جىم!
ئاۋازىڭنى چىقارما ئاشىق.
سۈكۈتۈڭگە چۈمۈلگىن ئولتۇر.
بىخلىۋالسۇن رەڭدار مىسرالار،
كۆمۈپ قويغىن قەلبىڭگە چوڭقۇر.
باش باھاردا كۆكلەپ ياپيېشىل،
پورەكلىسۇن ھەممىدىن بالدۇر.
خۇش ھىدىنى قۇچاقلاپ سابا،
دېرىزىدىن كىرگەندە غۇر-غۇر.
چۈشلىرىدىن ئويغانسۇن دىلبەر،
يۈرىكىگە سېپىلسۇن لەرزان،
شېئىرلىرىڭ يامغۇر بوپ، يامغۇر…