۇھىتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتى ئىكەنلىكىنى، ئىسلامىي مۇھىت ئىكەنلىكىنى ئويلاپ شۇ يەردە ئىشلەشنى تاللىدىم. 8-ئايدا بېيجىڭدىن خارتوم ئايرودرومىغا قاراپ ئۇچتۇم. ئايروپىلاندىن چۈشۈشۈم بىلەنلا ئاجايىپ ئىسسىق بىر ھاۋا يۈزۈمگە ئۇرۇلدى، نەپىسىم قىسىلىپ، بەدىنىمدىن تەرلەر شۇرقىراپ ئېقىشقا باشلىدى. ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئەتراپقا قارىدىم، شۇنچىلىك ئاددىي-ساددا مۇھىت، شۇنچىلىك پاكىز كىشىلەر، ئاياللىرى مۇشۇنداق ئىسسىقتىمۇ قاتمۇ-قات ئابايىلار بىلەن ئەۋرەتلىرىنى تولۇق يۆگەپ يۈرۈشىدىكەن. يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللارمۇ كوچىدا ئاندا-ساندا ئۇچراپ تۇراتتى. ئۇلارغا قاراپ شۇنچىلىك مەسلىكىم كەلدى.
خىزمىتىم ئېغىر ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ ئەتراپىمدىكى مۇھىت مېنى بەك سۆيۈندۈرەتتى. خىزمەتتىن يانغاندىن كېيىن مەسچىتكە كىرىپ يا قۇرئان ئوقۇيتتۇم، يا ناماز ئوقۇيتتۇم. لېكىن ئەتراپىمدا مەن پاراڭلىشالايدىغان ئاياللار ئاز ئىدى. مەن ئەرەبچە بىلمەيمەن، ئۇلار ئىنگلىزچىنى ياخشى بىلمەيدۇ.
بارغانسېرى كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى. چۈنكى مەن پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى دەپ بۇ يەردە مەھرەمسىز تۇرۇۋاتاتتىم. ئاللاھتىن بۇ مۈشكۈللۈكلەرنى كۆتۈرىۋېتىشىنى تىلىدىم. ئاخىرى ئۆيگە قايتىشنى، نېمە بولسا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي، دەپ ئويلىدىم. دەل شۇ ۋاقىتلاردا بۇرۇن سىزگە ئېيتىپ بەرگەن ھېلىقى يىگىت ماڭا ئېلخەت يوللاپتۇ، خېتىدە ئاخىرى ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغانلىقىنى، مەن خالىسام مەن بىلەن توي قىلىش ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ. بىرھەپتە ئىستىخارە نامىزى ئوقۇدۇم، كۆڭلۈم بارغانسېرى يورۇپ كېتىۋاتاتتى. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم ۋە ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ رازىلىقى بىلەن مەن مەككىگە بارىدىغان (ئۇ مەككىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقانىدى)، شۇ يەردە كۆرۈشۈپ نىكاھ قىلدۇرىدىغان بولۇشتۇق.
خارتومدىن بىۋاستە مەككىگە بارالمىدىم. ئاۋۋال پاكىستانغا باردىم. پاكىستاندا بىر ئاي تۇرغاندىن كېيىن روزا ھېيتنىڭ ئالدىنقى كۈنى مەككىگە چۈشتۈم، روزا ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىدىن كېيىن نىكاھىمىز ئوقۇلدى.
ئەلھەمدۇلىللا، ئۇ ماڭا بەكمۇ كۆيۈنەتتى. ئۆيىمىز مەسچىتنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى ئەتىگەندىن ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتقىچە دەرس ئوقۇيتتى. مەن ئەسىردىن شامغىچە بىز تۇرۇۋاتقان مەسچىتتىكى ئىمامنىڭ دەرسىگە قاتنىشاتتىم. بىر يىلدىن كېيىن پەرزەنتىمىز تۇغۇلدى. خەدىچە، دەپ ئىسىم قويدۇق. كۈنلىرىمىز شۇنچىلىك مەنىلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى. توي قىلغاندىن بۇيان بىر يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدۇق. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى خوشاللىققا تېخىمۇ گەپ كەتمەيتتى.
قىزىمىز بەش ئايلىق بولۇپ قالغان ۋاقىت ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەن يولدىشىم يەنە بىر شەھەردە قىلىدىغان ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. توۋا! ھېچقاچان مەندە ئۇنداق تۇيغۇ بولۇپ باقمىغان. شۇ كۈنى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىشىغا قىيالمايلا قالدىم. ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدىم. قوللىرى شۇنچىلىك ئىسسىق ئىدى. تاكى ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنمەي قالغۇچە كەينىدىن قاراپ تۇردۇم. نېمىشقىدۇر، شۇ كۈنى ئۆيدىكىلەرنى بەك سېغىندىم. يىغا تۇتۇپلا تۇراتتى. ئادەتتە زادى يىغىسى يوق قىزىممۇ شۇ كۈنى يىغلاپ توختىمىدى. بەزلەپ توختىتالماي ئاخىرى تۇنجى قېتىم قىزىمنى سىلكىپ تاشلىدىم. قىزىم قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. شۇنداق بىسەرەمجان ھالىتىمدە تېلىفون ئەنسىز جىرىڭلاپ كەتتى.
ئادەتتە ئۆيگە تېلىفون كەلسە ئەرلەردىن كەلگەن بولمىسۇن، دەپ مەن ئالدىراپ ئالمايتتىم. شۇ كۈنى ئىختىيارسىزلا تېلىفوننى ئىككى جىرىڭلىشىغىلا ئېلىۋاپتىمەن.
تېلىفوننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىر ئەركىشى ئەرەبچە سۆزلەۋاتاتتى. مەن تېخى ئەرەبچىنى ئانچە ياخشى ئۆگىنىپ بولالمىغاچقا، ھە دېگەندە سەل ھودۇقۇپ قالدىم. قارشى تەرەپ سۆزىنى ئالدىرىماي تەكرارلىدى.
«يولدىشىڭىز بايا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى. Xx دوختۇرخانىسىغا بېرىڭ، دەرھال! »
مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەستۇ؟! ياق! مېنىڭ يولدىشىم چوقۇم ساق! ئۇ چوقۇم ئازراقلا يارىلاندى. مەن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاي.
ئالدىراپ-سالدىراپ كىيىمىمنى كىيدىم. يۈزۈمگە نىقابىمنى سالدىم-دە، دوختۇرخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
دوختۇرخانىغا كىرىپ سېستىرالارغا ئاران تەستە گېپىمنى ئۇقتۇرۇپ يولدىشىمنى ئاران تاپتىم. يولدىشىمنى! ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان مەڭگۈلۈك سەپەرگە كېتىپ قالغان جىسمىنى تاپتىم! يىغلىدىم، يىغلىدىم، قىزىم بىر تەرەپتىن قىقىراپ يىغلايتتى، تاكى ياشلىرىم قۇرۇپ ئاۋازىم پۈتكۈچە يىغلىدىم. يولدىشىمنىڭ قوللىرىنى تۇتتۇم، مۇزلاپ كەتكەنىكەن….
نەچچە كۈنگىچە ھوشۇمنى تاپالماي يۈردۈم. ئۇ ھازىرلا ئىشىكتىن كىرىپ قالىدىغاندەك ئىشىككە تەلمۈردۈم. قۇلاق تۈۋىمدە نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ چۆچۈپ قارىدىم. كېچىلىرى قىزىپ، جۆيلۈپ ئۇخلىيالمىدىم. ئاخىرى قىزىم بىلەن ئىككىمىز تەڭلا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدۇق.
دوختۇرخانىدا يېتىپ ئويلاندىم. ئۆلۈم بىزگە نىسبەتەن چوڭ ئىش ئىكەن، لېكىن ماھىيىتىدىن قارىغاندا بىر ئۆتەڭدىن يەنە بىر ئۆتەڭگە بارغىنىدەكلا بىر ئىشكەن. يولدىشىم ھاياتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. چۈمۈلە چاغلىق نەرسىگە ئازار بېرىشنى خالىمايدىغان، شېرىن سۆزلۈك كىشى ئىدى. ئەخلاقىدىمۇ نۇقسان يوق ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ ھىجران ماڭا بەكمۇ ئېغىر كەلدى. بىلەمسىز دوستۇم؟! ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم! قىزىمنىڭ دادا مېھرىدىن مەھرۇم چوڭ بولىدىغانلىقىنى، يۈرىكىمنىڭ يولدىشىم بىلەن دەپنە قىلىنغانلىقىنى، يۈرەكسىز ئادەمدەك بولۇپ قالغانلىقىمنى ئويلىسام پۇچۇلىنىمەن. لېكىن سەبر قىلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ سىناقنى ياخشى كۆرىدىغان بەندىسىگە بېرىدۇ. ماڭا مۇشۇنداق سىناق كەلگىنىگە قارىغاندا مېنىڭ ئىمانىم ئاللاھقا ياراپتۇ. ئاللاھ ماڭا سەبر ئاتا قىلسۇن. قازادىن خوشال بولۇشنى نېسىپ قىلسۇن. يولدىشىمنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى خۇددى ئاق خەسىدەك پاكلىۋەتسۇن! ئامىن.
ئىددىتىم توشۇشقا يەنە ئۈچ ئاي ۋاقىت بار ئىدى. بۈگۈن تۇنجى قېتىم تورنى ئاچتىم. مۇشۇ مەزگىللەردىن بۇيان سېنى شۇنچىلىك سېغىندىم. ئالدىنقى قېتىم يۇرتىمىزنىڭ كوچىسىدا سەن، سىڭلىم ۋە مەن ئۈچىمىز كوچىدا بىللە قول تۇتۇشۇپ ماڭغان ۋاقىتلىرىمىز زادى يادىمدىن چىقمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئۈچىلىمىز مەكتەپتە داڭق چىقىرىپ ئوقۇغان ئىدۇق. مەكتەپتە ئۈچىمىز تونۇمايدىغانلار يوق ئىدى. شۇ قېتىم كوچىدا ئۇچرىغان، بىزنى تونۇيدىغانلار ھەيران بولۇپ قاراپ قېلىشقان ئىدى. بەلكىم نېمىشقا بۇلار بۇنداق كىيىنىدۇ؟ بەلكىم بۇلار بىر ھەقىقەتنى تاپقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغاندۇ. بىلەمسەن؟ بىزنىڭ شۇنداق كىيىنىشىمىزنىڭ ئۆزى ھەم دەۋەت ئىكەن….
سەبر قىلايلى دوستۇم. مەيلى تۇرمۇشۇڭدا قانچىلىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىمىغىن، سەبر قىلغىن! ئاللاھ سەبر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە. نامازلىرىڭدا يولدىشىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويغىن. ئاللاھتىن ئۇنىڭ قەبرىدىكى ئازابىنى يىنىكلىتىپ بېرىشنى تىلەپ قويغىن دوستۇم…»
مېھرىئاي خەتنى ئوقۇپ بولغاندا بىچ تامچە يېشى قىزىنىڭ يۈزىگە تامدى. باشقا قىزلار ھەممىسى يىغلىشىۋاتاتتى.
–مەن ئەمدى ھەرگىز قاقشىمايمەن. ئاللاھ ھەكىم، ئاللاھنىڭ ماڭا ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بار، ئاللاھتىن ھەرئىشنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن، ئەمدى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا خوشاللىق بىلەن بويسۇنىمەن،–دېدى رەنا بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە، قەتئىي ئاۋازدا.
–مەن ئۆزەمنى تەكشۈرمىسەم بولماپتۇ. بىچارە رۇقىيە، ھازىر نېمە كۈن كۆرۈۋاتقاندۇ؟ كىشىنىڭ يۇرتىدا، ھېچ ئۇرۇق-تۇغقىنى يوق يەردە…مەنمۇ ئۆزەمدە ئىمان بار، دەپ يۈرۈپتىمەن،–دېدى فاتىمەمۇ.
دىلنۇرمۇ قولىدىكى پىيالىگە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى. بۇرۇنلىرىنىڭ ئۇچى قىزىرىپ كەتكەنىدى.
–قىزلار، ئەمدى قايتامدۇق؟ بۇ ئاشخانىدىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇۋالدۇق. سەل تۇرۇپ دۇئا قىلىپ بېرەيلى، دەپ بىرسى كىرمىسۇن يەنە،–دېدى مېھرىئاي، قىزلار كۈلۈپ تاشلاشتى.
–بولىدۇ، ئىنشائاللاھ. بۈگۈن بەك ياخشى كۆرۈشۈۋالدۇق ياخشى سۆھبەتلەردە بولدۇق. ئاللاھ خالىسا بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ پەرىشتىلەر يىغىلىپ كەتتىمۇ، تېخى!
–ئەلۋەتتە، چوقۇم شۇنداق، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بەرھەق! ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە بەرگەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەزىز قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىمۇ ھەق!
–ئەمىسە قىزلار، بىر دۇئا قىلىۋالايلى، پەرىشتىلەر، ئاڭلاپ تۇرغان بولساڭلار ئامىن دېيىشىپ بېرىڭلار!!!

يەكشەنبە كۈنى، بىر قانچە قىز دىلرەبانىڭ مەكتىپىگە ئۇنى ئىزدەپ كېلىشكەن ئىدى. دىلرەبا ئۇلارنى ئۆزى دائىم بېرىپ ئۆگىنىش قىلىدىغان بىر خىلۋەت جايغا باشلىدى. بۇ يەردە كىچىككىنە راۋاق ۋە چىملىقلار بار ئىدى. ئۇلار راۋاقتا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى.
–مەن بۇ قىزلارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي دىلرەبا ھەدە،–دېدى سۈمەييە ئىسىملىك قىز.—بۇلار تېخى بۇ يىل يېڭىدىن ئوقۇشقا كەلگەن قىزلار. قاراڭ، ھەممىسى كېلىپلا ئورىنىشىپ بوپتۇ.
–ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرىلىرىم. ئاللاھ سىلەرگە چەكسىز ئەجىر بەرسۇن. سىلەرنىڭ بۇنداق كىيىنىشىڭلارنى ئائىلەڭلار قوللامتى ياكى ئۆزەڭلار خالاپ كىيدىڭلارمۇ؟
–مېنىڭ ئۆيۈمدىكىلەرنىڭغۇ نامازلىرى جايىدا، ئاپاممۇ مۇشۇنداق ئورىنىدىغان ئايال، مەندىن ئەنسىرەپ بۇنداق كىيمىسەڭ بولاتتى، دەيدۇ-يۇ، ئاللاھتىن قورقۇپ جىق بىر نېمە دېمەيدۇ. لېكىن ماۋۇ قىزلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر بەكلا قارشى.
–ئەگەر ئۆيدىكىلەر بېسىم قىلسا قانداق قىلىسىلەر؟
–بېسىم قىلسا قىلار، ئۆيدىكىلەر بېسىم قىلدى، دەپ ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن كېچىمىزمۇ؟–دېدى تارتىنچاق كۆرۈنىدىغان بىر قىز بوشقىنە ئاۋازدا.
–ئەلھەمدۇلىللاھ، قارىغاندا ئارىمىزدا ھەمشىرىلەر ئۈزۈلۈپ قالمىغۇدەك. مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن، ئىمانىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار سىڭىللىرىم.
–ھەدە، ھەمشىرىلەر تۈگەپ قالمايدۇ،–دېدى سۈمەييە دانە-دانە قىلىپ،–ھەقىقەت قىيامەتكىچە مەۋجۇت، ھەقىقەتنى سۆيىدىغان ئىسلام قىزلىرى ھەم قىيامەتكىچە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ!!

تۈگىدى