رەببىمىزنىڭ رەھمەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان مۇبارەك بىر ئاي كېلىۋاتىدۇ. رامىزان سوھۇردىكى بەرىكىتى، ئىپتاردىكى خۇشاللىقى، تەراۋىھتىكى ھۇزۇرى، قۇرئان نۇرىغا چۈمۈلگەن جۇلاسى بىلەن سۆيۈملۈك بولۇپلا قالماستىن، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتىكى تۈرتكىسى بىلەنمۇ سۆيۈملۈك بىر ئاي. ھەر بىر رامىزاندا مەلۇم بىر ياخشى ئەمەلنى كۈندىلىك ھاياتىڭىزغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن پىلان تۈزسىڭىز، ھەم بىر ئاي ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۇنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرالايسىز. مەسىلەن: جامائەت نامىزىغا ئۆزىڭىزنى ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىر رامىزاندا بامداتقا، بىر رامىزاندا خۇپتەنگە، يەنە بىر رامىزاندا باشقا نامازلارغا ئىزچىل مەسجىدكە چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۆمۈر بويى ھەممە نامىزىڭىزنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرەلەيسىز. رامىزاندا ھەر نامازنىڭ ئالدى كەينىدە 4 بەت قۇرئان ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن يەڭگىل بىر شەكىلدە ئايدا بىر پارە قۇرئان ئوقۇشنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرالايسىز. تېلېفون بىلەن مەشغۇل بولۇش بەك كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان بىرى بولسىڭىز، بۇ بىر ئايدا تېلېفون سىيرىماي، كىتاب ۋاراقلاشقا ئۆزىڭىزنى كۆندۈرسىڭىز، پارچە-پۇرات ئۇچۇردىن ئەمەس، ئەتراپلىق مەلۇمات، بىلىمدىن تەپەككۇر يېتىلدۈرۈشنى ياقتۇرۇپ قالىسىز. تىلىڭىز غەيۋەت، يالغانغا كۆنگەن بىرى بولسىڭىز، تۇتقان روزىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن تىلىڭىزنى باشقۇرسىڭىز، تىلىڭىزنى زىكىرگە كۆندۈرسىڭىز، ئۇ ئادەتلەرنى تاشلىيالايسىز. كۆزلىرىڭىزنى نامەھرەمدىن قاچۇرمايدىغان بىرى بولسىڭىز، رامىزاننىڭ پەزىلىتىنى كېمەيتمەسلىك ئۈچۈن نامەھرەم ئۇچرىغاندا يەرگە قاراشنى ئادەت قىلسىڭىز، كۆزنىڭ ئاسىيلىقىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئەمەس ھاياسىدىن زوقلىنىشنى ئۆگەنسىڭىز، سۈزۈك بىر قەلبكە ئېرىشەلەيسىز. ئەمەللەرگە 10 ھەسسىدىن 700 ھەسسىگىچە ساۋاب يېزىلىدىغان رامىزاندا خەير-ئېھسان قىلىشنى، سەدىقە بېرىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئاللاھ بەرگەندىن بىر قىسمىنى مۇھتاجلارغا بېرىشتىن خۇشاللىق تېپىشنى ئۆگىنەلەيسىز. رامىزاندا يېتىلدۈرگەن ياخشى ئادەتلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۆمرىڭىزگە بەرىكەت قوشقان بولىسىز، ئۇ ئادەتلەر سىز ئارقىلىق بالىلىرىڭىزغا كۆچسە، بۇ دۇنيادىن كەتكىنىڭىزدىن كېيىنمۇ ئەمەل دەپتىرىڭىزنى ياخشىلىق بىلەن تولدۇرۇپ تۇرىدىغان توختىماس قەلەمگە ئېرىشكەن بولىسىز…رامىزاندا ھەممىمىزگە گۈزەل ئادەت يېتىلدۈرۈش ھەم ئۇنى ئۆمۈر بويى داۋاملاشتۇرۇش نېسىب بولغاي.