مىڭ ئايدىن خەيرلىك قەدىر كېچىسى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن دۇئا — «ئى ئاللاھ، سەن بەكمۇ ئەپۇچان، كەرەملىكسەن. ئەپۇنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن». ئالدىنقى كېچە بۇ دۇئانى تەكرار ئوقۇغاچ «شۇنچە ئاددى دۇئانىڭ بۇ قىممەتلىك كېچە ئۈچۈن مەخسۇس قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟» دېگەن سوئال كۆڭلۈمدە كېزىپ يۈرەتتى. سەھەردە ئىستىغپار ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىش نىيىتىدە ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخاننىڭ شۇ ھەقتىكى دەرسىنى ئۇچرىتىپ، بۇ دەرستىن كۆڭلۈمدىكى سوئالغا راۋۇرۇس قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپتىم. يۈرىكىمنى ياشارتقان بۇ گۈزەل چۈشەنچىلەرنى سىلەرگىمۇ سۇناي:

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. («بەقەرە» سۈرىسى 30-ئايەت)

ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندىن كېيىن پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. جىنلاردىن بولغان ئىبلىس پەرىشتىلەر بىلەن ئوخشاش مەقامدا بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭمۇ سەجدە قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن، سەجدە قىلمىدى.

ئاللاھ (ئىبلىسقا): «سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى. («ساد» سۈرىسى 76 – ئايەت)

ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» شۇنىڭدەك ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى. ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى. («ئەئ‍راف» سۈرىسى 20~23 ئايەتلەر)

يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئېيتىلغىنىدەك، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئانىمىز يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈش ئۈچۈن يارىتىلغانىدى. «بىزنى يەر يۈزىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ياراتقانىدىڭ، سەن خالىمىساڭ، بىز يېمىگەن بولاتتۇق» دەپ ئىبلىسنىڭ پوزىتسىيەسىدە، مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي باھانە تېپىشنىڭ ئورنىغا ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىشتى. ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشتى. تەۋبە-ئىستىغپار، مەسىلىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىدىن ئىزدەش — ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى. مەسىلىنى باشقىلاردىن ئىزدەپ شىكايەت قىلىش، باھانە ئىزدەش، كىبىر-تەمەننا — شەيتاننىڭ پوزىتسىيەسى. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئون يىللاپ تۈرمىدە ياتقىنىدا ئاللاھقا شىكايەت قىلدىمۇ؟ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇددىستلار ئارىسىدا تۇغۇلغىنىدىن، ناچار مۇھىتتىن شىكايەت قىلدىمۇ؟ ياق، ئۇلار شىكايەت قىلمىدى. ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتتى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشتى ۋە ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. دېمەك، ئىستىغپار مەسىلىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈنىگە 100 قېتىم ئىستىغپار ئېيتىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. ھالبۇكى، پەيغەمبەرلەر گۇناھسىز ئىنسانلاردىن ئىدى. ئۇنداقتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىدۇ؟

ئەسلىدە تەۋبە-ئىستىغپار ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلغاندا، ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ تولۇق، مۇكەممەل بولمىغانلىقىنىڭ ئۆزرىسى ئۈچۈنمۇ ئېيتىلىدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغاندا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتقانىدى:

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن. («بەقەرە» سۈرىسى 127-128 ئايەتلەر)

نامازدەك گۈزەل ئىبادەتنى قىلىپ، ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئەستەغفىرۇللاھ» دەپ ئىستىغپار ئ‍ېيتىشىمىزمۇ، شۇ ئىبادەتنى ئاللاھقا لايىق، مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلالمىغىنىمىزنى ئىقرار قىلىش ئۈچۈندۇر.

دېمەك، ئىستىغپار ئەمەل-ئىبادەتلىرىمىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

ئىنسانلار يارىتىلغاندا تۇنجى تەلىم بېرىلگەن دۇئا — ئىستىغپار (يۇقىرىدىكى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئانىنىڭ دۇئاسى). ئىنسانلار ئاخىرەتتە جەننەتكە ماڭغىنىدا ئوقۇش ئۈچۈن تەلىم بېرىلگەن دۇئامۇ ئىستىغپاردۇر.


ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ. («تەھرىم» سۈرىسى 8-ئايەت)

بىراۋ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلىرىدىن پەخىرلەنگىنىدە، شەيتاننىڭ قەدىمىگە ئەگىشىشكە باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقىدىن، سېخىيلىقىدىن، نامازنى كۆپ ئوقۇيدىغانلىقىدىن، ھەج قىلغانلىقىدىن زوقلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەۋبە-ئىستىغپار ئىشىكلىرى تاقىلىپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى مۇكەممەل چاغلاپ قالىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ خاتالىق-كەمچىللىكلىرىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ ئېيتىلغان ئىستىغپار مەقبۇل بولمايدۇ. چۈنكى، ھەقىقىي تەۋبە-ئىستىغپار يۈرەكتىن چىقىشى كېرەك. ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا ئۇنىڭ تېز-تېز «ئەستەغپىرۇللاھ، ئەستەغپىرۇللاھ، ئەستەغپىرۇللاھ» دېيىشلىرىنى ئاڭلاپ، «سەن بۇ ئىستىغپارىڭ ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتقىن» دېگەنىكەن.

ئىستىغپارنىڭ نېمىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

(ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ. («نۇھ» سۈرىسى 10~13 ئايەتلەر)

ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتقۇچىغا ئاسماندىن رەھمەت ياغىدۇ، ماللىرى، بالىلىرىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ.

ئىستىغپار كىشىگە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشنى، كەمتەر بولۇشنى، ھەردائىم خاتالىشىش ئېھتىماللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئىنسان خاتالىق ئۆتكۈزگىنىدە ئىككىنچى بىر ئىنسانغا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى تەس، باشقىلار نوقسان-خاتاسىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىدە قوبۇل قىلىشى تەس، ئەمما، خاتالىق كۆرسىتىلگىنىدە باھانە كۆرسىتىش، ئۆزىنى ئاقلاپ، خاتالىقنى بوينىغا ئالماسلىق دەل ئىبلىسنىڭ پوزىتسىيەسىدۇر. بۇ خىل ئەھۋاللاردا ئۆزىنى ئاقلاشقا ئورۇنۇش، ئاللاھقا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تەۋبە قىلىشنىمۇ تەسلەشتۈرۈشى مۇمكىن. ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىستىغپارغا تاشلانغان تۇنجى قەدەمدۇر. باشقىلار ئالدىدا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش كىشىنى ئوسال ئەھۋالدا قالدۇرۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئاللاھقا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش، كەمچىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنساننى ئاللاھ نەزىرىدە ئەزىز قىلىدۇ.

ئاللاھ ئۇلۇغ كۈنلەردە بىزنى مەغپىرەت قىلغاي، ئىستىغپارلىرىمىز سەۋەبىدىن رەھمىتىگە، بەرىكىتىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلغاي.

(نۇئ‍مان ئەلىخاننىڭ «ئىستىغپارنىڭ پايدىسى ۋە قۇدرىتى» دەرسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تولۇقلىنىپ تەييارلاندى)