ئۇنىۋېرستىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر يەكشەنبىسى ئۈچەيلەن يېزائىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان دوستىمىزنى يوقلاپ قويايلى، دەپ كۆمۈركان دوختورخانا بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، دوختورخانا دەرۋازىسىغا كېلىشىمىزگە يېنىمىزدا بىر تاكسى توختاپ، چاچلىرىنى سېرىق بويىۋالغان مودا بىرى تاكسىدىن دەلدەڭشىپ چۈشۈپ: «ئاغىنىلەر، ھەممىمىز مۇسۇلمان، ياردەم قىلىڭلار…» دېگىنىچە ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئاچتى. ئارقا ئورۇندا ئېغىز-بۇرنى، كىيىملىرى قان بىرى قىيسىيىپ قالغانىدى. ئىككى دوستۇم ئۇنى كۆتۈرۈپ دوختورخانىغا كىرىپ كەتتى. سېرىق چاچ: «ئىچكىنىمىز ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ يەشىك پىۋە، ئاغىنەم قان قۇستى، ئۆلۈپ كېتىدۇ. تونۇشۇپ قالايلى، مېنىڭ ئىسمىم مايكول…» دېگىنىچە بىلجىرلاپ يېنىمدا قالدى. دوستلىرىم چىققاندىن كېيىن «مايكول» ئۇلارغا ماڭا دېگەن گەپلىرىنى يەنە بىر تەكرارلىغان بولدى. خۇرسىنىشىپ دوستىمىزنىڭ يېنىغا ماڭدۇق. نەچچە سائەت ئۆتۈپ دوختورخانىغا ئەكىرىپ قويغان ئۇ بالىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا بىر ياتاق بىناسىدا تۇرىدىغان دوستىمىزنىڭ ياتاقدىشى چىقىپ قالدى. ئۇ دوستىمىز «بۇ بالا دۈشەنبە كۈنى ناماز باشلىماقچىدى» دېگىنىچە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.ئۇ چاغلاردا ياتاقتا كۈندە بىرىمىز نۆۋەتچى بولۇپ ياتاق تازىلاپ، چايدانغا قايناقسۇ ئەكىرىشەتتۇق. ئالدىنقى كۈنى ياتاقتا ئۇ بالا نۆۋەتچىكەنتۇق. دوستىمىزغا: «قايناقسۇنى سەن ئەكىرىپ بەرسەڭچۇ» دەپتۇ. «نۆۋەتچى بولغاندىكىن ئۆزۈڭ ئەكىر!» دەپتۇ ئۇمۇ. ياتاقتا ئىزچىل ئۇ بالىنى نامازغا دەۋەت قىلاتتىكەن. «بۈگۈن قايناقسۇ ئەكىرىپ بەرسەڭ، دۈشەنبىدىن تارتىپ ناماز باشلايمەن» دەپتۇ. بۇ گەپنىڭ خوشلۇقىدا ۋەدە ئېلىپ، قول باغلىشىپ قايناقسۇ ئەكىرىپ بېرىپتىكەنتۇق دوستىمىز.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆلۈم خەۋىرىدىن ئاچچىق بولغان ئىچىمىز تېخىمۇ زەرداپ بولغانىدى.

ئۆلۈم ياشقا باقمايدۇ. ھېچقايسىمىزنىڭ قولىدا مانچىلىك مۇددەتلىك ياشاش كاپالىتى يوق. ياخشىلىققا نىيەت قىلغان قېرىنداشلار دۈشەنبىنى، يېڭى ئاينى، يېڭى يىلنى، رامىزاننى، ھەتتا ئەتىنى ساقلىماي شۇ نىيەتكە كەلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىلىۋېلىڭلار. ناماز باشلىماقچى بولغانلار بامداتنى ساقلىماڭلار. شۇ ئاندا قايسى ناماز ۋاقتى بولغان بولسا، شۇ تۇنجى ۋاخ نامىزىڭلار بولسۇن. ھەممىمىزگە خەيرلىك ئاقىۋەتلەر نېسىب بولسۇن.