1-نامازنىڭ نىيىتىنى ئاغزىدا دىيىش.
نىيەت دىگەن قەلب ئارقىلىق قىلىنىدىغان ئىبادەت بولۇپ ئېغىز ئارقىلىق نىيەت قىلىشنى رەسۇلۇللامۇ
،ساھابىلارمۇ ،سەلەف سالىھلىرىمىزمۇ قىلمىغان،ئۈگەتمىگەن ھەم تەشۋىق قىلمىغان بولۇپ بۇنداق قىلىش
كىيىنكى بىرقىسىم ئاقساقاللارنىڭ پەيدا قىلىۋالغان بىدئەت قىلمىشلىرىدىن بىرسىدۇر. شۇڭا نامازغا نىيەت
قىلغاندا قايسى نامازنى ئوقۇيدىغانلىقىنى،نەچچەرەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنى قەلبىدە ئېنىق بىلىپ نامازنى
باشلاۋىرىش لازىم.

2- بۇنىڭ ئەكسىچە ئايەت زىكىر-تەسبىھ،دۇرۇدلارنى ئاغزىنى مىدىرلاتماي ئىچىدە ئوقۇشمۇ بىدئەت ئىش
بولۇپ(بەزى ئادەملەر شۇنداق قىلىدۇ) ئۇنداق ئوقۇش ھىساپ ئەمەس.چۈنكى مەخپى ئوقۇش دىگەن ئەڭ
تۆۋەن بولغاندا ئۆزى ئاڭلىغىدەك بولسا ئاندىن بىرنەرسە ئوقۇغانلىق بولىدۇ.ئاغزىنىمۇ مىدىرلاتمىسا ئۇنى
ئوقۇش دىمەيمىز بەلكى ئويلىنىش،تەپەككۇر قىلىش دەيمىز.ھالبۇكى نامازدىگەن سۆز ۋە ھەركەت ئارقىلىق
ئاندىن ئادا تاپىدۇ. نىمە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ۋە نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش ۋە چۈشىنىش ئارقىلىق
مۇكەممەللىشىدۇ. ساھابىلار رەسۇلۇللانىڭ نامازدا مەخپى قىرائەت قلىۋاتقانلىقىنى ساقاللىرىنىڭ
تىترىگەنلىكىدىن بىلەتتى بەزىدە بىر-ئىككى ئايەتنى ئاڭلاپ قالاتتى.

3. بەزى كىشىلەرنىڭ ئىمام ئاشكارا قىرائەت قىلىۋاتسىمۇ سۇبھانەكەللاھۇممە ئوقۇشى. چۈنكى اللە قۇرئان
كەرىمدە شۇنداق دىگەن.«قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا رەھمەتكە ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار ۋە
جىم تۇرۇڭلار» شۇڭا ئىمام ئاشكارا قىلىۋاتقان بولسا ھىچنىمە ئوقۇماي جىم تۇرۇپ قىرائەتنى ئاڭلاش
كىرەك.ئىمام سالام بەرگەندىن كىيىن بىرەر رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقۇماقچى بولغاندا ئاندىن
سۇبھانەكەللاھۇممەنى ئوقۇپ ئاندىن قىرائەت قىلىپ نامازنى تولۇقلىۋالسا بولىدۇ.

4-يەنە بەزىلەرنىڭ ئىمام ئاشكارا قىرائەت قىلىدىغان رەكئەتتە سۇبھانەكەللاھۇممەنىڭ كەينىدىن ئەئۇزۇنى ۋە
بىسمىللانى قوشۇپ ئوقۇپ قويۇشى ئارتۇقچە ئىش بولۇپ ياخشىسى سۇبھانەكەللاھۇممەنى ئوقۇپلا جىم تۇرۇپ
( ئەئۇزۇنى ۋە بىسمىللانى ئوقۇماي) ئىمامنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سېلىش لازىم.چۈنكى ئەئۇزۇ ۋە بىسمىللانى
قۇرئان قىرائەت قىلىدىغان ئادەم ئوقۇيدۇ. ئىمام ئاشكارا قىرائەت قىلىۋاتقان رەكئەتتە جامائەت جىم تۇرۇپ
ئىمامنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سېلىش لازىم.

5- مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇمايلا ئولتۇرۇش. سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن «بىرىڭلار
مەسجىدكە كىرسە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتسىمۇ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن، قىسقا ئوقۇسۇن» (مۇسلىم رىۋايەت
قىلغان سەھىھ ھەدىس)بۇھەدىستىن مەلۇمكى مەسجىدكە كىرگەن ھەرقانداق ئادەم ئولتۇرماقچى بولسا ھەتتاكى
جۈمە كۈنلىرى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋىتىپ ئاندىن خۇتبىگە قۇلاق
سېلىشى لازىم. مۇشۇنداق سەھىھ ھەم ئوچۇق ھەدىس تۇرسىمۇ ھەتتا ئىمام،خەتىب،مۇئەززىنلەرنىڭ ئىچىدىمۇ
مەسجىدكە كىرىپلا ناماز ئوقۇماي ئولتۇرىدىغانلار نۇرغۇن. يەنە تېخى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىرىپ ناماز
ئوقۇغانلارنى توسۇپ «خۇتبە ئاڭلاش دىگەن پەرز، بۇناماز دىگەن سۈننەت.پەرز بار يەردە نەفلىنى قويۇپ
تۇرۇش كىرەك» دەيدىغان چالا موللىلار جىق. ئەجىبا پەيغەمبىرىمىز بىلمىگەننى ئۇ بىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ؟
رەسۇلۇللانىڭ ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندىمۇ بۇنامازنى ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقى بۇنامازنىڭ ئادەتتىكى نەفلە ناماز
ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتتا(كۈن چىقىۋاتقان،تىكلەشكەن،پېتىۋاتقان
چاغدا،ئەسىر نامىزىدىن كىيىن ) مەسجىدكە كىرىپ ئولتۇرماقچى بولغان ئادەممۇ چوقۇم ئىككى رەكئەت ناماز
ئوقۇۋىتىپ باشقا نەفلە نامازنى ئوقۇماي ئولتۇرۇشى لازىم. شۇنچە ئوچۇق ھەم سەھىھ دەلىل بار بىر ئىشمۇ
بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئۆز يولى بويىچە بولمايۋاتىدۇ. توۋادىمىسە بىكار….

6-ئالدىنقى سەپتە بوش ئورۇن بولسىمۇ كەينىدىكى سەپتە ئولتۇرۇش. بۇمۇ ئېغىر خاتالىق بولۇپ بۇنداق
ناماز ئوقۇغان ئادەم نامىزىنى قايتا ئوقۇشى لازىم. بۇ توغرىدا ھەدىس. ۋابىسە ئىبنى مەئبەد(اللەئۇنىڭدىن رازى
بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ.بىر ئادەم سەپنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان ئىدى. رەسۇلۇللا ئۇنى نامازنى قايتا
ئوقۇشقا بۇيرىدى.( مىشكات 231-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دىدى)

7- ئىمام پەرز نامازنى باشلىغاندىن كىيىن سۈننەت ئوقۇشمۇ خاتا بولۇپ توغرىسى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ پەرز
ئوقۇشى لازىم. سۈننەتنى كىيىن ئوقۇۋالسا بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللا
مۇنداق دىگەن«نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا پەرزدىن باشقا نامازنى ئوقۇشقا بولمايدۇ.(تىرمىزى ھەم ئەلبانى
بۇھەدىسنى ھەسەن ھەدىس دىدى) مۇشۇنداق ئوچۇق ھەدىس تۇرسىمۇ بىر قىسىم ئىماملار «سۈننەت ئوقۇپ
بولغاندىن كىيىن پەرزگە ئۈلگۈرەلەيدىغان بولسا ئاۋال سۈننەتنى ئوقۇۋېلىپ ئاندىن ئىمامغا ئىقتىدا قىلسىمۇ
بولىدۇ» دەپ خاتا پەتىۋا بىرىدۇ.(بولۇپمۇ بامداتنىڭ سۈننىتىدە)

8- يەنە بەزىلەر« ئامىن »دىن كىيىن ئىمام سۈرە ئوقۇيدىغان چاغدا بىسمىللانى ئوقۇپ قويىدۇ.بۇنداق
قىلىشمۇ بىدئەت ئىش بولۇپ ياخشىسى جىم تۇرۇش كىرەك.

9- ئەتتەھىيياتۇنىڭ بېشىدا بەزىلەرنىڭ بىسمىللانى ئوقۇپ ئاندىن ئەتتەھىيياتۇ ئوقۇشىمۇ ئوخشاشلا بىدئەت
ئىش.

10- يەنە بەزىلەرنىڭ ھەرقېتىم روكۇدىن كىيىن قەستەن ئالقىنىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ قويۇشى ئارتۇقچە
ئىشتۇر.

11- يەنە ئايەتلەرنىڭ باش ئاخىرىغا باشقا يەردىكى ئايەتلەرنى ياكى زىكىرلەرنى قوشۇپ ئوقۇشمۇ بىدئەت.،
مەسىلەن بەزى قارىلار سۈرە تەبارەك نىڭ ئاخىرقى ئايىتىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن «اللَّهِ رَبِّ العَالَمِينَ»
دەپ ئاشكارا ھالدا ئۇلاپ ئوقۇپ قويىدۇ. بۇ ۋە بۇنىڭدەك سۆزلەرنى قوشۇپ دىيىش ئەسلىدە شۇ سۈرىنىڭ
تىكىستىدىكى سوئالغا جاۋاپ بىرىش مەقسىتىدە دىيىلىدىغان بولۇپ ئۇنى قۇرئان كەرىمگە ئۇلاپلا قۇرئان
كەرىمنىڭ ئاھاڭىدا ئوقۇۋىتىلسە ئۇ چاغدا ئۇ جاۋاپ شۇ سۈرىنىڭ بىر ئايىتىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ. شۇڭا ئۇ
جاۋابنى ئىچىدە ياكى باشقا ئاھاڭدا ئادەتتىكىدەك تەلەپپۇز بىلەن دىيىش كىرەك.
(بۇنداق جاۋاپ بىرىدىغان سوئاللار قۇرئان كەرىمنىڭ بىرقانچە يېرىدە ئۇچرايدۇ. بىلەلىگەنلەر يۇقارقىدەك
ئۇسۇلدا جاۋاپ بىرىشى لازىم. ھەرگىزمۇ شۇئايەتكە ئۇلاپلا قۇرئان ئاھاڭىدا ئوقۇپ جاۋاپ بەرمەسلىك لازىم)

12- دۇئا ۋە ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇش. نامازئىچىدە ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇشمۇ بىدئەت.بۇنى
ھەممەيلەن بىلىدۇ.ئەمما نامازنىڭ تېشىدا بەزىلەرنىڭ دۇئا قىلغاندا سۈرە فاتىھەنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ
ئاندىن تىلەكلىرىنى تىلەۋاتقانىلىقىنى كۆرۈپ قالىمەن. بۇنداق قىلىشمۇ ئوخشاشلا بىدئەت بولۇپ ئەڭ
ياخشىسى ئەرەپچىسىنى ئوقۇش كىرەك. قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇش ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بىلىپ توغرا
يولنى تېپىش ئۈچۈندۈر. ئەمما ئۇنىڭ ئەرەپچىسى اللەنىڭ كالامى بولۇپ تەرجىمىسىنى اللەنىڭ كالامى
دىگىلى بولمايدۇ.ھەتتا تەرجىمىسىنىڭ ھەممىنى اللەنىڭ كالامىنىڭ ئەينەن مۇرادى دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا
ئىبادەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەپچە تىكىستىنى تەجۋىد بىلەن ئوقۇش كىرەك. مەزمۇنىنى بىلىش ئۈچۈن
تەرجىمىسىنى ئوقۇش كىرەك.

13- كىيمنىڭ يەڭلىرىنى،ئىشتاننىڭ پۇچقاقلىرىنى تۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇشمۇ خاتا بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەر
بۇنىڭغا دىققەت قىلماي ئىشتانلىرىنى تۈرۈپ قويۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ ھەقتە ھەدىس.
ئىبنى ئابباس تىن رىۋايەت قىلىنىدۇ پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن مەن يەتتە ئەزايىم بىلەن سەجدە
قىلىشقا،كىيىمىمنى ۋە چېچىمنى تۈرۈۋالماسلىققا بۇيرۇلدۇم. (مۇسلىم رىۋايتى)
كىيىم -كىچەكنى تۈرۈۋېلىشتىن چەكلەشنىڭ ھىكمىتى بەلكىم بۇنداق قىياپەتنىڭ سەت قىياپەت
ئىكەنلىكى،نامازغا تۇرغاندا ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە تۇرۇشنىڭ بۇيرۇلغانلىقى بولسا كىرەك.چۈنكى ھەممەيلەنگە
مەلۇمكى پاچاقلىرىنى تۈرۈپ يۈرۈش پەقەت جىددى ئىش ۋاقىتلىرىغا خاس.توي- مەرىكەلەرگە ،بازارلارغا
بارماقچى بولغان ئادەممۇ كىشىلەر مەسخىرە قىلمىسۇن دەپ ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ كىيىم-كىچەكلىرىنى
تۈزەشتۈرۈپ بارىدۇكى ھەرگىزمۇ باشقىلار ئەيىپلەيدىغان سەت تۇرقى بىلەن بارمايدۇ. اللەنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ
اللەبىلەن مۇڭدىشىدىغان نامازغا ئەڭ چىرايلىق شەكىل ھەم تۇرقى بىلەن بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ھەممەيلەنگە
چۈشىنىشلىك.

14- پەرز نامازنى يەككە ھالدا ئوقۇش. بەزى قېرىنداشلار بەزىبىر ئىماملارنى ياراتماي بىرىنچى جامائەت بىلەن
ناماز ئوقۇمايدۇ. ئۇلار ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كىرىپ ئىككىنچى قېتىم جامائەت بولۇش مەكروھ دەپ
يالغۇز ئوقۇپ چىقىپ كىتىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپ ياخشىسى جامائەت بولۇپ ئوقۇش كىرەك. بۇ
توغرىدا دەلىل.
ئەبۇ سەئىد (اللەئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)مۇنداق دەيدۇ.رەسۇلۇللا ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن بىر ئادەم
كەلگەن ئىدى .رەسۇلۇللا «بۇكىشى بىلەن بىللە نامازئوقۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا سەدىقە قىلىدىغان ئادەم
يوقمۇ؟» دىدى. تىرمىزى ،ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان .ئەلبانى سەھىھ دىدى.
ئەمدى بەزىبىر ئۆلىمالارنىڭ ئىككىنچى جامائەتنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى بولسا مەلۈم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن
بولغان بولۇپ بۇتوغرىدا گەپ قىلساق ماقالە ئۇزۇراپ كىتىدۇ. قىسقىسى ئىككىنجى جامائەت دۇرۇسكەنغۇ دەپ
يوچۇق ئىزدەپ نامازنىڭ ئاۋالقى ۋاقتىنى ھەم بىرىنجى جامائەتنى قولدىن بىرىشكىمۇ،ئىككىنجى جامائەت
دىگەن مەكروھ دىگەن پەتىۋاغا قارىغۇلارچە ئېسىلىۋېلىپ يەنە بىر بىدئەت پەيدا قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

15-نامازدا تەشەھھۇدتا بارماق كۆتۈرۈش بىر قانچە ھەدىسلەر ئارقىلىق سۈننەتلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ
بەزىلەر مۇشۇنداق ئاددى بىر ئىشنىمۇ قىلماي ناماز ئوقۇيدۇ. رەسۇلۇللا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن.»ئۇ(بىگىز
بارماق)شەيتانغا تۆمۇر(نەيزىدىن)مۇ زەربىلىك. (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.ئەلبانى ھەسەن دىگەن)شۇڭا
قېرىنداشلارنىڭ بۇسۈننەتنى تاشلاپ قويماي ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ھەممەيلەنگە اللەدىن ھىدايەت
تىلەيمەن.