ئا
«ئا» دۇر ئىسمىم، قوينۇمدا
بار ئېلىپبە كىتابىم.
مەن ئۆگىنەي ئوقۇشنى،
سەن كۈلۈپ بەر كىتابىم.

ئە
«ئەينەك» تىكى «ئە» ئاداش،
«ئا»غا ئازراق ئوخشايدۇ.
تۇتقۇچىدىن تۇتمىسام،
سۇنۇپ كەتسە يىغلايدۇ.

ب
«ب» مەن، ئوماق بوۋاقمەن،
يۆگىكىمدە ياتىمەن.
بىر چېكىتنى چاق قىلىپ،
دومىلاپمۇ باقىمەن.

پ
«پالتا» دىكى «پ» بىلەن،
كەل بىللە توپ ئوينايلى.
«ب» نىڭ توپى بىر دانە،
ئالماشتۇرۇپ قويمايلى.

ت
«ت» دۇر ئېتىم بىلىۋال،
ئۈستۈمدە قوش قوڭغۇراق.
ئانام كەتسە چالىمەن،
جىرىڭ، جىرىڭ، جىلدىراق.

ج
«جىم، جىم» دېدى جىم بولدۇم،
ئانام ناماز ئوقۇسا.
قوينۇمدىكى توپۇمنى،
بەردىم ئۇكام يىغلىسا.

چ
«چەينەك» تىكى «چ» ئاداش،
چايغا سالار ئۈچ تال قەنت.
چىشى ئاغرىپ ئارقىدىن،
ۋايجان سېلىپ يىغلاركەن.

خ
«خ» مەن، باشتا تاجىم بار،
«ج»، «چ» لاردىن پەرقىم بار.
بىردەم ئويناپ كېلەيلى،
باغچىغا بەك بارغۇم بار.

د
«د»، «د» دېدى ئېتىمنى،
ئېگىپ قويدى بېلىمنى.
مەن مەكتەپكە ماڭىمەن،
ئىچىپ بولسام چېيىمنى.

ر
«ر» مەن «د»دىن ئېگىزمەن،
ھەم بەك باتۇر بالىمەن.
روزا تۇتقۇم بار ئىدى،
قاچانمۇ چوڭ بولىمەن؟

ز
«ز» مەن «ر»دىن پەرقىم شۇ،
دوپپام باردۇر بېشىمدا.
«د» دەك قىسقا ئەمەسمەن،
زىراپىدەك بويۇم بار.

ژ
«ژۇرنال» دىكى «ژ» كەلدى،
توپ ئوينايلى، دەپ كەلدى.
«ز» ئاداشنىڭ دوپپىسى،
ئۇنىڭغا دەپ-دەل كەلدى.

س
«س» مەن سائەت بېغىغا،
ئوخشايدۇ باق، قۇيرۇقۇم.
كەچتە بالدۇر ئۇخلايمەن،
سەنچۇ ئاداش، ئومىقىم؟

ش
«ش»مەن، ئالدۇق ئۈچ يۇلتۇز،
ئەلاچى بوپ ئوقۇغاچ.
چۈشۈپ قاپتۇ يۇلتۇزى،
«س»جان سەكرەپ ئوينىغاچ.

غ
«غ»مەن غازدەك ئۈزىمەن،
ئەتراپلارنى كېزىمەن.
دوپپامنى ئېلىپ ئۆرۈلسام،
قارا «3»نىڭ ئۆزىمەن.

ف
«ف»دۇر ئېتىم، بېشىمدا،
بىرلا توپ بار بىلىۋال.
ھېلى بىللە ئوينايلى،
بىردەم ئارام ئېلىۋال.

ق
«ق» مەن، قۇرئان ئوقۇساڭ،
سەن بىلەن تەڭ يايرايمەن.
چارچىساڭ دە جان ئاداش،
سەن بىلەن توپ ئوينايمەن.

ك
«ك» مەن «ئا»غا ئوخشايمەن،
ئەگەر تەتۈر ئۆرىسەڭ.
قوينۇمدىكى توپ ئەمەس،
«ئېلىپبە»دۇر ئۇ دېگەن.

گ
«گۈل»دىكى «گ» بېشىغا،
قويۇپتۇ گۈل شېخىنى.
گۈل ئېچىلسا باھاردا،
بىز كۆرەيلى بېغىنى.

ڭ
«ياڭاق» تىكى «ڭ» ئاداش،
ياڭاق چاقار ئۈچ تاشتا.
ئۆزى يالغۇز يېمەيدۇ،
بېرىدۇ جان ئاداشقا.

ل
«لامپا»دىكى «ل» دېسە،
ھەممە مېنى بىلىدۇ.
«تەتۈر تۇرغان ھاسا بۇ»،
دە ئېسىڭدە تۇرىدۇ.

م
«م» دېيىشنى مۈشۈكتىن،
سوراپ باققىن بىلىدۇ.
يېزىپ باققىن، دېسە گەر،
قايسى مۈشۈك كېلىدۇ؟

ن
«ن» مەن نانغا ئوخشايمەن،
بىر بۇردامنى تېتىپ باق.
ئوخشار «س»نىڭ قۇيرۇقى،
كەلگىن ئاداش، يېزىپ باق.

ھ
«ھ» مەن قولۇم بېشىمدا،
سالام بېرىپ تۇرىمەن.
ھەربىي — دۈشمەن ئوينىساق،
پوستا ئۆزۈم تۇرىمەن.

ئو
«ئورغاق» تىكى «ئو» كەلدى،
بېرىپ بۇغداي ئورايلى.
ھېرىپ كەتسەك خاماندا،
يۇلتۇز ساناپ قونايلى.

ئۇ
«ئۇۋا» تىكى «ئۇ»نىڭكى،
قۇمچاق باركەن بېشىدا.
سۇغا چۈشسە قۇمچاقجان،
تەڭ ئۈزەركەن قېشىدا.

ئۆ
«ئۆچكە»دىكى «ئۆ» ئاداش،
بېشىدا بار مۈڭگۈزى.
كەچتە تاقلاپ ئۇخلىماي،
ئۇخلايدىكەن كۈندۈزى.

ئۈ
«ئۈزۈم» دىكى «ئۈ» كەلدى،
باغدا ئۈزۈم يەپ كەلدى.
باشقا قىسىپ بىر تال پەي،
ئۇسسۇل ئويناي دەپ كەلدى.

ۋ
«ۋار»، «ۋار» قىلدى ۋارقىراپ،
قورسىقى ئاچ بىر بوۋاق.
«ۋ» مىنىدۇ ۋېلسىپىت،
ئۈچ تال چاقلىق بەك ئوماق.

ئې
«ئېيىق»تىكى «ئې» ئاداش،
ئىككى توپنى ئوينايدۇ.
بىز قوغلاشماق ئوينىساق،
قوغلاپ-قوغلاپ ھارمايدۇ.

ئى
«ئىت»تىكى «ئى» تالىشىپ،
قوغلار «ئې»نىڭ توپىنى.
ئەركىلەيدۇ بەرمىسە،
ئوينىتىپ قۇيرىقىنى.

ي
«ي» مەن سۇدا ئۈزىمەن،
ئۆردەك، غازدەك بەك راۋان.
ھەرپلەرنى سۈزىمەن،
ئوقۇپ باققىن سەن بالام.