ھېچكىم ھېچكىمگە ياشاشنى ئۆگىتەلمەيدۇ. بالىڭىزغا ھاياتنى تەييار بىر رېتسىپ ھالىتىدە سۇنالمايسىز. بالىڭىزنىڭ ھايات يولىنى سىزالمايسىز. ئۇنىڭغا پەقەت ئۆز يولىنى سىزالايدىغان بىر خەرىتە بېرەلەيسىز.

سۆيگۈنىڭ چوڭدىن كىچىككە، ھۆرمەتنىڭ كىچىكتىن چوڭغا قارىتىلىشى توغرا ئەمەس. چوڭنىڭ كىچىككە كۆرسەتكەن ھۆرمىتى، كىچىككە ئەدەبلىك بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. بالىغا ھۆرمەت دېگەنلىك، ئۇنىڭ مۇستەقىل بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر.

ئارتۇقچە سۆيگۈنىڭ بالىڭىزغا بىر زەرەرى يوقتۇر. زەرەرلىك بولغىنى خاتا سۆيگۈدۇر. بالىڭىزغا بىر تالاي نەرسىنى شەرت بىلەن بەرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن سۆيگىڭىز «شەرتلىك» ئەمەس «مىننەتسىز» بولۇشى كېرەك. بالىڭىزنى زىيادە سۆيگۈگە لايىق ئەمەس دەپ ئويلىغان چېغىڭىزدا، سۆيگۈگە مۇھتاجلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

بالىلىرىڭىزغا بېرەلەيدىغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ۋاقىت چىقىرىشىڭىزدۇر.

كەڭ قورساقلىق، بالىڭىزنى سىزنىڭ ئارزۇ قىلغىنىڭىزدەك ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. كەڭ قورساقلىق ئالدىمىزدىكىلەرنى بىز ئويلىغىنىمىزدەك ئىش قىلىشقا زورلاش ئەمەس، ئۆزى ئويلىغاندەك بولۇشىغا ئىمكان بېرىشتۇر. كەڭ قورساقلىق بىلەن چوڭ بولغان بالىلار سەۋرچان ۋە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىدۇ.

بالىڭىزغا نەسىھەت قىلغاندىن ئۇنىڭغا ئۈلگە بولۇڭ. خۇش پېئىللىق، قولى ئوچۇقلۇق، سەمىمىيلىك پەقەت باشتىن كەچۈرۈپ ئۆگىتىلىدۇ. ئالايلۇق: بىر ساتارمەننىڭ سىزگە ئوشۇق قايتۇرغان پۇلىنى جەزمەن بالىنىڭ ئالدىدا قايتۇرۇپ بېرىڭ. بالىڭىز قاچىسىدىكى تاماقنى يەپ بولالماي قالسا، تۈگىتىشكە زورلاشنىڭ ئورنىغا، يېرىمىنى يېيىشىنى ئېيتىڭ. بەلكىم، يېرىم قاچا تاماقنى ئاز يەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا يول قويۇش دېيىلىدىغان، شۇنداقلا ھاياتنى ياشىغۇدەك ھالغا كەلتۈرىدىغان بىر خاراكتېرگە ئېرىشىش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم باسىدۇ.

بالىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز. ئۇنى پەقەت ئۆزگىرىش ئۈچۈن غەيرەتكە كەلتۈرەلەيسىز، رىغبەتلەندۈرەلەيسىز. بالىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنۇش ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانغا ئوخشايدۇ. ئارزۇ قىلغىنىڭىزنى روياپقا چىقارغىنىڭىزنى ئويلىغان پەيتتە، ئاستىڭىزدا قالغۇچىنىڭ كۇكۇم-تالقان بولغىنىنى بايقايسىز. بالىڭىزدا بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلغاننىڭ ئورنىغا، بار بولغانلىرىدىن سۆيۈنۈڭ.

تەربىيە توغرىنى سۆزلەش ئەمەس، توغرىنى قىلىشتۇر. بالىڭىزغا بېرىدىغان تەربىيىنىڭ مەقسىدى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىشتۇر.

تەقدىرلەنگەن ۋە ماختالغان بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنى ۋە دوستلىرىنى تەقدىرلەشنى ئۆگىنىدۇ. ئاتىلىرىمىز «تاج كىيگەن باش ئەقىل تاپار» دەپتىكەن. بالىڭىزغا كىچىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئالدىدا ئىلھامبەخىش سۈپەتلەر بىلەن يېقىنلاشسىڭىز ئەڭ چوڭ خەزىنە بولغان ئ‍ۆزىگە ئىشەنچ تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرەلەيسىز.

دۇنياغا ئۇنىڭ كۆزىدە بېقىشقا تىرىشىڭ. كۆرىسىزكى، بەكرەك كۈلىدىغان، بەكرەك سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، بەكرەك ھەۋەسلىك، بىر تەرەپلىمىلىكتىن بەكرەك خالىي، بەكرەك كەسكىن بولۇپ قالىسىز.

ئىشلىتىش قوللانمىسى يوق ئىشلىتىدىغان بىردىنبىر تەئەللۇقاتىمىز بالىمىزدۇر.

ئەگەر بىر كۈنى يولىڭىزدىن ئازسىڭىز، بىر بالىنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراڭ. چۈنكى بىر بالىدا بىر چوڭغا ھەرۋاقىت ئۆگىتەلەيدىغان ئۈچ نەرسە باردۇر: سەۋەبسىز يەرگە خۇش بولماق، ھەرۋاقىت ھەپىلىشىدىغان بىر نەرسە تاپالىماق ۋە قىلغۇسى بار ئىشتا كۈچىنىڭ بارىچە چىڭ تۇرماق.

پەزىلەتلىك تەربىيە ئىنسانغا ھۆرمەت بىلەن باشلىنىدۇ. پەزىلەتلىك، بىلىملىك، غورۇرلۇق ئىنسانلارنىڭ ئائىلىسى، كوچىسى، مەھەللىسى ۋە مىللىتى تېخىمۇ پەزىلەتلىك بولىدۇ. پەزىلەتلىك تەربىيە بىلەن تەربىيىلەنگەن ئىنساننىڭ بولۇشى بەختنىڭ ھەم مەنبەسىدۇر.

خۇشۋاق بولۇڭ، سۆيگۈلۈك بولۇڭ.

(تۈركچىدىن دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى، 2018-يىل 6-فېۋرال)