2007-يىل بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىش نىسىب بولدى. تۇنجى قېتىم ئەركىن نەپەس ئېلىشنىڭ، ناتونۇش مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن مۇسۇلمان بولغىنىم ئۈچۈنلا باغرىغا بېسىلىشنىڭ، سودا مەركەزلىرىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئارام ئېلىش ئورۇنلىرىدىمۇ نامازنى دەل ۋاقتىدا ئوقۇشنىڭ، مۇبارەك رامىزاننى دەخلى-تەرۇزسىز قېنىپ ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۇزۇرىنى پاكىستاندا تېتىغان بولدۇم.
رامزاننىڭ ھارپا كۈنى رامىزان توپى ئېتىلغاندىن كېيىن كەمپىت، تاتلىق-تۈرۈملەر بىلەن ئەڭ ئاۋۋال بالىلارنىڭ رامزانىنى مۇبارەكلەيدىغان ئادەتتىن سۆيۈندۈم. بىر كۈنى تەراۋىھنى بىر باينىڭ چوڭ ئائىلىسى بىلەن بىللە ئوقۇشقا توغرا كەلدى. 20-30 كىشلىك چوڭ ئائىلە ئۇ كىشىنىڭ قوروسىدىكى چىملىقتا نامازغا تۇردۇق. كىچىك بالىلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى. نامازنى ئىسلام ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن بىرى ئوقۇتتى. تەراۋىھ ئارىسىدىكى ئارامدا پىرەنىك، تاتلىق تۈرۈملەردىن ئىلتىپات قىلىشتى، ئىمام ئالدىنقى رەكەتلەردە ئوقۇلغان ئايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك قىسسەلەرنى سۆزلەپ بەردى (ئوردۇچە بىلمىسەممۇ، نامازدا ئوقۇلغان «بەقەرە» سۈرىسىدىكى قىسسەنى سۆزلەۋاتقىنىنى پەملىدىم). بالىلارنىڭ كەيپىياتىدىن ناماز ھەم ئارىلىقتىكى قىسقىچە دەرسلەردىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن شۇنىڭدىن كېيىنكى رامىزانلاردا رامزان ھارپىسى بالىلىرىمنى ئىشەنچلىك دۇكانلارغا ئاپىرىپ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق-تۈرۈملەردىن ئېلىپ بېرىشنى، مەسجىدتە خۇپتەننى تۈگىتىپ، تەراۋىھتىن ئازراق ئوقۇغاندىن كېيىن ئامال بار ئۆيگە بېرىپ، ئائىلەمگە ئىمام بولۇپ تەراۋىھ ئوقۇشنى ئادەت قىلدىم. تەراۋىھ ئارىسىدا جەينامازغا بالىلار ئامراق خۇشپۇراق مېۋە چايلىرى بىلەن تاتلىق-تۈرۈملەرنى كەلتۈرۈپ، قۇرئاندىكى قىسسەلەرنى، نامازدا دائىم ئوقۇلىدىغان سۈرىلەرنىڭ تەفسىرلىرىنى يېقىشلىق شەكىلدە يەتكۈزدۈم. پاكىستاندىن ئۆگەنگەن بۇ ئادەت بالىلىرىمدىكى رامىزان سۆيگۈسىنى ئاشۇردى. رامىزان كېچىلىرى تەراۋىھقا ئالدىرىشىدىغان، رامىزان كەلمەستە كۆڭۈللۈك رامىزان كېچىلىرىنى سېغىنىشىدىغان بولدى.
رامزاندا توڭلاتقۇ، گېزەكلەر، سۇ ئىچىدىغان ئەينەك كورالارنىڭ يېنىغا «رامىزان مۇبارەك» دېگەن خەتنى چىرايلىق يېزىپ چاپلاپ قوياتتىم. بۇ بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ ئېسىدە يوق بىر نېمە يەپ سالماسلىقىنى ئەسكەرتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي ئىچىدە يېقىملىق رامىزان كەيپىياتى پەيدا قىلاتتى…
ئاللاھ بىزگە ۋە بالىلىرىمىزغا رامىزاننى سۆيدۈرسۇن، ھەممىڭلارغا گۈزەل، مېھىرگە تولغان رامىزان تىلەيمەن.