«بەقەرە» سۈرىسىدە بايان قىلىنغان تەقۋادارلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى— «ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ». «غەيبكە ئىشىنىش» دېيىلسە، ئەقلىمىزگە كېلىدىغىنى ئاللاھقا، پەرىشتىلەرگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش. ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە غەيبكە ئىشىنىشنى ئۈمىد بىلەن باغلىدى: ئۈممەتنىڭ بېشىغا كەينى – كەينىدىن يامان كۈنلەر كەلگەندە، شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ئاللاھ قۇرئاندا بىزگە ۋەدىلەرنى بەردى. ئاللاھ ۋەدە بەرگەن بولسا، كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەلبىمنىڭ كۆرگەنلىرى ئالدىدا كۆزۈمنىڭ كۆرگەنلىرى ھېچنېمە ئەمەس.

«بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئەڭ ئۈستۈن بولغۇچىلار سىلەر بولىسىلەر.» («ئال ئىمران 139 – ئايەت)

بۇ ئۈممەت مەغلۇبىيەتتىن كېيىن يەنە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسا، ھېچ گەپ ئەمەس. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مۇسۇلمانلارغا بىر يامان خەۋەردىن كېيىن، يەنە بىر يامان خەۋەر كېلىۋاتقان بولسا، رۇلمەت كېچىدىن كېيىن ھامان تاڭ ئاتىدۇ. مۇئ‍مىنلەر ئۈچۈن، ئۇلاردا ئىمان بولغان مۇددەتتە ئاللاھتىن كەلگەن بىر ئۈمىد ھامان بولىدۇ. سەن بىر مۇئ‍مىندىن ھەممە نەرسىنى تارتىۋالالىشىڭ مۇمكىن، ئەمما، ئۈمىدىنى تارتىۋالالمايسەن. بۇ ئۈممەتنىڭ غەمگە چۆكۈشىگە، ئۈمىدسىز بولۇشىغا رۇخسەت يوق. بىز ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئاچقىنىمىزدا تۇنجى ئۇچرىشىدىغىنىمىز «ئەلھەمدۇلىللاھ» بولغان كىشىلەرمىز. بۇ بىزنىڭ ھادىسىلەرگە ھەر قاچان ئۈمىدۋار بېقىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قاقشاپ، زارلىنىپ تۇرغان بىرىنىڭ «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېيىشى ئىمكانسىز. زېھنىڭدە پەقەت مەنپىيلا نەرسە بولغىنىدا «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېيەلمەيسەن، «ئەلھەمدۇلىللاھ»نى پەقەت ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەر، ياخشىلىقلار، رەھمەتلەر، پۇرسەتلەرنى تونۇغىنىڭدىلا دېيەلەيسەن. تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ كىشىلەر پەيغەمبەرلەر، سالىھلارنىڭ قانچىلىك قارا كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدىن ئاللاھ كىتابىدا خەۋەر بەرگەن. ئۇلار شېرك، كۇفرى ھۆكۈمران بولغان دەۋرلەردە ئاز سانلىق بولسىمۇ كۇفرىنىڭ بېسىم، قورشاۋىغا قارىماي كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاللاھ بېشىمىزغا كەلتۈرگەن قارا كۈنلەر تارىختا ياشىغان شۇ ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ كۈنلىرىنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ تاۋلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزگە سۇنۇلغان پۇرسەت. بىز ئاسايىشلىق، راھەت، خۇشال – خورام كۈنلەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئاسايىشلىق، راھەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئاللاھنى خۇرسەن قىلىدىغان ئەمەللەردىن تولىمۇ يىراق ياشايدۇ. ئاللاھنى مەمنۇن قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىيىنچىلىق ئىچىدىكى كىشىلەر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بىزنى مۇشۇ كۈندە ئاپىرىدە قىلىشى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن بىر پۇرسىتى. مانا بۇلارغا ئىشىنىشمۇ غەيبكە ئىشىنىش جۈملىسىدىن.

دۇنيانىڭ بىز كۆرەلەيدىغان تەرىپىدە بىز زوقلىنىدىغان ئەيش – ئىشرەتلىك مەنزىرىلەر ئارقىسىدا ساناقسىز پاجىئەلەر، بىز ئىچ ئاغرىتىۋاتقان خارابىگە ئايلانغان مۇشەققەتلەرگە تولغان مەنزىرىلەر ئارقىسىدا مىسىلسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.

ئاللاھ بىزنى غەيبكە ئىشىنىدىغانلاردىن قىلسۇن، بىزگە دۇنيادىكى مەنزىرىلەرنى، شەيئىلەرنى ھەقىقىتى بىلەن كۆرەلەيدىغان ئىدراك ئاتا قىلسۇن.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 2 – كۈنى