مۇھەممەد ھوبلوس

بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۆمرىگە باردۇق. كەبىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتۇق. ئەزان چىقتى. كىشىلەر يانچۇقلىرىدىن تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ كەينىدىكى رەڭگارەڭ يېنىپ تۇرغان سائەت مۇنارىنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى. چۆچۈپ كەتتىم، بۇ ئىنسانلار كەبىگە قاراپ، قەلبىگە كەبىنى نەقىشلەشنىڭ ئورنىغا كەينىگە بۇرۇلۇپ ھەشەمەتلىك بىنانى تېلېفونىغا خاتىرىلەۋاتاتتى…ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە كىشىلەر پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ تاملىرىنى ئاقارتماقچى بولغىنىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاملارنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پىتنە بولۇشىغا يول قويمايمەن، دەپ كەسكىن رەت قىلغانىدى…رامىزاندا شەيتانلار باغلىنىدۇ، قالغان ئون بىر ئايدا شىللىسىگە مىنىپ، قامچىسى بىلەن ھەيدەپ ئۆزىنىڭ يولىغا قانداق ماڭدۇرۇشنى ئۆگەتكەن شەيتان، بۇ ئايدا ئۇ كۆنگەنلەرنىڭ قامچىسىز قانداق ماڭغىنىنى تاماشا قىلىشىدۇ…ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ئۇدا ئىككى ئاي ئوچاققا ئوت يېقىلىپ باقماي ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. بىزلەرگە قاراڭلار، رامىزانغا خاس تاماقلىرىمىز، رامىزانغا خاس تاتلىقلىرىمىز بىلەن رامىزان ئېيىنى زىياپەت ئېيىغا، ئىسراپ ئېيىغا ئايلاندۇرۇشتۇق…ئاياللارغا رەھىم قىلىڭلار. ئاددى تاماق قىلغىلى قويۇڭلار. يېرىم سائەت، ئېشىپ كەتسە بىر سائەتتە تەييار قىلغۇدەك تاماقلارنى قىلسۇن… شەيتان بىزنىڭ كەبىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىمىزنى توسىيالمايدۇ. ئەمما، كۆزلىرىمىزنى، قەلبىمىزنى سائەت مۇنارىغا چۆرىيەلەيدۇ. شەيتان روزا تۇتۇشتىن توسالمايدۇ، ئەمما جىمى پۇرسەتلىرىنى ئىشلىتىپ روزىمىزنى كۆيدۈرەلەيدۇ…

تۆۋەندىكى ۋىدىيودىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى: