بىر كىچىك بالا دېڭىز بويىدا كۆزلىرىنى دېڭىزدىن ئۈزمىگەن ھالدا ئولتۇراتتى، بەلكىم سائەتلەرچە ئولتۇرغاندۇ
شۇ يەردە،ئۇنىڭ بۇ ھالى بېلىق تۇتۇپ قايتقان كېمىنىڭ ئالدىغا چىققان بىر بوۋاينىڭ دىققىتىنى تارتتى.
‏بوۋاي ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى:
-ياخشىمۇسەن يىگىت، بۈگۈن دېڭىز بەك چىرايلىقكەن ھە؟ كىچىك بالا قايرىلىپ قاراپمۇ قويماستىن جاۋاب
بەردى:
-ھەئە ئەمما شاماللىق، پۇتبۇل توپۇم دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىۋىدى شامال ئۇچۇرتۇپ يىراققا ئېلىپ كەتتى.
‏بوۋاي، بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:
-كاشكى، ياش ۋاقتىم بولسائىدى، سۇغا چۈشۈپ ، ئۈزۈپ ئېلىپ چىقىپ بەرگەن بولاتتىم، ئەپسۇس ھازىر
قېرىپ قالدىم، قەدەملىرىمنىمۇ يۆتكىيەلمەيمەن.
بالا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى، ۋە قىرغاقتىن ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەتكەن توپىسىنى كۆرەلەيدىغاندەك قوزغىلىپ
يېنىدىكى تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتى.بوۋاي ئۆزىنى توختاتقان ھالدا :
‏-كۆڭلۈڭنى يېرىم قالما، ئۈمىدىڭنى ھەرگىز يوقاتما،مېنىڭچە دۇئا قىلساڭ ياخشى بولاتتى. بالا ھاياجانلانغان
ھالدا دۇئا قىلسام توپۇم قايتىپ كېلەمدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن جايىنى تپىپ كېلەلەرمۇ؟ ‏-
ئاللاھ خالىسا توپۇڭغا دەپ بېرىدۇ، ئۇ قايتىپ كېلىدۇ، ئەگەر قايتىپ كەلمىسىمۇ كېرەك يوق، دۇئالىرىڭنىڭ
ساۋابىنى ئالىسەن. بالا، بوۋاينىڭ گەپلىرىنى بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بوۋىسىدىن ئاڭلاپ ئۆگىنىۋالغان
دۇئالارنى يېرىم-يارتا پىچىرلىدى، ھەم ئاللاھتىن توپىسىنى تىلەپ دۇئا قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ چىھرىدىن يەنىلا
قايغۇ-ھەسرەت تەپچىپ تۇراتتى، ئۇ ئاشۇ توپ ئۈچۈن ھېيت بايراملىق ھەممە پۇللىرىنى خەجلەپ بەكمۇ
قىممەت سېتىۋالغانىدى،ئۇ ئۆيگە كېتىشنى خالىمايتى، كۆزلىرىنى يەنىلا دېڭىزدىن ئۈزمەيتى. ھېلىقى بوۋاي
ئۇنى يىتىلەپ دائىم بېلىق سېتىۋالىدىغان ھېلىقى بېلىقچىنىڭ ئالدىغا باردى ۋە:
-بۈگۈن خېلى جىق بىلىق تۇتالىدىڭىزمۇ، ئەگەر بار بولسا مەن جىقراق سېتىۋالاي دېگەن بېلىقچى بىر ئىككى
كېلو بېلقنى كۆرسىتىپ:
-بەك ئاز تۇتتۇم، بار بېلىقنىڭ ھەممىسى شۇ، دېڭىزدا تۇتقىدەك تۈزۈك بىرنەرسىمۇ قالمىدى ‏ -دۇئا
قىلىپ باقمىدىڭىزمۇ،ئۈمىدىڭىزنى ھەرگىز يوقاتماڭ، دەپ گەپ قوشتى بالا.
‏بېلىقچى ھەممىنى پەقەت تاساددبىيلىق، دەپلا قاراپ كەلگەنىكەن ھەر ئىشتا، بالىنىڭ شۇ گېپىدىن كېيىن
ئۇنتۇپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان ‏بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك بالىنىڭ ئىڭەكلىرىدىن ئەركىلىتىپ تۇرۇپ:
‏-دۇئا ھە دۇئا، دېگىنە قېنى دۇئا قىلسام تۇتالامدىم؟
-تۇتالمىسىڭىزمۇ ھىچگەپ ئەمەس، دۇئالىرىڭىزنىڭ ساۋابى سىزگە يېتەر، بۇنى مەنمۇ يېڭىلا ئۆگەندىم دېدى
بېلىقچى بېشىنى لىڭشىتتى.
-مەنمۇ يېڭىلا ئۆگەندىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بىر مۇئەللىمدىن ئۆگەندىم بالا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ
خوش بولدى، توپىسىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنىمۇ كۆڭلىدىن چىقىرۋەتتى، ئۇنىڭ يېنىدىكى بوۋاي بالىغا قاراپ
كۈلۈمسىرەپ كۆزلىرىنى قىسىپ قويدى. شۇ ئەسنادا بېلىقچى كىمىسىگە چىقىپ كونا تورنى ئاچتى، ئىچىدە بىر
توپ تۇراتتى. توپ تېخى ھۆل بولغاچ پار-پۇر پارقىراپ كەتتى، بېلىقچى توپنى بالىغا تەڭلەپ :
-مۇئەللىمنىڭ ماڭا بەرگەن بىلىمىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، بۇ توپ ساڭا ھەدىيە! بايا دېڭىزدىن تېپىۋالدىم
دېدى. بالا ئۆزىنى خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلدى، بولىۋاتقان ئىشلارغا ھىچ ئىشەنگۈسى
كەلمەيتى، ئۇ ئوڭ سولغا قاراپ باقتى، قولىنى چىمداپ باقتى، ھەممىسى ئەمىلىيەت ئىدى، بوۋاي ۋە بېلىقچى
ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. بالا توپىسىنى مەيدىسىگە يېقىپ :
-ئەمدى ئىككىنچىلەپ مەندىن رۇخسەتسىز دېڭىز ساياھىتىگە چىقما! دۇئا قىلمىغان بولسام ھالىڭ نە بولاردى
ھە،نەلەردە يۈرەر بولغىيتىڭ؟ دېدى…سىلەرمۇ بېشىڭلارغا كۈن كەلگەندە دۇئا قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟
دۇئالىرىڭىز بەلكىم شۇھامان ئىجابەت بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما شۇ دۇئالىرىڭىزنىڭ ساۋابىنى
كۆرىسىلەر، مەنمۇ بۇنى يېڭى ھېس قىلدىم، دۇئا بىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك خەزىنىدۇر، تۈگەپ كېتەرمۇ دەپ
ئەندىشە قىلماستىن دۇئا قىلىۋىرىڭ، ئۇ ھەقىقەتەن بەدەلسىز، شەرتسىز ھالدا سىزگە بېرىلىدىغان خەزىنىدۇر.