1

تور كۆرگۈچتىن قاڭقىپ چىققان ئۇقتۇرۇش، تېلېفونغا كەلگەن ئۇچۇر، ئىشخانىغا كىرگەن مېھمان، قۇلىقىمدا غىڭشىغان بىر ئاھاڭ… دىققىتىمنى چاچىدىغان نەرسىلەردىن بەزىلىرى. كۈنتەرتىپتىن قايماسلىق ئۈچۈن ئىشخانىدىكى ئاق دوسكىغا قىلىدىغان ئىشلىرىمنى يېزىپ، پۈتكەنلىرىگە بەلگە قويۇشنى ياخشى كۆرىمەن. ئۆيدە ئىشلىگەندىمۇ كومپيۇتېرىم يېنىغا بىر تىزىملىك يېزىقلىق ياكى Google Keep، Mac Notes لاردىن بىرىگە جىجاق تىزىم (checklist) قۇرۇغلۇق بولىدۇ. كۆزۈمگە پۇتلىشىپ تۇرىدىغان بۇ تىزىملىكلەر نىشاندىن چەتنىگەن ئىشلارنى ئاز قىلىشىمغا، بىر ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ ئ‍ۆزۈمگە كېلىپ، «نېمە قىلماقچىدىم» دەپ سورىغىنىمدا قىلماقچى بولغان ئىشىمغا ۋاقتىدا قايتىۋېلىشىمغا ياردەمچى بولىدۇ. 
كىچىك ئىشلاردىكى بۇنچە كۆپ نىشاندىن چەتنەشلەر بەزىدە «ھايات نىشانىمدىن قانچە چەتنەپ يۈرگەندىمەن-ھە؟» دېگەن سوئالنى تاشلايدۇ.

2

چاڭ قونغان، بارماق ئىزىغا تولغان ئېكران مەن ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەردىن بىرى. كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئېكرانىمنى ئېكران سۈرتكۈچ بىلەن پاك-پاكىزە سۈرتۈپ، بىر تال داغ قويماي ئىشلىتىشكە كۆنۈكلىكىمدىن كومپيۇتېرىمنىڭ ئېكرانى داۋاملىق يېڭىدەك يالتىراپ تۇرىدۇ. بىرى ئېكرانغا بارماق تەگكۈزۈپ بىر بىر نەرسە كۆرسەتسە ئەرۋايىم ئۇچىدۇ. كومپيۇتېرىمنىڭ يېنىدا قۇرئان قويۇغلۇق. ئەتىگەن ئوقۇش ئۈچۈن قولۇمغا ئالدىم، ئوقۇشتىن بۇرۇن ئېكران سۈرتكۈچتە سۈرتتۈم، بىر تالاي چاڭ قونۇپتۇ. قۇرئان مۇقاۋىسى پارقىراق، قارا بولمىغاچقا چاڭ باسقىنى ئۇنى ئوقۇش ئالدىدا قارا سۈرتكۈچتە سۈرتكىنىمدىلا مەلۇم بولىدىكەن. دۇنيالىق نىشاندىن چەتنەشلەر مائاش، ئىش ھەققى، تەمىنات… لاردا مېنى قامچىلاپ، «ھوشۇڭنى تاپ» دەپ تۇرىدىكەن. مەڭگۈلۈك نىشاندىن چەتنىگىنىم قۇرئاننى قولۇمغا ئالمىغۇچە، ئۇنى سۆيۈپ سۈرتمىگۈچە، ئۇنىڭغا قەلبىمنى بەرمىگۈچە بىلىنمەيدىكەن.

3

قىلىدىغان بىر تالاي ئىشلار ئۈچۈن يەنە تىزىملىك تۇرغۇزدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن كۈندىلىك تىزىمگە ئىزچىل قوشۇپ ماڭىدىغانغا، «ئۆلۈمگە تەييارلىق» دەپ بىر قۇرمۇ قوشتۇم.