بۇ ئايدا
كېلىدۇ بىر ئاتا ئاللاھ ئەمرىنى ئېلىپ
ئوغلىنى بوغۇزلاشقا،
كېلىدۇ بىر ئوغۇل تەبەسسۇم بىلەن
ئاللاھ يولىدا قۇربان بولۇشقا.
بۇ ئايدا
كېلىدۇ كۆك قوچقار،
سۈپ- سۈزۈك ئاتا- بالىنى
قۇتلۇقلاشقا.
بۇ ئايدا
«لەببەيكە» توۋلاپ ئۈزىشەر،
ئاق، قارا، سېرىق، قوڭۇر يۇلتۇزلار
بەيتۇللاھ
ئوربىتىسىدا.
بۇ ئايدا
يۈرەكلەردە
رامىزاننىڭ
ھارارىتى.
يايرىماقتا
رەھمان -رەھىمنىڭ
ئامانىتى.

2008- يىل 4- دىكابىر (1429-يىل زۇلھەججىنىڭ 6-كۈنى)