«ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر. ئۇ شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان…»
(بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەت)
قۇرئان نازىل بولغان رامىزان ئېيىدا مەسجىد ۋە ئۆيلەر قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن زىننەتلىنىدۇ. بەرىكەتلىك بۇ ئايغا ئوقۇلغان قۇرئان بىلەن قاتمۇقات بەرىكەت قوشۇلىدۇ. غۇۋالاشقان قەلبلەر تىلاۋەت چەشمىلىرى بىلەن سۈزۈكلىشىدۇ. رامىزان ھارپىسىدا قۇرئان ھەققىدە بىر تەرەپلىمە قاراشلار ھەققىدە قىسقىچە توختىلىشنى توغرا تاپتىم.
كىشىلەر ئارىسىدىكى قۇرئان ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەردىن بىرى، چۈشەنمەي قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق، دەپ قاراش، يەنە بىرى قۇرئان ئوقۇش پەقەت تىلاۋەت قىلىش، دەپ قاراش.
1.چۈشەنمەي قۇرئان ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوقمۇ؟
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلسۇن ـ بىلمىسىمۇن، ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار ھەرگىز كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر» (فاتىر سۈرىسى 29 ـ 30 ـ ئايەتلەر)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇڭلار، قۇرئان كەرىم ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلغان ھالدا كېلىدۇ»(ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن خۇددى ئۇترۇج دېگەن مېۋىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىق كېلىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، ئەمما تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، ئەمما تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق (ياۋا) خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمۇ ئاچچىقتۇر»(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).
ئۇ يەنە بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ‹ئەلىف، لام،مىم› نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىم› بىر ھەرپتۇر»(تىرمىزى رىۋايىتى) دەپ كۆرسەتكەن.
يۇقارقى ئايەت، ھەدىسلەردىن «چۈشەنمەي قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دەپ قاراشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل قاراش كىشىلەرنى قۇرئاننى مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇشقا يېتەكلەشتىن بەكرەك، قۇرئاندىن يىراقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. قۇرئان تىلاۋىتىنى ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ ئاستا-ئاستا تىلاۋىتىنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە ئىنتىلىشى ھەم چۈشىنىپ ئوقۇيدىغانلاردىن بولۇشى ئۈمىدلىك. ئەمما، «چۈشەنمەي قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دەپ قۇرئاندىن ئۇزاقلاشقان بىرىنىڭ ئەرەب تىلى ئۆگىنىپ، قۇرئاننى چۈشەنگۈدەك بولۇپ، ئاندىن قۇرئاننى قولىغا ئېلىشىغا ئۆمرى يار بېرەمدۇ، بۇنىسى گۇمانلىق.
 قۇرئان ئوقۇش كىشىگە ھوزۇر بېرىدۇ، «… دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» (رەئد سۈرىسى 28-ئايەت)، بۇنى قۇرئان ئوقۇشنى ئادەت قىلماي تۇرۇپ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. غەم-غۇسسە ئىچىدىكى كىشىلەرگە قەلب ھۇزۇرى ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىنمۇ بەكرەك ياخشى دورا يوق. چۈشكۈنلۈك ئىچىدە قالغان بولسىڭىز كۈندە ھېچبولمىسا يېرىم سائىتىڭىزنى قۇرئان ئوقۇشقا ئاجرىتىڭ، قەلبىڭىزنىڭ خۇرسەنلىك بىلەن تولغىنىنى بايقاپ قالىسىز.
قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىش ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدىغان بىرى ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس، نەچچە سائەت ۋاقىت چىقارسىڭىز، قۇرئاندىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا يوق ھەرپلەرنى، تاۋۇش بەلگىلىرى (زىر، زەبەرلەر) نى ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. كۆڭۈل قويسىمۇ ئۇنى تەسلىكتە قىينىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ»(ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

  1. قۇرئان پەقەت تىلاۋەت ئۈچۈن چۈشكەنمۇ؟
    قۇرئان — مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتلىق مىزانى، ئىنسانلىق قوللانمىسى. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش، ئۇنى ھاياتىغا تەدبىقلاش مەجبۇرىيتى بار. مۇسۇلمان تىلاۋەتتىن قەلبىنى ھوزۇرلاندۇرغاندەك، قۇرئاندىكى رەببىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن ئەقلىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىمانىنى توختىماي مۇستەھكەملەش بىلەن ئىمان لەززىتىنى تېتىيالايدۇ.
    قۇرئاننى ئوقۇش، يادىلاش، مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئەمەل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سائادەتمەنلىرى ۋە ئەڭ سەرخىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»(ئىمام بۇخارى رىۋايىتى) دەپ كۆرسەتكەن.
    رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» (ھاكىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان) دېگەن.
    قۇرئان كەرىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولۇپ، قۇرئان كەرىم رەسۇللاھنى ھەر بىر ياخشىلىققا يېتەكلەش ۋە باشلاش بىلەن ئۇنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىنى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ گۈزەل قىلغان، ئاخىرى رەسۇلۇللاھ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن يەر يۈزىدە مېڭىپ يۈرگەن بىر قۇرئان كەرىم ھالىتىگە كەلگەن. شۇڭا سەئد ئىبنى ھىشام ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى توغرۇلۇق سورىغان چاغدا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: سەن قۇرئان ئوقۇمامسەن؟ دېگەن. ئۇ: ئوقۇيمەن، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى» دېگەن(مۇسلىم رىۋايىتى).
    قۇرئاننىڭ 23 يىلدا تەدرىجى نازىل قىلىنىشىمۇ ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھىغا سىڭىشى ئۈچۈن ئىدى.
    قۇرئان مۇھەببىتى ئۇخچۇيدىغان مۇبارەك ئايدا قۇرئاندىن يىراق قالغانلار قۇرئانغا يېقىنلىشايلى، ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار بىلىدىغانلاردىن ئۆگىنەيلى، بىلىدىغانلار تېخىمۇ چىڭ يېپىشايلى. تىلاۋەتلەردىن، قۇرئان تەرجىمە-تەپسىرلىرىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن ساۋاب خورجۇنىمىزنى تولدۇرايلى. ئەخلاقىمىزنى قۇرئان ئەخلاقى قىلىشقا، ھەر بىرىمىز مېڭىپ يۈرگەن تىرىك قۇرئان بولۇشقا ھەرىكەت قىلايلى. رەببىمىز قۇرئاننى سۆيگەن، باغرىغا باسقانلارنىڭ مۈشكۈلىنى ئاسان قىلغاي، ئىلمىگە زىيادىلىك، زېھنىگە ئوچۇقلۇق بەرگەي.

    پايدىلانغان مەنبەلەر:
    http://mercyprophet.org/mul/da/node/6847/
    mercy%20prophet.org/mul/ur?page=313
    http://www.sajiya.biz/2018/09/13/__trashed/
    http://www.qurankerim.com