قەشقەر توققۇز تاش مەسجىدىدە ھېيىت خۇتبىسىدە «ھېيىت — مۇئ‍مىنلەرنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى» دېگەنىدى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللام. قەلبىمدىكى ھېيىت سۆيۈنچىسى شۇ سۆز بىلەن بىر بالداق ئارتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئۆمەرجان ئالىمنىڭ بىر ناخشىسىدا «روزىنى خەق تۇتسا، ھېيىت مېنىڭ دېمە» دېگەن مىسرالار بولىدىغان، رامىزان روزىسىنى گۈزەل ئادا قىلىپ، ئاخىرقى ئون كۈننىڭ قەدرىگە يېتىپ، سەدىقە فىترىنى بېرىپ روزا ھېيىت نامىزىدا مۇكاپات ئۈمىد قىلىپ ئولتۇرۇش، ئاللاھ نېسىب قىلسا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ، بولمىسا، زۇلھەججىنىڭ قىممىتىنى بىلىپ، ئۇلۇغ ئون كۈننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ، قۇربانلىقنى تەقلەپ، قۇربانلىققا قادىر بولالمىسا، قۇربان ھېيىت نامىزىدا قەلبنى قۇربانلىققا ھازىر بولغان ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدەك ھازىرلاپ، قۇرئاندا تەلىم بېرىلگىنىدەك: «نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم، ماماتىم پەقەت سەن ئۈچۈن» دەپ ئاللاھقا تېۋىنىپ گۈزەل مۇكاپاتنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئاللاھ نېمەت قىلىپ بەرگەن ھېيىتتا قەلبنى شاتلىققا تولدۇرۇشقا يېتەرلىك ئەمەسمۇ!؟