(ياسىر قازى لېكسىيەسىدىن تەرجىمە)

1. ئاياللار دائىم ئۆزىنىڭ سۆيۈلگىنىنى جەزملەشتۈرۈشكە مۇھتاج. ئەرلەر لوگىكىلىق پىكىر قىلىدۇ. مەن ئائىلەمنى قامداۋاتىمەن، ئۆيگە بالدۇر قايتىۋاتىمەن، ئايالىمغا خالىغىنىنى ئېلىپ بىرىۋاتىمەن، مانا بۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىڭ ئىسپاتى، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، ئاياللار ئەرلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى لوگىكىلىق ھۆكۈم بىلەن ئەمەس سەزگۈلىرى بىلەن بىلىشنى ئىستەيدۇ. ئەرلەرنىڭ كەمسۆزلىكى، ئالدىراشلىقى ئۇلارغا ئۆزىنى سۆيمەيدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا ئەرلەرنىڭ دائىم ئايالىغا «سېنى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇشى زۆرۈر. ئاياللار ئېرىنىڭ تۆشەكتىن تاشقىرىدىمۇ ئەركىلىتىشى، قۇچاقلىشى، سۆيۈشىگە مۇھتاج، ئۈلپەتلىشىشكە مۇھتاج. ئاياللار ھېسىياتچان بولغانلىقتىن مەسىلىگە يولۇقسا، باشقىلار بىلەن دەرتلىشىدۇ. ئەرلەر مەسىلىگە يولۇقسا، يالغۇز قېلىپ پىكىر قىلىدۇ. ئايالىڭىز كۆڭلىڭىزدىكى ئىشلارنى ئ‍ۆزى بىلەن ئورتاقلاشسىكەن دەيدۇ. شۇڭا، مەسىلە- مۇشەققەتلىرىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئېيتىپ، مەسلىھەتىنى ئالسىڭىز، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئورنىغا نىسبەتەن ئىشەنچ، سىزگە نىسبەتەن مىننەتدارلىق پەيدا بولىدۇ، مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ يېقىن ھەم قىزغىن بولىدۇ. كەيپىياتىڭىز ناچار بولسا، ئايالىڭىزغا تەتۈر قاراپ، بېكىنىۋالماي، «كاللام تېنچ ئەمەس، بىردەم يالغۇز قويۇڭ، بىرەر سائەتتىن كېيىن مۇڭدىشايلى» دېسىڭىز، تامامەن بولىدۇ.
2. ئاياللارنىڭ تەپەككۇر جەريانى باشقىچە. ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن نەرسىنى ئويلىيايدۇ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشنى تەڭ قىلالايدۇ. شۇڭا بىر مەسىلىنى سۆزلىشىۋاتقاندا باشقا بىر مەسىلىنى سۆرەپ چىقسا، ھازىرنىڭ گېپىنى قىلىۋېتىپ ئۆتمۈشكە ئۆتۈپ كەتسە، تۆشەكتە ياتقاندا ئەتە ئەتىگەن تۆكىدىغان ئەخلەتنىڭ گېپىنى قىلسا، پەقەت چېچىلماڭ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى مۇشۇنداق.
3. ئاياللار ھېسسىي خاتىرجەملىككە مۇھتاج. ئەرلەر كۆپ پۇل تېپىش بىلەن ئاياللارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە خاتىرجەم قىلىشنى ئەڭ زۆرۈر ھېسابلايدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، ئاياللار ئەرلىرى دائىم سىرتتا ئالدىراش يۈرسە، ئۆيدە بولىدىغان ۋاقتى ئاز بولسا، ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ. ھېسىيات جەھەتتە خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. كۆپىنچە ئاياللارنىڭ بازار ئايلىنىشقا، نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىشقا ئامراقلىقى ئەرلەرنى ئاياللار ماددىي نەرسىلەرنىلا قوغلىشىدۇ، دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە پات- پات تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر يوللاپ تۇرۇشىنى، ئۆزى ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىپ سىرتلارغا ئېلىپ چىقىشىنى، كۈندە بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ مۇڭدىشىشىنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇلار ئۇلارغا ھېسىيات جەھەتتە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرىدۇ. تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاياللار كۆپ ۋاقتىنى سىرتتا ئۆتكۈزىدىغان پۇلدار ئەردىن، كىرىمى ئازراق بولسىمۇ ئۆيدە ئۆزىگە كۆپرەك ھەمراھ بولالايدىغان ئەرنى ياخشى كۆرىدىكەن.
4. ئاياللار ھەقىقىي دوست- ھەمراھقا مۇھتاج. ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئېسىل ئەر- ئۇلار بىلەن دوستلىشالايدىغان ئەر. ھەقىقىي دوست قانداق بولىدۇ؟ ھەقىقىي دوست مۇڭدىشىدۇ، دەرتلىشىدۇ، سۆزلىرىنى ئەستايىدىل، سەۋر قىلىپ ئاڭلىشىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سۆزلەش سەۋەبى ئوخشىمايدۇ. ئەرلەر مەسىلە ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. ئەڭ ئاز گەپ بىلەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەڭ ئاز گەپ بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئېلىشقا ئىنتىلىدۇ. ئاياللار باشقىلارنى ئاڭلاپ بەرسۇن، ھېسداشلىق قىلسۇن، تەسەللىي بەرسۇن دەپ دەردىنى تۆكىۋېلىش، ئىچىنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. سۆزلەپ ھېسىياتىنى چۈشەندۈرىدۇ. قارشى تەرەپ كۆڭلىنى چۈشەنسە، ھېسداشلىق قىلسا، مەقسىدى ھاسىل بولىدۇ. يەنى ئەرلەر ھېسىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن مەسىلىنى سۆزلىسە، ئاياللار مەسىلە تەسىر قىلغان ھېسىياتىنى سۆزلەيدۇ. ئەرلەر ئىككى مىنۇت سۆزلىگەن بىر ئىشنى ئاياللار يىگىرمە مىنۇت سۆزلىشى مۇمكىن. بۇ ئەرلەرنى ھەقىقەتەن زېرىكتۈرىدۇ. لېكىن سەۋر قىلىپ ئايالىڭىزنىڭ گېپىگە مۆتىۋەرلەردەك ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن قۇلاق سېلىشنى ئۆگىنىڭ. ئايالىڭىزنىڭ سىزگە ئۇزۇن سۆزلەپ يەتمەكچى بولغان مەقسىدى قانداقتۇر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، تەسەللىرىڭىزگە ئېرىشىپ، يەڭگىللىۋېلىش ئۈچۈن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا كېرىكى چىداپ ئاڭلايدىغان سەۋرچان قۇلاق، ھېسداشلىق، تەسەللىي، بېشىنى قويۇپ يىغلىۋالىدىغان بىر مۈرە، خالاس. شۇڭا ئالدىراپ ئۆز قاراشلىرىڭىزنى سۆزلىمەڭ، سەۋر قىلىپ گېپىنى ئاڭلاپ تۈگىتىڭ، تەسەللىگە مۇھتاج بولسا، قوللىرىنى تۇتۇڭ، باغرىڭىزغا بېسىڭ. ئاخىرىدا «مەن نېمە قىلىپ بېرەي؟» دەپ ھېسداشلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ ھەقىقىي دوستى ھەم سىرداش ھەمراھىغا ئايلىنالايسىز.
5. ئاياللارغا نىسبەتەن تۆشەكتە بىللە بولۇش جىسىمنىڭ ئۇچرىشىشى ئەمەس بەلكى ھېسىياتنىڭ بىرلىشىشىدۇر. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئايالى بىلەن بىللە بولۇش ھوزۇرلىنىپ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان بىر ئىش. لېكىن ئاياللارغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس. بىر كۈنلۈك ئۆي ئىشلىرى بىلەن چارچىغان ئايالىڭىز بەلكىم بىر پىيالە قىزىق چاي بىلەن ئ‍ۆزى ياخشى كۆرىدىغان رومانىنى ئوقۇش بىلەن ھاردۇقىنى چىقىرىشنى ئويلىشى مۇمكىن. ئاياللار ھېسىيات جەھەتتىكى بىرلىشىشنى، رومانتىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا، تۆشەكتە بىللە بولۇشنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەرلەر كۆرۈپ ھېسىياتلىنىدۇ، ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە تەشنالىقىنى، ئۆزىنىڭ ئېرىنى جەلب قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندە ھېسىياتلىنىدۇ. «ئەرلەر ئاشخانىدا ئايالىغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، ئاياللار ياتاقتا ئېرىگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدۇ» دېگەننى ئۇنتۇماڭ.
6. ئاياللار گۈزەل بولۇش ئۈچۈن ياسىنىدۇ، جابدۇنىدۇ. ئايالىڭىزنىڭ ئۈستىبېشىنى ئالماشتۇرۇشى، يېڭى كىيىم كىيىشى دىققىتىڭىزنى قوزغاش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىم- كېچىكى، ياسىنىشلىرىغا پەرۋاسىزلىقىڭىز، ماختاپ قويماسلىقىڭىز ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ياسانماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئايالىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ باشقا ئاياللارغا قارىشىڭىز (ئايالىڭىز بولمىغان شارائىتتىمۇ قارىشىڭىز توغرا ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئايالىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئايالىڭىزغا قانداقتۇر ئىككىنچى خوتۇن چاقچىقىنى قىلىشىڭىز ھېسىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەڭ ئاقىلانىلىك ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىردىنبىرلىكىنى، ھاياتىڭىزدا ئەڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر.
7. ئاياللارغا بەك ئەقلىي بولىۋالماڭ. ئاياللارغا كېرىكى ھېسداشلىق، تەسەللىي. ئاللاھ ئۇلارنى شۇنداق ھېسىياتچان تەبىئەتتە ياراتقان. ئاياللارنى ئەرلەردەك ئويلىۋالماڭ. ئۇلاردىن ئۆز تەبىئىتى بويىچە ھوزۇرلىنىڭ.