(نۇرەددىن يىلدىز ئۇستاز ئۈگۈتلىرىدىن)

قىزىم، «قىز كۆرگىلى كەلدى» دەپ بىر گەپ بارغۇ، پەرىشتىلەر شۇنىڭدەك ھەركۈنى سېنى كۆرۈشكە كېلىشىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەم، كېلىپ كۆرۈشىدۇ. كۆرگەنلىرىنى يېزىشىدۇ. ياقتۇرغان-ياقتۇرمىغانلىرىغا ئاساسەن نومۇر قويۇپ كېتىشىدۇ. ھەر كۈنى بامدات ۋاقتىدا، پېشىن ۋاقتىدا بۇ قىزنى مۇنداق كۆردۇق، مۇنداق ھالەتتىكەن، دەپ ئاللاھقا دوكلات بېرىشىدۇ…
قارا، يىگىت! مەكتەپكە ماڭغىچە چېچىڭغا دىققەت قىلىسەنغۇ؟ تۇرقۇڭغا دىققەت قىلىسەنغۇ؟ سومكاڭ كونىراپ كەتكەن بولسا تۇتمايسەنغۇ؟ تېخىمۇ نوچى كۆرۈنۈش ئۈچۈن كىتابلارنى سومكىدا ئەمەس، قولۇڭدا كۆتۈرۈپ يۈرىسەنغۇ؟ پەرىشتىلەر سېنى ھەر كۈنى بامداتتا ئىزدىشىدۇ؛ «يەنە كۆرمىدۇق، رەببىم! 18 يېشىدىن ئۆتتى» دېيىشىدۇ ھەر سەھەردە، ھەر پېشىن ۋاقتىدا. ئەتراپىڭدىكى پەرىشتىلەر نۆۋەت ئالمىشىشىدۇ. ئاللاھقا تۇتقان دوكلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدۇ. «23 يېشىغا كەلدى، رەببىم، تېخىچە بامدات نامىزىغا تۇرمىدى» دېيىشىدۇ. ئاسمانلاردا پارىڭىڭ بولىدۇ، قوزام. يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە گېپىڭ بولىدۇ! ئۇنىۋېرستىت ئىمتىھانىغا تەييارلاندىڭ، خەيرلىك، بەرىكەتلىك بولسۇن. ئاخىرەت ئىمتىھان تەييارلىقىڭ بەك ناچار كېتىۋاتىدۇ. ئۇنىۋېرستىت ئىمتىھانىدا تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرىچە نەتىجەڭنى چىقىرىشىدۇ-يا؟ بامدات نامىزى ئوتتۇرىچە نەتىجەڭمۇ خۇلاسىلىنىۋاتىدۇ. سەن 15 يېشىڭدا بالاغەتكە يەتتىڭغۇ؟ ئۇ كۈنى سېنىڭ دەپتىرىڭنى ئېچىشقانىدى. 23 ياشقا كىردىڭ. سەككىز يىلنىڭ ئوتتۇرىچىسى نۆل چىقىدۇ، قوزام. ئاناڭ ھاممىلىرىڭغا گېپىڭنى قىلىپ: «ئوغلىمىز بەك كېلىشىملىك، ئۇدۇل كەلگەننى ئېلىپ بەرمەيمىز، بەك كېلىشكەن بالا بولدى» دەيدۇ. پەرىشتىلەر بولسا جەھەننەم ئوتىدا ئېرىگەن تېرەڭنى كۆرۈشىدۇ سېنىڭ. ناماز يوق، چۈنكى. كۈننى ناماز بىلەن باشلىمىغاچقا، كۈنۈڭنىڭ بەرىكىتى يوق، قوزام. ئاناڭ سېنى نەگە تەييار قىلىۋاتىدۇ، بىلمەيمەن. داداڭ سېنىڭ ئۈچۈن قايسى كېلەچەكنى پىلانلاۋاتىدۇ، بىلمەيمەن. ئەمما، مەن سېنى ئەڭ بۈيۈك كېلەچەككە تەييار قىلىۋاتىمەن. ھەر بامدات نامىزىدا بىر مۇسۇلمان بالىسى دەپ سېنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن پەرىشتىلەرنى ئەسلىتىۋاتىمەن…