ھارۇن رەشىدنىڭ مەسلىھەتچىسى بەھلۇل دېمەكچى بولغانلىرىنى ھېچكىمنى ئاياپ ئولتارماي دەۋېرىدىغان،
نەسىھەتلىرىنى ئۇدۇللا ئوچۇق سۆزلەۋېرىدىغان شىجائەتلىك بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى كۆرگەن ناتوغرا
ئىشلارنى يۈز خاتىرە قىلماستىن پەرۋاسىزلارچە ئەيىپلەشلىرىدىن بىئارام بولۇشقان بىر قىسىم كىشىلەر خەلىپە
ھارۇن رەشىدنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ: ئى بادىشاھىم! بىزنىڭ قىلغان خاتا ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا نېمە زىيىنى بار؟
ئۇ بىزنى ئۆز مەيلىمىزگە قويىۋەتسە بولمامدۇ؟ بەرىبىر ھەر بىر قوي قاساپنىڭ كىنارىغا ئۆز پاچىقىدىن
ئېسىلىدىغۇ؟ دېمەك ھەر بىرىمىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب بېرىمىز ئەمەسمۇ… دېگەندەك
شىكايەتلەرنى قىلىشىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلىپە ھارۇن رەشىد بەھلۇلنى ئوردىغا چاقىرتىپ ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ
شىكايەتلىرىنى يەتكۈزۈپتۇ. بەھلۇل ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە لام- جىم دېمەستىن ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ ۋە بىر
قانچە قوي ئېلىپ كېلىپ سويۇپ ئۇنى مەھەلىلەرنىڭ تەرەپ- تەرەپلىرىگە پاچىقىدىن ئېسىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ
بۇ قىلغانلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر: ساراڭ دېگەن شۇنداق ئىشلارنى قىلماي قانداق قىلاتتى، ئۇ ھەمىشە
مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلارنى قىلىدۇ، دېيىشىپ مەسخىرە قىلىشىپتۇ. ئەمما ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتە-
ئۆتمەي ئېسىلغان قويلارنىڭ گۆشى پۇراپ ئەتراپنى سېسىق پۇراق قاپلاشقا باشلاپتۇ، پۇراق چېدىغۇسىز ھالغا
كەلگەندە كىشىلەر يەنە خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ بۇ ئەھۋالدىن ئۇنى خەۋەردار قىلىپتۇ.
خەلىپە ھارۇن رەشىد يەنە بەھلۇلنى چاقىرتىپ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورىغاندا بەھلۇل:
ئى پادىشاھىم! مەن ئۆز پاچىقىدىن ئېسىلغان قويلارنىڭ كىشىلەرگە زەرەر بەرمەي قالمايدىغانلىقىنى،
ئەتراپتىكىلەرنىڭ بۇ زىياندىن زەرەرلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن
شۇنداق قىلدىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ھېكايىدىن ئىبرەتلەر: ھەر بىر ئادەم ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان،
قىلىنىۋاتقان يامان ئىشلارنى: مەن قىلمىغاندىكىن مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ پەرۋاسىز يۈرسە ، ئۇنى
توسىمىسا، بۇ يامانلىقلار پۈتكۈل جەمىئەتنى چىرىتىدۇ، كۈنلەر ئۆتۈپ ئۆزىمىز شۇ يامانلىقلارنىڭ زىيىنىغا
ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى بولىمىز.