رەب ۋە بەندە

ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. («بەقەرە» سۈرىسى 21 – ئايەت)

بىر كۈنى ئەرەب تىلى ۋە قۇرئان دەرسى بەرگەن مۇئەللىمى نۇئ‍مان ئەلىخاندىن: «پۈتۈن قۇرئاننىڭ بىر جۈملىلىك خۇلاسىسى نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ: «ئاللاھنىڭ ئىگىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «شۇنداق، سەن چۈشىنىپسەن!» دەيدۇ ئۇستازى.

قۇرئان سەن بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى كىتاب. ھەر بىر خىل مۇناسىۋەتتە ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت بولىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ پەرقلىق ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرى بولىدۇ. بۇ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى چۈشەنمىسەڭ، چاتاق چىقىدۇ. قۇرئانغا ئاساسەن ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاساسلىق مۇناسىۋەت — رەب ۋە بەندە مۇناسىۋىتى. بۇ مۇناسىۋەتتە رەبنىڭ بەندىگە ھېچقانداق قەرزى يوق. ئۆزۈڭنى بەندە (قۇل) دەپ ئاتىغىنىڭدا بۇ سېنىڭ ھېچنېمە ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ. خىزمەتچىنىڭ مائاش ھەققى بولىدۇ، تىجارەت شېرىكىنىڭ پاي ھەققى بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن تەلەپ قىلىدىغان بىر قىسىم ھەققى بولىدۇ. ئەمما، قۇلنىڭ ھېچقانداق ھەققى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىن بەرگەن ھەر بىر نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىيە بولىدۇ. بىز «خوجايىن»، «قۇل» دەپ ئاتىغىنىمىزدا قۇللار ئۇچرىغان زۇلۇم ھەققىدىكى ئېڭىمىزغا جايلاشقان چۈشەنچىلەر تۈپەيلىدىن، بۇ ئىپادە سەت ئاڭلىنىدۇ. ئەمما، ئاللاھنىڭ «خوجايىن»لىقى بىز بىلىدىغان ھېچبىر «خوجايىن»غا ئوخشىمايدۇ. قايسى خوجايىن قۇلىغا «خالىساڭ ماڭا ئىشەن، خالىساڭ ئىنكار قىل» دەيدۇ؟ قايسى خوجايىن ئۆزىگە بويسۇنمىغان، باشباشتاقلىق قىلغان، دۈشمەنلىك قىلغان، مەسخىرە قىلغان ھالەتتىمۇ ئۇ قۇلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ؟ ھەرقانداق خوجايىن ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىنى دەرھال جازالايدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلغان، قۇرئاننى ھاقارەتلىگەن بەندىلىرى يەنىلا يەپ ئىچىپ، ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى سوقۇشنى داۋام قىلىدۇ، ئاشقازانلىرى تاماق ھەزىم قىلىدۇ، ئۆپكىلىرى ھاۋانى سۈمۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ راھمان سۈپىتى سەۋەبىدىن بولىدۇ. «فاتىھە» سۈرىسىدە ئۆزىنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، راھمان ۋە رەھىم سۈپىتىنى تىلغا ئالغان ئاللاھ، بۇ ئايەتتىمۇ ئۆزىنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئۇ ئىپادىگە بىزنى ۋە بىزدىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان، بىزگە ھاياتلىق بەخش ئەتكەن رەھمەت ئىگىسى سۈپىتىنى يانداشتۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن بىزگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى، مەرھەمىتىنى ھېس قىلىش، ھەر ۋاقىت ئورنىمىزنى، ھەددىمىزنى بىلىپ ياشاش بىزنى تەقۋادارلىققا، يۈكسىلىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 6 – كۈنى