ۋەتەندىكى چاغدا قوشۇمچە كەسپلىرىمدىن بىرى ئېلان يېزىقچىلىقى ئىدى. تېلېۋىزىيە ئېلانى لايىھەلىرىنى، بەزىدە ئىشلىنىپ بولغان ئېلانلارنىڭ سۆزلىرىنى يازاتتىم. ئېلان سۆزى يېزىشتىن بۇرۇن ئېلاننى تەكرار-تەكرار كۆرەتتىم. 10-20 قېتىم كۆرگەندىن كېيىن ئېلاننىڭ كەيپىياتىغا كىرەتتىم-دە سۆزىنى يازاتتىم. رامىزان كېچىلىرىدە تۈنەپ قالسام، كېچىدە ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىدا «ساھابىلەر تارىخى»، «تابىئىنلار تارىخى» چوقۇم بولاتتى. بۇ كىتابلاردىن بىر-ئىككى ساھابە-تابىئىنلارنىڭ ھاياتىنى ئوقۇپ، بوغۇزۇمغا يىغا كەپلىشىپ، كۆزلىرىم نەمدەلگەندە مۇبارەك كېچىلەرنىڭ كەيپىياتىغا كىرەلەيتتىم.
مەسجىد — نامازدىكى قورقۇش ۋە ئۈمىد كەيپىياتىنى ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغان يەر. مەسجىدتىن مەھرۇم قالغان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە بەزىدە نامازدىن بۇرۇن نەچچە بەت قۇرئان ئوقۇش، يۈرەككە تېگىدىغان تەبلىغلەرنى ئاڭلاش بىلەن ئۇ كەيپىياتقا كىرىمەن. رامىزاندا ئېسىل يۈرۈشلۈك دەرسلەردىن بىرەرنى باشلاش رامىزاننىڭ مۇبارەك كەيپىياتىغا كىرىشتە مۇھىم دەپ ئويلايمەن. بۇ رامىزان ئۈچۈن دوستلارغا «ھەممەيلەن ئۈچۈن سىيرەت»نى تەۋسىيە قىلىمەن. يېقىملىق سۆھبەتلىرى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرىدىغان بەكىر دەۋەلى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رىۋايەت بىلەن بىرلىكتە رىئايەتنى تەكىتلەيدىغان سىيرەت ئىلمىدە ئىزدىنىشلىرى بىلەن مەشھۇر ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن يىلدىرىمنىڭ كۈندە بىر سائەتلىك سۆھبىتىدىن ئوزۇقلىنىش روھىمىزنى، ھاياتىمىزنى، تۇرمۇشىمىزنى بۇرۇنقىدىن گۈزەللەشتۈرۈشىگە ئىشىنىمەن.
ئاللاھ ئۆز رىزاسىغا تەشنا بەندىلىرىگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تەقۋادار كەيپىياتتا ياشاشنى، شۇ كەيپىياتتا ئۆلۈشنى نېسىب قىلغاي.
تۇنجى دەرس ئۇلانمىسى: