سېنىڭ ئۆزۈڭنى باشقىلاردىن ياخشى دەپ قارىشىڭ بەكمۇ نادانلىقتۇر. باشقىلارغا دىققەت قىلغاندا ئۆزۈڭنى شۇ
كىشىدىن تۆۋەن دەپ ئويلىغىن، شۇ ئەھۋالدا ھۆرمەتكە ئېرىشىسەن. كىچىك بالىنى كۆرگىنىڭدە، بۇ تېخىچە
گۇناھ قىلىپ باقمىدى، شەكسىز مەندىن ياخشى، چۈنكى مەن نۇرغۇن گۇناھلارنى قىلدىم دېگەن ئىدىيەدە
بولغىن. چوڭلارنى كۆرگەندە، بۇ كىشى مەندىن ياخشى، چۈنكى مەندىن خىلىلا بۇرۇن اللەغا قۇلچىلىق
قىلىۋاتىدۇ دېگەن قاراشتا بولغىن. ئالىمنى كۆرگەندە، بۇ كىشى مەن ئېرىشەلمىگەن بىلىمگە ئېرىشتى، مەن
كۆزلەپ يېتەلمىگەن نىشانغا يەتتى، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولاي دېگەننى ئېسىڭدىن چىقارمىغىن.
بىلىمسىزنى كۆرگەندە، بۇ اللەغا بىلمىگەن ھالدا ئاسىي بولدى، مەن بىلىپ تۇرۇپ جىنايەت ئۆتكۈزدۈم، اللە
مېنىڭ زىينىمغا ئېنىق دەلىل تۇرغۇزدى. ئاخىرقى ھاياتىم نېمە بىلەن ئاياغلىشىدۇ، بۇنىڭچۇ؟ دېگەن قاراشتا
يۈرگىن. كاپىرنى كۆرگىنىڭدە، بەلكى بۇ مۇسۇلمان بولۇپ، ئاخىرى ياخشى بولۇشى مۇمكىن، ئىلگىرىكى
گۇناھى خۇددى خېمىردىن قىل سۇغۇرۇلغاندەك يوقۇلىشى ئېھتىمال. مېنى اللە ئازدۇرۇپ كاپىر قىلىۋىتەمدۇ،
ئاخىرقى باسقۇچۇم خەتەرلىك بولامدۇ، ئۇ ياخشى كىشىلەردىن بولۇپ، مەن شەقى كىشىلەردىن بولامدىم، اللە
بىلىدۇ دېگەن خىيالنى كەلتۈرگىن. قەلبىڭدىن كىبىر قىيامەت كۈنى اللەنىڭ ھۇزۇرىدا كىمنىڭ چوڭ
ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي رەۋىشتە بىلگىنىڭدە چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئاخىرقى ھاياتىغا باغلىق. اللەنىڭ
بەندىلىرىگە چوڭچىلىق قىلماي، ئاخىرقى ھالىتىم قانداق بولاركىن دېگەن ئەندىشىدە بولغىنىڭ ياخشى.
ھازىرقى ئىمانىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. اللە قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچىدۇر،
خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ.
«ھىدايەت قوللانمىسى» دىن