كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان، ئىزچىل مۇشۇ ساھەنىڭ نېنىنى يېگەن بىرى بولغىنىم ئۈچۈن، تونۇش-بىلىشلەر، تورداشلار ئۆزى ياكى بالىلىرى ئۈچۈن بۇ تېمىدا مەسلىھەت سوراپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا كۆز-قاراشلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئۆتىمەن.

بۇ ساھەدىكى كەسپلەر

كومپيۇتېر ساھەسىدىكى گرافىك لايىھىلەش، تور بېكەت لايىھىلەش، يۇمشاق دېتال لايىھىلەش دېگەندەك كەسپ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتە بازارلىق كەسپلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ دىتى، قىزىقىشىغا ئاساسەن بۇ تۈرلەردىن بىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. رەسىم سىزىش، رەڭ، شەكىللەرنى ماسلاشتۇرۇش دېگەندەك كۆرۈنۈشلۈك لايىھەلەرنى قىلىشقا ئېپىڭىز بولسا، گرافىك لايىھىلەشكە ئائىت يۇمشاق دېتاللار (Photoshop, Illastrator) تونۇشتۇرۇلغان دەرسلىكلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ. بۇلار قوشۇپ بوشلۇق، يۆنىلىش تۇيغۇڭىز ياخشى بولسا، 3D گرافىك لايىھىلەشكە ئائىت يۇمشاق دېتاللار (3ds Max, Maya, Blender, AutoDesk)نى ئۆگەنسىڭىز رىقابەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك كوزىرىڭىز بولغان بولىدۇ. فىلىم ئىشلەش، سىن بىر تەرەپ قىلىشقا قىزىقسىڭىز ۋىدىيو بىر تەرەپ قىلىدىغان يۇمشاق دېتاللار (After Effects ,Premiere) بىلەن تونۇشۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
تور بېكەت لايىھىلەشكە قىزىقىدىغان بولسىڭىز، تەييار سۇپىلاردىن WordPress قاتارلىقلار بىلەن بىلەن تونۇشۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
لوگىكىلىك تەپەككۇرىڭىز ياخشى بولسا، يۇمشاق دېتال، ئەپ، تور بېكەتلەرنىڭ پروگراممىلىرىنى يېزىشقا قىزىقسىڭىز، پروگرامما لايىھىلەش تىللىرى بىلەن تونۇشۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
مېنىڭ كەسپىم يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئىچىدىكى يۇمشاق دېتال لايىھىلەش كەسپى. ئىستانبۇلدا بىر شىركەتتە يانفون ئەپلىرىنى لايىھىلەش بىلەن شۇغۇللىنىمەن. ئۆزۈم ۋە كەسىپداشلىرىمنىڭ ئىش ئىزدەش تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ، پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگىنىپ، ئۆزى قول سېلىپ قىلغان بىر قانچە يۇمشاق دېتالى بولسا، ئىستانبۇلدا ئىش پۇرسىتى كۆپ دەپ بىلىمەن. ياۋروپا ۋە باشقا تەرەققىي قىلغان ئەللەردە بۇ پۇرسەت تېخىمۇ كۆپ بولۇشى ئېھتىمال. تۈركىيە يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچىلەر سانىنى كۆپەيتىشنى توختىماي تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەكتەپلەردە، ئۇنىۋېرستىتلاردا بۇ ساھەدە ئادەم يېتىشتۈرۈشكە كۈچەۋاتىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكىدا يۇمشاق دېتال سىناش دېگەندەك كەسپلەرنى يېرىم يىل ئۆگىنىپ، خىزمەت تېپىش ئىمكانىيىتى ھەققىدە ئېلان-تەشۋىقات، سەرگۈزەشتىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. شۇنداق ئىش تاپقانلار ئۆگەنگەنلەرنىڭ قانچە پېرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ، تەكشۈرۈش لازىم. ئىستانبۇلدا يېرىم يىل ئۆگىنىپ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش تېپىش تەس. يېرىم يىل ئاساسىي بىلىم ئۆگىنىپ، كامىدا بىرەر يىل ئۆزى قول سېلىپ بىر نەرسىلەرنى لايىھىلەپ تەجرىبە توپلىغاندىن كېيىن خىزمەت تېپىش ئىمكانىيىتى بار دەپ ئىشىنىمەن. ئەمدى، مېنىڭ كەسپىي ساھەرىمدە «نېمە ئۆگىنىمەن» دەپ سورىغۇچىلارغا مېنىڭ تەۋسىيەم شۇ:

  1. پروگرامما لايىھىلەشنىڭ پرىنسىپى ھەققىدە بىر ئۇقۇم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشنى ئاددى، تېز ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىشتىن باشلاش تەرەپتارىمەن. «پالانى تىل بىلەن ھەممىنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەندەك پىكىرلەرگە ئەگىشىپ، مۇرەككەپ تىلدىن بىرنى ئۆگىنىمەن دەپ، نەچچە ئاي ھەپىلىشىپ تۈزۈك پروگراممىدىن بىرنى تۈزەلمەي بۇ ئىشتىياقنى سوۋۇتماقتىن كۆرە، ئۆگىنىش ئاسان، ئۈنۈمى تېز، ئۆزىگە ئىشەنچ تىكلىيەلەيدىغان بىر نەرسىنى ئۆگەنگەن ياخشى. HTML دە تور بەت قانداق شەكىللەندۈرۈلىدۇ، CSS بىلەن تور بېكەت شەكىللىرى قانداق ئۆزگەرتىلىدۇ، JavaScript بىلەن تور بېتى يۈزىدە پروگراممىلار قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ، دېگەندەك ساۋاتلار ھەم ئاددى، ھەم ئۇياقتىن ئۆگىنىپ بۇياقتىن سىناق قىلىپ نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئىشلار. w3schools.com تور بېكىتىدە يازغان كودلارنى سىنىغىلى بولىدۇ، كومپيۇتېرغا ھېچنەرسە قاچىلاش كەتمەيدۇ.

2.يۇقارقىلار ئارقىلىق پروگرامما لايىھىلەشكە نىسبەتەن چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قايسى تۈردىكى پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگىنىشنى خالىسىڭىز، شۇنىڭغا ماس بىر تىل تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، تور بېكەت يۈزىدە ئىجرا بولىدىغان ئەپلەرنى لايىھىلەشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، JavaScript تە چوڭقۇرلاپ، تور ئالدى سۇپا ۋە ئارقا سۇپا قوللىنىشلىرىدا مودا بولىۋاتقان AngularJS، Node.js تېخنىكىلىرىنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. ياكى ماتېرىيال مەنبەسى مول PHP تىلىنى ئۆگىنىپ، Laravel دېگەندەك قۇرۇلمىلارغا تەرەققىي قىلسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېردا ئىجرا بولىدىغان پروگراممىلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن C# ۋە Visual Studio قوللىنىشنى ئۆگەنسىڭىز، يانفون ئەپلىرىنى لايىھىلەش ئۈچۈن ئاندرويىد ئۈچۈن Kotlin، ئالما ئۈچۈن Swift تىللىرىنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككىسىگە بىر يولىلا ئەپ ياسىماقچى بولسىڭىز Flutter ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېر ياكى يانفون ئويۇنلىرىنى لايىھىلەشكە قىزىقسىڭىز، Unity ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئۆگىنىش، بۈيۈك سانلىق مەلۇمات دېگەندەك كەلگۈسىنىڭ يۈزلىنىشى بولغان تېخىكىلارغا قىزىقسىڭىز Python تىلىنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.

  1. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا، توربېكەت، يۇمشاق دېتال ياكى ئەپ لايىھىلەش نوقۇل مەلۇم بىر پروگرامما تىلى بىلەن كود يېزىش بىلەن پۈتمەيدۇ. نورمالدا يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچى پۈتۈن تور بېكەت، يۇمشاق دېتال ياكى ئەپنىڭ قۇرۇلما لايىھەسىنى قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلمىلار ئاساسىدا كۆرۈنمە يۈز لايىھىلىگۈچىلەر كۆرۈنمە يۈزىنى لايىھىلەيدۇ. ئارقا سۇپا (مۇلازىمېتىر)دا سانلىق مەلۇماتلارنى ئالىدىغان ياكى ساقلايدىغان ئىش بولسا، ئارقا سۇپا لايىھىلىگۈچىلىرى سانداننى تۇرغۇزىدۇ، ئارقا سۇپا كودلىرىنى يازىدۇ. ئاندىن تور بېكەت، يۇمشاق دېتال ياكى ئەپلەرنىڭ بىزگە كۆرۈنىدىغان قىسمى (ئالدى سۇپا) كودلىرى يېزىلىپ، بىر تور بېكەت، يۇمشاق دېتال ياكى ئەپ پۈتۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى كۆرۈنمە يۈز لايىھىلىگۈچى، ساندان لايىھىلىگۈچى، ئارقا سۇپا لايىھىلىگۈچى، ئالدى سۇپا لايىھىلىگۈچى دېگەندەك بىر قاتار لايىھىلىگۈچىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساھەلەرنىڭ قايسىبىرىنى ئۆگەنمەڭ، لايىقىدا ئىش پۇرسىتى تېپىلىدۇ.

4.كومپيۇتېر ساھەسىدە تەرەققىي قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن، ئىنگلىز تىلى قاناتقا ئوخشايدۇ. تور يۈزىدە ساناقسىز كىتابلار، ئېسىل دەرسلەر، ئۈلگە كودلار، قوللانمىلار ئىنگلىزچە. پروگراممېرلىق خاتالىشىش —> خاتالىقنى تېپىش —> تۈزىتىش دېگەن توختاۋسىز دەۋر ئىچىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان جەريان. بۇ جەرياندا ئىنگلىز تىلىسىز، Google سىز، stackoverflow سىز، خاتالىقنى تېپىش، تۈزىتىش بەك كۆپ ۋاقىت ئالىدۇ. شۇڭا، بۇ ساھەگە كىرمەكچى بولغانلار ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشنى ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگۈلۈك. (بىر خۇشخەۋەر، كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى باشقا كەسپلەرنىڭ ئىنگلىز تىلىغا قارىغاندا قولاي، تېز ئۆگىنۋالالايسىز).

  1. يۇمشاق دېتال لايىھىلەش — بىر لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىش جەريانى. بۇ جەريان بۇ كەسپكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق، ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەۋر، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۈندە ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى، بىلىدىغانلىرىغا يېڭى بىلىم قېتىشتىن خۇشاللىق تاپىدىغانلارغا بۇ كەسپنىڭ جاپاسى بىلىنمەيدۇ، مېغىزىنى چېقىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېسىب بولىدۇ، ئىنشائاللاھ.