بەزى كۈنلىرى ساناقسىز ئورۇنۇشلىرىمغا قارىماي بەزى مەسىلىلەر ھەل بولماي كېتىدۇ. «كىچىك ئىشلارغا خۇدايىمنى ئاۋارە قىلمايمەن» دەيدىغان، بەندىنىڭ چوڭ-كىچىك ئورۇنۇشلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بولغاندىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن زېھنىيەتنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھتىن ئاسانلىق سورايمەن. كۆپ ئۆتمەي مەسىلە ھەل بولىدۇ. بەزى كۈنلىرى ھەممە ئىشلار ئاجايىپ ئوڭۇشلۇق ماڭىدۇ. ئوڭۇشسىزلىقتا ئاللاھقا تېۋىنغان كۈنلەر قىممەتلىكمۇ، قولايلىقتا «قالتىسكەنمەن» دەپ يۈرگەن كۈنلىرىممۇ؟ دەپ سوراپ قالىمەن ئۆزۈمدىن.

ئايرىلىشلارنىڭ، مەغلۇبىيەتلەرنىڭ زەربىلىرىدە سەگەكلىشىدىغانلىقىمنى، پىشىپ-يېتىلىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. گۈل-گۈلىستانلىق ئىچىدە زەئىپلەشمەستىن، بوران-چاپقۇن ئىچىدە تاۋلىنىشمۇ نېمەت ئىكەن، دەپ قالىمەن. ئېغىر يىللارنىڭ قالدۇرغان ئاسارەتلىرى روھىمىزغا دەرەخلەرنىڭ يىل ھالقىلىرىدەك نەقىشلىگەن چەمبىرەكلەر بەردەملىكىمىزنى ئارتتۇرسىكەن دەيمەن…

ئېغىرچىلىقلاردا ئۆزىنى يوقاتمىغانلارغا سالام بولسۇن!