ئىمان ئىككى قىسىم بولىدۇ. بىرى تىلدىكى ئىمان، يەنە بىرى دىلدىكى ئىمان. قەلبى بىلەن تىلى ئارىسىدا باغلىنىش يوق كىشىلەرنىڭ دەۋا قىلغان ئىمانى ھەققىدە ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ:
ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 8 – ئايەت)
بىز بىر كىشى تىلىدا ئىمان ئېيتسا، مۇسۇلمان دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ دىلىدىكىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر. شۇڭا، ھەقىقىي مۇئمىن ياكى ئەمەسلىكىنىڭ ھۆكۈمىنى پەقەت ئاللاھ بېرەلەيدۇ. دىلدىكى ئىمان بەزىدە ئازىيىپ، بەزىدە ئۇلغىيىپ تۇرىدۇ. بەزىدە سۈزۈك، بەزىدە دۇغلىشىپ قالىدۇ. ئىمان ئازايغاندا پەيدا بولغان بوشلۇققا نىفاق جايلىشىدۇ. نىفاقنىڭ ئەدىشى بىلەن كىشىنىڭ مۇناپىق بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، ئىماننى مۇھاپىزەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. رامىزان ئېيى قۇرئان ئوقۇش ۋە مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىش،ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا، ئەستايىدىل قىلىش، سالىھ دوستلار بىلەن بىللە بولۇش، ئىمانىمىزنى كۈچەيتىدىغان سۆھبەتلەرنى ئاڭلاپ، قەلبنى سۈزۈكلەشتۈرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇش، سەدىقە بېرىش، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش … قاتارلىق ئىماننى كۈچەيتىدىغان ئەمەللەرنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى.
ئالدىنقى كۈنى بىر پروگراممىدا كۈنىمىزدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىزنى ھەرۋاقىت سۈرەتكە ئېلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا، مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم ئۇستازنىڭ «ھەر ئىشنى ئاللاھتىن ئەيمىنىپ قىلىدىغان بىرى بولساڭ، سۈرەتكە ئېلىنىشتىن قورقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟» دېگەندەك بىر گېپى قىستۇرما قىلىندى. قەلبىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغان زاتتىن ئەيمىنىپ ياشاش بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەسۋا بولۇشتىن ساقلايدۇ.
ئاللاھ قەلبىمىزنى مۇناپىقلىقتىن يىراق قىلغاي، ئۇنى نىفاققا ئورۇن قالمىغۇدەك ئىمان زىيادىلىكى بىلەن تۇتۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 4 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار